گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
ئىگىسى: QaraOt
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

لەنەت ساڭا ماھىرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

-1

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

31#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 23:51:29 |ئايرىم كۆرۈش
باياتىن بېرى «پىچان ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچمىدۇ، توقسۇن ناھىيىلىكمىدۇ» دەپ ئويلاپ..... تۇرپاننىڭ بولسا ۋىلايەتلىك دەيدىغۇ دەيمەن ھە؟

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

32#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 14:41:03 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنى – توقسۇن ناھىيىلىك 1 – باشلانغۇچ .

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

33#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 21:02:01 |ئايرىم كۆرۈش
داۋامىنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرساڭلار داۋاملىق داۋاشتۇرۇشنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇڭلار....

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

34#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 21:05:01 |ئايرىم كۆرۈش
lol man jazz kömey sizning gepingizdin külüp olturimen men...
This too shall pass

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

35#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 21:09:03 |ئايرىم كۆرۈش
iPhone is messing with me again:-) bashqa temigha yazimen dep yene bu betke yeziptimen
This too shall pass

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

36#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 22:15:55 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  QaraOt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-17 22:21  6 ]+ m' Q! N: }% h( f7 v& u
& U) q1 p. y, H6 @/ l
داۋامى .... ئاز بولسىمۇ يوللاپ تۇراي دېدىم .... - R. _" G1 H- k, [7 T1 t2 U

7 D* ~3 J! N4 v6 ?! f
# _! e2 x" J8 F" V
ئەمەليەتتە بۇ ناھايىتى ئاددىي بىر پارچە رەسىم ئىدى ( ھېچ بولمىغاندا مەن ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق ئويلىغان ئىدىم ) . ناۋادا بۇرەسىم توغرىلىق توختىلىش توغرا كەلسە بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنقى بىر ئاخشامنى ئەسلەپ ئۆتمەي ، بۇ رەسىمنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغانلىقى ماڭا ئېنىق . 3– ئاينىڭ 20 – كۈنىغۇ دەيمەن ، جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇپ توساتتىن رادىئو ئاڭلىغۇم كىلىپ قالدى ، ھە ، بوپتۇ – دەپ شۇنداق رادىئونى ئېچىشىمغا قانداق بولدى بىلمىدىم ، چاراس – چۇرۇس ئاۋاز چىقىپ يەر تەۋرىگەندەك پۈتكۇل ئۆي تىترەپ كەتتى ، دەل شۇ ۋاقىتتا ، كەينى تەرىپىمدە بىروۋ غىل – پاللا ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ شۇنداق بۇرۇلۇپ قارىشىمغا نېمە كۆرۈندى كۆزۈمگە .... تامدا غايەت زور بىرنەرسە سوزۇلۇپ ، ماڭا قاراپ چەكچەيدى ... ئۇنىڭ زورايغان ھالىتى بەلكىم پۈتكۈل ئۆينى بىر ئالسا كېرەك ، ئۆيمۇ تۇيغۇمدا بىردەمدە سىياھ قويۇۋەتكەندەك قاپ –قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن ئىدى . شۇ تاپ يا نېمە قىلىشنى ، يا نېمە دىيىشنى بىلمەيتتىم... ھېلىقى غايەت زور نەرسىگە قاراپ تۇرغىنىم تۇرغان ... كېيىن ھىس قىلىشىمچە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يانغان نۇرنىڭ دەھشىتىدە ئادەم تۇرماق ئىككىنچى بىر جانلىقمۇ بەدەرتېكىۋەتسە كېرەك ، ئەگەر قورقۇنچاقراق بىرەرسى بولسا چوقۇم ئىشتىنىغا چىقىرۋېتىدىغانلىقى ئېنىق .... ئەنە شۇ تەرىقىدە شامالنىڭ قانچە قېتىم يەر سۈپۈرۈپ ، سائەتنىڭ قانچەقېتىم توختاپ ئاھ ئۇرغانلىقى ماڭا ئايدىڭ ئەمەس ، بىراق شۇ تەرىقىدىمۇ مېنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچۈمنىڭ يۇقالمىغىنى قىزىق ... ياپىر ... !... « ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» دە "كۇيىقاپ " دەپ بىر جاي بولىدىغان ، ئۇيەردىكى دېۋە ۋە جىن –شەيتانلار ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك بۇلار – ھە ؟ – دەپ ئۆز – ئۆزەمگەسۇئال قويدۇم ، ئەگەر ئادەم مۇشۇ مەخلۇقچىلىك چوڭلۇقتا بولسا قانداق بولۇپ كېتەر ،ماڭسا يەر تەۋرەپ ئەتراپنى چاڭ – تۇزاڭ قاپلايدىغىنى ئېنىق ... جۇڭگودەك نوپۇسى جىق دۆلەتتە ... بەلكىم ئوت – چۆپلەرنىڭ ھالىغا ۋاي دەپ ئېيتساق توغرا بولار ... ئۇچاغدا دەرەخلەرمۇ تېزلا قۇرۇپ – قاخشال بولۇپ كەتسە ، يەرمۇ ۋەيران بولۇر بەلكىم ،ئۇ چاغدا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ گۆرىنى ئۆزى كولىغانلىق بولمامدۇ ؟ ...ئۇ چاغداماھىرەمۇ شۇنداق غايەت زور بولسا ... يەنە نېمە خىياللار بولدى ، بۇنىسى تولۇق خاتىرلەنمىگەن بولغاچقا بۇ خىياللىرىمنىڭ يېرىمى كېيىنگە قويۇپ ، ھېلىق مەخلۇققاكېلەيلى ... ئۇ مېنىڭ قورقۇقۇپ كەتمىگەنلىكىمدىن جەھلى قاتتىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ بىلىمىدىم ، كۆزلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ ماڭا تېخىمۇ يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى ... " T: ~! \: B5 K5 S
ياپىر ... ئاللاھ ئىگەم مۇشۇنچىلىك مەخلۇقنى ياراتقان ئىكەنسەن
% }" L$ J8 P6 B2 v+ Q( d) k2 Xئادەمگە بۇنى كۆرۈپ چىدىغۇدەك يۈرەك ئاتا قىلغايسەن – دەپ ئۆز – ئۆزەمگەتوختىماي پىچىرلاشقا باشلىدىم ... ئۇ ماڭا شۇنداق يېقىنلاپ كېلىپ چېقىراپ كەتتى ،بايا ئاسماننى مالىمان قىلغۇدەك ھۆكىرەپ قىلىقىغا پاتمىغان زىيادە مەخلۇقنىڭ قانداق قىلىپ مەندەك بىر كىچىك بالىدىن قورقۇپ چىقىراپ + e5 V- D7 ]8 {# v3 i7 ^+ j
كەتكەنلىكىنى نېمە دەپ چۈشەندۈرسە دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى مەنمۇ مۇشۇ تاپتا ئويلاپ تاپالماي ھەيرانە . بايىقى ھەيرانىلىق نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان ھالەتتىن بايىلا تېخى قورقۇنىچقا ئۆزگىرەي – دەپ تۇرغىنىدا يەنە ھەيرانىلىققا ئالماشقان ئىدى . تۇيغۇلىرىم مېنى ئالداۋاتامدۇ –ياكى ؟ – دەپ پاچىقىمنى  چىمدىدىم ... ۋاۋۇ .... بەلكىم بەك قاتتىق چىمدىۋەتكەن چېغىم ئاغرىقتىن ئاچچىق توۋلاپ كۆزۈمنى ئاچتىم ... قارىسام نەق گۇگۇم چۈشكەن مەزگىل ئىكەن . ئەتراپىمغا بىر قۇر قاراپ چىقىپ – ئۇف – دېدىم . ئەسلى بايا بەك چارچاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزەممۇ تۇيماي كارۋاتتىكى ياستۇققا يۆلىنىپ بىردەم ئارام ئېلىۋالاي دەپ ئۇخلاپ قالغان ئىكەنمەن  . گەرچە بۇ بىر چۇش بولسىمۇ نۇرغۇن قېتىم كاللامغا كىرىۋېلىپ دائىم گاھ مېنى ھەرخىل خىياللارغا چۆمدۈرسە ، گاھ تاشقى پىلانت، يەنە قانداقتۇر نەرسىلەر توغرىسىدا ئويلىنىشقا سۆرەپ ئېلىپ كېتتەتتى ... بۈگۈنمۇدەل شۇخىل ئېزىقىشلارنىڭ ئىچىدە قورقۇنىچلىق ھەم يىرگىنىچلىق ھېلىقى مەخلۇقنىڭ سۆرىتىنى قىياس قىلىپ سىزىپ چىققان ئىدىم . كىم بىلسۇن بۇنچىۋالا كۆپ ئىشلارنىڭ يۈزبېرىشىنى .

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

37#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 22:29:12 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇنى قارائوت دېگىچە قاراقوساق دېسەك بولامدۇ نىمە؟؟؟؟
) b- C  m" `/ Z( L. E5 p% Z
................................................................................................................
* h1 R. a' |  p+ S6 pيەنىلا قارا ئوت دېگىنىمىز تۈزۈك – چۈنكى ئۇنىڭدىمۇ قارا ئوتچە پۇراق بار ئەمەسمۇ .

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

38#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 22:48:46 |ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ گەپ ئېغىر كېتىپتۇ ....

0

تېما

0

دوست

200

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

39#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 04:06:53 |ئايرىم كۆرۈش
بۈگۈن ئانچىمۇ بەك خوشال ئەمەستىم ،،،،،،، ?????????????????????????1 e. _6 Q! ^. Y  o; K& j* D
ئەمما ئاكىللىسنىڭ  بۈگۈنكى ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ چىقتىم ،،،،،،،،????????????شۇڭا ئاكىللىسقا  يەنە بىر قېتىم رەھمەت  ئېيتماي تۇرالمايمەن ........رەھمەت بارلىق يۇمۇرستىك ئىنكاسلىرىڭىرغا ، ،،،،،،،،،

0

تېما

0

دوست

200

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

40#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 04:36:51 |ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى يەنە قاچان چاقچاق بايرىمى بۇلار_ ھە ......???,,,,,

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

41#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 11:10:41 |ئايرىم كۆرۈش
چاقچاقلىرىمنى ئۆچۈرۋەتتىم، چۈنكى چاقچاق بايرىمى ئۆتۈپ كەتتى...{:4_83:}

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

42#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 13:32:38 |ئايرىم كۆرۈش
شۇ بىر ئىنكاس تۈپەيلى ، "قارا نىيەت" توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدىم ، قارانىيەت – نىيتى قارا دىگەنلىك ، ئۇنداقتا مەن كىملەرگە ، قاچان ، قەيەردە ، قانداق قىلىپ ، قايسى ئۇسۇلدا قارانىيەتلىك قىلدىم ؟ ئۇنداقتا باشقىلار نىمە ئۈچۈن مېنى بۇنچە ئاسانلا قارا نىيەت دىيەلىدى ؟ " قارا نىيەت " دېگەننىڭ كۇۋادىراتى ۋە كۇپى بارمۇ ؟ دەرىجىسىنى قانداق بەلگىلىسەك تېخىمۇ ياخشى بۇلار – ھە !ئۇسۇل ۋە شەكىلنىڭ قانداق بولۇشىنى قويۇپ ، كىشىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە زەخمە يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە ئاساسەن دەرىجسىنى بەلگىلىسەك توغرا بولامدۇ ياكى ئۇ ئادەم بىلەنلا كۇپايىلىنەمدۇ ؟
# y$ H: v3 x4 Cئەستايىدىل ئويلاپ كۆرسەك ، يەنى قەلبىمىزدىكى غەشلىك ۋە نارازىلىق تۇيغۇلىرىنى چالغىتىپ تاشلاپ مۇزدەك تۇرۇپ ئويلانساق : – بىز بىر – بىرىمىزگە مېھىر يەتكۈزىمىز دەپ تۇرۇپ ، زەخمە يەتكۈزىدىكەنمىز ، بىروۋ ئۈچۈن يەنە بىروۋغا ئازار بېرىدىكەنمىز ، باشقىلارنى خاتا چۈشۈنۈپ قېلىش ئارقىلىق باشقىلارغا ئازار بېرىكەنمىز ، ئۆزىمىزنىڭ خاھىشى ۋە قانداقتۇر ئاتالمىش ئەركىنلىكىمىز ۋە روھىي ئازادلىقىمىز ئۈچۈن ئازار بېرىدىكەنمىز .... ئۆتۈپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ باشقلارغا ئازار بېرىدىكەنمىز ، باشقىلارغا خۇشھاللىق ئېلىپ كېلىمەن دەپ ئولتۇرۇپ باشقىلارغا ئازار بېرىكەنمىز .... ئۆزىمىزنىڭ نەپسى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېشىغا تۇپا چېچىش ئارقىلىق ئازار بېرىكەنمىز ، ئاخىرىدا ئويلاپ كەلسەك ھەممە ھەممىسى پەقەتلا شەخىس نۇقتىسىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكەنغۇ – خالاس .
2 s: ]6 a4 X  P. N* `يەنە بىر نۇقتىدىن بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىدىن ناھايىتى يېراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلى ۋە ئاراملىقى ۋە تېنچلىقى ئۈچۈنلا نۇرغۇن نەرسىلەرگە بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن قاراشتىن تولىمۇ يېراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتمەي تۇرالمايمىز . ئىنشائاللا... بىزدىكى ئىتىقاد ۋە ئازراق بولسىمۇ يۈزىمىزنىڭ قىزىرىشى ۋە قېنىمىزنىڭ ئۇخچىشى يۇقالمىغان ئىكەن ... ھەر ھالدا بۇنى بىر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى دەپ تونىساق خاتالاشمىغان بولىمىز ئەلۋەتتە . بىراق باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ چوڭ ئىشلارغا پۇتلىكاشىلاڭ بولۇشقا ، كېچكتۈرۈشكە بولمايدۇ – ئەلۋەتتە . دەۋر ئارقىي كۆرۈنۈشكە ئىگە ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى قۇربانلىق بېرىش كېرەكمۇ ؟ دۇرۇس شۇنداق بولۇش كېرەك ! – مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا مېنى قارا نىيەت دېسە بەلكىم توغرا بولار .... بىراق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن ئويلىغاندا ، بىر ئادەمنىڭ ئازابلىنىشى قانچىلىك ئىشتى دېسەكچۇ ؟ دېمەك بىز ئىنسان بولغاندىن كېيىن زىددىيەتتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدىكەنمىز دېگەن گەپ . ( c4 W5 [6 P5 K, r' Y8 x9 q! G
گەپنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىپ ، مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە قارانىيەتلىك قىلغان بولسۇن ھەممىسىنى ئوخشاشلا " قارا نىيەت " – دەپ ئاتىساق توغرا بولامدۇ ؟ – ياق ھەرگىز توغرا بولمايدۇ ، ئۇنداقتا دەرىجىسىنى قانداق بېكىتىمىز ، قانداق بەلگىلەيمىز ۋە قانداق بىلىمىز دېگەن سۇئاللار تۇغۇلغاندا بىز بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىمىز ، بىز بۇنى ئويلىشىپ باقتۇقمۇ ؟ شۇنداق ... بۇ توغرىدا ئەدىبىياتشۇناسلار بۇرۇنلار ئويلاشقان – مەسىلەن بىرئاز ياخشىلىرىنى " ياخشى ئادەم ئەمەس " ، ئۇنىڭدىن دەرىجىسى سەل يۇقىرلىرىنى " كىشىگە ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەم " يەنى شەخىسىيەتچى – دېمەكچى ، ئۇنىڭدىنمۇ دەرىجىسى يۇقىرلىرىنى " يۈزسىز " ، ئۇنىڭدىن دەرىجىسى يۇقىرىنى " قارا نىيەت " ، ئۇنىڭدىن دەرىجىسى يۇقىرىنى " رەزىل " ، ئۇنىڭدىن دەرىجىسى يۇقىرىنى " ئىپلاس " ،  ئۇنىڭدىن دەرىجىسى يۇقىرىنى " ئۆتۈپ كەتكەن رەزىل ياكى ئۆتۈپ كەتكەن قارانىيەت " ، 5 k! ^  ~' \( \6 t% N3 u
ئۇنىڭدىن دەرىجىسى يۇقىرىنى " پاسسىق " – دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كەلدۇق دېگەن گەپ . بەلكىم بۇنىڭدىن ئۆتە ئادەملەر بولسا كېرەك ... مەسىلەن رەزىلىكنىڭ كۇۋادىراتى ياكى كۇپى دېگەندەك .... بىراق بىز مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا – دۇنيا بويىچە تىلغا ئەڭ ئېتىبار بەرمەيدىغان ىەق دېسەك خاتا بولمايدۇ ، چۈنكى مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى ئائىلە ۋە باشقا سورۇنلاردا بولسۇن ئادەتتىكىدىن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇرغان ئاشۇرۋېتىش ، كۆپتۇرۇش ۋە چۈشۈرۈش ھەتتا ھىسسىيات ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئۆگىنىپ كەتكەنلىكىمىزنى ھىس قىلىپ تۇرىمىز . ئەمەلىيەتتە بىروۋ بىر ئەسەرنى بولۇپمۇ بىر پارچە شېئىرنى ھەقىقىي يۈرىكىدىن چىقىرىپ يېزىپ باقسا ئاندىن ھىس قىلىپ يېتەلىشى مۇمكىن ، ئاشۇ ئادەتتىكى بىر سۆزنىڭ ئەلەمچە مەنىسى ۋە ئالەمچە رولىنى .

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

43#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 13:37:00 |ئايرىم كۆرۈش
ئەمەليەتتە " قارا نىيەت " دېگەن بۇ سۆز – نىيتى قارا دېگەن مەنىنىلا بىلدۈرۈپ قالماستىن ئۇنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە يان ۋە قىيپاش تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىچە مەنە ۋە مەزمۇنلار يېغىنچاقلانغان بولىدۇ . بىز ھەممىمىز خەقنىڭ تىلىنى ئۆگەندۇق ، ئازراق بولسىمۇ چۈشەندۇق ، بىراق كۆپلىرىمىز ، ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ئاشۇ بىروۋنىڭ تىلىچىلىك بىلمەيمىز . مانا بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك مانا بۇ مەسئۇليەتسىزلىككە كۈنۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى ۋە ئاقىۋەتنىڭ باشلىنىشى .

0

تېما

0

دوست

200

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

44#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 13:51:16 |ئايرىم كۆرۈش
نېمىشقا?? نېمىشقا ????نېمىشقا?????....................... نېمىشقا مۇنداقلا بىر ئېيتىلغان چاقچاقنى كۇۋادىراتى ۋە كۇپى بۇيىچە تەتقىق قېلىپ كېتىش كېرەكمۇ؟؟؟   بۇ پەقەت قارا  دېگەن سۆزگىلا قارىتا ئېتىلغان ئىنكاسكەنغۇ...............  ئوبامامۇ چاقچاق كۇتۇردۇغۇ..........

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

45#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 20:57:36 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يۇقىردىكى ئىنكاس ھېچكىمگە قارىتىپ ئېيتىلغان ئەمەس ، بەلكى شۇنداق بىر ئىنكاس چۈشكەنلىكتىن كىلىپ چىققان مۇلاھىزە خالاس . بۇ پەقەت تۈنۈگۈنكى چاقچاق بايرىمىدا ئېيتىلغان گەپلەر ....  ھازىر تارىخقا ئايلاندى .
2 T8 R) A3 g$ _  oORANGE... ئەگەر چاقچاق كۆتۈرەلمىگەن بولسام ، چوقۇم سۇئال بەلگىلىرىڭىزمۇ ماڭا تەتۇر قاراۋاتىدۇ – دېگەن بولاتتىم .

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

46#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 20:59:36 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  QaraOt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-18 21:11  
+ O' s( l# L( [6 V6 h, U  T* J$ [0 \; ^. K, V7 O
& Q: P3 L4 a: x* @+ X6 a0 g
' P* H+ F* L6 Q
داۋامى ......... 0 f5 Y# j7 i' I+ n

" V# g$ }: R7 h. H9 X' o( j, J* b+ L

2 Z2 i5 P  Q  J" [6 x. e9 Z, d' P6 z; G* y' z! U
$ Q2 g+ T6 K% L$ A* |
$ p$ j. [& F* X, r. B
ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ چۇش كۆرۈشكە ئۆچ بولغان ئىدىم . سىنىپتا بىرەرسى قوپۇپ مەن مانداق چۈش كۆردۇم دېسە ماڭا خۇددى يالغاننى توقىۋاتقاندەكلا ،
; r- A- l4 _/ q) Q9 ~. b. iمۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىۋاتقاندەكلا تۇيۇلاتتى . ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ پەقەتلارەسىم سىزماس بولدۇم ، گاھىدا شۇنداق رەسىم سىزغۇم كەلسىمۇ دەرھال ئاپام يادىمغايېتەتتى – دە ، قۇلۇمغا ئالغان قەلەمنى ئورنىغا قويۇپ قويۇپ ئامال بار باشقائىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتىم ، دەل شۇ قېيىنچىلىق مەزگىللەردە دەسلەپتە ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك "شېئىر" غا ھەۋەس قىلىپ قالدىم ، ئەڭ ئىچىم سىقىلغان (پۇشقان ) ۋاقىتلاردا ماڭا بىردىن – بىر ئەمەك بولىدىغىنىمۇ ، ماڭا ھەمرا بولىدىغىنىمۇ، كۆڭۈل ئاغرىقلىرىمنى ئېيتىپ ئىچىمنى بوشىتىۋالىدىغىنىممۇ دەل شۇ شېئىر ئىدى . شۇنداق قىلىپ دەسلەپتە ، خام كېسەكتەك ، پېتىر ، نەم شېئىرلارنى يېزىپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىپ يۇردۇق ، كېيىن بارا – بارا سۆزلەر دۇنياسى ئىچىدە ئەركىن بىمالال ئۇزۇپ يۈرگەنمۇ بولدۇق ، ئىچ – ئىچىمدىكى غەزەپ – نەپرىتىمنى باسالماي يېزىپ كەتكەن شېئىرلارمۇ بار بولدى ، ئىلھامسىز يېزىلغان مېخانىكىلىق شېئىرلارمۇ بار بولدى ،بىراق ۋاقىت ھەممىنى ئۇتتۇلدۇرغىنىدەك ، ۋاقىت يەنە ئۆز ۋاقتىدا ھەممىنى ھىس قىلدۇرۇپمۇ تۇرىدىكەن ... گاھىدا بىرەر سۆزنى ئاڭلاپ قالسام ئۇنى تەھلىل قىلىپ كېتەتتىم ، ئاستا – ئاستا ھەر بىر سۆزدە ئالەمچە مەنىلەرنىڭ يۇشۇرۇنغىنىنى ھىس قىلىپ يەتكەنمۇ بولدۇم . ئەيتاۋۇر بەزىلەر بىر سۆزنىڭ گاھى جۇملىلەردە ئىپادىلىگەن مەنىسىنى تولۇق چۈشىنىپ بولالماي ھەيرانە بولغان ياكى شۇنداقلا ئىشكەنغۇ دەپ چۈشەنگەن جايلىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن ، مەيلى قانداقلا بولسۇن ، كۆپلىرىمىزنىڭ ھەيدەيدىغان ماشىنا ، ئولتۇردىغان ئۆيىمىز ، خالىغانچە خەجلەيدىغانغا پۇلىمىزبولغىنى بىلەن ئاشۇ سۆزلەرنى چۈشىنىشنى ، ئاشۇ سۆزلەرنى چۈشەنگەنچىلىك دۇنيانى چۈشىنىشنى خالىمايمىز ياكى ۋاقتىمىز يار بەرمەيدۇ قاتارلىقلار . ئەلۋەتتە بىز بۇيەردە سۆز توغرىسىدا گەپ قىلىشتۇق ، سۆزنى ئەلۋەتتە ئادەملەر ياساپ چىققان ، لېكىن شۇ بىر سۆزدە ئالەمچى مەنە بولغان ئىكەن ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا سەۋەب بولغان ماددىي ۋە ئىجتىمائىي ھەم ئىقتىسادىي ئارقىي كۆرىنىشلەر ، پۇرسەتلەر دەھشتىدە كۆزئالدىمىزدا زاھىر بولۇپ ئۆتىۋاتقان ھەقىقەتلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۆپىنكى ۋەپېتىنقى يۈزدىكى مەزمۇنلارنى تەھلىل قىلساق تىلىمىز ئەمەس ، دىلىمىز لال بولمىساھېساب ئەمەس . ئەلۋەتتە بىز كۆپ ھاللاردا زاھىرلىققا ئېتىبار بېرىپ ، باتىللىققاكۆڭۈل بۆلۈشتىن باش تارتىمىز ؛ ئەگەر ئىنسانلار ھەقىقەتەن شۇنداق ئەقىللىق بولساباشتىن باشلاپلا باتىللىققىمۇ ئوخشاش كۆڭۈل بۆلگەن بولسا ئاقىۋېتى قانداق بولاتتى دېگەن مەزمۇنلار – گەرچە بىزنى ئازغۇنلىققا باشلىغاندەك قىلغان بىلەن بىلىش ھوقۇقىمىزنىڭ نەقەدەر چەكسىزلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . مانا بۇ بىزگە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ھوقۇق ، مانا بۇ بىزنىڭ توغرا تاللاش يولىمىز ، بۇ ھەرگىزمۇگۇمراھلىق ئەمەس ، بەلكى ھەقنى ۋە بىردىن بىر بولغان ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇش يولىدۇر . خوش ، ئەمدى ئىنسانلارنىڭ بىلىش ۋە ئىزدىنىشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ باقايلى . يەر شارىنى مىسال قىلىپ ئالساق : بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ ئاياغ ئىزى بارمىغان
4 {7 |6 ]" c5 R0 n, L) M، تېخىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشىنىشكەۋاقىت يار بەرمىگەن جاي قەيەر ؟ مېنىڭچە دەل چوڭقۇر دېڭىز – ئوكيان ئاستىلا . شۇنداق ئىنسانلار بىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئۆلمەس نەفسى ( نەپسى ) ئۈچۈن بارمىغان جايلىرى قالمىدى ، بىرقىسىم ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار ئەلۋەتتە ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشتى – ئەلۋەتتە ؛ قالغانلىرىمىزچۇ ، بىزچۇ ؟ھېچنىمە ...! پەقەت تەبىئىيلىكنى ، يەنى ئاشۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ۋەيران قىلىشقايارىدۇق ! تېخى كۆرەڭلەپ :« تاغنى تالقان ، باغنى بوستان » قىلىمىز دىيىشلىرىمىزبار . مېنىڭچە بۇ يەرگە كەلگەندىمۇ دەل « لەنىتى » دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە ئارتۇق كەتمەيدۇ . گاھىدا ئۇرۇش تۈپەيلىدىن يەرشارى ھالسىراپ تۇرغان ۋاقىتتا ، قانداقتۇربىرقىسىم تېرورچى ، ئونسۇرلارنى يۇقىتىمىز دەپ ، توغرىسى «ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ،ئۇر توقۇمنى » قىلىشتۇق ، يەنى ئاشۇ بىر قانچە تېرورچى ئۈچۈن گۈزەل تاغ –دەريالارنى پارتلىتىپ يەرشارىدىن ئىس – تۈتەك چىقاردۇق ، مانا بۇ بىزدىكى رەزىللىك، مانا بۇ بىزدىكى « بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش » خاھىشى ، مانا بۇ بىرقىسىم ئەمەلدارلارنىڭ مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى . ئەمدى نىمە ئۈچۈن دېڭىز – ئوكيانلارھازىرغىچە پاكلىقىنى تولۇق يۇقاتمىدى دېگەندە ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپالايدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ ، چۈنكى بىزمۇ بىرنەرسىلەرنى بىلدۇق ، ھىس قىلدۇق ، چۈشەندۇق . شۇنداق ئىكەن يەرشارىنى قوغداش ،توغرىسى تەبىئەتنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش ۋە قوغداش ھەربىر ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتى. خوش بۇ گەپلەر يەنە مۇشۇ جايدا تۇرۇپ تۇرسۇن بىز يەنە ئەسلى تېمىغا قايتىپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى ئەمىسە .
5 {7 t6 V/ D, B- p' U6 |

