Frankenstein ئەمىلىيەتتە دەرسلىك ئەمەس. پەقەت بۇ يىللىق مىتود. سىزگە چۈشەندۈرەي قىسقىچە: ئالدى بىلەن ھەربىرىمىز ئاز دىگەندە 5 قونچاق يىغىمىز(ئىگىزلىكى 10~30 سانتىمىتىرغىچە). قونچاقلىرىمىزنىڭ ئوخشىمىغان ئەزالىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر قونچاق ياساپ چىقىمىز(رەسىمگە تارتىپ سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش دىتاللىرىدىن پايدىلىنىپ). قونچاقلىرىمىزدىن چوقۇم قويۇق قىياس قىلىش كۈچى چىقىپ تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن: بىر قولى ئۇزۇن بىر قولى قىسقا، ياكى بېشى پەستە پۇتى ئۇستىدە دىگەندەك. چوقۇم غەلىتە بىنورمال بولىشى كېرەك. ئەڭ ئاخىر چىققان پىرسوناژنى ھەيكەلتىراشلىق دەرىسىدە ھەيكەل قىلىپ ياساپ چىقىمىز. ئۇنى ئالدىدىن ۋە يىنىدىن ئايرىم ئايرىم سىزىپ چىقىمىز. 30 سىكونتلۇق ئۇزۇنلۇقتىكى ففىلىمگە سىنارىيە يازىمىز. چوقۇم بىر مەركىزى ئىدىيەنى ئىپادىلەپ بېرىش لازىم. كىيىن ئۇنى 3د دىتالىدىن پايدىلىنىپ ياساپ، سىنارىيەرىمىزنى ئېكرانغا چىقىرىمىز. ياراتقان پىرسوناژغا ھاياتلىق ئاتا قىلىمىز دىگەن گەپ. ئاندىن ئۇ پىرسوناژ چوقۇم شۇ 30 سىكونتنىڭ ئىچىدە "مىنىڭ ئىسمىم پالانچى، مېنى پانك ياراتقان" دىگەن گەپنى بىر ئىشلىتىشى كېرەك. |