گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 2571|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جمى پېج JIMMY PAGE

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1510

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-9 10:54:55 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

JEFF BECK نىڭ تېمىسىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك JIMMY PAGE مۇ 60-70.يىللاردىكى گىگانت گىتارچىلارنىڭ بىرسى بولۇپ 1944.يىلى9.قەھرىتاندا (يەنى بۈگۈن ) ئەنگلىيىنىڭ مىدىلسەكسدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ قوش دەستىلىك ئېلېكترونلۇق گىتار چېلىش ماھارىتى ۋە ئورنىنى روك تارىخىدا ھېچكىم باسالىغان ئەمەس.ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا گىتارغا زور ئىشتىياق باغلىغان. كىيىن "مۈشۈك پادىشاھى"ELVIS PRESLEYنىڭ"  Baby, Let's Play House "نىڭ تەسىرىدە روك مۇزىكىسىغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ.60.يىللارنىڭ باشلىرىدا JIMMYنۇرغۇنلىغان مۇزىكا ئەترەتلىرىنىڭ ئاۋاز ئېلىشىغا قاتنىشىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە Carter Lewis & the Southerners ،Neil chirstian ,& the Crusaders。لار بار ئىدى.تۇنجى قېتىملىق ئۇتۇقلۇق بولغان ئەسىرى بولسا 1963.يىلى Jet Harris & Tony Meehanنىڭ "DIAMONDS"ناملىق ناخشىسىغا گىتار تەڭكەش قىلىپ بېرىشى ئىدى.بۇ ناخشا تىزىملىكتە بىرىنچى بولۇپ باھالىنىدۇ،ھەمدە JIMMYمۇ ئەنگلىيىدىكى ئەڭ داڭلىق گىتارچى بولۇپ قالىدۇ.1966.يىلى ئۇ The Yardbirds قا قوشۇلىدۇ،ئۇنىڭ قۇشلىشى بىلەن،ئۇنىڭ يۇقىرى ماھارەتتىكى گىتار چېلىش ئۇسلۇبىThe Yardbirdsنىڭ نامىنى چىقىرىۋېتىدۇ.JIMMY بىلەن The Yardbirdsگويا تەڭ قىممەتتە ئىدى.1968.يىلى LED ZEPPLINقۇرۇلدى،JIMMYنىڭ تۆھپىسى بىلەن LED ZEPPLINنىڭ نامى تىزلا تارقالدى.ئۇLED ZEPPLINدا تۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ گىتار ماھارىتى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى،ۋە ئۇسلۇبى كۆپەيدى.يەنى روك تىن باشقا بىلۇېز ،خەلق مۇزىكىسى تەرەپلەردىمۇ پىشىپ يېتىلدى.ۋە LED ZEPPLINگە تېخىمۇ ھۆسن قوشتى.

yallah

 

         

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

2#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-9 05:45:16 |ئايرىم كۆرۈش

كېلشكەن گىتارچىكەن بۇ.

0

تېما

0

دوست

3227

جۇغلانما

باغۋەن

3#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-9 08:49:08 |ئايرىم كۆرۈش

بۇ ھازىرقى جىممىي پىيج

بۇ قىتىملىق بىيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك ئاخىرلىشىش مۇراسىمىدا  لوندۇنغا بىرىلگەن سەككىز مىنۇت ۋاقىتتا ناخشىچى  Leona Lewis  بىلەن بىرگە دەل مۇشۇ گىگانىت گىتتارچى جىممىي پىيج چىققانىدى .

توردىن ئىزدىسە شۇ ۋىدىيومۇ چىقىدىكەن ،ئەمما جىممىي پىيج  چىراق نۇرى ئانچە چۈشمەيدىغان پەشتاقتا گىتتار چالىدىكەن ،ئايال ئىيتقان ناخشىمۇ ئۇنچە ئېسىل ئەمەس، لىرىك ناخشىكەن.

Jimmy Page نىڭ مۇزىكا ئىلمىنىتىدا  سەھرا مۇزىكىسى ،پانك ، ئەنگىلىيە ئەنئەنىۋى مۇزىكىسى، ئوتتۇرا شەرق ،ھىندى ۋە لاتىن مۇزىكا ئىقىملىرى قاتارلىق نۇرغۇن مۇزكىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئىسكىرىپكا كامانچىسى بىلەن گىتتار دا سولۇنى  مۇزدەك چىلىپ قويىدىغىنى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ .

  1980-يىلى  دۇمباقچى  John Bonham ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا  Led Zepplin ئۇچار كىمە ئەترىتى تارقاپ كەتمىگەن بولاتتى  بەلكىم.

 

0

تېما

0

دوست

1510

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

4#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-10 20:06:42 |ئايرىم كۆرۈش

"يۇلغۇن"مۇزىكا ئەترىدىنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرىھىم سەنئەت كىچىلىگىدەLED ZEPPLINنىڭ خېلى كۆپ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بۇلىدۇ.يەنى ئەترەت باشلىغى ئەنىۋەر باس پۈتۈن مۇزىكىلارنى ئاكورىتلاشتۇرۇش،ۋە مۇزىكىنىڭ قۇرولمىسىنى تەڭشەشنى ئۈستىگە ئالغان،ۋە بۇلارنىڭ مۇزىكىسىدىن پايدىلانغان."سۇكۈتتىكى سادا"سەنئەت كىچىلىگىنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى نەق LED ZEPPLINنىڭ .

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

5#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-10 21:25:20 |ئايرىم كۆرۈش

توۋا!!!! لېدزاپلىننىڭ بۇ يازمىسىغا ئىنكاس كۆپ كەپ كېتەمدىكىن دەپ ئويلىغان... بۇ ئادەم بىر رىۋايەتقۇ... مۇزىكىغا قىززىقىدىغان باللار قېنى گۈللۈگتىكى...

ماۋۇ پەدە بەلكىم باشقا تونۇشمايدىغانلارنىمۇ بۇ تېمىغا سۆرەپ كىرەر...

 


Découvrez Jimmy Page!

 

قېنى ساماغا چۈشمەمدۇق!!!!

1

تېما

0

دوست

3000

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

6#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-12 15:45:06 |ئايرىم كۆرۈش
ياقەي،مەن تۆمۇر روزىكام بىلەن نەق مەيداندىلام پىچاق تىقىشىپ بولغان.شۇڭا... .باشقىلار بەلكىم قىزىقمىسا كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 09:59 , Processed in 0.126687 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش