گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 2861|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

adidas-ئادىداس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

3000

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-3 15:29:56 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

adidas-ئادىداس بولسا گېرمانىيىدىكى تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى ياساش كارخانىسى بۇلۇپ، Adidas AGنىڭ ئەزا شىركىتى.ئادىداس دېگەن نام ئەسلىدە مۇشۇ شىركەتنى قۇرغۇچى ئادولوف ئادى داسىلېر(Adolf Adi Dassler)نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن.ئۇ كىشى ئەڭ دەسلەپتە 1920-يىلى نيۇرنبېرگقا يېقىن خېرزوگېنارچتا ئاياق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشنى باشلىغان.1949-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۇنى adidas AG دىگەن نامنى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرغان.ئادىداسنىڭ كىيىملىرىدىن تارتىپ ئاياقلىرىغىچە ئۇچ پاراللېل سىزىقنى بايقايمىز،بۇ ئۇچ سىزىق ھازىر ئادىداس ماركىسىنىڭ مۇستەقىل  خاراكتېرىگە  ئايلاندى.


ئادىداستا ئەڭ دەسلەپتە ئىككى ئاكا-ئۇكا بىرلىكتە ئىش باشلىغان بۇلۇپ، بۇ ئىككەيلەن ئۆزلىرى بىلگەن سەنەمگە دەسسىگەندىن كېيىن،ئادولوفنىڭ ئاكىسى رودولوف داسىلېر (Rudolf Dassler)ئادىداسقا قارشى ماركا-Pumaنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
1948-يىلى ئادى داسىلېر (Adi Dassler)ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە فامىلىسىنىڭ ئالدىنقى ئۇچ ھەرپىنى ئېلىپ  بىرىكتۈرۈپ «adidas» نى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرغان.ئىككىنچى يىلى ئادىداسنىڭ ئۇچ سىزىقلىق ماركىسى دۇنياغا كەلگەن.


ئادىداسنىڭ ئىجادچىسى ئادى داسىلېر ئەپەندى بىر تەنھەرىكەتچى ۋە موزدوزلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە گېرمانىيىلىك. چۈنكى ئۇ موزدوزلۇق ماھارىتىگە ماھىر بولۇپلا قالماستىن يەنە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى چۈشىنەتتى.ئۇ ئۆمرىدە 700نەچچە خىل پاتېنتلىق تەنتەربىيە مەھسۇلاتىنى كەشىپ قىلغان. داسىلېر ئەپەندى 1920-يىلى قول بىلەن تەنتەربىيە ئاياغلىرىنى تىكىشنى باشلاپ ۋە كېيىن سانائەتلەشكەندىن كېيىن ئۇ تىككەن ئاياقلار ھەرخىل تەنتەربىيە سورۇنلىرى ۋە ھەتتا ئولىمپىك مۇسابىقىسى سەھنىلىرىدە ئۆزىنىڭ رولىنى نامايان قىلىپ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى.


1972-يىلى ئادىداس يەنە كىيىم -كېچەك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى، بۇ چاغدا ئۇچ يوپۇرماقلىق ئادىداس بەلگىسى بېسىلغان كىيىملەر بازارنى بىر ئالدى. ئادىداسنىڭ بۇ مۇھاپىقىيەتلىرىنى داسىلېر ئەپەندىنىڭ چوڭ ئوغلى خۇرت داسىلېر(HorstDassler)نىڭ سېتىش ۋە تەشۋىقات تالانتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
ئادىداسنىڭ ئىجادچىسى ئادى داسىلېر ئەپەندى پەقەت بىر ماھىر ئاياق تىكىش ئۇستىسى بولۇپلا قالماي بەلكى تەنتەربىيەگە ئىشتىياق باغلىغۇچى، ئۇنىڭ بىردىن-بىر ئارزۇسى-تەنھەركەتچىلەرئۇچۇن ئەڭ مۇۋاپىق،ئەڭ ياخشى ئاياق لاھىيەلەش ئىدى.مۇشۇ ئىدىيە ئاستىدا ئۇ 1920-يىلى تۇنجى تەنھەرىكەت ئايىقىنى لاھىيەلىگەن ۋە توختاۋسىز ئىزدەنگەن.مۇشۇنىڭغا لايىق ئۇ لاھىيەلىگەن ئاياقلارمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن.
تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر يېرى،پۇتبول سەھنىسىدە ھېچقانداق بىر ماركا ئادىداستەك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن. ئادىداس تۇنجى بۇلۇپ مىخلىق بوتىسنى چىقارغاندىن كېيىن پۇتبولچىلارنىڭ قاتتىق قوللىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.1974-يىلدىكى غەربىي گېرمانىيە ئۆتكۈزگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە 80%تىن كۆپ پۇتبولچىلار ئادىداسنىڭ پۇتبول ئايىقىنى كىيىپ ،ئادىداسنىڭ پۇتبول سەھنىسىدىكى ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويدى.1998-يىلدىكى فرانسىيە پۇتبول مۇسابىقىدە،ساھىبخان كوماندا فرانسىيە كوماندىسى ئادىداسنىڭ ئايىقىنى تاللىدى. ئادىداسنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئاياغلىرى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ  سەۋىيىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە  جارى قىلدۇردى ۋە  غەلىبە قىلدى.فرانسىيە پۇتبول چولپىنى زىدانى 1998-يىللىق پۇتبول ئەپەندىسى بۇلۇپ باھالىنىپ ،ئادىداس[غەلبىنىڭ ئۇچ سىزىقى]ئۆزىنىڭ ئابرويىنى يەنە بىرقېتىم ئىسپاتلىدى.پۇتبولدىن باشقا يەنە ۋاسكىتبول،يېنىك ئاتلېتىكا ،پەيتوپ،كالتەك توپ ۋە بوكس سەھنىلىرىدىمۇ ئادىداس ئۆزىنىڭ ئۇستۇنلىكىنى ساقلاپ كەلدى.
ئادىداس تارىخىدىكى مۇھىم مەھسۇلات ۋە تېخنىكا خاتىرىسى
1920-يىلى:ئادى داسىلېر ئەپەندى تۇنجى تەنھەركەت ئايىقىنى لاھىلىدى.
1948-يىلى:ئادىداس ماركىسى تىزىملىتىلدى.
1949-يىلى:ئۇچ پاراللىل سىزىقلىق ماركا دۇنياغا كەلدى.
1970-يىلى:«Telstar»دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە مەخسۇس توپ قىلىپ بەلگىلەندى.
1972-يىلى:ئۇچ يۇپۇرماقلىق ماركا دۇنياغا كەلدى.
1979-يىلى:دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ سېتىلغان توپ-« Copa Mundial»بازارغا سېلىندى.
1985-يىلى:«Aps»سىلكىنىشنى ئاجىزلاشتۇردىغان يۇگرەش ئايىقى دۇنياغا كەلدى.
1988-يىلى:ئادىداسنىڭ ئىنقىلاب خارەكتىرىگە ئىگە « Torsion »پەيدا بولدى.
1991-يىلى: Equipmentمەخسۇس تەنتەربىيە ئاياقلىرى ۋە كىيىملەر بازارغا سېلىندى.
1993-يىلى:ئادىداس « Tubular »تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلدى.
1994-يىلى:ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك يېڭى مەھسۇلات-« Predator »پۇتبول ئايىقى مەيدانغا كەلدى.
1996-يىلى:« FeetYouWear »تەنھەرىكەت ئايىقى بازارغا سېلىندى.
1997-يىلى:ئادىداس قارتېيىلىش ۋە گولف توپ جابدۇقلىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق سالامون شىركىتىنى قۇشىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.
2000-يىلى:«مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق(impossible is nothing)»دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ،مۇھاپىقىيەتلىك ھالدا يېڭى مودا تېمىنى ياراتتى.
2002-يىلى:« a3 »يۇرۇشلۇك ۋاسكىتبول ۋە يۈگرەش ئاياقلىرى بازارغا سېلىندى.
2004-يىلى:« adidas 1 »كومپيوتېر ئۆزەكلىك ئەقلى ئىقتىدارلىق يۈگرەش ئايىقى مەيدانغا كەلدى.
2005-يىلى:يەنە بىر تەنتەربىيە كارخانىسى- Reebokشىركىتىنى قوشۇۋالدى.
2006-يىلى:« adidas 1.1 »دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋاسكىتبول ۋە يۈگرەش ئاياقلىرى مەيدانغا كەلدى.


adidas classic - ئۇچ يۇپۇرماقلىق چۆپ


ئۇچ يۇپۇرماقلىق چۆپ بولسا 1972-يىلى بارلىققا كەلگەن ئادىداسنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سودا ماركا بەلگىسى(لوگو). بۇ ئۇچ يۇپۇرماقلىق چۆپنىڭ ھالىتى يەرشارىنىڭ سىترولۇق ھالەتتە ئۇچ ئۆلچەملىك تەكشى يېيىلغان ھالىتىگە ئوخشاش بۇلۇپ، دۇنيا خەرىتىسىگە ئوخشاپ كىتىدۇ.بۇ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان پۇتۇن دۇنياغا سىموۋۇل قىلىنغان.1996-يىلدىن باشلاپ بۇ ئۇچ يۇپۇرماقلىق چۆپ بەلگىسى كىلاسسىك يۇرۇشلۇك Original.مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلگەن،ئاساسىي رەڭگى كۆك رەڭدە.
2001-يىلى ئادىداسنىڭ تۇنجى كىلاسسىك يۇرۇشلۇك Original مەھسۇلاتىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا قۇرۇلغان.ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ياپۇنىيەنىڭ توكيودىمۇ بىرسى قۇرۇلغان.ئۇزاق ئۆتمەي ئامرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىنىڭ Sohoرايۇنىدا ئۇچىنچى دۇكان قۇرۇلغان.كېيىن شاڭخەيدە بىرى قۇرۇلغان.
ئۇچ يۇپۇرماقلىق چۆپ بەلگىسى دۇنيا داڭلىق ماركا تەجىربىخانىسى(World Brand Lab)نىڭ 2006يىللىق «500كۇچلۇك ماركا»باھالىشىدا 67-ئۇرۇنغا تىزىلغان.


adidas Y-3

 


Y-3 بولسا  بولسا دۇنيادىكى داڭلىق لاھىلىگۇچى يوخجى ياماموتو(耀司山本)تەرپىدىن لاھىلەنگەن،ئادىداسنىڭ يەنە بىرخىل يۇرۇشلۇك مەھسۇلات ماركىسى. Yھەرىپى لاھىلىگۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ بىرىنچى ھەرىپىگە،3 بولسا ئەسلىدىكى ئادىداسنىڭ لوگوسىدىكى ئۇچ تال سىزىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بۇ يازمىنى 2008-9-3 17:30:34 Slash تەستىقلىغان!

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-3 17:33:21 |ئايرىم كۆرۈش

بىلدۈرۈپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت..................................

0

تېما

0

دوست

585

جۇغلانما

چېچەك

Rank: 4

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-3 21:45:42 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ مەن ئەڭ ئامراق تەنتەربىيە ماركىسى

0

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-5 15:03:14 |ئايرىم كۆرۈش
مەن تەنھەركەتچى بولمىساممۇ دۇمباق چالغاندا adidasنىڭ ئايىغىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىمەن

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-5 15:20:13 |ئايرىم كۆرۈش
دۇماقنى ئادىداس بىلەن چالغىلى؟

1

تېما

0

دوست

3000

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-5 15:23:25 |ئايرىم كۆرۈش

[quote user="Zildjian"]مەن تەنھەركەتچى بولمىساممۇ دۇمباق چالغاندا adidasنىڭ ئايىغىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىمەن [/quote]

تىپىدىكەنسىزدە.يا دۇمبىقىڭىز بەك چوڭ ئوخشايدۇ ھە،ئىچىدە يۇگرەپ يۇرۇپ چالغۇدەك.

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-6 13:44:09 |ئايرىم كۆرۈش

ھا ھا ھا ... سلەش يولداش...    زىۋىدىخان دۇمباقنى يىراققا تاشلاش ماھىرى.  ئاتىدۇ...

--------------------------------------------------------------

مەن ئۈچ يۇپۇرماقنى بەك ياخشى كۆرىمەن... ئۈرۈمچىدە مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بارمۇ تونۇشتۇرۇڭلارچۇ...

بۇرۇن تىنىچلىق كىنوخانىسى يېنىدىكى  سوخۇ سودا شەھىرىدە ئاز تولا ئۇچۇرايتتى ...  ھازىر پەقەتلا يوق دىسە...

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-6 23:12:24 |ئايرىم كۆرۈش

Hey Adidas, Hey Adidas

 

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 09:03 , Processed in 0.182646 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش