گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 1644|ئىنكاس: 22
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياپۇنىيە NHK تاراتقۇسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 16:18:05 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ياپۇنىيە NHK تاراتقۇسى+ H* E& [6 o. D: L. l5 p
5 f' Z" i5 R& T9 o# s' R9 x
پالتاخۇن5 _! r3 q1 _' Q  P# W$ Z

+ e  W( j. [/ c. X5 C     يىپەك يولىنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىنى ئۇنىڭدىن كۆرەلەيسىز، ئادەم ئاياق بېسىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان خىلۋەت ماكانلاردىكى تولىمۇ ئىپتىدائىي ھالەتتە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ساتمىلىرى ۋە يۈرەك سۆزلىرىدىن ئۇنىڭغا تايىنىپ خەۋەردار بولالايسىز،يىراق ئافرىقىدا  تېخى نەچچە مېنۇت ئىلگىرىلا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەلىرىنى ئۇ بىزگە يەتكۈزۈپ بولىدۇ. ئەڭ تېز خەۋەر نۇسخىلىرى ، ھۆججەتلىك فىلىم ئۈلگىلىرىنى ، رادىيو، تېلېۋىزور،سۈنئىي ھەمراھ، سىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى، تور ئەۋزەللىكىنىڭ مۈكەممەل جىپىسلىشىشىنى يەنە ئۇنىڭدىن كۆرەلەيسىز. ئۇ بولسىمۇ،نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى قاتارىدا ئالاھىدە پارلاپ تۇرىدىغان  NHK.
" l+ |1 M) v6 ?9 f! x  }1 l   ياپۇنىيە NHK تاراتقۇسى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى(CNN  )، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC   ) قاتارلىق دۇنياۋېي تاراتقۇلار بىلەن ھۆسن ۋە بەس( تەسىر ) تالىشالايدىغان  نوپۇزلۇق، شۆھرەتلىك تاراتقۇلارنىڭ بىرىدۇر.: {5 [" S- u3 |
  NHK  (ئىنگلىزچە Japan Broadcasting Corporation ) ياپۇنىيە تاراتقۇ ( ئاخبارات ۋاستىلىرى ) ئۇيۇشمىسىنىڭ قىسقارتىلما نامى بولۇپ، ياپۇنىيەدىكى ئەڭ چوڭ رادىيو –تېلېۋىزىيە ئورگىنىدۇر. ئۇ يەنە ياپۇنىيەدىكى مۇنتىزىم ئاممىۋېي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئستانسىسى سۈپىتىدە، ياپۇنىيەدىكى ،شۇنداقلا ئاسىيادىكى تەسىرى، نوپۇزى ئەڭ زور تاراتقۇ ھېسابلىنىدۇ.ئۇ ياپونىيە ئۇنېۋىرسال تېلېۋىزىيەسى ۋە مائارىپ تېلېۋىزىيەسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلسىمۇ ، لېكىن ، يەنە سۈنئىي ھەمراھ 1-رادىيوسى، سۈنئىي ھەمراھ 2-رادىيوسى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھ  تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ئاپاراتلىرى بىلەن دۇنيادا تېخىمۇ تەسىركار ئورۇن تۇتىدۇ. ئەل ئارىسىدا ياپونىيە تاراتقۇ ئۇيۇشمىسى دېگەن نامى ئاز قوللىلىنىپ، ئاممىباب تىلدا ياپونىيە تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى، ياپونىيە رادىيو ئىستانسىسى دېگەن ناملاردا كۆپرەك ئاتىلىدۇ.
2 f1 S9 y3 G9 U% u% Z% Q: P  ئۇنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى ‹‹ توكيۇ رادىيو ئىستانسىسى ››دىن باشلانغان بولۇپ، 1931-يىلىدىن تارتىپ،قىسقا دولقۇنلۇق چاستوتا تارقاتقان. 1935-يىلىدىن تارتىپ، ‹‹ ياپۇنىيە رادىيو ئىستانسىسى ›› نامىدا دۆلەت ئىچى-سىرتىغا  رادىيو  پىروگراممىلىرىنى تارقىتىشقا باشلىغان. NHK نىڭ باش شىتابى توكيۇدا، ياپۇنىيەگىلا  54 رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ، دۇنيادىكى 47  دۆلەتكە 34 باش شىتاب ۋە تارماق شىتاپلىرى تارالغان.دۇنيادىكى 79 تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ۋە ئاخپارات ۋاستىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، 20 خىلدىن ئارتۇق تىلدا پىروگرامما تارقىتىدۇ.كۈندىلىك پىروگرامما تارقىتىش مىقدارى 37 سائەتتىن ئاشىدۇ.نۆۋەتتە، ئۇنىڭ كەسىپ ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى رادىيو-تېلېۋىزىيە كەسپىدىن ھالقىپ، سىمسىز رادىيو-تېلېۋىزىيە تورىغا قەدەر قاپلاپ، دۆلەت سىرتىدىكى كۆرۈرمەن-ئاڭلارمەنلەرنى تېلېۋىزور، سىمسىز رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى، ھەتتا ، ھەقلىق كۆڭۈل ئېچىش تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا قەدەر تەمىنلىيەلەيدىغان ھالەتكە يەتتى، دائىرىسى ئاخبارات، مەدەنىيەت، مائارىپ، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇنلارغا  كېڭەيدى.ئۇ ئاممىۋېي تاراتقۇ سۈپىتىدە ئەڭ ئىلغار، زامانىۋېي  باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن دۇنيادىكى سانسىز ئابۇنتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ، تۈرلۈك سەرخىل پىروگراممىلار بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ،ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تاراتقۇغا ئايلاندى.
! m% a/ X8 a' B' J% M3 |   ئۇ ئۆز شۆھرىتى ۋە تەسىرىگە لايىق ھالدا ئۇزۇن، جاپالىق ۋە شانلىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن. 1924-يىلى قۇرۇلغان توكيو رادىيو ئىدارىسى، 1925-يىلى قۇرۇلغان ئوساكا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى NHK   ئۈچۈن تەجرىبە ئاساسى ھازىرلاپ بەرگەن.1926-يىلى ياپونىيە تاراتقۇ ئۇيۇشمىسى ( رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇيۇشمىسى ) مول تەجرىبە - سىناقلارغا ئىگە توكيو رادىيو ئىدارىسى ، ئوساكا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ، بىرلەشتۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان.دەسلەپتە ‹‹ سامۇرايخاننىڭ سالامەتلىكى ››، ‹‹ خەۋەرلەر ››، ‹‹ ھاۋارايدىن مەلۇمات ›› پىروگراممىلىرىنى ئاساس قىلىپ ئاڭلىتىش بەرگەن.دەسلەپتە قىسقا دولقۇندا  بىرىنچى يۈرۈش رادىيو قانىلىدا ئاڭلىتىش بەرگەن، 1930-يىلى رادىيو-تېلېۋىزىيە تېخنىكا تەتقىقات جەمئىيىتى قورۇلغاندىن كېيىن، ئىككىنىچى يۈرۈش رادىيو قانىلىمۇ تەسىس قىلىنىپ،ئاڭلىتىش  دائىرىسىنى كېڭەيتگەن.1935-يىلى خەلقئاراغا ( دەسلەپتە ئىنگلىز تىلىدا ) ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىغان.1941-يىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى خەۋەرلىرىدىن باشقا بارلىق سەھىپىلەر توختىتىۋېتىلگەن.2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە خەلقىنى روھلاندۇرىدىغان، قۇترىتېش خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنى ئاڭلاتقان بۇ تاراتقۇدا 1945-يىلى 15-ئاۋغۇست ‹‹ سامۇراي خاننىڭ تەسلىمنامىسى ›› ئاڭلىتىلغان .1945-يىلى 4-سىنتەبىر بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئالىي پەرمانىغا بىنائەن چەت ئەللەرگە قارىتىلغان ئاڭلىتىشى مەجبۇرى توختىتىلغان، ياپون تىلىدىكى ئاڭلىتىشلارغىمۇ ئېغىر چەكلىمىلەر قويۇلۇپ (ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەزمۇنىدىكى پىروگراممىلارغىلا يول قويۇلغان )، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتۈپ قالغان.1946-يىل 4-مارتتىكى كەڭ-كۆلەملىك ئىش تاشلاشتىن كېيىن  NHK دۆلەتنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزىۋېلىنغان .1950-يىلى رادىيو قانۇنى ئېلان قىلىنىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇنىي ۋەكىللىكىدىكى بۇرۇنقى ئەنئەنىسى يولغا قويۇلغان، ياپونىيە تاراتقۇ ( رادىيو-تېلېۋىزىيە ) ئۇيۇشمىسى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.1952-يىلى ‹‹ شەنبىلىك كونسېرت ›› پىروگراممىسى تەسىس قىلىنىپ، پىروگرامما مەزمۇنى تېخىمۇ كېڭەيگەن.1953-يىلى 1-فىۋرال NHK ئۇنۋېرسال چاستوتىسى رەسمىي يولغا قۇيۇلغان.12-ئايدا خەلقئارالىق ئاڭلتىشى قايتىدىن باشلانغان.1959-يىلى مەخسۇس مائارىپ چاستوتىسى كۆپەيتىلگەن.1963-يىلى دىكابىردا سىتېرو ئاۋازلىق ئاڭلىتىشنى باشلىغان. 1964-يىلى ئاڭلىتىش مەركىزى بىناسى قەد كۆتۈرۈپ ئەسلىھە نۇقتىسىدىن يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغان.تېخنىكا ، ئەسلىھە، سۈپەت جەھەتتىن ئاجايىپ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ ئىستانسىسا 1964-يىلى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە سەككىز مۇسابىقە تۈرىنى تېلېۋىزوردا (رەڭلىك شەكىلدە ) تارقىتىپ دۇنيادا زىلزىلە قوزغىۋەتكەن. بۇ دۇنيادىكى تۇنجى ‹‹ تېلېۋېزوردا تارقىتىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ›› سۈپىتىدە رادىيو-تېلېۋىزىيە تارىخىدىن ئىپتىخارلىق ئورۇن ئالغان .1965-يىلى سىتېرو ئاۋازلىق، رەڭلىك تېلېۋىزىيە چاستوتىلىرى تارقىتىشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرغان.1969-يىلىدىن باشلاپ، ئىككى خىل تىلدا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كونسېرىتلارنى تارقىتىشنى باشلىۋەتكەن.1973-يىلى NHK مەخسۇس تارقىتىش زالى پۈتۈپ ، بىۋاستە، نەق مەيدان تارقىتىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلغان.1974-يىلىدىكى نېفىت كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە بەزىبىر پىروگراممىلىرى ۋاقتىنچە توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئۇزاققا قالماي ئۆزىنى رۇسلاپ، يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تارقىتىش سەۋىيەسىنى نامايەن قىلغان.1977-يىلى  رەڭلىك شەكىلدە تارقىتىلىدىغان مائارىپ تېلېۋىزىيەسى پۈتۈن ياپونىيەنى قاپلىغان.1982-يىلى خەلقئارا ئۆلچەمدىكى  كۆپ تىللىق، كۆپ نۇسخىلىق تارقىتىشنى مۇنتىزىم رۇياپقا چىقارغان.1984-يىلى ئۇنۋېرسال چاستوتىسىنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزارتقاندىن باشقا، سۈنئىي ھەمراھ ئاڭلىتىشىنى سىناق قىلىشنى باشلىۋەتكەن.1987-يىلى سۈنئىي ھەمراھ بىرىنچى قانىلىدا سائەت 0 گىچە تارقىتىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغان.1994-يىلى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى، كۆپ يوللۇق  سۈنئىي ھەمراھ قانىلى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتكەن. 1995-يىلىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە بەزىبىر پىروگراممىلىرى ۋاقتىنچە توختىغان بولسىمۇ، يەنىلا كوزىر پىروگراممىلارنىڭ بىۋاستە، پاكىتلىق تارقىتىش ھالىتىنى  ساقلاپ قېلىپ، دۇنياغا تاراتقۇنىڭ قۇدرىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويغان.1997-يىلى ئۇنۋېرسال قانالنىڭ ،2000-يىلى مائارىپ قانىلىنىڭ تارقىتىش ۋاقتىنى 24 سائەتكە يەتكۈزگەن.ۋەزىيەت ۋە ئېھتىياجنى بايقاش ۋە يېتەكلەشكە ماھىر بۇ ئىستانسىسا 2003-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىدا ئالاھىدە خەۋەرلەر سەھىپىسى تەسىس قىلىپ، نەق مەيدانلىق، چىنلىق، تېخنىكا ۋە مەزمۇن سەۋىيەسى جەھەتلەردىن دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان.تاراتقۇ ساھەسىدىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيەنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئىلگىرلەۋاتقان بۇ ئىستانسىسا خەلقئارا قانىلىدا ،2008-يىلىدىن تارتىپ ئومۇمىيۈزلۈك ئىككى خىل تىل ۋە ئىككى خىل يېزىق ( ئېكران يۈزى يېزىقى ) تا تارقىتىشنى مۇنتىزىملاشتۇرغان. 2011-يىلىدىكى 24-ئىيول تەقلىدىي تېلېۋىزىيە سىگنالى تارقىتىشنى توختاتقان.رەسمىي ھالدا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيەدىكى  سىملىق تېلېۋىزىيە تورى دەۋرىنى كەڭ-كۆلەملىك باشلىغان.  9 l+ K5 ]1 D' r7 r( ^
   دەرۋەقە، NHK تارىخىدا ئاجايىپ شانلىق ۋە جاپالىق كەچمىشلەر مەۋجۇت. لېكىن ، ئۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قانلىق يىللاردا بولسۇن، 2011-يىلىدىكى يەرتەۋرەش ئاپىتى بولسۇن، پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدەك دۇنياۋېي ۋەقەلەر ۋە ياكى ئاددىي ئىنساننىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى بولسۇن، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي بىر تاراتقۇغا خاس رولىنى مۇستەقىل نامايەن قىلىپ كەلدى.
. `/ R- F, Z: J! j1 L! SNHK  نىڭ مۇنتىزىم   تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئەنە شۇ رولنى ئادا قىلىشتىكى ھالقىلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ قانال-چاستوتىلىرى مۇكەممەل بولۇپ،ئىلكىدە دۆلەت ئىچىدە ئۇنۋېرسال قانال ۋە مائارىپ قانىلىدىن تەركىبلەنگەن سىفىرلىق تېلېۋىزىيە قانىلى،مۇستەقىل ئىككى بۆلەكلىك سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قانىلى،1-،2-يۈرۈش ئامپلىتۇدىسى مودۇللانغان رادىئو قانىلى ،چاستوتىسى مودۇلياتسىيىلەنگەن رادىئو قانىلى بولغاندىن سىرىت ، خەلقئاراغا تارقىتىلىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى (   24 سائەت ئنىگلىز تىلىدا ھەقسىز تارقىتىلىدىغان ۋە 24 سائەت ياپون تىلىدا ھەقلىق تارقىتىلىدىغان ئىككى قانالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ۋە 18 خىل تىلدا قىسقا دولقۇندا ھەمدە  توردا ئاڭلىتىش بېرىدىغان ياپونىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىقلار بار .
3 m) D1 u9 z% e! y  ئادەتتە NHK ئاخبارات ئورگىنى بولۇپلا قالماي، يەنە كۈچلۈك ئىقتىساد، سەنئەت، مەدەنىيەت گەۋدىسى بولۇپ، NHK پاي چەكلىك شىركىتى،   NHK مائارىپ پاي چەكلىك شىركىتى،   NHK يەرشارى سىفىرلىق تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى،     NHK ئۇنۋېرسال غايە پاي چەكلىك شىركىتى ،    NHK پىلان –ئىستېگىراتىيە پاي چەكلىك شىركىتى ،     NHK ئوركېستىر ئۆمىكى،   NHK توكيو بالىلار خور ئۆمىكى،   NHK ئوقۇلى ( مەكتىپى )،  NHK  ساقلىقنى ساقلاش مەدەنىيەت گوروھى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇنىڭ ئىقتىسادى قۇدرىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئاشۇرۇپ تۇرغاندىن  باشقا، مەدەنىيەت، سەنئەت، مائارىپ جەھەتلەردە  تېخىمۇ زور ئىستىقبال ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ.  8 _' o) d6 X) [$ t
مانا مۇشۇنداق قۇدىرەتلىك تاراتقۇنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىشىدە شۈبھىسىزكى ، باشقۇرۇش سېستىمىسى مۇھىم رول ئوينىغان. ئەسلىدە مەمۇرىي سېستىمىدا 26 بۆلۈم بولۇپ، 2006-يىلى 20 بۆلۈمگە قىسقارتىلغان. ئەڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى نوپۇزلۇق مەمۇرلاردىن تەشكىللەنگەن باشقۇرۇش ھەيئىتى، نازارەتچى ۋە ئۇيۇشما رەئىسىدۇر.
  ~$ V* _; q! ]  باشقۇرۇش ھەيئىتى NHK نىڭ ئەڭ مۇھىم قارار – بەلگىلىمىلىرىنى چىقىرىدىغان ، ئىستېراتېگىيە بەلگىلەيدىغان ، مەمۇرلارنى بېكىتىدىغان ئورگىنى بولۇپ، ، ئادەتتە NHK نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.ئۇيۇشما رەئىسى ئەنە شۇ باشقۇرۇش ھەيئىتى سايلاپ چىققان ئەڭ ھوقۇقدار ئەمەلدار ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتۈش مۇددىتى 3 يىل.1926-يىلىدىن باشلاپ باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە ئۇيۇشما رەئىسى NHK نى باشقۇرۇپ كەلمەكتە.ھازىرقى رەئىس شىيۇەن باڭفۇ.! X" i- O9 {. n5 g- n+ H
