گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 2430|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىران مىنىياتور رەسىملىرى(Iranian miniature

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1150

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-2 13:41:48 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

                                                  Iranian miniature  

                        

   13-17-ئەسىرلەرگىچە ئىراندا ئەۋجى ئالغان مىنىياتور رەسىملەر ئەسلى كىتاب مۇقاۋىسى،بەت ئارىلىرىغا قولدا سىزىلىدىغان قىستۇرما رەسىملەر ئىدى،قەلەم ئىزلىرى ئىنچىكە رېتىملىق ،رەڭلىرى ئىنتايىن ئوچۇق ۋە جانلىق،رەسىمنىڭ پۈتۈن يۈزى ئىنتايىن شوق ۋە ئىنتايىن تېتىك كۆرىنىدۇ.ئىراننىڭ ھازىرقى زامان سەنئىتىگە زور تەسىر قوزغىغان سەنئەت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

0

تېما

0

دوست

2625

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-2 15:32:44 |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن بۇ مىنىياتۇر لار ئاجايىپ ... ئۆتكەندە ئىسلام دۇنياسىدىكى باي بىر فوندا جەمئيىتى يىغىپ ساقلىغان ئەسەرلىرىنى لوۋرا سارىيىدا كۆرگەزمە قىلغاندا بارغانىدىم، ھەقىقەتەن ئاھ دىگۇدەك.
تۇنۇگۇن تېخى ئېراندا ئۇزۇن يىل مۇزىكا تەتقىقاتى قىلغان ئۇستازىم بىلەن مۇشۇ مىنىياتۇرلار توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ، پارىس(فارسى)مۇزىكىلىرىنىڭمۇ، مۇشۇ سۆرەتلەرگە ئوخشاش، ئىنچىكى، بىر مېلودىيەنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ بېزىلىشگە بەكرەو ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى، قازاق ، ياكى قىرغىز مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇلار توقىغان توقىلمىلىرىدىكى نۇسخىلارغا ئوخشاش، بىرئاز تاشقىلىق گەۋدىلىەندۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغانتى.

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-2 16:58:13 |ئايرىم كۆرۈش

ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇتۇق قازانغىنى(Ostad Mahmoud Farshchian)بولىشى مومكىن،ئۇ 1930-يىل ئىراندا توغۇلغان سەنئەتكار،ئۇ ئاساسلىق رەسساملىق،بىزەكچىلىك،قۇرلۇش لاھىلىرى بىلەن شوغۇللانغان،ئۇنىڭدا تۇغما تالانتى بار دىسەكمۇ بولىدۇ. ئۇ ئىراننىڭ سەنئەت قۇرلۇشىغا تۆھپە قوشقۇچىلارنىڭ بىرسى.

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-2 20:07:22 |ئايرىم كۆرۈش
Alla, Alla, Ajayipde

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-4 07:19:50 |ئايرىم كۆرۈش
 فانتازىيە بولمىسا قانداقمۇ ھاياجانلانغىلى بولسۇن!!!!!!!!  

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-4 09:41:29 |ئايرىم كۆرۈش

گەرچە ئۆزەم بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسلوبىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ ،بىراق ئېران خەلقىنىڭ دۇنيا رەسىسامچىلق ،بىمارچىلىق،كۈيچىلىك سەنئىتىگە زور تۆھپىلىرىنى قوشىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمالمايمەن،ئۇلارنىڭ قايناق ھىسىيادىنى دادىلىق بىلەن قوقماي ئىپادىلىشى ھەقىقەتەن مېنى تەسىرلەندۈردى،كىشىلەرگە لېرىكىلىق كۈيلەردەك بېرىدىغان بۇخىل ھىسىيادلىرى ئۇلارنىڭ ھەرخىل سەنئەتىلىرىدىن بايقىۋالغىلى بولىدۇ،بەزىلەر فىرانسىيەنى ئەڭ رومانتىك دۆلەت دەيدىكەن،لېكىن مېنىڭچە ئەڭ رومانتىك خەلىق ئېرانلىقلاردەكلا تۇيۇلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

2625

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-4 13:45:41 |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن سىرتتىن كۈزەتكۈچىلەر ئۇچۇن فرانسىيە رومانتىك دەيدىغان قاراش بار، ئەمما ھەقىقەتەن قاتتىق ھەم مۇرەككەپ بىر جەمئىيىتى بار، سەنئىتى تەرەققى قىلغان، چۇنكى خەلقى ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغان. ئېرانمىڭمۇ سەنئىتى ئاجايىپ گۈللەنگەن، ئەمما بۇ گۈللىنىشمۇ ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيانقى خەلقنىڭ ئازاپ ئوقىبەتى ئارلاش ھۆكۇنرانلارنىڭ كۈچى بەدىلىگە كەلگەن. ئېرانلىقلارنىڭ ھازىرقى دۇنيانى لەرزىگە سېلىۋاتقان سەنئەت ئەسەرلىرى بولسۇن ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ كۇپىنچىلىرى نىجادى ئەھمەد باشلىق قاتتىق تۇزۇمىگە بولغان غەزەپلىرىنىڭ پارتلاشلىرىكەن.
ھەقىقەتەن سەنئەت ئازاب بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىككەن. كونىلار يۇرىكىڭدە پىغان بولمىسا ناخشا توۋلىيالمايسەن دەپتىكەن.
 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-4 14:28:35 |ئايرىم كۆرۈش

   (ھەقىقەتەن سەنئەت ئازاب بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىككەن. كونىلار يۇرىكىڭدە پىغان بولمىسا ناخشا توۋلىيالمايسەن دەپتىكەن.)
بۇ گىپىڭىز خېلى ئاساسى بار ،سەنئەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى مىنىڭچە بىر دۆلەت پادىشاھىنىڭ ۋەزىپىسىدىنمۇ ئېغىرمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن،چۈنكى ئۇلار مەڭگۈ زوراۋانلىققا،ئېرىق كەمسىتىشكە،خاتا بولغان تەرەقىياتقا،كىشىلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىنىڭ كەمچىللىكىگە،،،،،،،،،،،،ئېيتاۋۇر بارىلىق ئاڭدىكى خاتالىقنى تۈزەتكۈچىلەردۇر،يەنە پادىشانىڭ ئوڭ قول ياكى سول قول ۋەزىرىدىن باشقا يەنە بىر ۋەزىرى دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ،مانا بۇ مىنىڭ قەلبىمدىكى ھەقىقى سەنئەتكار دەپ ئاتايمەن. ئېراننىڭ بىمارچىلىق سەنئىتىنى كۆرۈپ،بىرىنچى بولغان ھىسىياد ئېرانغا بېرىپ ئۇ قۇرلۇشلارنى تۇتۇپ بېقىش بولدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 08:57 , Processed in 0.192530 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش