گرامىي مۇكاپىتى(GRAMMY AWARDS) 
گرامىي مۇكاپىتى بولسا ئامرېكا دۆۋلەتلىك ئۈن ئىلىش بىلەن پەن-تېخنىكا ئاكادىمىيسى يىللىق چوڭ تىپتىكى كۈيلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىلىشى ھىساپلىنىدۇ. گرامىي مۇكاپىتى (كۈي ساھەسىدىكى ئوسكار)دەپمۇ قارالغان. گرامىي (GRAMMY) دىگەن سۆز پاتىفون(Gramophone)دىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن سۆز بۇلۇپ ،ھازىغىچە 50يىللىق تارىخى بار،مۇكاپات بۇيىمى دەل كونا پوسۇندىكى پاتىفون ئىدى. 1957-يىل لوسئانجىلىستىكى كۈيچىلەر بىلەن پىلاستىنكا شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بىرلىشىپ،كۈي سەنئىتى ۋە پەن-تېخنىكا ئاكادىمىيسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ،ھەمدە بۇ ئاكىدىمىيە ئارقىلىق تالانتلىق كۈيچىلەرنى،ناخشىچىلار ۋە ئارقا سەپتىكى كومپىزوتۇرلارنى رىغبەتلەندۈرمەكچى بولىدۇ. ئامرېكا دۆۋلەتلىك ئۈن ئىلىش بىلەن پەن-تېخنىكا ئاكادىمىيسى ۋە گرامىي مۇكاپىتى شۇندىن باشلاپ دۇنياغا كىلىدۇ.تۇنجى نۆۋەتلىك گرامىي مۇكاپىتى 1958-يىلى تارقىتىلىدۇ.شۇندىن كېيىن ئۇلار ھەر يىلى بىر قېتىم مۇكاپاتلاش يىغىلىشىنى ئىلىپ بارىدۇ.مۇكاپاتلاش تۈرى 26خىل تۈردىن،ھازىرقى 28چوڭ شەكىل 101تۈردە مۇكاپاتلاش ئىلىپ بارىدىغان بولدى. گرامىي مۇكاپىتى ئەينى ۋاقىتتا ئامرىكىدىكى پىلاستىكا كەسپى ئىچىدىكىلەرنى مەخسۇس مۇكاپاتلاش يىغىلىشى بولسىمۇ،بىراق ھازىر دۇنيا مىقىياسىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا،ئۇ ئەڭ چوڭ خەلىقئارالىق مۇكاپات يىغىلىشلارنىڭ بىرسى بۇلۇپ قالدى. گرامىي مۇكاپىتى خۇددى ئوسكار مۇكاپىتىدەك كۈلىمى زور بۇلۇپ،گەرچە ئامرېكا مەدىنىيىتىنىڭ تامغىسى ئۇرۇلغان بىلەن،بىراق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى كۈيچىلەر گرامىي پاتىفوننى قۇلىغا تۇتۇشنى شەرەپ ھىس قىلىدىغان بولدى. گرامىي مۇكاپىتى دۇنيادىكى كۈيچىلەرنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدىغان مۇكاپات،ئامرېكا ئىزچىل ھالدا خەلىقئارالىق ئاممىباپ كۈيلەرنىڭ مەركىزى بۇلۇپلا قالماستىن،ھەمدە ئاممىباپ كۈيلەرنىڭ يوقۇرى ئۆلچۈمى ھىساپلىنىدىغان ئورۇن بۇلۇپ قالدى.يەنە تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپمۇ بار. 1-ئۇنىڭ ھوقۇقدارلىقى.ئامرېكا كۈي سەنئىتى ۋە پەن-تېخنىكا ئاكادىمىيسىدە تالانتلىق كۈيچىلەر بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلات،ئامرىكىنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرىدا 12رايون بازىسى،بىر كوپىزوتۇر،ئىنجىنىر گۇرۇپىسى بار بۇلۇپ،ھازىر ئەزالىرى تۆمەندىن ئاشىدۇ.... 2-ئۇنىڭ ئادىللىقى. گرامىي مۇكاپىتىنى تارقىتىشتا ئىنتايىن مۈكەممەل ۋە سېستىملىق قائىدە تۈزۈملىرى بار. گرامىيگە سۇنۇلغان كۈيلەر چوقۇم شۇ يىلغا تەۋە بولىشى كېرەك،كۈي گرامىيگە سۇنۇلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ھەرقايسى كۈي ساھەسىدىن كەلگەن 150نەپەر كەسپى خادىملارنىڭ ئالدىدىن ئۈتىدۇ،ئاندىن كېيىن تۈرلەرگە ئايرىلدۇ........ 3-كەڭ كۈلەملىك تەسىرچانلىقى: گرامىي مۇكاپىتى دەسلەپكى مەزگىللەردە ئانچە تونۇلۇپ كەتمەيدۇ،بىراق تېلىۋېزۇر ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. تېلىۋېزۇر زېرىكىشلىك مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆزگەرتىپ،ئىنتايىن مول بولغان سەنئەتلىك پىرگىرامىغا ئايلاندۇرىدۇ،ھەمدە ئۇلار گرامىي مۇكاپىتى تارقىتىش مۇراسىمىنى پۈتۈن دۇنياغا بىۋاستە تارقىتىپ،ئۇلارنىڭ نامىنى بىراقلا كۈتۈرۋېتىدۇ. گرامىي مۇكاپىتىدىن سىرت يەنە ئامرېكا كۈي سەنئىتى ۋە پەن-تېخنىكا ئاكادىمىيسى ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپىتى،لېدىر مۇكاپىتى ۋە گرامىي شەرەپ مۇكاپاتلىرىنى تەسىس قىلىپ،تارىختىن بۇيان كۈي ئىشلىرىغا تەر ئاققۇزۇپ كىلىۋاتقان كۈيچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە گرامىي مۇكاپىتى تاللايدىغان ئەزالار ۋە تارىختىن بۇيان كۈمۈلۈپ قالغان سەنئەتكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. .................................................................... گرامىي مۇكاپىتىدىكى ئەڭلەر: 1-ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى يىل يىللىق ئەڭ ياخشى ئالبوم(Album of the Year)نىڭ مۇكاپاتقا ناخشىچىسى: (Frank Sinatra)ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1966-يىل،1967-يىل. 
(Stevie Wonder)ئايرىم-ئايرىم ھالدا1974-يىل،1975-يىل. 
2-ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى يىل يىللىق ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا(Record of the Year)نىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىسى: (Roberta Flack)ئايرىم-ئايرىم ھالدا1973-يىل،1974-يىل. 
(U2)ئايرىم-ئايرىم ھالدا2001-يىل،2002-يىل. 
3-يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر ناخشىچى(Best Vocal Performance,Male)دا سان جەھەتتە ئەڭ كۆپ سايلانغان سەنئەتكار: (Sting) ئايرىم-ئايرىم ھالدا1988-يىل،1994-يىل،2000-يىل،2001-يىل. 
4-يىللىق ئەڭ ياخشى ئايال ناخشىچى(Best Vocal Performance,Female)دا سان جەھەتتە ئەڭ كۆپ سايلانغان سەنئەتكار: (Barbra Streisand) ئايرىم-ئايرىم ھالدا1964-يىل،1965-يىل،1966-يىل،1978-يىل،1987-يىل. 
5-ئىككى قېتىملىق يىللىق ئەڭ ياخشى كۈي ئەترىتى(Best Pop Vocal Performance by a Duo or Group with Vocal)دە ئارلىقى ئەڭ يىراق بولغان كۈي ئەترىتى: (The Beatles)1965-يىل بىلەن 1997-يىل ئېرىشكەن.ئىككى مۇكاپاتنىڭ ئارلىقى 35يىل. 
6-يىللىق ئەڭ ياخشى روك ئايال ناخشىچى(Best Rock Vocal Performance, Female)مۇكاپىتىدە ئالدىدا تۇرىدىغانلار: (Tina Turner)،( Sheryl Crow)،( Pat Benatar)ناخشىچىلار ئۇلار ئوخشاش 4قېتىم مۇكاپاتلانغان.   
7-يىللىق ئەڭ ياخشى روك كۈي ئەترىتى(Best Rock Duo or Group Performance)دە ئەڭ كۆپ مۇكاپات ئالغانلار: (U2)1988-يىل،1989-يىل،1993-يىل،2001-يىل،2002-يىل. 
8-يىللىق ئەڭ ياخشى R&Bكۈيلىرى(Best R&B Song)دە ئاڭ كۆپ مۇكاپاتلانغان سەنئەتكار: (Babyface)ئايرىم-ئايرىم ھالدا1993-يىل،1995-يىل،1997-يىل. 
9-يىللىق ئەڭ ياخشى R&Bئايال ناخشىچى(Best R&B Vocal Performance,Female)دە كۆپ مۇكاپاتلانغان سەنئەتكار: (Aretha Franklin)ئۇ 11قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،1968-يىلدىن1975-يىلغىچە 8قېتىم،1982-يىل،1986-يىل ۋە 1988-يىل. 
10-يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر سەھرا كۈيچىسى(Best Country Vocal Performance, Male)دە ئەڭ كۆپ مۇكاپاتلانغان سەنئەتكار: (Vince Gill)1991-يىل،1993-يىل ھەمدە 1995-يىلدىن 1999-يىلغىچە 5قېتىم مۇكاپاتلانغان. 
11-يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر روك ناخشىچى(Best Rock Vocal Performance, Male)دە ئەڭ كۆپ مۇكاپاتلانغان سەنئەتكار: (Lenny Kravitz)1999-يىلدىن 2002-يىلغىچە ئارقىمۇ-ئارقا 4قېتىم مۇكاپاتلانغان. 
؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛ :نىڭ كۈيىدىن ھوزۇرلىنىڭ Frank Sinatra
(بۇ تىمىنى رۇقسەتسىز كۈچۈرمەڭ،بولمىسا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز) بۇ يازمىنى 2008-12-4 17:18:10 zztop تەستىقلىغان! |