   ھەيئەت ۋە رەئىسنىڭ باشقۇرىشىدا نازارەتچىلىك ئىشخانىسى، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى، ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، كاتىب ئىشخانىسى، ئۇنۋېرسال پىلان ئىشخانىسى، رادىيو باش ئىدارىسى، كۆرۈرمەنلەر مۇلازىمەت ئىدارىسى،كادىرلار ئىشخانىسى، تېخنىكا ئىدارىسى، بۇغالتېرلىق ئىدارىسى، خوجىلىق ئىدارىسى، تەتقىقات ئورنى ، ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى رادىيو باش ئىدارىسى قارمىقىدا يەنە  ئۈچ ياساش-كىرىشتۈرۈش مەركىزى، سۈنئىي ھەمراھ كىرىشتۈرۈش مەركىزى، ئاڭلىتىش ئىدارىسى،رادىيو تېخنىكا ئىدارىسى، خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خەلقئارا شۆبە ئىدارە قاتارلىقلار، كۆرۈرمەنلەر مۇلازىمەت ئىدارىسى تەۋەلىكىدە مۇلازىمەت ئىدارىسى، تىجارەت ئىدارىسى، تەشۋىقات ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار قاتارلىق تارماقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەممىسى ئۆزىگە خاس فونكسىيەلىك رولىنى نىسبىي مۇستەقىل ھالدا جارىي قىلدۇرىدۇ.
( F# N/ L$ K% s* c) x   ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەنگىليە رادىيو شىركىتى پۈتۈنلەي مۇستەقىل گەۋدە بولۇپ، ئاممىۋېيلىق ۋە شەخسىي خاراكتېرى كۈچلۈك. NHK مۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات قانۇنىي ۋەكىللىكىدىكى ئۇيۇشما بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئاساسەن بېقىنمايدۇ. لېكىن ، ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىدىن سەل پەرقلىق ھالدا، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوقمۇ ئەمەس.دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ تاراتقۇ بولۇش سۈپىتىدە ، زۆرۈر تېپىلغاندا ، دۆلەت مەبلەغ ئاجىرىتىدۇ. خام چوت ۋە ئۇيۇشما رەئىسى پارلامېنت تەرىپىدىن تەستىقلىنىدۇ. لېكىن ، بۇ NHK نىڭ ئاممىۋېي خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلىگەن ئەمەس. 6 [5 x( _  C# m5 _7 K
NHK  نىڭ ئاساسلىق كىرىمى ئابۇنتلارنىڭ كۆرۈش-ئاڭلاش ھەققىدىن ۋە ئېلاندىن كىرىدۇ.  تارماق شىركەتلىرىدىنمۇ نۇرغۇن پايدا تاپىدۇ. شۇڭا، بارلىق كۈچى بىلەن ئابونتلار ئەڭ ئېھتىياجلىق پىروگراممىلارنى تەسىس قىلىپ ۋە سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.خەۋەر ۋە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرىدىن باشقا ، ئېھتىياج، ئىلگىرلەش ، ئابونتلارغا يېقىنلىشىش ۋە يېتەكلەش جەھەتلەردىن تەسىس قىلغان ‹‹ كەلگۈسى ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز ››، ‹‹ سەنئەتكارنىڭ 102-ئىشخانىسى ››، ‹‹ مېنىڭ مەخپىيىتىم ››، ‹‹   نىڭ مۆجىزىلىك سەپىرى  ›› ...قاتارلىق پىروگراممىلارنى كۆرىدىغان بولساق، ئىنتايىن جەلىبكار، قىممەتلىك، ھاياتىي كۈچكە نەقەدەر باي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. بۇنداق سەھىپىلەر ناھايىتى كۆپ ۋە داۋاملىق تەسىس قىلىنىپ بارىدۇ ، ئەلۋەتتە. * v$ j8 p1 J% @% H) c4 N
NHK نى تاراتقۇ ساھەسىدىكى ئەڭ قابىل باشقۇرغۇچىلار، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر، مەسئۇلىيەتچان، قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ،ئۆتكۈر مۇخبىر-مۇھەررىرلەر،دۇنياۋېي سەۋىيەدىكى رېژىسسورلار، مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس،سىياسەتۋاز، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرى،  ئەڭ ئۇستا تېخنىكلار، چېچەن، ناتىق رىياسەتچىلەر...نىڭ كانى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىللىق ماكاندا ئىشلىگەن ھەر بىر خادىم  NHK روھىنى نامايەن قىلىپ ئىپتىخار ئىچىدە ياشايدۇ. ياراتقان ئۈنۈم-تۆھپىسىگە  لايىق نۇرغۇن پۇل-ئىقتىسادنىڭ ۋە نوپۇزنىڭ ئىگىسى. دۇنيا تاراتقۇ ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىنى NHK نىڭ ۋۇجۇدىدىن كۆرەلەيسىز. ئادەم تېلېۋىزۇردىنمۇ كۆرۈشكە پېتىنالمايدىغان قانلىق جەڭگاھلاردىن تارتىپ، تىلسىماتقا تولغان خارابىلەرگىچە، مېنىستىرلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ، تىلەمچىلەرنىڭ خۇرجۇنىغىچە ئاشۇ چېچەن مۇخبىرلارنىڭ ئىزىنى ئۇچرىتالايسىز. دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى چاقماق تېزلىكىدە كۆز-قۇلىقىمىزنىڭ ئالدىغىلا ئەكىلىپ قويىۋاتقان ئاشۇ تاراتقۇلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كېتىۋاتقان NHK نىڭ مەڭگۈلۈك شۇئارى : ‹‹ ھەرقانداق ماكان ، ھەر قانداق زاماندا ، NHK سىزنىڭ يېنىڭىزدا ››. بۇ شۇئارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە داۋاملىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بۇ تاراتقۇ ئىزچىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇش، ھەرقانداق پارتىيە-گوروھ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خاھىشىغا بويسۇنماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئەڭ ئۈنۈملىك، ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاڭلارمەن-كۆرۈرمەنلەرنى ھەقىقىي سفىرلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ سەمىمىي دوستى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
% l4 H; [- u" r8 t' }6 Y: H4 A- _

! ?: u! K/ R# c; F
% ~& p; u2 P+ ~7 E: ]4 i: @) D6 U9 F% S! N. m. z( r+ z
' r+ m" C( o$ B$ Y

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

2#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 09:32:10 |ئايرىم كۆرۈش
     دۆلىتاخۇن تاراتقۇسى
/ O0 b" t8 s; h5 ^& \, G9 r  
& z- N( p5 D2 j5 _4 L3 _2 W  Aباشقۇرۇش ھەيىتى: مېڭە' s0 e4 a5 ]! a! n, {
خەۋەر بەرگۈچى: ئېغىز
: n$ |' ~: J6 k& y0 S
( w# q& O- k* u! Q8 k  u0 c8 ]0 g$ i/ o      1-ئۈمۈت كۈنى  ئوڭ قول ئۆزىنىڭ بەش بارمىقى بىلەن  ئىشتاننىڭ ئىچىدە تۇرۇشلۇق سول پاچاقنى تاتلاپ يارلاندۇرغان.     بۇ كۈنى يەنە ئوتتۇرا مېڭە سوتى  سول قولنىڭ دائىم يانچۇقتىكى پۇللارغا خىيانەت قىلىدىغانلىقى ۋە قانۇنسىز جىنىسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى  توغرىسىدا ھۆكۈم جاكارلاپ ئۇنى مەڭگۈلۈك سىياسى سالاھىتىدىن مەھرۇم قىلدى.     * F1 E3 ~% a4 r$ V- ^
       3-ئۈمۈت سەھەر يۇقۇرقى بەدەن ئىككى پۇتنىڭ تۈز يوللاردا ، سىلىق مېڭىشىنى تەلەپ قىلىپ  تىنىچلىق نامايىش قىلغان.  ! n1 W$ Y( R3 h9 S; _9 R
   4-ئۈمۈت سەھەردە كەينى يولدىن تەبىئى گاز قېچىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بۇرۇننى قاتتىق بىئارام قىلغان.بەش سېكۇنتتىن كېيىن  قۇتقۇزۇش قوللىرى كېلىپ بۇرۇننى قۇتقۇزۇۋالغان.  
/ L' U/ T  |3 b2 ]8 F9 f  
  h6 k% ^# q8 l  I+ `! x     مۇستەقىل دۆلىتاخۇن تاراتقۇسى  سىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستىڭىز.4 Z8 {/ n* B" M( a  i& E+ p
      

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

3#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 01:07:53 |ئايرىم كۆرۈش
نەچچە ئايدا بىر پۇل يىغقىلى ئادەم كىلىدۇ
5 f2 N2 T2 o8 y/ y' Fئەخمەق قىلىشنى قولدىن بېرىپ باقمىدىم2 h8 ^+ V& C3 G8 r  x' ?
يېرىم كۈن ئاۋارە بولۇپ پۇل ئالالمىغاننى ئاز دەپ قۇرساق كۈپىگى بىلەن كىتىپ قالىدۇ...
) J: k/ s- T0 s9 C, aكىم ئۇلارنى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى بەرمىسۇن دەپتۇ!
9 f! I7 d) a9 b$ Q7 c$ |+ \ۋاقتىم چىقسا قىزىق چىققان دىئالوگلارنى رەتلەپ قوياي

9

تېما

0

دوست

7204

جۇغلانما

باغۋەن

4#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 07:33:01 |ئايرىم كۆرۈش
پۇل يىغقىلى ئۆيگە كىلەمدا؟

11

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

5#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 14:48:14 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر ھەققىدىكى خەۋەرنى ئۆينىڭ ئالدىغىلا ئەكىلىپ بەرسە بولامتۇلۇ ؟

11

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

6#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 14:49:48 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر ھەققىدىكى خەۋەرنى ئۆينىڭ ئالدىغىلا ئەكىلىپ بەرسە بولامتۇلۇ ؟

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

7#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 22:44:05 |ئايرىم كۆرۈش
بىرلا قېتىم  ئىمزايىڭىزنى قويدۇرۇپ بانكا كارتىڭىزنى تىزىملىۋالسا ئىككىنچى كەلمەيدۇ.
7 u% V5 i; D& u% Qمىنى تېخى تىزىملىماپتۇ.+ J. i% ]$ S' \' V. c
ئادەتتە ئالدىراش ۋاقىتلىرىمدا مەن ن خ ك نىڭ دەپ كەپ قالسا ئۈيۈمدە تېلىۋزور يوق دەپ قۇتلىشىمەن
$ m+ _# [# `& j; O, tيېقىندا ياپۇنىيەنىڭ تىلىۋىزىيە سىگنالىنى ئالماشتۇردى.ئۈيۈمدە تېلىۋزور يوق دىسە ھەيران قالىدىغان ئىشمۇ ئەمەس.+ j$ g4 ~5 I2 p; X! q2 e2 ~$ r
ئەمما بۇلار بۇنداق ئاسان بولدى قىلمايدۇ) Y  i9 ]% [% [+ A1 i' T
-ماشىناڭدا يول باشلىغۇچ بولسا شۇنىڭدا تېلىۋزور كۆرگىلى بولىدۇ.% u, z8 r2 W5 N. j
-پىراۋام يوق،ماشىناممۇ يوق.
/ S7 n, t9 F" ^0 F" ^-تېلفۇنۇڭنىڭ ۋانسېگ ئىقتىدارى بولسا...9 E; ^' J- Q& E( o6 Q
-تېلفۇنۇم ئالمىنىڭ.تېلىۋزور كۆرگىلى بولمايدۇ.- u+ }% a( F) Y6 H' j1 X
.....
7 M! f7 v- O& Q0 K1 k" Yئاۋارە قىلدىم دەپ كىتىپ قالىدۇ.8 a' z. `9 M, F9 C2 A( t
7 \8 O: X5 l# N+ r" D. i
سەل بىكار ۋاقتىم بوپ قالسا بۇنداق ئاسان قۇتلىشالمايدۇ ئەمما.
. r" m" a: c% N' Z

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

8#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 22:53:16 |ئايرىم كۆرۈش
-مەن ن خ ك دىن.سىگنال قۇبۇل قىلىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرمەپسەن،ئۈيۈڭدە تېلىۋزور بارمۇ؟7 N- _, c9 I5 h  D' i/ f  p
-بار.ئەمما مەن تېلىۋزور كۆرمەيمەن.كۆرسەممۇ سىلەرنىڭ ن خ ك نى كۆرمەيمەن.تېلىۋزورنى ئادەتتە ئۇيۇن ئويناشقا ئىشلىتىمەن.
  n; B: }) a% A" e, n; s- E6 _-باشقا قاناللارنى كۆرسەڭمۇ ن خ ك ھەققىنى تاپشۇرمىساڭ بولمايدۇ.
/ Z$ w  O2 b) J+ X; p0 R+ t-تېلىۋزورۇم كونا،يىڭىچە دىگىتاللىق سىگنالنى قۇبۇل قىلالمايدۇ.# Q# C+ ^% T0 z" y
-سىگنال قۇبۇل قىلغۇچ ئورناتساڭ بولىدۇ.تېلىۋزور بولسىلا رەسمىيەت بىجىرىسەن.
% {6 a: m- e# {6 n2 X7 q-ئۇنداق بولسا مۇنداق قىلايلى.مەن كونا تېلىۋزورنى ئىشلەتكىلى بولماي تاشلىۋېتەي دەپ تۇرغان.تاشلىساممۇ پۇل تۆلەيدىكەنمەن.تاشلىماي ئىشلەتمىسەممۇ يەنە شۇ.ئۇنىڭدىن سەن ئەكىتە بولدى.مەن چىقىمدىن قۇتۇلۇپ قالاي.$ e; v4 W+ [7 z
-ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟
1 L) I1 |7 R0 R5 s0 }; p* f-ئەمسە قانداق قىلساق بولىدۇ؟
4 S5 v9 ]6 O2 d0 {1 o% n% a/ n
4 Q4 ?7 u6 V, U; P....  z5 a0 s3 U8 D# p2 n. m- f
بىچارە يىغلىۋېتەي دەپ كىتىپ قالدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-5 23:48  
, C3 `2 @$ d# o" X/ J0 ~
8 n! H5 U+ K; }# H0 X, N

11

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

9#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:55:03 |ئايرىم كۆرۈش
مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ياشىغان بولساق  يەنە نېمە بولاتتى ؟!   زىيالى بەك سۈيۈندۈم ئىنكاسىڭىزدىن.

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

10#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:14:45 |ئايرىم كۆرۈش
مىنى ئۇششۇق كۆرۈپ قالدىڭلار ھەقاچان
: P8 g+ n8 `. k8 x  k, Dئۈستىدىكى ئىنكاسىم ئالدىنقى يىلى بولغان ئىش.7 M& ?3 C' d# Z3 d% m% E4 Q. B7 x; }- A
قىزىق تۇيۇلغاچقا باشتا يېزىپ قويغان يېرىم بار شۇ.
+ ~) F$ v" K! zبۇ ئىشنىڭ بېشى مۇنداق.: Z; j7 ~" u8 S" h0 z  F7 o
مەن بۇرۇن تۇرغان ئۆيگە بۇنداق دەپ كىلىدىغانلارنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەندۇق.; I9 r  ?& @4 F8 m* D1 z
مەكتەپ ياتىقىدا  ياتقىنىمدا بۇنداق ئىشمۇ بولۇپ باقمىغان.
! B3 Y4 Q* i+ X: M/ ?4 oكىيىن بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۈيىدە ئولتۇرساق شۇنداق دەپ كىلىۋىدى،«تەجرىبىلىك»بىرى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ ئۆگىتىپ قويغان.
3 p! |; U7 p$ R' H4 P* r2 L5 h" Lبەك جىق پۇلمۇ ئەمەس،تۆلىسىمۇ بولغىدەك زىيادە ئىش قىلغاندىن دەپ ئويلىغان بولىشىم مومكىن ئۆز ۋاقتىدا.; n0 B- T3 T' a# O/ }- x
ۋەتەندە ئىشلار بولدى.....- a; k2 ?: f! T, g( c. ~
شۇ ئىشلار بولۇپ نەچچە ئايدىن كىيىن تۇنجى قېتىم مىنىڭ يېنىمغا پۇل يىغىمىز دەپ كەلدى.
8 N6 D5 Z# |8 X9 w  @$ W3 {8 S-مەن ئۇيغۇر.بىلەمسەن؟2 E7 j: Z) c* A4 T1 L
-ئۇيغۇر؟بىلمەيدىكەنمەن.
  O$ b% Y! M9 w# M+ Z; h/ D/ q-سىلەرنىڭ ن خ ك نىڭ خەۋەر بەرمىگەندىن كنيىن بىلمەيسەندە.شۇنچە ئىش بولۇپ كەتتى بولمىسا...! J/ P: |. A$ B4 _8 E
-بۇ ئىشلارغا،قانداق خەۋەر تارقىتىشقا مەن مەسئول ئەمەس.
" @+ e$ N# k! l& e5 e-ئۇنداق بولسا مەسئول ئادەم پۇل يىغقىلى كەلسۇن.پۇلنى شۇنىڭغا بېرەي....
! Z5 i4 c0 i! q" V1 C  z' }
  \  b7 x6 n8 [0 _
2 r4 k% _8 G. R8 W% V7 |( Qجىق گەپلەرنى قىسقارتىۋېتىپ
$ f! S) Y2 Y1 A# X* [( Vشۇ ئىشتىن كىيىن پۇل يىغىمىز دەپ پات پات كەپ تۇرىدۇ.# B4 Q3 G( R' u1 `2 [3 J0 Z
مەنمۇ ۋاقتىمغا قاراپ سەل يۇۋاش،پوزىتسىيەسى ياخشىلىرىغا ياخشىراق،ناچارلىرىغا ئەسكەرەك قىلىپ ئەخمەق قىلىپ يولغا سەپ قويۇپ تۇرىۋاتىمەن.% O0 H0 V3 d/ d: N" O" U" s: z
پۇلنى تۆلىمەيمەن بۇندىن كىيىن بەلكىم.
8 u; L2 j- t& Y1 s8 _4 w; Lئۇنىڭسىزمۇ تېلىۋزورۇمدا پەقەت ئۇيۇن ئويناپ قويىمەن ئارىلاپ.
5 Q* ?7 J4 f0 {خەۋەرلەرنى توردىن ياكى گىزىتتىن ئوقۇيمەن.

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

11#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:25:53 |ئايرىم كۆرۈش
-سىلەر بەك قالاقكەنسىلەر.تېلىۋزور بولسىلا پۇل يىغىدىغان ئىش بولغاندىن كىيىن تېلىۋزورغا سىگنال قۇبۇل قىلىش ھەققىنى قوشىۋەتسەڭلارلا بولمىدىمۇ؟ئاۋارىچىلىقكەن بۇ ئايدا پۇل تۆلەش
/ o5 T: ~& V5 `2 _-شۇنداق قىلۋاتقان يەرلەرمۇ بار.8 v- \' s' r2 D; O6 j1 S! R0 \
-ئەمسە مىنىڭكىنى شۇنداق يەردىن ئالغاننىمە قىممەت دەيمەن تېخى!تېلىۋزورنى تاشلىۋەتسەم ئارتۇق تاپشۇرغان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرەمسىلەر؟/ p3 x/ v+ @: f: o* Q
-بۇ بۇ....
; s$ g4 P1 @2 ?; Z) Z! N
9 P1 J" N" n4 u

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

12#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 01:27:37 |ئايرىم كۆرۈش
مەن قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا

9

تېما

0

دوست

7204

جۇغلانما

باغۋەن

13#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 10:14:57 |ئايرىم كۆرۈش
يا پاناھ! سىز بىلەن ئىلىم-بىرىم قىلىپ سالىدىغانغا خۇدايىم ئۆزى ساقلىسىۇن. گەپ دىگەن تەييارلا ئىكەنغۇ.   E4 {4 t$ g- u3 B; h. C) C

5 r1 n5 }/ @+ j" L( o. B مىنىڭ ئۆيۈمگە كەلگەنلەرنى ئادەتتە مەن ھازىر ئالدىراش، جەدۋەللەرنى تاشلاپ كەتسەڭ مەن سەن بىلەن ئالاقىلىشىمەن دېىسەم ئىسىم-كارتىسىنى بىرىدۇ ھەم رەسمىيەت يۈزىدىن ئىلىپ ئىشنى ئاددىيلا بىر تەرەپ قىلىدىكەنمەن.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-6 11:39  / x3 w# S* t% m- m& l

2 C' [9 A' l. T2 ?

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

14#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 13:28:32 |ئايرىم كۆرۈش
ziyali يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 01:25 9 h5 s; ]. g9 @0 n
-سىلەر بەك قالاقكەنسىلەر.تېلىۋزور بولسىلا پۇل يىغىدىغ ...
2 w$ E. B+ ]1 S( B$ ^. K9 c! _) L
قانداق قىلسا شۇنداق قىلغىلى بولىدىغاندۇ؟ مەن بەكلا قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقراكەنمەن جۇمۇ.
This too shall pass

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

15#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 13:38:32 |ئايرىم كۆرۈش
ھاھاھا0 f% j7 B( H1 N
ما گەپنى
7 y5 u# W, ~8 L5 d. ^: Jبىر ئوبدان قىزىق گەپ قىلىپ بېرىۋاتسام
2 q8 g& Q4 }* fمەن بىلەن قورقماي ئېلىم بېرىم قىلىۋېرىڭ.! a6 t7 e; L6 @, q. o( R' M
سىزنى قۇيمايمەن
' c: v5 q2 |- i3 ]3 G7 A- N8 Y2 `7 \
3 o1 D9 I" D, p8 x8 Z3 R. O' C: Q# }" @
5 e5 r! y% S( n2 s& ^/ vن خ ك نىڭ تەشۋىقات تېمىسىغا باشقىچە پاراڭلارنى يېزىپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ كەتتىم.7 m% V0 w( l  s7 k; q) o+ W3 Q
تېمىدا ئېيتىلغانلىرىغا مەنمۇ قوشۇلىمەن.: Z8 N9 \1 A+ {* a$ j
مىنىڭ داۋاتقانلىقىم قىسمەنلىك خالاس.: q& y# I9 R: F- Y+ }" R9 _3 O) D
ن خ ك دىن باشقا يەرلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسىلىرى كۆرۈلۈش نىسپىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۇششاق چۈششەك ئۇچۇرلارنى،كوچا خەۋەرلىرىنى قوشۇپ تارقىتىدۇ.بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ن خ ك بىر قەدەر ئادىل ئورۇندا تۇرۇپ خەۋەر بېرىدۇ دەپ قارايمەن." u5 u+ ^% y8 ~; N6 J) U; R1 s
يىڭى كەلگىنىمدە تىل بىلمەيدىغان ۋاقىتلىرىمدا مەن بىردىنبىر چۈشىنىدىغان خەۋەرنىمۇ ن خ ك نىڭ بېرەتتى.0 S0 Y' x! d: l. Q6 U
مەكتەپتىن يېنىپ ئۆيگە كەلسەم يۇغان پاڭزىلارنىڭ چېلىشۋاتقانلىقىغا ئۈلگۈرۈپلا كىلەتتىم9 Z9 Q8 A4 o! U. x0 ^) k9 r
ھۇپ ھۇيىت  |7 Y- f6 ]4 h% Y6 o) d( A( U: x
يەنە چاقچاققا كەتتى

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

16#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 15:34:34 |ئايرىم كۆرۈش

3 y8 L4 c, ?9 q; R3 d& s4 l, y& m  ئۈگەندۇق مانا  .

2

تېما

0

دوست

2522

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

17#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 19:31:24 |ئايرىم كۆرۈش
ياپونىيەگە بىر خىل مېھرىم بار ئىشقىلىپ. ياپونىيەدىن كەلگەن بىر نەچچە ئائىلە بىلەن ياخشى ئۆتىمىز، ھەممىسى ياپونىيەنى شۇنداق مۇھەببەت بىلەن تىلغا ئېلىپ سۆزلىشىپ كېتىدۇ. بىز بىلەن تەكتۇش بىر جۈپلەر بار، بەك قىزىق گەپلەرنى قىلىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە ئادەمنى ئادەمدەك كۆرمەيدۇ، ياپونىيەدە ئاشخانىدا ئىشلىگەن ۋاقتىمدا ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن شامالغىمۇ سالام قىلاتتۇق، دەيدۇ كۈلدۈرۈپ. يەنە ياپونلۇقلارنىڭ قىزىق گەپلىرىنى دەپ بېرىدۇ، ئىنگلىزچىدىن قوبۇل قىلغان سۆزلۈكلەر بار، بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىپ، ئىنگلىزچە گەپ قىلسام چۈشەنمىدىڭ دەيدۇ، دەپ دوراپ بېرىدۇ. 2 z, c9 t. A+ H; |4 k
ھېلىقى بەك قىزىق پروگراممىلىرى بولىدىغان، يۇتۇبتىن پات-پات كۆرۈپ قويىمەن، No Laughing high school دېگەندەك. تېن تېن تېن تېن.....دېگەن يەرلىرى بەك قىزىق.

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

18#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 23:10:56 |ئايرىم كۆرۈش
كۈمۈش) ^6 u  u! @& S" }! r% W, b# A% ]
شۇنداق تېن تېن تېن دەپ ئولتۇرۇپ يۈزگىچە سانىغىنى خىيالىمغا كىلىپ قالسىلا يېرىم كۈن كۈلىمەن مەن' j. D& S. ?5 U6 f
ھەپتىلەرنى رەت تەرتىبى بىلەن ساناپ كىلىپ ئىسىگە ئالالماي بىلىدىغىنىمدىن باشلاپ دىسەم بولامدۇ دەيدىغان يېرىمۇ قىزىق
6 V. Z4 |+ K" V

9

تېما

0

دوست

7204

جۇغلانما

باغۋەن

19#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 23:12:54 |ئايرىم كۆرۈش
ziyali يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 13:38 0 e. r  ^& O! z$ I
ھاھاھا0 g, d& |8 L" L; s$ S
ما گەپنى
" E5 Y+ w5 |) C/ @- \6 S& b0 K( Cبىر ئوبدان قىزىق گەپ قىلىپ بېرىۋاتسام{: ...
$ g( u; X5 V7 ~' b+ [
مېنى قۇيمايدىغان ئىش بولسىلا مەيلىغۇ.
' f/ ~8 m# u! _0 [# u" o' N
( c# P# }' `, W$ ~NHK دىگەننى مەن ئالىي مەكتەپـتىكى ۋاقىتلاردا (2005) ئاڭلىغان، چۈنكى مىنىڭ بىر پىرافىسورۇم  (كىينىكى advisor ىم) شۇلار بىلەن بىرلىشىپ «قاناس كۆلىدىكى غايەت زور مەخلۇق» توغرىسىدا بىر فىلىم، كىيىن «تىبەت كېيىكى» توغرىسىدا يەنە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپتىكەن، بىزگە دەرسىخانىدا قويۇپ بەرگەنتى. شۇڭا مەندە ئۇلارغا قارىتا بىر ياخشى چۈشەنچە بار ئىدى.

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

20#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 23:47:02 |ئايرىم كۆرۈش
يىپەك يولى توغۇرلۇقمۇ ئىشلىگەن فىلىمى بار.. Z& `# E& X* z5 L+ y
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىگەن.  o# Q) q$ x/ f7 Q2 l0 g* s
+ a9 Q3 [$ g' O0 t* V
5 x: [9 D/ `; b; y/ F5 W# y
ئۇلارنى ئەخمەق قىلغاندىن سىرت، تېلىۋزورنى ئۇيۇن ئويناشتىن باشقىغا ئىشلەتمەيدىغىنىممۇ راست.8 ]" m6 |! P. B$ P3 V
مەن بەك ئۇشۇق ئەمەس ھەي.1 a! v, B: t' }# ?* n" ~+ B
قۇلىقىم بەك يۇمشاق مىنىڭ تىكەنقۇش ئايلا

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

21#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 09:35:56 |ئايرىم كۆرۈش
ziyali يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 23:47 , r+ b4 o+ Z, c3 {9 i; b9 E
يىپەك يولى توغۇرلۇقمۇ ئىشلىگەن فىلىمى بار.
- R- |- e( S3 s* b( Dھەقىقەتەن ي ...
1 Z" R) i) n. R
قۇلىقى يۇمشاق ئادەم ئۇلار ئىشىكتىن كىرىشىگىلا پۇلنى بەمەمدۇ دەيمەن * f! e! t  [9 w' N% \, d, S4 `2 m
3 B5 d; r- c# H! L' f
زىيالى توينى ياپوندا قىلسا شۇ بانىدا بېرىپ ياپونىيەنى يەنە بىر كۆرسەك بولاتتى مودا كىيىم ماگىزىنلىرىنى. بولۇپمۇ ياپوننىڭ ئاۋانگارد لاھىيلىگۈچىلىرى بەك جىق، نۇرغۇن ئىسىل ماركىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.
This too shall pass

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

22#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 17:15:55 |ئايرىم كۆرۈش
ھې ھې ما تېمىنىڭ مەزمۇنى نېرىدا قېلىپ ،مەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كۈلۈپ يېتىپ قاپتىمەن ، كۈلمەي دېسەممۇ كۈلىنىپ ...

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

23#
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 17:16:58 |ئايرىم كۆرۈش
ئوت-چۆپلەرنىڭ ھېچقانداق ئۇچىرىمۇ چىقمايدىكىنا ئىۋۇ بېشىنىڭ ئاستىدا ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 10:22 , Processed in 0.221074 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش