گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 28002|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانخانە--دۇبەي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-28 15:52:56 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

مەن خېلى ۋاقىتلارغىچە شىياڭ گاڭدىكى "يېرىم ئارال"Peninsulaنى دۇنيادىكى ئەڭ نوچى مېھمانخانە دەپ ئويلاپ كەپتىكەنمەن،دۇبەيدىكى ئال بۇرىج مېھمانخانىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى مېھمانخانە ئىكەنلىگىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دۇبەيگە بېرىپ ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرۈپ كېلىش پۇرسىتىگە ئىنتىزار بولغان بولساممۇ تېخىچە بۇ ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ،شۇڭا ھازىرچە بۇ يەرگە رەسىملىرى يوللاپ قويۇش ئارقىلىك كۆزۈمنىڭ ئاچچىقىنى چىقىراي:

 

دۇبەي بۇرىج مېھمانخانىسى دۇنيادىكى يېڭى موجىزىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، ئىگىزلىك جەھەتتە ۋە ئالاھىدە تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ھىچقانداق بىر قۇرۇلۇش بۇ مېھمانخانە بىلەن بىلە تىلغا ئېلىنىشقا ئەرزىمەيدۇ.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بايلارنىڭ شېرىن ئاينى ئۆتكۈزىدىغان مېھمانخانىسى مۇشۇ يەر بولۇپ،قانچە راھەت پاراغەتلىك ۋە قىممەت  بولسا سودىسى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن.

قىسقىچە ئەھۋالى:

جايلاشقان ئورنى: ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىگى، دۇبەي

قۇرۇلۇشقا مەسئۇل ئىنجىنىر:ئاتكىنىس گۇرۇھىدىن توم رايىت

ھوجرا سانى:202

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1994-1999

قەۋەت سانى:60

لىفىت سانى:18

ئەرەپلەر مۇنارى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مېھمانخانەنىڭ ئەرەپچى يېزىلىشى برج العرب بولۇپ،جۇمېيرا گۇرۇھى تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ.لاھىيىلىگۈچى ئەڭگىلىيەلىك توم رايىت بولۇپ،قۇرۇلۇشنى كانادالىق ئىنجىنىر رىك گىرىگورىي باشچىلىقىدىكى قۇرۇلۇش ئەترىتى تاماملىغان،ئومومى ئىگىزلىگى 321 مېتىر،1053 فىت، دۇنيادىكى مەخسۇس مېھمانخانە قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىگىزىدۇر. ئەتىرگۈل مۇنارى دەپ ئاتىلىدىغان دۇبەيدە سېلىنىۋاتقان يېڭى مېھمانخانە پۈتكەندە بۇ نامنى تارتىۋېلىشى مۈمكىن بولۇپ،ئومۇمى ئىگىزلىگى 1053 فىت ئىكەن.جۈمېيرا دېڭىز بويىدىن 280 مېتىر ئايرىلىپ تۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇش سۇنئى ئاراللارنىڭ ئۇستىگە سېلىنغان بولۇپ، بىر كۆۋرۈك ئارقىلىق قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىكەن.بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئارقىلىق دۇبەينىڭ شەھەر قۇرۇلىشىنىڭ يوقۇرى سەۋىيەسىنى گەۋدىلەندۇرۈش ھەم ئارتىستىك تۇيغۇ ئارقىلىق مېھمانلارنىڭ كوڭلىنى مەھلىيا قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئى 650 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن.

مېھمانخانىنىڭ سىرتى پۇتۇنلەي سايبىرلىق ئەينەك بىلەن قاپلانغان

مېھمانخانىنىڭ ئۆگزىسىگە سېلىنغان ئايرۇپىلان قونۇش ئورنى

بىرىنچى قەۋەتتىكى  فونتان

بۇ مېھمانخانىدىكى ئەڭ كىچىك ھوجرا 169sqm بولسا ئەڭ چوڭى 780sq m.ىكەن، ئەڭ ئەرزان باھالىق ئويلەرنىڭ كۈنلۈك باھاسى 1500 دوللاردىن باشلىنىپ ،15،000 دوللاردا ئاخىرلىشىدىكەن.

بۇ مېھمانخانىنىڭ رېستۇرانىمۇ دۇنياغا داڭلىق. ئال مۇنتاخا دەپ ئاتىلىدىغان بىر رېستۇرانى(مەنىسى ئەڭ ئىگىز) پارىس قولتۇقىدىن 200 مېتىر ئىگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، 4 ئەتراپنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر لېفىت ئارقىلىق چىققىلى بولىدىكەن، جەمخ 27 باش ئۇستام بار بۇ رېسۇراندىكى ئۇستىلارنىڭ بىرى بولغان ئىداھ سېماج لىكىم 2006-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئاشپەز بولۇپ باھالانغان، ئۇ ھام مۇشۇ رېستۇراننىڭ ئگىسى.

قانداق؟ ئەتىلا ساياھەتكە ماڭامسىلەر؟

بۇ يازمىنى 2008-6-28 18:03:40 Yvonne تەستىقلىغان!

بۇ يازمىنى 2008-6-28 18:03:40 Yvonne تەستىقلىغان!

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-28 16:01:19 |ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى يېزىپ بولسام بىر يولداش بۇنىڭدىن نوچى يەنى 8 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ يەنە شۇ ئەرەپ خەلىپىلىگىدىكى ئابۇ دابىدا قۇرۇلغانلىقىنى دەيدۇ،ئىسمى Emerates Palace Hotel مىش،كېيىنچە ئۇنى ساياھەت قىلارمىز ئەمىسە.

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-28 19:29:43 |ئايرىم كۆرۈش

Barghim baryu pulum yoq

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-28 20:35:27 |ئايرىم كۆرۈش
تەڭ يىغلايلى ئەمىسە.

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-29 01:14:13 |ئايرىم كۆرۈش

سۈنئىي ئارال......؟؟؟؟؟

3-پارچە سۈرئەتكە قاراڭلار. بەك گۈزەلكەن، يەنە شۈ رەسىمگە دىققەت بىلەن قارىساڭلار ئاستىدىكى توپىلرنىڭ ئىرغىۋاتقانلىقىنى بايقايسىلەر.

ئېسىت650مىلىيون دوللار.

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-29 06:20:03 |ئايرىم كۆرۈش
بۇرىج دىگەن سۆزنى بۇرژۇئا دىگەن سۆز بىلەن باغلىغىلى بولامدۇ؟ مەن شۇنداقراق ھېس قىلدىم.

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-29 23:30:35 |ئايرىم كۆرۈش
Erebler "ming bir kéche"ni emeliyetke aylanduriwatidu he, bu Guylarning yamanliqi

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-29 23:52:37 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەردە گۈللۈگتە سوئاللىرىم جاۋابسىز قېلىۋاتىدۇ....

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

9#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-30 01:09:52 |ئايرىم كۆرۈش

بىلگەن بولسام سۇئالىڭ جاۋاپسىز قالمايتى...

سوررېي.

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

10#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-30 13:27:25 |ئايرىم كۆرۈش
پاڭك،مېنىڭچە سىزنىڭ دىگىنىڭىزنىڭمۇ داۋلىسى بارمىكىن،ئەرەپلەرمۇ ماركىزىم نەزىرىيەسى ئۈگىنەرمۇ ئۇنداقتا؟

0

تېما

0

دوست

1510

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

11#
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-28 16:34:45 |ئايرىم كۆرۈش

ئەرەپلەر ھەرگىزمۇ ماركىسزىم ئۈگنىپ يۈرمەيدۇ.

1.پەلسەپە؛ئاللا بەردى،2.پەلسەپە:كۈتەر قاسقىنىڭنى.بۇ شەخسەن مىنىڭ كۆزقارىشىم.ئەلبەتتە بۇنىڭ ئۈزىلا ئەرەپلەرنىڭ ئەركىنلىگى ۋە مەنمەنچىلگىگە يەتكۈدەك باھانە بۇلالايدۇ.5.قەۋەتتىكى ئاغىنە غەم قىلما ،ھەممە ئادەم بىزدەك نامرات ئەمەس،بىنانىڭ پۇلى ئاللىبۇرۇن نەچچە قاتلىنىپ بولدى،ھەر قاچان.يەنە بىر بىنانىڭ لاھيىسنى كۆرگەنتىم،ئالامەت.................................

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

12#
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-28 17:50:07 |ئايرىم كۆرۈش

بىر رەسسام ئايالنىڭ دىيىشىچە دۇبەيگە بېرىپ قاتتىق ھەيران قاپتۇ،"بىز جوڭگولۇقلار ھازىر ھەممە نىمىنى غەرىپتىن ئۇگىنىمىزيۇ لېكىن بۇنى ئنكار قىلىمىز، دۇبەيدە غەرىپنىڭ پۇرىقى گەرچە چىقسىمۇ لېكىن دۇبەيلىكلەرگە خاس پۇراق تېخىمۇ كۈچلۈككەن،ئۇلار قانداق قىلىپ غەرىپنىڭ تېخنىكىسى بىلەن ئۆزىنى تېخىمۇ  ياخشى مەيدانغا چىقىرالايدىكەن."

بۇ رەسسام خەنزۇ.

2

تېما

0

دوست

2522

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

13#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-15 11:15:49 |ئايرىم كۆرۈش

مېتال روۋزنىڭ گېپى ئالامەتكەن، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئادەم توغرىلىق سۆزلىسە، بولۇپمۇ مۇنداق قالايمىقان سۆزلىسە بۇنى غەيۋەت دەيمىز. مېنىڭمۇ ئەرەب بىلەن ئانچە خوشۇم يوق، لېكىن ئۇنداق تۈكى يوق سەۋەبلەر بىلەن ئەمەس.

بۇرۇج دېگەن: ئوربېتا، دېگەندەك مەنىسى باركەن، يەنە مۆچەل دېگەن مەنىسىمۇ باركەن، بۇ يەردىكى بۇرۇج قايسى بۇرۇجنى كۆرسىتىدىكىن، بىلمىدىم. پاڭكجان رازى بولدىڭىزما؟ بۇرژۇرئازىيە، دېگەننىڭ نېمىلىكىنى جىق ئەرەبلەر بىلمەيدىكەن.

0

تېما

0

دوست

175

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

14#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-28 22:37:04 |ئايرىم كۆرۈش

مەن بۇنداق مىھمانخانىنىڭ بلرلىقىنى ئاڭلىغان

بۇيەردە كورۇپ ھەيران قالدىم ~~~

 

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

15#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-28 12:17:56 |ئايرىم كۆرۈش

دۇبەيدىكى يەنە بىر ئاجايىپ مېھمان ساراي ---------Atlantis,the palm.  ئوغلاقىنىڭ 20-كۈنى غايەت زور داغدۇغىدا ئېچىلدى..بۇ مېھمانساراي ھازىرقى دۇنيا مېھمانساراي ساھەسى دا ھەممە جەھەتتە ئەڭ ئەڭ ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن..

 دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەڭ ياخشى مېھمانساراي بولۇپ ھېسابلىنالايدۇ...(ماتىرىياللرىنى كۆرۈپ ئاغزىم ئېچىلىپ قالدى جۇمۇ...بەكلام دەھشەت كەن..بەكلام،)  palm سۈننىي ئارىلىغا ئورۇنلاشقان يەنە بىر مۆجىزە.  سىرتىقى كۆرىنىشى بەلكىم بۇرج مېھمانخانىسىدەك ئالاھىدە بىلىنمىسىمۇ،ئەمما باشقا جەھەتلەردە......super!!!!!بۇ مېھمانسارايغا 5ياكى 7دېگەندەك يۇلتۇز سانى بىلەن دەرىجىسىنى ئايرىشمۇ ئاجىزلىق قىلغۇدەك.  دۇبەيدە ياخشى مېھمانخانىلار بەك بەك جىق..لېكىن بۇ..The best.

بىر كۈنلەردە مۇشۇ مېھمانسارايلاردا ئىشلەپ قالسام...(خۇدايىم بۇيرىسا)..گۈللىكتىكىلەرنى چوقۇم تەكلىپ قىلىمەن!!!!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

175

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

16#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-26 18:41:58 |ئايرىم كۆرۈش
ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىگىدە ئۇيغۇر قىزى سوفىيە< زۇلپيەھاجىم > نىڭ مېھمانغانىسى ياخشى ...

3

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

17#
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 14:46:33 |ئايرىم كۆرۈش
بۇرج دىگەن يۇلتۇز دىگەن گەپ . شۇنداق بولغاندا بۇ مىھمانخانىنى « ئەرەب يۇلتۇزى مىھمانخانىسى » دەپ ئاتىساق بولىدۇ .
2 \- _( S- C% o  V$ [' m+ {2 \ئىككى يېرىم يىل ئىلگىرىكى سۇئالغا جاۋاپ كەتتى .
نۇمۇس قىلىپ كىتىۋاتىمەن ، نۇمۇسسسسسسسس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 09:17 , Processed in 0.200343 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش