- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-9
- توردا
- 1531 سائەت
- 经验
- 7796 点
- 威望
- 1899 点
- تىزىملاتقان
- 2008-4-24
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 4628
- تېما
- 149
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 7796
- UID
- 7
  
|
% l! g# ^4 @ N' g6 P
گۈزەللىك دېگەن نىمە؟ ئۇ ئۆلچىگىلى بولىدىغان ھەقىقەتمۇ؟ ياكى پەقەت بىر پىكىرمۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئازىراقتىن يۇقارقى ھەر ئىككى ئالاھىدىكىلەرگە ئىگە بولغان ھەم بۇلار كۆزەتكۈچىنىڭ ۋاقىتلىق كۆڭۈل ھالىتى تەرىپىدىن بىزىلىشى ئارقىلىق پەيدا بولغان نەرسىمۇ؟ 3 O& q" v7 R$ I& o6 ?. U/ j2 O0 u* m
ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنداق گۈزەللىك توغرىىسىدىكى ئىزدىنىشى ۋە بەس-مۇنازىرىلىرى بىزنىڭ بىلگىنىمىزچە ئەپلاتوندىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋىتىپتۇ. يۇقارقى سوئاللارمۇ گوتفرىد لېيبنىز، داۋىد ھۇم ۋە ئىمانۇئېل كانت قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ گۈزەللىك توغرىسىدىكى قاراشلىرى. _( P& L3 C7 S$ W k. J- Z! Z
سەنئەتنىڭ ئۆلچىمى ياكى گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا "سەنئەت ئەسىرىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسىدا "دېگەندەك قۇلاققا مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان ، لېكىن ئىنكار قىلىش تەس بولغان قاراشلارنىمۇ ئاڭلىدۇق. بىزنىڭ ئىستىتىك زوقلىنىشىمىز ھەرقاچان دىن، كۈلتۈر ، ئەنئەنە، زامان ۋە ماكاننىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ تۇرىدىغان بۇنداق ئەھۋالدا، بۇ خىل قاراشنىڭ سالمىقى ئەڭ زوردەك تۇرىدۇ. * y _. q- r1 o
تەبىئەتتىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، گۈزەللىك ياكى سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىشىمىز كۆپ ھالدا بىر خىل ئېقىمغا ئەگىشىش ھادىسىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. پوپ سەنئتىگە ئوخشاش ، ناھايتتى ئاددى بولغان ئۆتكۈنچى كۈلتۈر ھادىسىلىرى بىزنىڭ ئىستىتىك ئىنكاسىمىزنى گومۇشلاشتۇرۋاتىدۇ. ھەمىمىز MP3 ئاڭلاش بىلەنلا مۇزىكىدىن ھوزۇرلانغان بولىمىز. م پ3 بىلەن س دنىڭ ئاھاڭ تۈسى ۋە قاتلاملىق پەرقلەر توغرىسىدىكى ئۆلچەملىرى بىلەن كارىمىزمۇ يوق ياكى بىلەلمەيمىز. سەنئەت ۋە گۈزەللىكدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ياخشى تەربىيەلىنىشىمىز كېرەك دەيمىز، لېكىن بەرىبىر ئۆزىمىز بىلمەي تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز. ئاساسلىقى ھازىرقى دۇنيانىڭ رىتىمى ۋە تۇرمۇش مەزمۇنىنىڭ زىچلىقى، دۇنيادىكى ئىجتىمائى رولىمىز بىزگە گۈزەللىكدىن تەبىئى ھوزۇرلىنىش ئىمكانىيتى بەرمەيۋاتىدۇ. 7 `3 M. |7 j8 S2 A, z6 _) E
شۇڭا بۇ يەردە گۈزەللىكدىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى سېزىۋاتىمىز.
6 B5 E$ d. D! D# H ئىمانۇئېل كانتمۇ " بىر ئادەمنىڭ گۈزەللىكدىن ھوزۇرلىنىش ئىقتىدارى ئۇنىڭ ئەخلاق قارىشى بىلەن باغلىنىشلىق" دېگەندەك قورقۇنۇچلۇق قاراشنى ئوتتۇرىغان قويغان. ' M0 A0 ?6 |; j2 y8 R- ?
شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ گۈزەللىگدىن ھوزۇرلىنىشمىز ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان شەرت-شارائىتلار ھازىرلىنىشى كېرەككەن. بۇ شەرتلەر بەزىدە ئۇنچىلىك چوڭ تىمىلاردىن بولماسلىقى مۈمكىن، بەلكىم كىيۋالغان ئايىغىڭىزنىڭ پۇتىڭىزنى قىستىشىمۇ بىر سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۈمكىنكەن.
9 }9 N! _! U6 @- B% _" L; f/ E ئېلسۋورس كەللي(Ellsworth Kelly)نىڭ 5مىليون دوللارلىق ئابىستىراكت رەسىمىنى دۆلەت مۇزىيىدىكى ئېسىل رامكىدىن چىقىرىپ بىر رىستۇراننىڭ تېمىغا ئېسىپ 150دوللار دەپ باھا قويۇپ قويسا، نۇرغۇن ئادەم ئۇنچىلىك دېققەت قىلىپ كەتمەسلىكى مۈمكىن. 4 ~4 c& d$ g/ G% K x4 p
2007-يىلى قەھىرىتاندا، "ۋاشىڭگتون پوچتىسى" بىلەن گرەممي مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى داڭلىق مۇزىكانت، ئىسكرىپكىچى جوشۇئا بەل(Joshua Bell) شۇنداق بىر سىناق ئېلىپ بارغان. جوشۇئا بەل ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مۇزىكانتلاردىن دەپ قارىلىدۇ. دەل مۇشۇ جوشۇئا بەل بېشىغا بىر شەپكە كېيىپ، ئۆزىنىڭ 3مىليون 500مىڭ دوللارلىق ئىسكرىپكىسى بىلەن ۋاشىڭگتوندىكى بىر مېترو بىكىتىدە دەل ئىشقا چىقىش ۋاقتىدا 45مىنۇت دۇنياۋى داڭلىق مۇزىكىلارنى ئورۇنلىغان. سىزچە قانداق ئەھۋال يۈز بەدى؟؟؟؟
2 G$ C% E r4 o5 d. A( v3 z/ W# A/ T# v
بۇ 45مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە 2000دەك ئادەم ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن بولۇشى مۈمكىن.
; h. Z5 h- Z. g; d5 w/ [ جوشۇئا بەل ئىشىنى باخنىڭ "شاكون"دىن باشلايدۇ."شاكون"دۇنيادىكى ئەڭ ئېسل كلاسسىك كۈيلەردىن دەپ قارىلىدۇ ھەم ھازىرقى دۇنيادا "شاكون"نى جوشۇئا بەلدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىيالايدىغانلار ساناقلىقلا. بۇ مەشھۇر كۈي قالتىس ماھارەت بىلەن ئورۇنلىنىپ 3 مىنۇتتىن كېيىن بىر خېلى مۇزىكا تەربىيەسى كۆرگەن چىراي يېگىت مىڭىۋاتقان قەدىمىنى سەل ئاستىلىتىپ بىر نەچچە سىكۇنت قۇلاق سالغاندىن كېيىن يەنىلا ئالدىراش مېڭىپ كېتىدۇ. L1 H4 |$ v# J6 L8 R
4 مىنۇتتىن كېيىن جوشۇئا بەل ئۆزىنىڭ بىرىنچى دوللار تەڭگىسىگە ئېرىشىدۇ. بىر ئايال بىر دوللارنى ئۇنىڭ ئېچىغلىق تۇرغان ئىسكرىپكا قېپىغا تاشلاپ توختاپمۇ قويماي كېتىپ قالىدۇ.
0 S$ z7 u) Y5 w: P; ^5 W5 U 6مىنۇتتىن كېيىن بىر يېگىت تامغا يۆلىنىپ ئۇنىڭ كۈي ئورۇنلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سائىتىگە قاراپ قويۇپ جايىدىن قوزغۇلىدۇ.
7 r/ x: }& A$ D5 y7 B 10مىنۇتتىن كېيىن بىر كىچىك بالا توختاپ جوشۇئانىڭ كۈيىنى ئاڭلىماقچى بولىدۇ لېكىن ئاپسى زورىغا تارتىپ ئېلىپ ماڭىدۇ. بالا يەنە توختاپ جوشۇئاغا قارايدۇ، ئاپسى يەنىلا ئۇنى پەپىلەپ مېڭىشقا زورلايدۇ. بالا بىر تەرەپتىن مېڭىپ بىر تەرەپتىن توختىماي كەينىگە بۇرۇلۇپ قارايدۇ. باشقا بىر قانچە باللارنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن ئاتا-ئانىلىرى ئوخشاشلا ئۇلار زورلاپ ئېلىپ كېتىدۇ.
D: l" ?' e* |% Q
% w7 E% W% N2 _ I# P 40نەچچە مىنۇت بولغاندا 6 ئادەم توختاپ بىر ئاز ئاڭلايدۇ. بۇ 45مىنۇت ئىچىدە جوشۇئا بەل 32دوللار پۇل تاپقان. 20ئادەم ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلاپمۇ قويماستىن پۇلنى تاشلاپلا كېتىپ قالغان. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بولغان بوستوندىكى بەلنىڭ كونسورتىدا بىلەتلەرنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولغان ھەم ھەر بىر بىلەت ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200دوللاردىن توختىغان.
+ ?( u' v, v3 y
# F% k7 ]2 l/ O( D4 h "ۋاشىڭگتون پوچتىسى" بۇ سىناق ئارقىلىق يەنە شۇ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان:1، بىر ئادەتتىكى مۇھىتتا، بىر قاملاشمىغان ۋاقىتتا بىز گۈزەللىكنى سېزەلەمدۇق؟ 2، ئەگەر سېزەلىسەك بىز توختاپ بۇنىڭدىن ھوزۇرلىنامدۇق؟ 3، ئويلىمىغان ئەھۋال ئاستىلىرىدا بىز تالانت ئىگىلىرىنى تونۇيالامدۇق؟؟؟6 Y1 p% ~; O1 J7 l5 ~% j8 b
ئاخىرىدا ئۇلار مۇنداق يەكۈن چىقارغان. ئەگەر دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مۇزىكانت،دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ساز بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل كۈينى ئورۇنلاۋاتقاندا بىز بىردەم توختاپ بۇنى ئاڭلىمىساق، بىز بۇ دۇنيادا يەنە قانچىلىغان نەرسىلەرنى يۈتتۈرۈپ قويۇۋاتقاندىمىز؟؟؟؟؟
2 F7 \8 [. `1 l% B) s/ @5 U - Z# ?4 B2 p( a: S, P- i
"ۋاشىڭگتون پوچتىسى"نىڭ يازغۇچىسى گېن ۋېينگارتېننىڭ" ناشتىدىن بۇرۇنقى مەرۋايتلار" دېگەن ماقالىسىدىن پايدىلىنىلدى.% y7 I( { B8 G' `+ U
% J# b. i. U% j: q2 S
|
|