گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 17468|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رەپ ناخشىلىرى ۋە ئۇنىڭ بىزدە ئىجاد قىلىنغان تېكىستلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 11:25:59 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئاپتورى: غەيرات ئا ئوزغار  ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تورى  http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_126182.htm
& G8 a% @# j7 a+ M0 g* w3 S$ m* E7 U3 Z

6 E  h0 f0 m2 ~- K' y, k+ m' P8 ?
/ I% `4 d4 l) F

! K; B3 s: x4 x+ I
! y9 L% {- C7 k4 V8 Z' |  T    شەھەر ئەدەبىياتى دېگىنىمىز شەھەر تۇرمۇشى، يەنى شەھەر كىشىلىرىنىڭ مىجەز- خاراكتېرى، ئوي- خىياللىرى، ئىنتىلىش- ئارزۇلىرى، تۇرمۇش كارتىنىلىرى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شەھەر ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ ۋەقەلىكى شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا قانات يايىدۇ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، شەھەر قىياپىتىنى تەسۋىرلەيدۇ، شەھەر تەسىراتلىرىنى بايان قىلىدۇ، يېزا- قىشلاقلار بىلەن پەرقلىنىدىغان شەھەر خەلقىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئېلىمىز ۋە ھەرقايسى ئەللەر ئەدەبىياتىدا شەھەر ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق ئەسەرلەرنى ئەدەبىياتنىڭ باشقا مەزمۇنلىرى بىلەن بىللە بارلىققا كەلگەن دېسەكمۇ، لېكىن ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەدەبىياتنىڭ تەسۋىرلەش ئوبيېكتىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى ئۇنىڭدىن خېلىلا كېيىن باشلاندى. شەھەر ئەدەبىياتىنىڭ مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىنىشى بىزدە تېخىمۇ كېچىكىپ باشلاندى. شەھەر مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن ھەر بىر يېڭىلىق ۋە يېڭى ھادىسىلەر شەھەرنىڭ ئۆز شارائىتىدىن بارلىققا كەلگەندىن تاشقىرى، كۆپرەك تاشقى مۇھىتنىڭ، تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشى يېزا- سەھرا كىشىلىرىگە قارىغاندا، شەھەرلىكلەرنىڭ ئېڭىغا تېزرەك، كۈچلۈكرەك تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۆزگىرىشچان شەھەر مۇھىتى ئۆز تېنىدە نۇرغۇن يېڭى تۇغۇندىلارنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. بۇ تۇغۇندىلار شەھەر ئەدەبىياتىدا ئۆز ئەكسىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىلىپ، بىر ئىزغا سېلىنىدۇ. بۇنداق ھادىسىلەرگە بىپەرۋا پوزىتسىيىدە تۇرساق، ئۇ ھەر خىل چاتاقلاپ، ئەدەبىياتىمىزغىلا ئەمەس، ھەتتا پۈتكۈل مەنىۋىيىتىمىزگە توڭ غورىلارنى، قىرتاق مېۋىلەرنىلا بېرەلىشى مۇمكىن، ناۋادا ئۇنىڭغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىپ، ئارتۇقچىلىقى بىلەن يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسەك، شېرىن مېۋىلەرنى بېرىشىمۇ مۇمكىن./ P: P+ N* o, Y5 n8 M
    ھازىر قىسمەن ياشلىرىمىز، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردىكى بەزى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا مودا بولۇپ، كەڭ تارقىلىۋاتقان رەپ (Rap) ناخشىلىرى (بىزچە قىلىپ ئېيتقاندا، گەپ ناخشىلىرى) بىزگە نىسبەتەن يېڭى شەيئىي بولۇپ، پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولسىمۇ، ئۇنىڭ تېكست قۇرۇلمىسى يەنىلا ئەدەبىياتنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ. بىز دەۋرىمىزدە، رايونىمىزدا بارغانسېرى ياشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۆگىنىدىغانلار، مۇزىكا ئەترىتى قۇرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەر خىل ناخشا تېكستلىرى ئەبجەش مۇزىكىلارغا سېلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، بۇ خىل ھادىسىگە ئىپادىسىز قاراپ تۇرساق، ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىمىز. ھەر ھالدا بۇ خىل ھادىسىنى توغرا تونۇپ ھەم ياشلارغا توغرا تونۇتۇپ، بۇ خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاشقا يول كۆرسىتىش بىز ئۈچۈن پەرز ھەم قەرز.3 B( g2 a5 K. c$ }  L
    مەن بۇ يازمامدا رەپ ناخشىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە تارقىلىش جەريانلىرىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، بىزدىكى ئۆزلىشىش جەريانى، ئۇنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى ئىشتىراكچى ھەۋەسكارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەم تېكستلاردىكى بەزى ئەھۋاللار ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل قىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ جەريانلاردىكى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە ئىنچىكە مۇلاھىزىلەرنى ئەدەبىيات- سەنئەت تەتقىقاتچىلىرىغا قالدۇرىمەن. مەقسىتىم پەقەت بۇ يېڭى ھادىسىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ قويۇشقا چاقىرىق قىلىشتىن ئىبارەت، خالاس." o3 {. u. A7 ]4 @
    «رەپ» دېگەن بۇ ئاتالغۇ قارا تەنلىكلەرنىڭ شېۋە سۆزى بولۇپ، بىزچە يىغىنچاقلىغاندا «ئۇرماق، سۆزلەشمەك، ئەيبلىمەك، تەلقىن، پاراڭ، بايان» دېگەن مەنىلەردە. بۇ سۆز ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى قارا تەنلىكلەر رايونىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى مەلۇم رېتىمگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، قاپىيىلەشكەن مىسرالارنى تېز سۈرئەتتە دېيىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل شەكىلنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىلگىرىكى بىر رادىئو رىياسەتچىسىنىڭ مەلۇم پلاستىنكىنى تېز سۈرئەتتە، قاپىيەلىك چۈشەندۈرۈشىدىن كەلگەن. رەپ تېكستلىرى يۇمۇرلۇق، ھەجۋىي، ساتېرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا قارا تەنلىكلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ يەنە «خىپ- خوپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ («خىپ- خوپ» ئادەتتە تېز رېتىملىك ناخشىلارغا تېز رېتىملىك ئۇسۇللارنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ). ئەمەلىيەتتە «خىپ- خوپ»نىڭ مەنىسى تېخىمۇ كەڭرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى نيۇ يوركنىڭ كوچا مەدەنىيىتىنىڭ ھەر خىل تەركىبلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. رەپ ناخشىلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى قولنى پاتىفۇن دېسكىسىدىكى پلاستىنكىنىڭ ئۈستىدە ئالدى- كەينىگە رېتىملىك ھەرىكەتلەندۈرۈپ شاۋقۇن چىقىرىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پلاستىنكا قويغۇچىنىڭ پلاستىنكا ئالماشتۇرغان ۋاقتىدىكى بەزى ئاۋازلارنى يېپىۋېتىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ھازىر سەھنىلەردە ئېيتىلىۋاتقان رەپ ناخشىچىلىرىنىڭ مەقسەتسىز قول ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.+ d) x* O5 N$ S0 ~2 y
    20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا رەپ ناخشىلىرى ئامېرىكىنىڭ نامراتلار مەھەللىسىدىن ھالقىپ، يەر شارىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. شياڭگاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم ياش ناخشىچىلار بۇ يېڭى ھادىسىنى دەرھال قوبۇل قىلىپ، ئۆز تىللىرىدا ياكى ئارىلاشما تىلدا رەپ ناخشىلىرىنى بازارغا سالدى.2 U, e$ e- @( y
    90- يىللاردىن كېيىن، رەپ ناخشىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرىشكە باشلىدى، بەلكىم شىرئەلى ئابدۇرېشىتنىڭ «يۇرتۇم» دېگەن ناخشىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم سەھنە ۋە ئېكراندا نامايەن بولغان ئۆز مۇزىكىمىز ۋە يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە تېكىستىمىز بىلەن ئىجاد قىلىنغان رەپ ناخشىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستانلىق ياش ناخشىچى زۇلپىقار «دۇتارىم» ناملىق مىللىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە رەپ ناخشىسىنى تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلدى. مانا بۇ ئىككى ناخشا گەرچە ئۆز ۋاقتىدا قۇلىقىمىزغا غەيرى ئاڭلانغان بولسىمۇ، ھازىر ئويلاپ باقساق بىزنىڭ سەنئەت ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئاشكارا تارقىتىلغان بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئۇيغۇرچە رەپ ناخشىلىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
& X. ?$ J$ {* Z3 Z6 @  z    يۇقىرىقى ناخشىلاردىن بىز دەسلەپكى قەدەمدە رەپ ناخشىلىرىنىڭ ناخشا قىسمىنىڭ بىر- ئىككى كۇپلېت، بىرلا ئۆزگىرىشتىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى، مۇزىكىسىنىڭمۇ ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق يۇمۇرىستىك پىكىر ۋە سالماقنىڭ دېكلاماتسىيە قىسمىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.5 p; D0 M4 _  O' ]" ~
    تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 1-2 يىل مابەينىدە، رەپ ئېيتىدىغان بىرىكمىلەر (组合) ئۈرۈمچى ۋە قاراماينى ئاساس قىلىپ 50- 60 تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ بىرىكمىلەرنى تەشكىل قىلغۇچىلار سەنئەت مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1-2- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى، تولۇقسىز ئوتتتۇرىنىڭ 2-، 3- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلاردىن ئىبارەت. ئۇلار ئايدا بىرەر قېتىمدىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن.8 v8 f% Z) B5 f4 p
    رەپ ناخشىلىرى ياشلىرىمىزدا نېمىشقا شۇنچە تېز قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ، ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.; b5 |0 \3 l. u# H. T) N# l+ v
    بىرىنچى، ياشلاردىكى يېڭى شەيئىلەرگە، يېڭى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە بولغان قىزىقىش.
8 G7 X" V# j( B: E    ھەرقايسى دەۋرلەردە ھەرقايسى ئەل، ھەرقايسى مىللەت ياشلىرىغا ئورتاق بولغان يېڭى شەيئىي، يېڭى ھادىسىلەرگە بولغان قىزىقىش ئەلۋەتتە زامانىمىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ تولۇپ يېتىپتۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە رەپ ناخشىلىرىمۇ خۇددى 80- يىللاردىكى تولغىما ئۇسسۇل، چاقماق ئۇسسۇلى، كوچا ئۇسسۇلى، جاز مۇزىكىلىرىغا ئوخشاشلا ياشلىرىمىزنى ئۆزىگە رام قىلدى.
' ~8 q9 q2 n" X2 Y7 C    ئىككىنچى، جۇشقۇنلۇق ۋە تېز رېتىملىك بولۇشى.8 T$ g. [8 e- c- ], ~
    جۇشقۇن، جانلىق، رېتىملىك، زامانىۋىيلىق پۇرىقى كۈچلۈك بولغان رەپ ناخشىلىرىنىڭ ياشلىقى ۋە ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇن ياشلىرىمىزنىڭ نېرۋىسىغا تەسىر قىلىشى مىللىيەتلىك ۋە ئەنئەنىۋى قارىشى كۈچلۈكرەك بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ۋە كەسكىن بولىدۇ. شۇڭا ئەزەلدىنلا باتۇرلۇق ۋە ئۈمىدۋارلىقنى ئۆزىگە مىزان قىلغان ياشلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ھادىسىنى تېز قوبۇل قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.8 ~" Q- \7 `" r( l$ {
    ئۈچىنچى، رەپ تېكستلىرىنىڭ يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق بولۇشى.6 l3 O0 b+ m/ i1 r
    رەپ تېكستلىرى كۈچلۈك يۇمۇرلۇق، ھەجۋىيلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئەزەلدىنلا «كۈلكە جاننىڭ ئوزۇقى» دەيدىغان يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەتكە باي، چاقچاقخۇمار ياشلىرىمىزنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلدى. ھەر يىللىق ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئاندا- ساندا كۆرۈلۈپ قالىدىغان 1- 2 كۈلكىلىك ئېتوت خەلقىمىز ئىچىدە، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بىرەر يىللىق چاقچاق- كۈلكە مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن يۇمۇر، ساتىرانىڭ بىزدىكى قارشى ئېلىنىش سالمىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
/ L% I' Z' k7 E- o" f+ A" w  J    تۆتىنچى، مىللىي پسىخىكىمىزدىكى ۋە خەلق سەنئىتىمىزدىكى خېمىرتۇرۇچ بۇ ھادىسىنىڭ تېزلىكتە بىخ سۈرۈپ چىقىشىنى مۇنبەت تۇپراق بىلەن تەمىنلىگەن.
' E! U9 l0 w7 J& _  `% R" T3 p+ K    بىزنىڭ قېنىمىزدا، ئەنئەنىۋى خەلق سەنئىتىمىزدە بۇنداق جۇشقۇنلۇق، جانلىقلىق گېنى بۇرۇندىن بار. تېگىدىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ داستانچىلىق ۋە مەدداھلىق سەنئىتىمىزنىمۇ رەپ ناخشىلىرىنىڭ بىزدىكى ئەنئەنىۋى ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. مەدداھ قاپىيىلىك جەڭنامىلەرنى تېز سۈرئەتتە سۆزلەپ، ئارىدا راۋاب بىلەن ئۇنىڭغا ناخشىلارنى قىستۇرىدۇ. دېمەك، ناخشا بىلەن جەڭنامە سۆزلەش بىر پۈتۈن ۋەقەلىكنى سەنئەت يۈكسەكلىكىدە كىشىنى جەلپ قىلارلىق بايان قىلىپ بېرىدۇ. بىزنىڭ ئاشىق- دەرۋىشلىرىمىزنىڭ ھۆكمەتلىرى، باخشىلىرىمىزنىڭ تەلقىنلىرىدىمۇ ھازىرقى «رەپ»لىك خۇسۇسىيەت تولۇپ يېتىپتۇ. «قىرلىق ئىستاكان» فىلىمىدىكى ئابدۇل تېرىنىڭ باخشىنىڭ تەلقىنىگە كەلتۈرۈپ ئوقۇغان قاپىيىلىك سۆزلىرى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن رەپ ناخشىلىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇنلىشىدۇ. دېمەك، رەپ ناخشىلىرىنىڭ ياشلىرىمىز ئارىسىدا تېز تارقىلىشىغا ئۇنچە بەك ئەجەبلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسى ئەسلىدىلا ئۆزىمىزدە بار.
/ ?& M3 B; X$ E0 M! E# q. i    ئەمما، ھازىرقى ياشلار بازارغا سېلىۋاتقان رەپ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسى ۋە تېكىستى قانداق بارلىققا كېلىۋاتىدۇ ياكى ئىجادچىلىرى نېمىنى چىقىش قىلىۋاتىدۇ دېگەن مەسىلە بىزنىڭ دىققەت مەركىزىمىزدە بولۇشى كېرەك.
2 `8 k4 J1 R  l    رەپ مۇزىكىلىرى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆز مۇزىكىلىرى، مىللىيچە ئاھاڭ قۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا يارىتىلىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىرقى تور بېكەتلىرىمىزدە ۋە ياشلار ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن رەپ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسى بۇ تەلەپكە تازا ماس كەلمەيدۇ. ھازىرقى ئاتالمىش «ھەۋەسكار كومپوزىتورلار» رەپ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزلىرى ئىشلىگەچكە، مىللىيلىكنى ساقىت قىلدى دېيەلمىسەكمۇ، لېكىن مۇزىكىنى ھەيۋەتلىك، زامانىۋى تۈستە چىقىرىمىز دېگەن ساددا ئوينىڭ تۈرتكىسىدە چەت ئەلنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا بىۋاسىتە تەقلىد قىلىشتىن ساقلىنالمىدى. بۇ نۇقتا سەنئەتچىلىرىمىزنىمۇ، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويماقتا. چۈنكى بۇ ھەقتە لىللا گەپ قىلىدىغان، بۇ ھادىسىنىڭ سەنئەتلىك، مىللىيلىك خۇسۇسىيىتى ھەققىدە توختىلىدىغان ئادەم چىقمىغاچقا ياكى بۇ توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشنى خالىمىغاچقا، ھەركىم ئۆز سەنىمىگە دەسسىمەكتە. بۇنىڭدىن بىزنىڭ سەنئەت تەتقىقاتىمىزدىكى ئوبزور، تەقرىز ژانېرىمىزنىڭ تېخىچە جانلىنالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.5 B; q) V) x8 x( }6 d5 v3 p
    رەپ ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن ناخشا تېكىستى قانداق بولىدۇ دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ناخشا تېكىستى ئالدى بىلەن شېئىرىيەتكە مەنسۇپ. ئۇنىڭ ئادەتتىكى شېئىرلاردىن پەرقى پەقەت ۋە پەقەت ئاممىبابلىق. لېكىن ئۇنى ئاممىباب قىلدىم دەپ ئادەتتىكى قاپىيەلىك سۆزلەر تىزمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. خەلق قوشاقلىرىنىڭ خەلق قەلبىگە ئورناپ كېتىشىنىمۇ ئۇنىڭ ئاممىبابلىقى ۋە شېئىرىيەتنىڭ باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە تەڭ مۇجەسسەملىگەنلىكىدىن دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ناخشا تېكىستلىرىگە قويۇلغان تەلەپ شېئىرىيەتكە قويۇلغان تەلەپ بىلەن ئوخشاش، پەقەت ئاممىبابلىقى جەھەتتىن شېئىرىيەتتىن يېنىكرەك دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.: F9 w& D4 n- ]' R% l3 }
    ئەمما، بىزدە ئىجاد قىلىنىۋاتقان رەپ ناخشىلىرىنىڭ تېكىستى قايسى ھالەتتە؟
( k+ I2 y: @: u& S    بۇ ھەقتە توختىلىشتىن ئاۋۋال ھازىر ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىنىڭ «ئىشىك ئاچتى» ناخشىسى قىلىنىپ، قىسمەن ياشلار ئارىسىدا مودا بولۇۋاتقان بىرنەچچە رەپ تېكستلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
. \5 {1 z  j4 g; p    ئوينايلى ئوينايلى، يايرايلى، پەلەككە چىقسۇن تاماششا،+ c) G4 l% Z! }- v6 [+ s
    ئوينايلى، ئېچىلايلى، يۈرەكتە قالمىسۇن ئىزلار.
; I* ^3 H- X0 ]: _* Z, q( Z1 E- g    ئوينايلى، كۈلەيلى، بۈگۈن بولسۇن ناۋا،, [' s6 Q  d# ~% Z, U
    ئېچىلىپ- يايرىغان كۆڭۈللەرگە بۇ ناخشىمىز داۋا. ئوينايلى، ئوينايلى، خۇشال- خۇرام چېچەكلەيلى،" @, V! z( _9 y7 [% R. Y
    بۇ كۆڭۈللەر ئېچىلسۇن، گۈلدەستىلەر تىزىلسۇن.
8 t$ h" t6 Q: I' U: e5 s" ~    خۇشپۇراقلار كۈي بولسۇن، شۇ گۈللەر بىزگە بولسۇن،
$ N2 w, q4 o- G8 i    مەڭگۈلەرگە شادلانسۇن، ئۇسۇللارغا ئاتلانسۇن. كەيپىياتلار جۇشقۇنلانسۇن، ھېسسىياتلار چېكىگە يەتسۇن،& r0 ]6 b2 q" A/ Q' R
    ئاشىق- مەشۇق بىرگە بولسۇن، بەختلىك مۇرادقا يەتسۇن.: v; E& S+ q2 j* m6 Z- v4 a- Y* y
    كۆڭۈللەر يايرىسۇن، مىسكىن دىللار ئېچىلسۇن،
$ T1 X) H8 \3 {5 A" A; j    خۇشاللىق مەڭگۈگە ھاياتلىق داۋاملاشسۇن. كۆڭۈللەر كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچىدۇ دوستلىرىم،
7 x* W+ ?$ n3 F7 e% h7 b    چۆل- جەزىرىدە قالغان كۆڭۈل بۇ ناخشامغا توق قانسۇن.3 G+ u) \+ w' k) R3 k
    دىللار يايراپ ئېچىلغان كۈندە قارا كۆڭۈللەر يوقالسۇن،" _2 c( I- A. e5 K. x. A# _
    ياخشىلارغا ئامەت تېگەر، ئاق كۆڭۈلگە ئاللا ئىگە دەرد بەرمىسۇن، نەپ بەرسۇن. ئوينا، ئوينا دېگەن سۆزنى جايىدا قىل ئويلان دوستۇم،
# c0 C4 w9 w& [$ @- R    بېشىڭ قېيىپ، كاللاڭ قېيىپ، كېيىنكى ئۆمرۈڭ خار بولمىسۇن." O  ]# g" B4 D% Q7 I6 K( D% u
    مەندىن ساڭا كېرەك بولسا، جېنىم كەتسىمۇ نەپ تەگسۇن. ئاتا- ئانا ئاتا- ئانا ئۇلۇغ ئىنسان، بىرسى سىرداش، بىرسى يولباش،
9 k$ {9 Y9 g8 H2 Z) O    بالىسى ئۈچۈن جاننى سالغان خىسلىتىدىن سۆيۈنەر جاھان.
  U: t) [3 V. n* `! G    ئاتا- ئانا نادانكەنمەن، كەچۈرۈڭلار شوخلۇقۇمنى،" \3 b2 \8 d# b8 _# u5 Z  z
    گۆدەكلىكتە ئويناپ يۈرۈپ، ئەجرىڭلارنى بىلمەپتىمەن. ئانا دەپ چىقسا تىلى، يايرايدۇ ئاتا دىلى،
1 [# B$ s+ O; e% x# {0 t    ئانا ئۈچۈن بالا دېگەن جېنى ھەم ھاياتى.9 N$ {; t1 q* s0 @
    ئەزىزلەيدۇ بالىنى، دەرد دېمەيدۇ دەردىنى،
' c) v9 {' q- ~' F* [    بالا ئاتا ئارزۇسى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىقى. بالا باقماق ئاسانمۇ، كۆپ جاپانى تارتتىغۇ،2 m" S8 h3 ]$ ^' A
    ئىككى جانغا لازىمى ئۆز بالىسىنىڭ تەقدىرى.  Q% {* u  d7 i- t* s; {' e
    كېچە- كۈندۈز ئۇھ تارتىپ، ئويلىغىنى مۇشۇغۇ،
3 C7 E1 g4 @1 Z0 k2 n6 g+ @    يەنە باشقا ئىش بارمۇ ئۇلار ئۈچۈن مۇھىممۇ. بالا دەپ قاخشايدىكەن، بالا دەپ يىغلايدىكەن، ئەمما بالائالدىدا كۈلۈمسىرەپ ياشايدىكەن. ئۆز بالىسىنىڭ بەختىنى ھېچكىمدىن كەم قىلمايدىكەن، مەيلى جاپا تارتسىمۇ بالا ئۈچۈن رازىكەن. ئادەم چوڭ بولغانسېرى ئويلايدىكەن ھەممىنى، گۆدەكلىكتە بىلمەيدىكەن ئاتا- ئانا ئەجرىنى. مانا مەنمۇ چوڭ بولدۇم، كۆپ ئىشلارنى ئويلىدىم، ئەمدى ئويناپ يۈرمەيمەن، ئۇلۇغلۇقنى تونىدىم. كىچىكىمدە ئېسىمدە ئانام دەيتتى پەرزەنتلەر، ئادەم قىلىش يولىدا ئاز قىلمىدى تەربىيە. ھازىرمۇ ھەم ئېسىمدە دائىم دەيتتى بىر گەپنى، باشقىلارنىڭ گېپىگە ئاسانلىقچە ئىشەنمە. تۇنجى قېتىم ماڭغاندا، مەكتەپكە يول ئالغاندا، باغرىڭىزغا بېسىپ تۇرۇپ، دېدىڭىز بالىڭىزغا. چىڭ تۇت بالام يادىڭدا، ئاخىرەت بار دۇنيادا، ئاق- قارىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋالغىن ھاياتتا. شوخلۇق قىلىپ قاخشاتتىم، تاياقنىمۇ كۆپ يېدىم، دادا نېمە دەپ ئۇرىسىز؟ مەن دادامدىن ئاغرىندىم. بۇ تاياق ھارام ئەمەس، ئەمدىلىكتە چۈشەندىم، دادا دەپ ئېسىلدىم، كۆزۈمگە لىق ياش ئالدىم. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، بەل قويۇشنى ئويلىغان،5 G- O" R' R+ u5 w) O
    ئەمما دەل شۇ ۋاقىتتا دادام ماڭا تاغ بولغان.
1 r! u& o1 y& o    يىقىلىپ قالغان ۋاقتىمدا ئىلھام بېرىپ قوپتۇرغان،
7 ^9 O9 @. O3 ?7 P/ ?  @$ Z    ھەمدە ماڭا يولباش بولۇپ نىشانىمنى تاپقۇزغان. يىللار ئادەم ئايىمايدۇ، لېكىن كۆڭۈل قېرىمايدۇ، ئاتا- ئانا رازى بولماي، ھېچ ئىش روناق تاپمايدۇ. ئانا رازى ئاللاھ رازى، ئاتا رازى ئەل رازى، پۇشايماندا قالغاندا كارغا كەلمەس دىل زارى. جېنىم بالام قۇلاق سال، يامان ئىشتىن ئىبرەت ئال، ئۆز يولۇڭنى توغرا تۇت، پاكلىقىڭنى ساقلاپ قال. ئۆز- ئۆزۈڭگە ئاچما پال، كۆپ تەقدىرگە يوق ئامال، ئەجەپ دوستلار كېتىپتۇ ئۇلار، شۇڭا بىزگە نېمە ئامال. بىزمۇ ھامان كېتەرمىز، بۇ دۇنياغا مېھمان بىز، چۈنكى ئاجىز بەندە بىز، سەن ئۈچۈن ئەجرىمىز، بەرگەن نەرسەم مۇشۇنچىلىك قوبۇل قىلدىڭ قانچىلىك. غاپىل بولما بۇ دۇنياغا ئۇنىڭ ھالى شۇنچىلىك.
8 ]6 I6 l1 E, o/ s2 t) [    مەكتەپ مەكتەپ ھاياتىم so happy قىز دوستلىرىم verry sexy چۈنكى مەندە بار so money كۈندە ئوينايمەن ئېسىل- ئېسىل party زېرىكمە، تېرىكمە، گەپنىڭ تېخى ئارقى بار، سەھەردە ئۇيقۇمدىن مەھرۇم قىلىدىغان ئاپام بار. ئېرىنگەن ھالدا قوپىمەن، يۈز- كۆزۈمنى يۇيىمەن، كېچىكىشتىن قورقمايمەن، مەكتەپكە بارىمەن taxi بىلەن. ............................... يۇقىرىقى تېكىستلار گەرچە ۋەزىنلىك شېئىر شەكلىدە يېزىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن بىز نە يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەت، نە شېئىرىي پۇراق، نە ناخشا تېكستىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي خۇسۇسىيەتنى بىلەلمەيمىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتىكى سۆزلەر تىزمىسى دېسەكمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنىڭ ماسلىشىشى، مەنتىقىلىق باغلىنىشى، قاپىيە، تۇراق، رېتىم جەھەتتىكى يېتىشسىزلىك ۋە پىكىر چېچىلاڭغۇلۇقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. گەرچە شېئىرلارنى پۈتۈنلەي تىل، گرامماتىكا ياكى لوگىكا قائىدىلىرىگە سېلىپ تەھلىل قىلىش شېئىرىيەتنىڭ لىرىكىلىقى، ئويناقىيلىقىنى بوغۇپ قويۇدىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىلىرىدىن پۈتۈنلەي مۇستەسنا شېئىرنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئادەتتىكى جانلىق تىل تىزمىسىنى شېئىر دەپ چۈشىنىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.+ z, v3 @8 c3 U7 h% ^7 V
    يۇقىرىدىكى ئۈچ ناخشا تېكىستىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىچە تەھلىل قىلىپ كۆرەي:
4 E+ {7 S1 m) `    1. «پەلەككە چىقسۇن تاماششا»، ئادەتتە تاماششا پەلەككە چىقمايدۇ، چىقسا كەيپىيات چىقىدۇ.6 W# e+ G7 G7 [+ b1 Y
    2. «ئېچىلىپ- يايرىغان كۆڭۈللەرگە بۇ ناخشىمىز داۋا»، ئېچىلىپ يايرىغان كۆڭۈلگە داۋانىڭ نېمە كېرىكى؟
( O" p+ s9 m: S5 J7 X1 u9 W  p$ u$ U    3. «خۇشال- خۇرام چېچەكلەيلى»، چېچەكلەشتەك تەبىئەتھادىسىسىنىڭ خۇشاللىق- خاپىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسا كېرەك.* W; o' N, W5 K$ b$ C- r0 f" z: b  q
    4. «مەڭگۈلەرگە شادلانسۇن، ئۇسۇللارغا ئاتلانسۇن»، «مەڭگۈ» رەۋىشى كۆپلۈك بىلەن ھەرگىزمۇ تۈرلەنمەيدۇ؛ ئۇسۇلنى ئاتقا مىنىپ ئوينىمايدۇ.
' L* L: \. X  P( M9 D7 T    5. «بەختلىك مۇرادقا يەتسۇن»، مۇراد- ئارزۇ ھەرگىزمۇ بەختلىك مۇراد، بەختسىز ئارزۇ دەپ ئايرىلمايدۇ.
$ j8 n1 G4 z1 I7 [' v    6. «خۇشاللىق مەڭگۈگە ھاياتلىق داۋاملاشسۇن»، بۇ جۈملىنى ئۆرۈپمۇ- چۆرۈپمۇ بىرەر مۇددىئانى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.  L3 m8 L) f) {+ R' k
    7. «توق قانسۇن»، «توق» سۆزى ئادەتتە يېيىش بىلەن بىرىكىدۇ، «قېنىش» بولسا، ئۇسسۇزلۇق، تەشنالىق بىلەن بىرىكىدۇ. تېكىستتىكى بىرىكىش ئادەمنىڭ ئۈستى بەدىنىگە ئىشتان، ئاستى بەدىنىگە چاپان كىيىۋالغىنىغا ئوخشاپ قالغان.3 [( z% D; o7 @' r
    8. «يولباش»، بۇ سۆز تىلىمىزدا «يولباشچى» دېيىلىدۇ.# o6 E& s7 n" D5 H4 V
    9. «ئانا دەپ چىقسا تىلى، يايرايدۇ ئاتا دىلى»، پەرزەنتنىڭ (تېكىستتە بۇ ئىگە يوق) «ئانا» دەپ تىلى چىقسا، ئاتىلار ھېچ بولمىسا ئانىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ كۈلۈمسىرەپلا قويىدۇكى، ھەرگىز يايراپ كەتمەيدۇ. تۈركىيىنىڭ «دادا دېدى دادا» دېگەن ئېلانىنىڭ سېھرى كۈچىگە سېلىشتۇرۇڭ.
4 H" `% R' U( i) M3 D6 D$ Y. }! W; ~    10. «ئىككى جانغا لازىمى»، ئاتا- ئانىنى «ئىككى جان» دەپلا تەسۋىرلەش ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالار؟7 i+ g7 \& ?. g# h0 R
    11. «يەنە باشقا ئىش بارمۇ ئۇلار ئۈچۈن مۇھىممۇ»، بۇ جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ مەجبۇرىي قۇراشتۇرۇلغانلىقى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم بولغىنىنىڭ سىرتىدا، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەي، ئۇقۇمنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن.2 A* V: ^, S$ A0 S1 Y" c
    12. «ئۆز بالىسىنىڭ بەختىنى ھېچكىمدىن كەم قىلمايدىكەن»، ھەرقانداق ئاتا- ئانا ئۆز بالىسىنىڭ بەختىلىك، غەمسىز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ھېچكىممۇ بالىسىنى باشقا بەختلىك بالىلاردىن كەم قىلمايمەن دەپ ھۆددە قىلالمايدۇ، چۈنكى بەخت كۆپ قىرلىق ئۇقۇم.& u8 S! @% @9 z: K
    13. «ئەمدى ئويناپ يۈرمەيمەن، ئۇلۇغلۇقنى تونىدىم»، ئۇلۇغلۇق مەۋھۇم ئۇقۇم، ئۇنى تونۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويناپ يۈرمەسلىكنى ئۇلۇغلۇقنى تونۇشنىڭ نەتىجىسى قىلىشمۇ ماس كەلمەيدۇ.
  O/ i1 o. Y0 F( X3 z    14. «ئۆز يولۇڭنى توغرا تۇت، پاكلىقىڭنى ساقلاپ قال»، ئۆز يولىنى توغرا تۇتۇش (يولنى «تۇتقىلى»مۇ بولمايدۇ) بىلەن پاكلىقنى ساقلاش ھەرگىزمۇ تەڭداش باغلىنىشتا بولمايدۇ.
. v0 R8 L) b/ }/ A! d    15. «ئەجەپ دوستلار كېتىپتۇ ئۇلار، شۇڭا بىزگە نېمە ئامال»، ئۇلار نەگە كەتتى؟ بۇ جۈملىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟
$ ?; d6 U9 B4 J7 U- P# ^' L! k  Q    16. «چۈنكى ئاجىز بەندە بىز، سەن ئۈچۈن ئەجرىمىز»، بۇ جۈملە كەمتۈك جۈملە، باش ئاخىرى باغلاشمىغان.& T1 L5 L. U* v( C( L7 R# ~4 c
    17. «غاپىل بولما بۇ دۇنياغا ئۇنىڭ ھالى شۇنچىلىك»، بۇ دۇنيانى زاڭلىق قىلغانلىقمۇ ياكى تېكست ئاپتورىنىڭ ھالى شۇنچىلىكمۇ؟( p& f& T, X# y7 }' X
    ...............4 ^9 y. p1 H9 x( m9 Q5 w" ~/ n
    يۇقىرىقىلاردىن سىرت، چەت تىللار ئۆز يېزىقى بىلەن تېكىستقا قوشۇلۇپ، بۇ تېكىستلارنىڭ «ھەيۋەتلىكلىكى»نى ئاشۇرغاندىن باشقا ھېچقانداق ئېستېتىك سېزىم پەيدا قىلالمىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ ناخشىلارنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ھەم «شائىر»، ھەم «كومپوزىتور»، ھەم «ناخشىچى». ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدىكى ھېچ قايسى تۈردىن ئەقەللىي ساۋاتقا ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۇستازى پەقەت مۇشۇنداق ناخشىلارنىڭ توردىكى لېنتىسى، خالاس. تىل- ئەدەبىيات دەرسلىرىنىڭ دەرس سائىتى بارغانسېرى ئازىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ شېئىرىيەت ۋە ناخشا تېكىستىغا قويۇلىدىغان ئەقەللىي ساۋاتقا ئىگە بولالماسلىقىمۇ مۇشۇ خىل پاجىئەنىڭ يەنە بىر سەۋەبى دېيىشكە بولىدۇ.4 ~7 ?: v" C0 @( K2 J- I
    رەپ ناخشىلىرى نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسلۇبتا يورۇقلۇققا چىقىدۇ؟ بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.
- E+ [, n4 o3 x1 _% g0 Q    بىرىنچى، ھازىرقى ياشلار ئارىسىدا رېئاللىقتىن نارازى بولۇش، ئاتا- ئانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش پسىخىكىسى مەۋجۇت. ھازىرقى بىر قىسىم ياشلار ئۆزلىرىنى جەمئىيەت تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن، ئاتا- ئانا، ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپنىڭ دىققىتىنىڭ سىرتىدا قالغان دەپ قارىغاچقا، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى، ئۆزلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى ئويلاپ، مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان.
: s: Q9 V+ O: @$ N* E0 a    ئىككىنچى، رەپ ناخشىلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان، ئەتراپىدىكى تەڭتۇشلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلارنى يېزىشنى مەقسەت قىلغانۇ، تىپىك تېمىلارنى تاللاشتا كەتكۈزۈپ قويغان.
/ P4 T9 u' U9 j. r    ئۈچىنچى، رەپ ناخشىلىرىنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى بولغان ھەجۋىيلەشتۈرۈش، كۈلكە قوزغاشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەي، ئەكسىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ قويغان.
7 g: U0 s; s1 `. |5 L$ I    تۆتىنچى، رەپ ناخشىلىرى ئاپتورلىرىنىڭ ئەدەبىي تىل ئىقتىدارى، يېزىقچىلىق قابىلىيىتى چەكلىك بولغاچقا، قاپىيە، رېتىم، ۋەزىنگە چۈشۈرۈپ باقاي دېسىمۇ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەن.9 H3 D+ a. U( N8 A
    بەشىنچى، بۇ خىل ئىجادىيەتنى تەھرىرلەيدىغان، پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان، يول كۆرسىتىدىغان، مەسلىھەت بېرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا (ئاپتور تېكستنى يېزىپ، مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ناخشىسىنى ئورۇنداپ بولۇپ، بىراقلا ئېلان قىلغاچقا)، دەسلەپكى «غورا» بىلەن ئاخىرقى «مېۋە» ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان.: v* F* |# m6 @$ e& y0 w
    ياشلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تېكىست، مۇزىكا ئىجاد قىلىپ، ئۇنى ئورۇنداپ تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىشى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش. چۈنكى مۇشۇنداق چېنىقىش، ياشلارنىڭ ۋە ئاۋامنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاش ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ۋە ئۆگىنىشلىرىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ساددا ئوي- خىيالى ۋە قىزىقىشىنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ ناخشىلاردا ھەر خىل سەۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىمۇ تەبىئىي. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى بوغۇشقا، ياكى بىر كالتەك بىلەن ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە ئالدىرىماي، ئۇلارغا تېكست، مۇزىكا ئىجادىيىتى، رەپ ناخشىلىرىنىڭ خۇسۇسىيەت- ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئانچە- مۇنچە ساۋات سۆزلەش ۋە يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىنىمۇ سەمىمىي كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. بولمىسا سەۋەنلىك داۋاملىشىۋېرىدۇ، ئوخشاش خاتالىق تەكرارلىنىۋېرىدۇ." K- S0 [: _' W- V
    مەن يۇقىرىقىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، شەھەر ئەدەبىياتىمىزدا بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن رەپ ناخشىلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى، ياشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە قارىشىنى، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باھاسىنى ئىجتىمائىي تېما تەرىقىسىدە تەكشۈرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەلكىم بۇ ناخشىلارمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن خۇددى تولغىما ئۇسسۇل (ياۋبەيۋۇ)، چاقماق ئۇسسۇلى، بىر قىسىم مەنتىقىسىز «گۇڭگا شېئىر»لاردەك ئۆز يولىنى تېپىۋېلىشى مۇمكىن ياكى رېستۇرانلىرىمىزدىكى ناخشىسىدىن داقا- دۇمباق بىلەن مۇزىكىسى چىڭ ناخشىلار سەھنىلەرگە كۆچكەندەك، سەھنىلەرگە ئۆز پېتى كۆچۈشى مۇمكىن («ناۋا» پروگراممىسىدا مۇزىكا، تېكست تەھرىرلىكىدىن ئۆتمىگەن ئەبجەش ناخشا- مۇزىكىلارغىمۇ ئورۇن بېرىلىۋاتىدۇ) ياكى ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرى، ساتىرىك شېئىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى بىر رەۋىشتە ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇنى يەنىلا بىر يېڭى مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭغا توغرا قاراپ، ياشلارغا توغرا نىشان كۆرسىتىپ بېرىش دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن.; g+ E- x- s* d# q8 ~8 Y
غەيرەت ئا ئوزغار

0

تېما

0

دوست

-1

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

2#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 11:55:50 |ئايرىم كۆرۈش
ئاستا-ئاستا مۇكەممەللىشىدۇ، ۋاقىت ۋە پۇرسەت بېرىشىمىز كېرەك

3

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

3#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 12:05:39 |ئايرىم كۆرۈش
مەن سىكىس سىتىي نىڭ تېكىستلىرىنى ياقتۇرىمەن . مەيلى ئادەتتىكى ناخشىلىرى بولسۇن ياكى رىقابەتچىلىرىگە قارتىلغان ناخشا تېكىستلىرى بولسۇن خېلېلا يۇقىرى سەۋىيە بىلەن يېزىلغان .
نۇمۇس قىلىپ كىتىۋاتىمەن ، نۇمۇسسسسسسسس

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

4#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 16:35:07 |ئايرىم كۆرۈش
ئاكىلس بۇ تىمنى يوللشتىكى مەخسەتڭزگە بەك قىزىقۋاتىمەن ؟

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

5#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 22:26:52 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى گۈللۈگگە چاپلىشىمدىكى سەۋەب، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى غەيرى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىدىن بەك خوش بولغانلىقىمدىن  بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاپتورنىڭ بايان قىلغان ئۆز پىكىرلىرىگە ئاساسەن، بىزنىڭمۇ رەپ ۋە ئۇيغۇر رەپكە بولغان پىكىرلىرىمىزنى ئورتاقلىشىپ باقايلى دەيمەن.....

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

6#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 04:45:32 |ئايرىم كۆرۈش
بىز دىگىنى ھازىرقى جوڭگودىكى ھەممە ئىشلانى بىجىرىۋاتقان بۆلۈم ۋە بىردىن بىر بۆلۈم 有关部门 نى كۆرسىتىدۇ...   ھىم...

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

7#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:44:25 |ئايرىم كۆرۈش
ئالتە شەھەرنىڭ تۆۋەندىكى"دۈشمەن"نى ئاڭلاپ باقايلى

1 Z9 a3 k" W5 X3 _
1 w4 u# W* Z  ~& v" q8 n/ C

& c; t5 Y, f. s

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

8#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 09:56:40 |ئايرىم كۆرۈش
رەپنىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نارازىلىقتىن بولغان دەپ ئويلايمەن. مەقسىدى شىكايەت ۋە ئەيىبلەش... رەپ  شۇ دەۋىرىدىكى قاراتەنلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ  جەمىئىيەتتىكى بارەۋەرسىز مۇئاملىلەرگە،ئادەلەتسىزلىكلەرگە ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە بولغان بىر خىل نارازىلىقىنى ئىپادىلەش  ئۇسۇلى. يەنە بىر سەۋەب تۆۋەن تەبىقىدىكى قارا تەنلىكىلەر رەپ يەنە خىپ خوپتىن ئىبارەت بىر خىل غەيرى مەدەنىيەت ھادىسىسىنى پەيدا قىلىش بىلەن ئاق تەنلىكىلەرنىڭ كۆركەم بولغان ئاساسى ئېقىمىغا جەڭ ئېلان قىلىغان. رەپ دېگەن ئەڭ كەمبەغەل ئادەملەرنىڭ ئوينايدىغان مۇزىكىسى ئىدى. ئۆزىنىڭ رازمېرىدىن چوڭ كېيىملەرنى كېيىش خىپ خوپچىلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرىمىز... ئەينى چاغدىكى ياشلار ئۆزلىرى كېيىم ئالغۇدەك پۇلى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن چوڭ بولسىمۇ  ئاكىسنىڭ دادىسىنىڭ ئاشقان  كېيىملىرىنى كېيەتتى. ئەينى چاغدا ئامالسىزلىقتىن قىلىشقا مەجبۇر بولغان بۇ ئىش ھازىر بىر خىل مودىغا ئايلاندى... خىپ خوپچىلارنىڭ بۇ خىل كېيىنىش ئۇسلۇبىنى ساقلىشى يەنىلا ئاساسى ئېقىم جەمئىيتىگە بولغان بىر قارىشىلىقنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىپادىسى...   پاڭك روكمۇ ياشلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەۋاتقان شۇ جەمىئىيەتتە نىمە ئۈچۈن يەنە بىر خىپ خوپدىن ئىبارەت ئوخشاش  مەنىدىكى بىر ژانىرنىڭ پەيدا بولۇشى،بەلكىم مەزھەپچىلىككە ئوخشاش بىر مەسىلە بولسا كېرەك. پاڭك ئاق تەنلىكلەرنىڭ ، خىپ خوپ قارا تەنلىكلەرنىڭ دېگەندەك...  مەدەنىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا رەپمۇ ئەمەلىيەتتە بىر بۇزغۇنچى.  بىر خىل چېكىنىش ھادىسىسى.  سىېفونىيە، ئوپېرالارغا سېلشتۇرساق رەپنىڭ مۇزىكا دەپ ھوزۇرلانغۇدەك ھېچنىمىسى يوق. لېكىن ئەينى چاغلاردىكى قاراتەنلكىلەر ئاق تەنلىكلەرنىڭ شۇ خىلدىكى يالغان چوڭ سۈپەتلىكىگە قارىشلىشىپ بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بۈگۈنكى كۈندە غەلبە قىلىدى.  لېكىن ئەينى چاغدا ئىنقىلاپ ئورنىدا پەيدا بولغان خىپ خوپ مەدەنىيەتى ھازىر  كۆپ ھاللاردا تاماشىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.. بىز بۇ يەردە قانچە يازساقمۇ مەسلىلەرنىڭ تېگىگە ھەقىقى يېتەلمىگۈدەكمىز دەپ ئويلاپ قالدىم.  چۈنكى دۇنيادا ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ يۈرگەن ئادەملەر ھەرخىل دىندا، ھەرخىل مەزھەپتە، ھەر خىل تۈزۈمدە......شۇڭا  ئۇيغۇرچە رەپنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتىدۇ دېسەكمۇ بولىدىكەن....

3

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

9#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 12:52:02 |ئايرىم كۆرۈش
تەرجىمە تىكىست ئەمەستۇ ، تەرجىمە قىلدى دىگەن تەقدىردىمۇ تەرجىمىنى راۋۇرۇس قىپتۇ ئەمسە .  «نۇر»نى ئۇيغۇرچە رەپنىڭ 2007 يىلاردىن كىيىنكى تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ .  سىكىس سىتي بىر قەدەر مۇنتىزىملاشقان ۋە سەۋيلىك گۇرۇپپا دەپ قاراشقا بولىدۇ . ئۇيغۇر رەپ ئىتتىپاقىغا ئەزا نۇرغۇن چوڭ كىچىك گۇرۇپلارغا نىسبەتەن - يۇقارقى ماقالىدا دەپ ئۆتۈلگەن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى توغرا دەپ قارىدىم .  ئەمما بۇ ماقالىنىمۇ مەن بىر توقماق بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش تىپىدىكى ماقالە دەپ قارىمىدىم . مۇشۇنداق بىر ئوبزورنىڭ بولغىنى ياخشى ئەھۋال .   
1 ]: c5 w6 p2 T! p
* \1 y( {/ v' [ ئېشەك ئىزدەش ئېلانى ، دۈشمەن ، بىچارە تۆھمەت  سىكىس سىتينىڭ نۇر، ئۇيغۇر رەپ ئىتىتپاقى ، يەنە نامەلۇم بىر گۇرۇپىلارنى  ئەيبلەپ ئېيتقان ناخشىسى ..
نۇمۇس قىلىپ كىتىۋاتىمەن ، نۇمۇسسسسسسسس

3

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

10#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 12:58:24 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  wasdnoasdw تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-3 13:00  
- f' o2 `9 [" O# I% \7 ^1 }2 C3 u8 \4 v0 ]/ t0 `
[flash=http://player.youku.com/player.php/sid/XNTEwMDI2MzI=/v.swf,480]400[/flash]6 X4 u3 R/ M2 C: Y

, P' E3 X" t+ {! ~! s+ `/ j& _( `بىچارە تۆھمەت
نۇمۇس قىلىپ كىتىۋاتىمەن ، نۇمۇسسسسسسسس

3

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

11#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 13:37:31 |ئايرىم كۆرۈش
[flash=http://player.56.com/v_NDgzMjM2NjY.swf,480]400[/flash]& w% ?$ [  |5 Q

/ k. [- o0 A7 y; k# Q6 B/ Y: iبۇلار شىنجاڭ رەپ بىرلەشمىسىدىكى ھەر قايسى مىللەت رەپچىللىرى
نۇمۇس قىلىپ كىتىۋاتىمەن ، نۇمۇسسسسسسسس

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

12#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 13:42:09 |ئايرىم كۆرۈش
مەن ئاكىلسنىڭ پىكرىىڭگە تامامەن قوشولمەن .  بۇ تىمنى ئوقۇپ بىرىنجدىن ئاپتورنىڭ رەپ بىلەن تازا ئالاقسى يوقلىقىنى ھېس قىلدىم . بۇ ھالەتتە بۇنداق تىمنى ئوتتۇرغا قويۇش كۆرۈنۈشكە ياشلارنىڭ رەپگە بولغان چۈشەنچسى خاتادەك ھەم زىيالىلانىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە  خېلى كۆڭۈل بۆلۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمىليەتتىمۇ شۇنداقتۇ . لىكىن بۇ يەدە رەپنىڭ كىلىپ چىقشى، مەدەنىيتى قانداق بارلىققا كەلگەن دىگەندەك چۈشەندۇرشلەردە بېرىلگەن مىساللار رەپ مەدىنيىتى ۋە رەپچىلەر بىلەن بەك چوڭ ئالاقسى يوق ..  بۇ خىل خاتا ئىدىيە بەزەن بىرقىسم ئادەملەدە خىلى بۇرۇنلا شەكللەنگەن. مەسلەن ،MTV ئشلەش دىگەن ئېپزوتتا، بىرەيلەن شەپكسبا كەپكسبا دەپ رەپ تۈسدە بىرنىملەنى دەپ كۆرۈنۈش ئېلۋاتسا، كەينىدىن ئادىل مىجىت چىقىپ بىر تەسىرلىك تەربىيە قىلۋىتپ، بۇرولنى مۇنداق ئوينايمىز دەپ شۇ ئالدىدىكى ئادەم قىلغان گېپنى ئوخشاش دەيدۇ. لىكىن  تاماشىبىنلار شۇدەقىقىدە قاتتىق ئالقىش ياڭرىتدۇ . بۇ يەدىكى تەربىيە، پۈتۈن تاماشبىنغا بەگەن تەسرى بەك توغرا،  لىكىن بەزەن جەھەتتىن ئېيتقاندا كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا خاتا ئىدىيە ھاسىل قىلىدۇ .  ئاپتورنىڭ كۆڭلى ياخشى  ھەم مەدىھلەشكە تىىگشلىك يېرى شۇكى بۇ مەسلىنى جاسارەتلىك ھالدا ئوتتۇرغا قويدى ھەم  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈركۈم خاتا چۈشەنچىلەرنىمۇ بىرىپ قۇيدى...  مەنچە توردىن رەپ دەپ ئىزدەپ  ۋىيىكىپىدىيادىن ئالغان جاۋاپمۇ يۈزەكى بولۇشى مۇمكىن . تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىش ئەۋزەل دەپ قارايمەن . ( o) y; p' e2 l4 Z
/ ?" U6 g0 O$ F! ^1 k  {
ئاپتورنىڭ ئالغان مىسالىدىن :<<   ئۈچىنچى، رەپ تېكستلىرىنىڭ يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق بولۇشى.
) y1 ^. A# }7 q# d    رەپ تېكستلىرى كۈچلۈك يۇمۇرلۇق، ھەجۋىيلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا،ئەزەلدىنلا «كۈلكە جاننىڭ ئوزۇقى» دەيدىغان يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەتكە باي،چاقچاقخۇمار ياشلىرىمىزنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلدى. ھەر يىللىق ھېيتلىقسەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئاندا- ساندا كۆرۈلۈپ قالىدىغان 1- 2 كۈلكىلىك ئېتوتخەلقىمىز ئىچىدە، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بىرەر يىللىقچاقچاق- كۈلكە مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن يۇمۇر، ساتىرانىڭبىزدىكى قارشى ئېلىنىش سالمىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.>>  مەن بۇ خىل كۆز قاراشنى  خاتا دەپ ئويلايمەن . 7 |+ n2 u. b' O  _! R. c3 u
   مىنىڭ بىلىشىمچە ئامېرىكدا رەپ ئېتىدىغانلارنىڭ<ھەممىسى ئەمەس>  تەڭدىن توللسى لۈكچەكلەر.  قىلدىغان ئىشى زەھەرلىك چىكىملىك ساتىدۇ . ھاياتىدىن، تۇرمۇشىدىن نارازى ئۆي ماكانسزلاردۇر. باشقا يەردە قانداق بىلمەيمەن لىكىن ئامېرىكدا شۇنداق .نە قالايمىقان ، ئادالەتسىزلىك كۆپ، جىنايەت كۆپ رايونلار بولسا ،شۇ يەدە ياخشى رەپچلەر چىقىدۇ . رەپنى بىرخىل غەزەپنى ئىپادىلەش دەپ قارايمەن .   ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ رەپ ئېتشىغا كەلسەك، ياشلىرىمزدا ئەنسىرەپ كەتكىدەك خاتالىق يوق، ھەممە نەرسە<دىمەكچى بولغىنىنم سەنئەتكە قارتا> باشلانغاندا شۇنداق ئاجىز ھەم قالايمىقان باشلىنىدۇ . قايتىلىنش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مۇكەممەللىشىدۇ ،ھەم داۋملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. چىكى يوق .  تېكىست جەھەتدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ئامىرىكلىقلاردەك غەزەپلىك نارازىلىق بىلەن تىكىست ئېيتشىنى دىيارىمزدا كۆپىنچە ئادەملەر خالاپ كەتمەيدىغۇ دەيمەن. شۇڭلاشقا بەزەن چاغدا بىرتەرەپلمە قارىماي ھەرجەھەتدىن توغرا چۈشەنمىسەك بولماس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 10:28 , Processed in 0.191304 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش