گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 4611|ئىنكاس: 24
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پوپ سەنئىتى ۋە پىتىر بلەيك توغر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1150

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-28 21:22:20 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

پوپ سەنئىتى ۋە پىتىر بلەيك توغۇرسىدا(Peter Blake)

غەرىپنىڭ ھازىرقى زامان گۈزەل-سەنئەت ئېقىمى،پوپ دىگەن سۆز (Popular)نىڭ قىسقارتلمىسى بولۇپ،مەنىسى پوپ سەنئىتى بولىدۇ.پوپ سەنئىتى ئابىستىراكىت ئىپادىلەش شەكلىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىدىيىسىدە بولغان بەلگە ھىساپلىنىدۇ.پوپ سەنئىتىنى ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا،ھازىرقى زامان تۆۋەن قاتلام سەنئەت بازارىنىڭ باشلىنىش قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

   1960-يىلى پوپ سەنئىتى ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكىدا كەڭ كۆلەمدە ئەۋجى ئىلىشقا باشلايدۇ،ھەمدە شۇ دەۋىرىگە ماس كەلگەن نۇرغۇن سەنئەتكارلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.كېيىنكى پوپ سەنئىتى ھەممىسى دېگۈدەكلا ئامېرىكىنىڭ ئاممىباپ مەدىنىيىتىنى تەسۋىرلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

پوپ سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇ مودا  كىيىم –كىچەك ساھەسىگە ئالاھىدە رول ئوينىغان.نۇرغۇنلىغان كىيىم لاھىيەلىگۈچى ۋە  تەكشىلىك لاھىيەلىگۈچى ئۇستاملار بىۋاستە ياكى تەدىرىجى ھالدا پوپ سەنئىتىدىن ئىلھام ئالىدۇ.

پوپ سەنئىتى(Pop Art)

    پوپ سەنئىتى ،ئاممىباپ سەنئەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇ ئاممىباپ مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن سەنئەت ئوتتۇرسىدىكى    ئۆزگىچە سەنئەتلىك تۆرەلمىسىدۇر.ئۇ 50-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى  ئەنگىلىيە گۈزەل-سەنئەت ھەركىتىنىڭ  مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ.(پوپ سەنئەتكارلىرى)دەپ ئاتالغان سەنئەتچىلەرنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇلار مودا بولغان تاۋار مەدىنىيىتى بىلەن شەھەر تۇرمۇشىنى ئاساسلىق تېما قىلىدۇ.ئىجادىيەت قىلىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىلىرىمۇ سودا سانائىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ دەۋىر ئالاھىدىلىكىنى ئەينەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

پوپ سەنئىتىنىڭ ئەنگىلىيەدە بارلىققا كىلىشى                     

بەلىكىم چولپانلار تۈسىنى ئالغان سەنئەتكار ئاندىي ۋارخول(Andy Warhol)ئامېرىكىدا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر پوپ سەنئىتىنى ئامرىكىدا بارلىققا كەلگەن دەپ خاتا قاراشتا بولۇپ قالغان.ئەمىلىيەتتە بىرىنچى پارچە پوپ سەنئىتى 1956-يىلى ئەنگىلىيەلىك رىچارد خامىلتون(Richard Hamilton)نىڭ:{قايسى نەرسە ھازىرقى ئائىلىلەرنى ئوخشىمايدىغان قىلىپ،ئادەملەرنى جەلىپ قىلىۋالدى؟(Just What Is It that Makes Today's Homes So Different, So Appealing?)}ناملىق چاپلاپ قۇراشتۇرغان ئەسىرى ھازىرقى رەسىمچىلىك تارىخدىكى بىرىنچى پارچە پوپ سەنئىتى ھىساپلىنىدۇ؛1958-يىلى ئەنگىلىيەلىك سەنئەت ئوبزۇرچىسى لاۋرىنسى ئاللوۋېي(Lawrence Alloway)ئەڭ دەسلەپكى چىقارغان قۇرلۇش لاھىسى(Architectural Design)دە پوپ سەنئىتى ئۇقۇمىنى يازغان.

داڭلىق پوپ سەنئەتكارلار:

رىچارد خامىلتون(Richard Hamilton)

پىتر بىلەك(Peter Blake)

 

كەيىس خارىڭ(Keith Haring)

داۋىت خوكنېي(David Hockney)

جاسپىر جونىس(Jasper Johns)

 

روي لىچىنشتايىن(Roy Lichtenstein)

 

پىتر ماكىس(Peter Max)

 

كىلايىس ئولدىنبورگ(Claes Oldenburg)

روبىت روزچىنبېرىك(Robert Rauschenberg)

جامىس روسىنكۇيىست(James Rosenquist)

ۋېيىن دىيبورد(Wayne Thiebaud)

 

ئاندىي ۋارخول(Andy Warhol)

 

(草間彌生)草间弥生

(タカノ綾) 高野绫

 

    پوپ سەنئىتىنىڭ ئاتامىنى پىتىر بلەيك

   

پىتىر بلەيك(Peter Blake)1960-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ سەنئەت تەتقىقات مەركىزى(Institute of Contemporary Arts)دە يالغۇر كىشلىك پوپ سەنئىتى كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرىدۇ،ھەمدە 1961-يىل ئەنگىلىيە خەلقىگە نىسبەتەن بۆسۈش خارەكتىرلىق (ھازىرقى دەۋىر ياشلار سەنئەت كۆرگەزمىسى)نى ئۇيۇشتۇرۇپ،ئەڭ داڭدار پوپ سەنئەتكارلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالىدۇ.1967-يىلى ئۇ، كېيىن تارىخى ئابىدە بولۇپ قالىدىغان ئالبوم مۇقاۋىسىنى،يەنى قوڭغۇز كۈي ئەترىتىنىڭ (Sergeant Pepper’s Lonely Hearts Club Band)ناملىق ئالبوم مۇقاۋىسىنى لاھىيەلەپ چىقىدۇ.ئۇ پوپ سەنئىتىگە  ئالاھىدە زور تۆھپە قوشقان،ھەمدە بۇ ئەمگىكى ئۈچۈن  ئەنگىلىيە "پوپ سەنئىتىنىڭ ئاتامىنى"دىگەن مىدالىغا ئېرىشىدۇ.

   كۆلىمى ئەڭ زور بولغان كۆرگەزمە

   تاتى لىۋىرپۇل(Tate Liverpool)كۆرگەزمە سارىيىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ،لىۋىرپۇل ئوغلى دەپ نام ئالغان پىتىر بلەيكنىڭ كۆرگەزمىسى، تارىختىن بۇيان ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە ھىساپلىنىپ كەلگەن.بۇ سەنئەتكارنىڭ بۇرۇنقى ۋەكىل خارەكتىرلىق ئەسەرلىرى بىلەن ھازىرغىچە جامائەتكە ئاشكارلىمىغان ئەسەرلىرى يىغىلىپ،زال ئىچىنى ئىنتايىن جانلاندۇرۋىتىدۇ.ئامما كۆزلىرىنى  ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈزەلمەي قالىدۇ،مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پىتىر بلەيك ئىجادىيىتىدىكى ئۇتۇق ھىساپلىنىدۇ.

   50-يىللاردا پۈتكەن بالكوندا(On the Balcony)ناملىق ئەسەرمۇ پوپ سەنئىتىنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىق ئىجادىيەتى ھىساپلىنىدۇ،شۇ ئەسەردىن بىز پىتىر بلەيكنىڭ، ئاممىباپ مەدىنىيەت بىلەن ساپ سەنئەتنى ئىنتايىن مۈكەممەل دەرىجىدە بىرىكتۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.بۇ ئەسىرى قاراشتا پارچە-پارچە رەسىملەرنى چاپلاپ پۈتتۈرگەندەك ھىسىيات بەرگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە ھەممىسىنى بىر-بىردىن سىزىپ چىققان،رەسىمدىكى جىم تۇرغان قىياپەتلەردە خۇددى بالىلىق چاغلاردىكىدەك ھەيرانلىق،ھەمدە گۆدەكلىك كەيپىياتلار ئۇرغۇپ تۇراتتى،ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ھازىقى زامان ژورنالللىرى ۋە ماقالە پاچىلىرى چىچىلىپ ياتقان بولۇپ،بۇ مۇھىت بىزنى، ھازىرقى مەدەنىيەتنىڭ مەنىسى نىمە؟دىگەنگە ئوخشاش بىر قاتار  خىياللارغا باشلاپ كىرىدۇ.رەسىمدە يەنە رىيالىستىك رەسسام ئىدۇۋارت مانېتنىڭ(Edouard Manet) ئەسەرلىرىمۇ قىستۇرۇلغان بۇلۇپ،خۇددى ئاپتورنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن جاۋابىنى ئاشكارلاۋاتقاندەك تۇيغۇلارنى بېرىدۇ.

   پىتىر بلەيكنىڭ پوپ شامىلى لاھىيە ساھەسىگىمۇ بۆسۈپ كىرىدۇ،60-يىللاردىكى قوڭغۇز مەدىنىيىتىدىن باشلاپ يېقىنقى 10يىل مابەينىدە ئەنگىلىيەدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن  بوستان(Oasis) ئەترىتىگىچە ،پىتىر بلەيكنىڭ روك كۈيلىرىگە بولغان ھېرىسمەنلىكىنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.ئۇ يەنە، پىلاستىنكا ئالبوملىرىنىڭ مۇقاۋە لاھىيەلىنىشىدىكى بىر يېڭى ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.قوڭغۇز ئەترىتىدىكىلەر ،ئالبوم مۇقاۋىسىغا ئىككى خىل ئوبرازدا چىقىدۇ،بىرسى كاستوم بىلەن يەنە بىرسى خىپىيچە  (خىپپي (HIPPY) لار)      .ئۇلارنىڭ يوقۇر قىسمىغا نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئەرباپلارنىڭ سۈرەتلىرى قىيىپ ئىلىپ چاپلىنىدۇ،ئاستى تەرىپىگە گۈللەر بىلەن ھاسىل بولغان كۈي ئەترىتىنىڭ نامى چىقىدۇ،ئۇلار بىرىكىپ كۆرۈش سەزگۈلىرىمىزنى غىدىغلاپ، بىزگە بىرخىل قالايمىقان ،رەڭدار،بىراق ئىنتايىن ئاممىباپ  بولغان  يۇمۇرىستىك تۇيغۇلار ئارقىلىق،"پوپ روھىنى"بىزگە نامايەن قىلىپ بەرگەن.

    پىتىر بلەيكنىڭ ئەسەرلىرى ئاممىباپ مەدىنىيەتنى يادىرو قىلىدۇ،بۇ پوپ سەنئەت پىرى دەپ ھىساپلانغان داڭلىق شەخىسنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ رەڭدارلىقى،يوقۇرى تېخنىكىلىقى،ھازىرقى دەۋىرنى ئەينەن ئىپادىلىشىدىن،     شەيئىلەرنىڭ خارەكتىرى،ئاممىباپ مەدەنىيەت،ئارزۇ،قەھرىمان ۋە ئۆتمۈش ئەسلىمىلىرىنى تاپالايسىز.

(بۇ تىمىنى رۇقسەتسىز كۈچۈرمەڭ،بولمىسا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز....)

 

 

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-29 00:25:19 |ئايرىم كۆرۈش

pop art غا ئايىت جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم...رەھمەت سەپەر... 

بۇ ئالاھىدە سەنئەت تۈرىنى ياقتۇرىمەن..بولۇپمۇ andy warholنى..دېگەنغۇ بۇنى..

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-29 08:46:26 |ئايرىم كۆرۈش

بۇ توغرىسىدا بۈگۈن ئېنىق بىر  مەلۇماتقا ئىگە بولۇشىم، گەرچە ئەندي ۋاخولنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلساممۇ،

   رەھمەت سەپەر!

2

تېما

0

دوست

5911

جۇغلانما

禁止发言

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-29 22:44:27 |ئايرىم كۆرۈش

توۋا  ئەسلى بىز كۆرۈپ كېلىۋاتقان بەزى رەسىملەر پوپ سەنئىتىگە تەۋە كەندە

سەپەر ئاتتەك رەھمەت

0

تېما

0

دوست

175

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-29 14:15:35 |ئايرىم كۆرۈش
مەن بىلمەيدىغان نەرسىلە كوپكەن ~~پوپ سەنىئتىنى  بىلىۋالدىم~~~رەخمەت~~خېلى جاپا تارتىپسىز~~

0

تېما

0

دوست

1150

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-29 18:00:35 |ئايرىم كۆرۈش

بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزەمگە بەك ياققىنى كىلايىس ئولدىنبورگ(Claes Oldenburg)،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئاتتەك ئىكەن،بۇلۇپمۇ كىچىك نەرسىلەرنى ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە يوغانلىتىپ بىزگە ئىپادىلىشى

 

 

 

 

بىز تۇرمۇشتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالىمىز،لېكىن بۇ سەنئەتكارلار ئىلھاملىرىنى دەل بىز ئۇنتۇلۇپ قالغان يەرلەردىن ئىزلەيدۇ.تۇرمۇش كۈزۈتۈش ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش..................

 

 

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-29 21:46:23 |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن قالتىسكەن

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-29 21:53:07 |ئايرىم كۆرۈش

Bu xil téma bashqa Uyghur tor betliride yoq, Peqet GüllüGdila bar

Söyümen séni GULLUG

 

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

9#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-30 10:15:34 |ئايرىم كۆرۈش

بىتىلىسنىڭ ئالبومىدىكى رەسىمدە ئۇلارنىڭ كاستيوم كىيگىنىنى كۆردۈم. لىكىن يەنە بىرسىنى ھەرگىز خىپپىي دىمەيمەن.

ھەراست. بوستان ئانسامبىلىنىڭ قايسى مۇقاۋىسىنى لاھىيلەپتىكەن پىتىر بلەيك؟؟ كۆرۈپ باقايلى...

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

10#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-30 00:12:09 |ئايرىم كۆرۈش

ipod نىڭ ئېلانلىرىمۇ پوپ سەنئەت تۈرىگە كىرىدىغۇ دەيمەن ھە...

ھازىر نۇرغۇن داڭلىق كيىم كېچەك لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ لايىھەلىرىدىمۇ pop art ئۇسلۇبى ۋە ئېلىمنتلىرىنمۇ داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرغىلى بولىدۇ.

تىپىك ۋەكىللىدىن ئىتالىيە داڭلىق  ماركىسى Emilio pucci ..ھەر پەسەللىك لايىھەلىرىدە pop art تۈسى قويۇق.. لايىھەلىرى رەڭدار،ئېنىق،ھەرخىل گىئومېتىرىيىلىك  شەكىللەر ۋە نەقىشلەر... ئېمىلىيو پۇسىنىڭ لايىھەلىرى بۇ ئۇسلۇبنى ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىپ كەلمەكتە...

 

 

 

 

 

ئىتالىيىنىڭ يەنە بىر داڭلىق ماركىسى Missoni مۇ pop art ئۇسلۇبىنڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان..

 

Roberto cavalliنىڭ يېڭى بازارغا سالغان  بىلەيزۈكى..

Anya kindmarch لايىھەسىدىكى سومكا:

پوپ سەنئىتىنىڭ fashion ساھەسىدىكى تەسىرى خېلى زور..مەيلى كىيىم كېچەك،ئاياغ سومكا ۋە ياكى باشقا تۈرلەردە بولسۇن.

pop art  ئۇسلۇبىدا گىرىم قىلىش:  Diorنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى John Galliano بۇ ئۇسلۇبنى تولاراق ئىشلىتىدۇ.

        

Andy warhol نىڭ ئېيىتقىنىدەك :Don't be pushy,but let everybody knows you. 

 

 

 

0

تېما

0

دوست

1150

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

11#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-30 22:11:21 |ئايرىم كۆرۈش

punkشۇ دەۋىردىكىلەرگە نىسبەتەن ئاشۇ كىيىملەرنى كىيىۋېلىش (خىپىي)مەدىنىيىتىگە سىموۋۇل قىلىنغان،كىيىم كىيىشتە خىپىيلارنىڭ قىلىپلاشقان ئۆلچىمى يوق،ئۇنىڭ ئۈستىگە،ھازىرقى خىپىيچىلاردىن بۇرۇنقىلارغا سىلىشتۇرغاندا زور پەرىقلىنىپ كەلگەن،قوڭغۇز مەدىنىيىتى بىلەن خىپي مەدىنىيىتى ئەينى دەۋىردە ئورتاقلىقى ئىنتايىن بىردەكلىككە ئىگە،بوستان ئەترتىنىڭ ئالبوملىرىنى ئىزلەۋاتىمەن،چۈنكى مەن بۇ تىمىنى تەرجىمە قىلغان،بەزى ماتىرياللار تولۇق ئەمەسكەن.،،،،،،،داۋامى بار،،،،

تۆۋەندىكى ئالبومى بولىشى مومكىن،ئۇسلوپ جەھەتتە Peter Blakeنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشايدىكەن

1996

0

تېما

0

دوست

1150

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

12#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-1 17:44:11 |ئايرىم كۆرۈش

ۋېيىن دىيبورد(Wayne Thiebaud)

ئۇ قارىغاندا تاتلىق تۈرمىلەرگە ئىنتايىن ھېرىسمەن ئادەم ئوخشايدۇ

 

 

 

0

تېما

0

دوست

340

جۇغلانما

游客

13#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-2 13:41:08 |ئايرىم كۆرۈش

 you great

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

14#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-16 23:30:14 |ئايرىم كۆرۈش

2007-يىلى مىلان پارىژ كيىم كېچەك ھەپتىلىكلىرىدە ھەر قايسى داڭلىق ماركىلارنىڭ لايىھەلىرىدە pop art ئۇسلۇبىنى ئەڭ كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.. كيىم كېچەك لايىھەلىشىگە تەسىرى خېلىلام كۈچلۈك بۇ سەنئەت تۈرىنىڭ.

1.Versace ۋېرساج.

2.  Yves saint Laurentئىۋ سەڭ لۇغوڭ.

3.Etro ئېترو.

4.Gucci. گۇچى.

5. Emanuel Ungaro.  ئانگارو.

 

 

 

 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

15#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-18 15:46:41 |ئايرىم كۆرۈش

ياپونلۇق 草间弥生ئايالنىڭ پوپ سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى ئاجايىپ تۇيغۇلار 

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

16#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-19 10:11:47 |ئايرىم كۆرۈش
ئادەمنىڭ قوققىسىنى كەلتۈرىدىكەن.....

0

تېما

0

دوست

78

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

17#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-1 16:01:31 |ئايرىم كۆرۈش
ئەندىي ۋارخول! ئىتنىڭ بالىسى! سېرىق فىلىم ئىشلەيدىغان شېۋىتسىيىلىك رېژىسسورلارمۇ بۇنىڭدىن مىڭ ياخشى، بۇنىڭ نەرسىلىرىنى سەنئەت دېگىلى بولامدۇ، پۈتۈن ئەسەرلىرىدىن ئىسپېرما ۋە خىروئىن پۇراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن"زاۋۇت قىزلىرى"نى ۋەيران قىلدى.

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

18#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-2 15:04:49 |ئايرىم كۆرۈش

ئاكىلىس ئۇ ياپونلۇق ئايال ماقسىدىگە يېتىپتۇ،

joshuaئىسمىڭىزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن؟

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

19#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-2 16:23:53 |ئايرىم كۆرۈش
پوپ سەنئىتى ئۆز دەۋىرىدىكى ئەڭ كىلاسسىك نەرسىلەر.

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

20#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-3 14:52:00 |ئايرىم كۆرۈش

ئاندىي ۋارخولنىڭ  يوقارقى رەسىمدىن ئىسپېرما ۋە خېرويىنلارنى ھىس قىلالمىدىم.joshuaبولسا چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز،بىلىۋالساق ئىنتايىن ياخشى ئىش بۇلاتتى........

ئاندىن سىزنىڭ(joshua)ئىسمىڭىزدە ئاجايىپ بىر مەنا باردەك قىلىدۇ،چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

11

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

21#
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 13:57:56 |ئايرىم كۆرۈش
مەن تېخى كۆرمىگەن كونا نادىر تىمىلار كۆپ ئوخشايدۇ گۈللۈگتە.

0

تېما

0

دوست

135

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

22#
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 14:53:14 |ئايرىم كۆرۈش
2009- تىن ئىلگىرىكى بىز كۆرمىگەن  تېمىلارنى تۈزەپ قويىدىغان بىر پىدائىي چىقمىدى .

باھا سۆز

David  ئىككىلىسى مەنغۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 20:07
Tikenqush  داۋۇتجان سىز ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىۋالدىڭىزما؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 19:49

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

23#
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 19:36:46 |ئايرىم كۆرۈش
zztop يوللىغان ۋاقتى  2008-12-18 15:46 7 U) ?) j5 ?  n
ياپونلۇق 草间弥生ئايالنىڭ پوپ سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى ئاج ...
" }  p: h( c2 U% U! N9 D5 ~6 Z
مېنىڭ يېقىن دوستۇم، كىيىم لاھىيلىگۈچى، مۇشۇ ئايالغا بەك قىزىقىدۇ، سومكا مايكا دىگەنلەرگە مۇشۇنداق پولكا رەخلەرنى جىق ئىشلىتەتتى، مەنمۇ ياپونلارنىڭ بەك چرەند مودىسىنى تازا بىلىپ كىتمەيمەن لېكىن دۇنيادا ئاۋانگارد ئورنىدا تۇرىدىغىنى ئېنىق.* Y0 }$ X0 `" t2 Y% T! A
---; |9 _, p* S% a
جوش ئاشۇنداق جۆيلۈيدۇ ئۆزى چۈشەنمىگەننىڭ ھەممىسىنى ئاپىرىپ ئەخلەت  دەيدىغان. مەنغۇ بەك ھەۋەس قىلىمەن ئاشۇنداق نومۇس قىمايلا خەقنى reject قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغانلارغا لېكىن.
This too shall pass

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

24#
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 19:47:34 |ئايرىم كۆرۈش

+ l, x  v5 t0 S# C7 J/ `  ?# `/ M0 H2 m8 S5 e/ H$ |

/ f( |' S- I' n+ U1 R& e1 q: f4 \+ [+ a& f# ^. }  I) ]( u
. G0 j0 G' f, X1 h) [
. c$ b" a7 u$ \% {; f
پەيزىكەن ، بىرلىشىپ كەتمەك...
This too shall pass

1

تېما

0

دوست

-14

جۇغلانما

سامان

25#
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 14:51:41 |ئايرىم كۆرۈش
پەيزىكەنغۇ ما رەسىملەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 08:50 , Processed in 0.301289 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش