ماكسىم ناھايىتى قاتتىق پىئانىنىو مەشىقىنى باشتىن كەچۈرگەن . ئۇ 1975 – يىلى كرودىيەنىڭ ياردىلىيا دېڭىز ساھىلىدىكى شىبېنىك بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن . توققۇز يېشىدىن باشلاپ پىئانىنىو مەشىقىنى باشلىغان ( بىرىنچى قېتىم ئاشكارە ئويۇن قويغان ۋاقتىمۇ دەل مۇشۇ ۋاقىت ئىدى ) ، توپتوغرا ئۈچ يىلدىن كېيىن سىمفونىيە ئۆمىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھېيدىن {(1732 - 1809) ئاۋسترالىيىلىك كومپوزىتور. ۋېنا كلاسسىك مۇزىكا تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى.}نىڭ (ماژور بىلەن پىئانىنو تەڭكەش قىلىندىغان ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىسى )نى ئورۇندىغان . 1990 – يىلى ئۇ تۇرىدىغان يېزىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ ، ئۇرۇش قالايماقانچىلىقىدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى مارىيە سېكسو (marija sekso)بىلەن توختىماي مۇزىكا مەشىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . شارائىت بارغانسىرى ناچارلىشىدۇ ، ھەممە يەر خەتەرگە ئۆلۈم دۇنياسىغا ئايلىنىدۇ ، ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىر مەشىقىنى تاشلاپ قويمايدۇ . ئاشۇ جاپالىق يىللاردا ساگېلابو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە بىرىنچى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ . شۇنىڭدىن پرافىسسور ۋىلادىمېر كاپان (vladimir krpan) يېتەكچىلىكىدە سگېلابو مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا بەش يىل مۇزىكا ئۆگىنىدۇ .كىيىن بۇداپېشتتىكى داڭلىق لېست مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا مۇزىكا ئۆگىنىدۇ . بۇ جەرياندا (1999– يىلى ) ئۇ بۇداپېشت پىئانىنىو مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ . 2000 – يىلى پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ ئىگور لاسكو (igor lazko)دىن تەلىم ئالىدۇ . 2001 – يىلى پارىژ ئۆتكۈزۈلگەن پىئانىنو مۇسابىقىسىدا بىرىنچى بولىدۇ . كېيىن كرودىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پىئانىنو ساھەسىدە چولپانغا ئايلىنىدۇ . قېنى ئەمىسە ئۇ چالغان «مىسىردىن چىقىش خاتىرىسى » دېگەن مۇزىكا ھۇزۇرىڭلاردا بولسۇن .
|