Venice International film festival kicks off 
65-قېتىملىق ۋېنىتسىيە خەلقارالىق كىنو فېستىۋالى بۈگۈن 27-تومۇز باشلاندى، تاكى 6-مىزانغىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ فېستىۋالنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋېنىتسىيە بىيېناللى گۇرۇھى بولۇپ، دانتى فېرېتى ئاساسلىق يېتەكچىلىك قىلغان. 29-چىللىدە رىمدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا بۇ فېستىۋالغا تاللانغان فىلىملەر تىزىملىگى ئېلان قىلىنغان.دۆلىتىمىزدىن ئىككى كىنو قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ،بۇلار" پىلاستىك شەھەر" ۋە" دەريا مۇھەببىتى"ئىكەن. ۋېنىتسىيە فىلىم فېستىۋالى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى فېستىۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ،ئىتالىيە تىلىدا Mostra Internazionale d'Arte Cinematografica di Veneziaدىيىلىدۇ.ئادەتتە ئاۋغۇسىتنىڭ ئاخىرىدىن سېنتەبىرنىڭ باشلىرىغىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ فېستىۋال كۆپ ھاللاردا ۋېنىتسىيەدىكى لىدو ئارىلىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ،ئۇنى فىلىم فېستىۋالىلا دىگەندىن كۆرە يەنە زامانىۋى سەنئەتنىڭ كۆز كۆز قىلىنىدىغان جايى دەپ تەرىپلەشكىمۇ بولىدۇ. ئاسالىق مۇكاپات ئالتۇن شىر(ئەڭ ئىسىل كىنوغا) ۋە ۋولپى لوڭقىسى (ئەڭ نوچى ئەرتىسكە) بولۇپ،ئەلۋەتتە كۈمۈش لوڭقا، باھالىغۇچىلار مۇكاپاتى دىگەندەك مۇكاپاتلارمۇ تارقىتىلىدۇ. بۇ يىللىق فېستىۋالدا ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى كېلىشكەن بىرەد پىت بىلەن جورج كىلۇنىي بولۇپ، ئۇلار داڭلىق ئاكا ئۇكا رىجسسور كوئېنلارنىڭ "ئوقۇپ بولۇپلا كۆيدۈرىۋەت" كىنوسىدا رول ئالغان،بۇ فىلىم فېستىۋالنىڭ ئاسالىق سوۋغىسى بولۇپ قويۇلىدىكەن. نەچچە كۈن ئۆچرەت كۈتۈپ تۇرۇشقان بۇ فەنسلەر بىرەد پىت ۋە جورج كىلۇنىي ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ،كىنونىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى دىگەنلەرنىڭ قىممىتى بۇ ئىككى يولداشنىڭ كېلىشكەن تەققى تۇرقى ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. 
مەندىنمۇ بەكرەك ئامراق ئوخشايدۇ جورج تاغىمىزغا..... 
شۇنچە كۈتكەنگە تۇشلۇق،بىرەد بىلەن جورج تاغىمىز ئاخىرى ھەشەم بىلەن قارا كۆزەينەك تاقاپ ئوتتۇرىغا چىقتى. 
يەنىلا قېرىسى نوچىكەن.... 
كوئېن ئاكا ئۇكىلار ئوتكەن يىللىق ئوسكاردىلا ھەممىنىڭ دىققىتىنى قاراتقان ئىدى... 
كوئېن ئاكا ئۇكىلار ۋەھىمە شاھى خىچكوكقا ھۆرمەت بىلدۇرۇپ "ئوقۇپ بولۇپ كۆيدۈرىۋەت"نىڭ ئېلان رەسىمىنىمۇ ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلغان 
ئەينى ۋاقىتتىكى" ۋېرتىگو--مەس قىلىش ھىلىسى"نىڭ ئېلان رەسىمى بىلەن سېلىشتۇرۇش 
فىلىمدىكى ئاساسلىق رولچىلار 
ۋېنىتسىيە فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرىلىدىغان فىلىملەرنىڭ تىزىملىگى تۆۋەندىكىچە: Biennale Cinema 65th Venice Film Festival Venezia 65 - In Competition Darren Aronofsky The Wrestler – USA, 105‘ چېلىشچى --ئامېرىكا Mickey Rourke, Marisa Tomei, Evan Rachel Wood
Guillermo Arriaga The Burning Plain – USA, 147’ كۆيۇۋاتقان تۈزلەڭلىك-ئامېرىكا Charlize Theron, Kim Basinger, Joaquim de Almeida 
Pupi Avati Il papà di Giovanna – Italy, 104’ گىيوۋاننانىڭ دادىسى-ئىتالىيە Silvio Orlando, Alba Rohrwacher, Francesca Neri, Ezio Greggio, Serena Grandi
Marco Bechis BirdWatchers – Italy / Brazil, 108’ قۇش مارىلىغۇچى--ئىتالىيە،بىرازىلىيە Claudio Santamaria, Alicélia Batista Cabreira, Chiara Caselli, Abrisio Da Silva Pedro 
Patrick Mario Bernard, Pierre Trividic L’Autre – France, 97’ يەنە بىر كىشى-فىرانسىيە Dominique Blanc, Cyril Gueï, Peter Bonke, Christèle Tual 
Kathryn Bigelow The Hurt Locker – USA, 131’ بومبا ئاجراتقۇچىلار--ئامېرىكا Jeremy Renner, Anthony Mackie, Brian Geraghty 
Pappi Corsicato Il seme della discordia – Italy, 85’ شاۋقۇن سۈرەننىڭ مەنبەسى--ئىتالىيە Caterina Murino, Alessandro Gassman, Martina Stella, Michele Venitucci, Isabella Ferrari 
Jonathan Demme Rachel Getting Married – USA, 116‘ رېيچول توي قىلماقچى--ئامېرىكا Anne Hathaway, Debra Winger, Rosemarie Dewitt, Bill Irwin, Tunde Adebimpe 
Haile Gerima Teza – Ethiopia / Germany / France, 140’ تېزا--ئېفىئوپىيە،گېرمانىيە،فىرانسىيە Aron Arefe, Abiye Tedla, Takelech Beyene 
Aleksey German Jr. Bumažnyj soldat (Paper Soldier) – Russia, 116’ قەغەز سولدات--رۇسىيە Chulpan Khamatova, Merab Ninidze, Anastasya Shevelyova 
Semih Kaplanoglu Süt – Turkey / France / Germany, 102‘ سۈت--تۈركىيە،فىرانسىيە،گېرمانىيە Melih Selcuk, Basak Koklukaya 
Takeshi Kitano Akires to kame (Achilles and the Tortoise) – Japan, 119’ ئاكىللىس بىلەن تاشپاقا--ياپونىيە Beat Takeshi, Kanako Higuchi, Yurei Yanagi, Kumiko Aso 
Hayao Miyazaki Gake no ue no Ponyo (Ponyo on Cliff by the Sea) – Japan, 101’-- قىرغاقتىكى ئالتۇن تاشپاقا--ياپونىيە animation 
Amir Naderi Vegas: Based on a True Story – USA, 102‘ ۋېييگىس--ھەقىقى ۋەقەگە ئاساسەن ئىشلەنگەن. Mark Greenfield, Nancy La Scala, Zach Thomas 
Mamoru OshiiThe Sky Crawlers – Japan, 122’ ئۇچار چەۋەندازلار---ياپونىيە animation 
Ferzan Özpetek Un giorno perfetto – Italy, 95’ ئەڭ مۈكەممەل بىر كۈن--ئىتالىيە Isabella Ferrari, Valerio Mastandrea, Valerio Binasco, Nicole Grimaudo, Stefania Sandrelli 
Christian Petzold Jerichow – Germany, 93’ جېرىكوۋ--گېرمانىيە Nina Hoss, Benno Fürmann, Hilmi Sözer 
Barbet Schroeder Inju, la Bête dans l’ombre – France, 105’ ئىنجۇ--فىرانسىيە Magimel Benoît, Minamoto Lika, Shun Sugata, Maurice Bénichou, Ryo Ishibashi  Werner Schroeter Nuit de chien – France / Germany / Portugal, 110’ بۇ كېچە--فىرانسىي،گېرمانىيە،پورتۇگالىيە Pascal Greggory, Bruno Todeschini, Amira Casar, Jean-François Stevenin 
Tariq Teguia Gabbla (Inland) – Algeria / France, 140’ ئىچكى قۇرۇقلۇق--ئالجىرىيە،فىرانسىيە Kader Affak, Ines Rose Djakou, Ahmed Benaïssa, Fethi Ghares, Kouider Medjahed, Djalila Kadi-Hanifi  YU Lik-wai Dangkou (Plastic City) – Brazil / China / Hong Kong/China / Japan, 118’ پىلاستىك شەھەر--جوڭگو،شىياڭ گاڭ، ياپونىيە،بىرازىلىيە Joe Odagiri, Anthony Wong, Huang Yi, Jeff Chen 
بۇ يازمىنى 2008-8-28 17:09:35 Yvonne تەستىقلىغان! |