' K* P. L5 E% Q- {6 I) F, ]1 u
6 L2 K/ u9 t9 d! i* h4 }" W# v  h' `, {
- v( d. m4 g4 h) @5 [4 w* o# ~

1

تېما

0

دوست

42

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

47#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 21:13:56 |ئايرىم كۆرۈش
تۇيغۇلىرىمنى ھېس قىلدۇردى

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

48#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 21:14:43 |ئايرىم كۆرۈش
داۋامى بىۋاستە يېزىلىۋاتقان بولغاچقا ... داۋاملىق داۋامى يېزىلىدۇ .

1

تېما

0

دوست

42

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

49#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 21:39:56 |ئايرىم كۆرۈش
ئاپلىسىن يەپ ئوقۇسا پەيزى بولىدىكەنتۇق

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

50#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 23:01:53 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  QaraOt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-19 23:13  
: s+ d* M8 j, |' f: ]5 R: f5 s
1 n7 I3 D9 A: \9 _  kئەسلىي ئايرىم تېما قىلىپ يوللاي دېگەن ، كەچلىك ئۇيقۇڭلارغا خەيىرلىك تىلەش بىلەن بىرگە Tiffany Dunn  نىڭ بىراقToo Bad I Love You« بىراق ، سىنى ياخشى كۆرەتتىم » دېگەن ناخشىسىنى يوللاپ قويدۇم . & [; C7 A7 b' D7 o/ d. R
5 e& e% E/ K  z- ]4 J7 i% ?. x

) @7 l; S5 Z8 q) H* d; w9 l7 }
- j: b8 c& A. k- |# o+ H* T
$ ~! |. \9 j7 j9 G6 y/ o

* S3 B% U9 G( c
& ?6 k: f0 Q& Q$ I! ]5 u7 L
) ?& x/ A4 I: L7 r6 `2 u( K: |# M2 n2 F* R3 _' g
                                                                         [flash=http://player.youku.com/player.php/sid/XMjM2Nzg4NzQ4/v.swf,550]450[/flash]
3 ^& t- ^' X. z- u

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

51#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 23:59:25 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  QaraOt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-19 00:10  
; R- k. o- m1 y  |, ~: e- ?7 @: e& R7 I: I& H
داۋامى ........... داۋاملىق يوللىنىۋاتىدۇ ... : u7 T& e) q: O$ z+ h) E8 K
* [5 a5 i4 L& J  `* s4 l
* v9 g$ o% K0 i) {- b
) G' N; E5 v4 N! h, {/ x! }
تۇلۇقسىزغا كۆچكەن يىلى مەندە ئۆزگىرىش بولغان يىلى دىيىشكە بولىدۇ . چۈنكى شۇنىڭدىن باشلاپ سىرتتىن قارىماققا ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىلغان بىلەن ، ئەمما مېنىڭ ئىچكى دۇنيارىم ھېچقاچان تېنچ بولۇپ باقمىغان ئىدى . نىمىشقا دەڭ ھەممىسى ماھىرەنىڭ كاساپىتى بولمامدۇ ... بۇرۇن نىمىشقا ئۇنى كۆرسەملا تەمتىرەپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى ئۇنتۇپ قالدىغاندىمەن دەپ ئۆز – ئۆزەمگە ھەيران قالاتتىم . بىر كۈنى ئەمدى دەرسخانىغاكىرەي دەپ شۇنداق ئىتتىك كېتىۋېتىپ توختاپ قالدىم ، قارىسام ئۇ دەل دەرسخانابىناسىنىڭ ئالدى ئىشىكىنىڭ يېنىدا ماڭا قاراپ تۇرۇپتىكەن ، تەمتىرەپ نىمەقىلىشىمنى بىلمەي قالدىم ... كەينىمگە ياناي دېسەم يانا ، ئۇدۇل مېڭىۋېرەي دېسەم يانا ... ئەستا – دىدىم ئۆز – ئۆزەمگە تىپىرلاپ تۇرۇپ ... شۇ تەرىقىدە بىردەم تۇرۇپ يەنە ئۆزەمنى ئوڭشىۋالدىم ... قارىسام بىنانى ياقىلاپ ماڭسام ئۇ مېنىڭ كىرىپ كەتلەنلىكىمنى بىلمەيلا قالغۇدەك ، شۇنىڭ بىلەن ئاستا قىيپاش مېڭىپ ئۇنىڭدىن يېراقلاپ بىنا يېنىدىكى ھاجەتخانا بار تەرەپكە ئۆتۈپ ئاندىن ئاستا تام ياقىلاپ يۈرۈپ سىنىپقا كىرىۋالدىم ، كىرىپ بولۇپ ئۇف دېدىم .ئەينى ۋاقىتتا 5 m: }9 Y/ K" |7 [0 k
نىمىشقا بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپ ئۇنى شۇنچە كۆرگۇم كەلگەنسىرى ئۆزەمنى قاچۇردىغانلىقىمنى بىلمىگەن ئىكەنمەن . ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇخىل ھالەتتە ئۇچرىشىپ قالغان ۋاقتىمىز دەل بىر جۈمە كۈنى ئىدى ... شۇ كۈنى ئۇيېشىل ئىشتان كېيىپ ، ئۇچىسىغا قىزىل كوپتا كىيىۋالغان ئىدى ، بۇ كىيىملەر ئۇنىڭغائاتاپ تىككەندەكلا شۇنداق ياراشقان ئىدىكى ئەسلىدىنلا نۇرلۇق چىرايىغا تېخىمۇھۆسىن قوشۇپ ئاشۇ يېراقلاردىنلا كۆرگەنلا ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئەندىشىگە سالغۇدەك دەرىجىدەچىرايلىقلىشىپ كەتكەن ئىدى . ئاھ ، خۇدا دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ چىرايلىق ئادەم بولىدىكەن – ھە ! – دەپ توختىماي تەھسىن ئېيتىپ كەتكەنلىرىمنى ... ھازىرئويلىساممۇ ئىچىم ئىسسىق بولىدۇ . شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا يېقىن ئارىلىقتىن چىداپ تۇرۇپ قاراپ تۇردۇم ... قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ... بۇ بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن بولغاچقا ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولاتتى، يەنە ئاللىكىملەردۇر ئۆيلىرىگە ئالدىراپ مېڭىشاتتى ، قايسىدۇر بىرەيلەن تاماق بېلىتى سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولسا ، يەنە بەزىلەر كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش ۋەباشقا ئىشلار ئۈچۈن تىپىرلاپ يۈرەتتى ... پەقەت مەيداندا مەن ۋە ئىككىمىزلا  قالغان ئىدۇق ... شۇتاپ ئۇنىڭ كىتابقا بېرىلىپ كەتكەن شۇ ھالىتىنى بۇزۇپ قويغۇم ، توغرىسى ئۇنىڭ شۇ ھالىتىنى ئۇزۇنراق ھۇزۇرلىنىپ كۆرگۇم بولغاچقا ئۈندىمەي ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم ... ئۆزەم ئۈندىمىگەن بىلەن شەيتانلىرىم ئاللىقاچان مېنى دەي – دەيگەسېلىشقا باشلىغان ئىدى . – قېنى دېمەمسەن ! شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى يۇشۇرۇپ ئۆتكەن ئىچكى سىرىڭنى ئېيتقىن ، تېز بول – دەيتتى ، مەن بولسام – ياق ، ھازىر، ۋاقتى ئەمەس دەيتتىم ... شۇنداق گادىرماچ خىياللاردا تۇرغىنىمدا ئۇ ماڭا لەپپىدە قاراپ قالدى ...
0 d" f1 q2 r, K6 D% n4 I
2 j2 Z+ W, z7 V
ئۇ قارىدى
. o/ e8 D3 S* \* K0 v$ j
قۇياش كۈلدى ، زېمىن كۆيدى + [# U. m  V4 l& ^
ئەتراپ ئارامبەخىش تۇيغۇغا چۆمدى
; {1 t4 ^3 R) M' L) p7 S- u5 iئۇنىڭ بىر قارىشى بىلەن تۇيۇقسىز تەمتىرەپ قۇلۇمدىكى كىتابلارنى يەرگە چۈشۈۋەتتىم  ، شۇ تاپ مەن خۇددى ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىچارە ئاچ 3 f9 s" w5 C/ c$ w; B
قۇرساق بالىغا نەقەدەر ئوخشاپ قالغان ئىدىم – ھە... ئۇ مېنىڭ بىنورمال ھالىتىمنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ... ھەم شۇنداق تەرۇزدە ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى ... بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ تەمتىرەپ – م ... مە ... ن – دېدىم ئاران . ئەنسىرمەڭ ، مەن سىزنى يەۋەتمەيمەن ، نىمانداق قورقىسىز ؟ – دېدى ئۇ ماڭا يۇغان ئادەم ئىچىگە چۈشۈپ كەتسەتۇنجۇقۇپ قالغۇدەك زەڭگەر كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ يەردىكى كىتابلىرىمنى قۇلۇمغا بەرگەچ .

. @4 N5 n* @: n9 ?' L% Y$ q  q6 h1 h- ^' l) U5 E: c7 U0 Q$ x% Y# A
مەن ، مەن .... قورقمىدىم .. شۇ ...
. ]2 _4 u* Y9 B! J" U* b
2 I/ Q; k/ k9 |7 J% Y# }- m% x
ھا ھا ھا" @* W) x0 T4 V8 t( f
.... قورقمىدىڭىزما ، شۇنچە يۇغان ، خۇددى پىيالىدەك كۆزلىرىم بار تۇرسا .

( a) W" y  C" s7 ]; P" G  i4 B  E, j- k  c! s& o! j

3 a% {8 K% i! d; ~# v  J. q* Z

3 ^. t: l! r' C& L3 F$ M' K7 R+ o, U
$ }9 k' F1 R2 i: F) e.......

- \7 F# V, X) X$ a3 ^& C
' F1 F  b6 A. p: ?" k
ئاپام دائىم كېچىدە دىققەت قىلغىن ، بىرەربىچارىنى قورقىتىۋەتمىگىن يەنە – دەيتتى ، كىچىكىمدىن باشلاپ . بۇرۇن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ نىمە دەيدىغاندۇ – دەپ قالاتتىم . 5 p; s3 {5 @4 Q: Q" v2 N/ W
( d, v$ \( W3 Q: ?" {
شۇنداق ، كۆزلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمنى ئېزىقتۇرۇپ قويىدۇ !7 `/ A; w7 \& v3 U" f
8 D& s3 q. S* p& @6 _. b* S! u
نىمە ، كۆزمۇ ئادەممۇ ئېزىقتۇرالامدۇ ؟ - ]7 T+ a& x0 y. \, ?% d
, B% p& G0 S6 ?# u9 d2 z4 Q- I
ئەلۋەتتە ، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئاشۇ كۆزلەرگەقانغۇچە قاراپ تۇرغۇم ، بولسا ئىچىدە چۈمۈلۈپ ئوينىغۇم كېلىدۇ .
" m" K% {& h4 Q7 `3 n  ^
) P- H3 m8 R9 p! l3 T* l5 G6 }- K
ھا ھا ھا ... نىمانداق قىزىق گەپلەرنى قىلىسىز ، كىچىككىنە تۇرۇپ ... * p; O. Y* q% a8 [
7 H1 z0 M0 p, L4 d
سىز مېنىڭ كىچىك قۇشۇم !
# v+ a* l$ p- i- L) f
& n! z# f( A& r
ھاھ ھاھا ھا ... چاقچاق قىلماڭە ، مېنىڭ قۇش بولغۇم يوق .
( ]. k6 [5 g# j1 S/ P' V/ v) \0 I& _9 p" g/ P
ئۇنداقتا ، مەن سىز ئۈچۈن قۇش بۇلاي
2 i$ L2 I( D' p( o$ d) w# z; Y3 T3 @% M. u0 E8 ]* f4 L
شېئىر تۇقۇۋاتامسىزمۇ نىمە ، ئاڭلىسام سىزنى شېئىريازىدۇ دەيدىغۇ ، راستمۇ ؟; r/ i% I2 C8 \. t
. U7 X- G( D" f4 [5 S0 e
ئانچە – مۇنچە جىجاپ قويىمەن خالاس
+ \: ~1 f5 K( @6 E0 g* Z4 R
3 b+ G% N6 f8 d& u% r/ |
ماڭا بىرەر پارچە شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ بېرىڭ بولامدۇ!6 [: z) R/ M6 [- _$ ^# b
ئۇنىڭ كۆزلىرىلائەمەس ، ئاۋازىنىڭمۇ شۇنچە يۇمشاق ، تاتلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، نىمە دېگەن تاتلىق ، نىمە دېگەن ئادەمنى مەست قىلغۇدەك ئاۋاز ۋە تۇيغۇ بۇ – ھە ! ئاھ، خۇدا ئۆلسەممۇ ماھىرەنىڭ قۇچىدا يېتىپ ئۇنىڭ تاتلىق ئاۋازى ۋە زەڭگەر كۆزلىرى ئىچىدە جان ئۈزسەم – نەقەدەر ياخشى بولاتتى – ھە ! بۇلۇق قاپقارا چاچلىرى ئۇنىڭ زىلۋا بەدىنىگە خۇيمۇ ياراشقان بولۇپ ، كۆرگەنلا ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلاتتى . شۇتاپ ئۇ يۇغان زەڭگەر كۆزلىرى بىلەن ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى . بۇ كۆزلەر ، بۇقاراش ئادەمنى ئەقلىي – ھۇشىدىن ئايرىيتتى – ئەلۋەتتە ؛ – ئەگەر ئۇ مۇشۇ قارىشى بىلەن ئابدېھىم ساۋۇتقان قارىغان بولسا ، بەلكىم ئابدۇرېھىم ساۋۇتمۇ ھۇشىدىن كەتكەن بولار ئىدى تايىنلىق – دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
4 X$ q: G4 N' c, j# ?) V& |9 {* I3 m: T( U8 p3 f
ھە ، گەپ ، قىلمايسىزغۇ ، نىمە ئويلاۋاتىسىز؟شېئىرچۇ ؟ ئا ، خۇدا بۇ قاراش ، بۇ ئاۋازلارنى تەسۋىرلەشكە سۆز تاپقىلى بولامدۇ –يوق ... ياق ، بەلكىم ئۇنىڭ قاراشلىرى ۋە ئاۋازىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بەلكىم ئۇيغۇرتىلى لىكسىلوگىيىسى ئازلىق قىلسا كېرەك ... بۇنىڭغا بىرەر سۆز ياساش توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ ئادەم ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىدا گەپ يوق . + R/ D; {% |/ C! T0 W3 J8 y

" H# r( O- I$ G: V9 c8 t; y0 [) Z
ھە ... مەن ... مەن ئويلىنىۋاتىمەن ، سەل تەخىرقىلىڭ ... «جېنىم» دېگەن سۆز شۇنداق تىلىمنىڭ ئۇچىغا كىشىگە ئىتتىك ئاغزىمنى قۇلۇم بىلەن ئىتىۋالدىم .
0 g  t$ \& M4 u+ X8 M' ?4 M* p  B; V, U
نىمە ، بىرەر ئىش بولدىمۇ ياشنار ، مەن سىزنى مەجبۇرلاپ قويدۇممۇ ؟ 0 Z/ }, @% E" a: H2 ^% ^
. e+ P& b1 P, n; E4 l& Z
ھە ... يا ..ياقەي ... شېئىر تېخى پىشمىغان ئىكەن، پىشماي تۇرۇپ قاچقىلىۋاتىدۇ ،،،شۇ, V( `) C- x1 P+ C5 P7 \) q$ n
...شۇڭا .
0 ?% l- I5 z, Z: }. c3 Z

  W4 r2 N( F: N. |! a2 c
ھە ، ھەھ ..ھەھ ..ھەھ ... تازىمۇ قىزىق جۇمۇ سىزياشنار . ئۇ مېنىڭ ئىسىمىمنى شۇنداق ئۇرغۇلۇق ۋە ئالاھىدە تەلەپپۇزدە دېدىكى ... تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىرخىل ئىسسىق تۇيغۇدا ئېرىپ ئۇنىڭ قوينىغا تۈكۈلگىلى ئاز قالغان ئىدىم .

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

52#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 07:13:11 |ئايرىم كۆرۈش
قاراسۆڭەك دىسەمغۇ بولا.....

0

تېما

0

دوست

-1

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

53#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 08:54:25 |ئايرىم كۆرۈش
يېشىل ئىشتان قىزىل كوپتا
/ c4 ^4 b% @7 h3 kئىزدىنىشتىكى ئىنكاسقا يېزىپ، يازغانسېرى ئۇزۇراپ كەتكەن مۈشۈكنىڭ ھېكايىسىنى ئېسىمگە سېلىپ قويدى. «پاسىق» دېگەن سۆزنى ئاددى چۈشىنىپ قالغىنىمنى بۈگۈن يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم

3

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

54#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 11:09:05 |ئايرىم كۆرۈش

7 o6 j- U2 }7 W( \5 S& Oسېرىق بۆك كىيسە قاتناش چىرىقىنىڭ ئۆزى بولاركەن

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

55#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 18:49:57 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇجۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇن  ئاۋۇ ۋېدىيونى قانداق چىقاردىڭىز؟؟؟  نىمدا ئۇماق دەيمەندە....   كۆرسە، كۆرسە كۆرگۈسىنى كەلتۈرۈپ....

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

56#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 23:27:35 |ئايرىم كۆرۈش
قاراسۆڭەك دىسەمغۇ بولا.....

: D5 N; x  T, w....................................................... قارا سۆڭەك – بولىدىغان گەپ ئىكەن . ئاق سۆڭەك ، قارا سۆڭەك ، يېشىل سۆڭەك ، كۆك سۆڭەك ... .
  }% g% |. F) ]) @
سېرىق بۆك كىيسە قاتناش چىرىقىنىڭ ئۆزى بولاركەن
– تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزگە بارىكاللار بۇرادەر   _& n5 q5 i: @: _# m! w7 `
" `' E! E7 R6 f3 j9 F( n. V
...............................................................................................................................................................................- k! C, t" w, L, d' o3 Q% q
ئۇجۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇن  ئاۋۇ ۋېدىيونى قانداق چىقاردىڭىز؟؟؟  نىمدا ئۇماق دەيمەندە....   كۆرسە، كۆرسە كۆرگۈسىنى كەلتۈرۈپ....

2 o5 \0 [' N3 ?' p3 [ھازىر چوڭلىقىنى ئوڭشاپ قويدۇم .... تۈنۈگۈن چوڭلىقىنى خاتا بەلگىلىۋالغان ئىكەنمەن .

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

57#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 23:31:50 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  QaraOt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-19 23:41  
5 @7 c7 d9 D6 G* w( ~" a$ R  L
+ ?+ L5 j$ S1 ^3 E" y9 W5 `( {6 v% a7 c  T7 y$ ~8 y1 l. o/ n7 \

- z) A$ O7 {6 j- S  h: U* jداۋامى .................., ?) L6 ?9 F# ]0 ^. r+ P
" W' l3 y7 s' k' Z! K! q

; o7 _$ o0 ~- H2 S9 a, S+ B7 q( B# _1 z% |+ S

# \8 Z5 n. W. w8 c- K
% L6 R- S! m  O7 U$ k5 n

6 E2 _) j& l0 e" V
! v/ b7 L3 e  g8 \- s& O9 ^
تېزرەك بولۇڭە ، قىز بالىدەك نازلانماي .... ماڭا ئاتاپ يازغان شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ بېرىڭە . ئۇنىڭ سۆزلىرى ، ئۇنىڭ ئاۋازى تۇرۇپ ماڭا خۇددى يامغۇردىن كېيىن بىپايان دالىدا بەس – بەستە ئېچىلىپ كەتكەن ھالرەڭ ياۋا گۈللەرنى ئەسكە سالسا
; q! F8 d: ^. ]9 M+ @$ ^، تۇرۇپ يېقىملىق ئادەمنىڭ يۈرەكلىرىنى زىل – زىلىگە سېلىپ ياڭراۋاتقان يېقىملىق بىر كۈينى ئەسلىتىپ ئۈتەتتى. خىيالىمدا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەلكەنلىك كېمىدە قاياقلاغىدۇر سەپەرگە چىققان .... ئەتراپىمىزچەكسىز كەتكەن دېڭىز ، ئاسمان خۇشھاللىق ياشلىرى تۈكۈلىۋاتقان مەزگىل ...
# I: ~+ @. L0 O8 B: `7 p
ئەۋج ئالدى دېڭىز ۋە دېڭىز
/ N& s2 q* o, O( K3 Xيەلكەن سېلىپ چىقتۇق سەپەرگە
* q; H  l1 s8 r) `; w' j( b& wئاسماندا يامغۇر ، پەستىكى دېڭىز , a  c' P5 z8 u) b% ]# r
بىر گەۋدىگە ئايلاندى راسا * Q. l7 q5 x. Z* S$ e# I9 l: E0 @6 |
مېھرىبانە قەدەم ۋە دولقۇن# h- L" u& U5 \6 u' J/ r
كۈي ئەۋجىدە ئاقتىم مەن يەنە
. H$ h6 k2 L6 R9 z+ O  o- ~ . ?! F# u& X  H4 i, b' }$ L, Y

# N! B& I& b, ~0 X* U
بولىدۇ ، بىراق مېنى مازاق قىلماڭ – ھە
7 L$ ^* t: y3 c3 m5 }: e4 ^$ |9 v" H' S, E2 y+ ^. p
ۋاي – ۋۇي ، ئاۋۋال ئوقۇڭە ... ياشنار ...ج ....
4 f* c) i, F: U6 I9 |
$ O9 p5 }9 [! {& ]) X% c5 C
ماقۇل ) Q, X- X# o' g& ~0 n/ g/ l
! J. T2 q# f9 |
شېئىردىن ئۆتە تاتلىق ، پاكلىقىڭ 1 J3 X/ ?7 m8 d- G! a
سۈپ – سۈزۈك يامغۇرسۈيىدەك سۆزلىرىڭدە 1 k6 b" ?0 ]  Z0 J+ c3 A
مەن ئىلاھ بولۇپ تۆرەلدىم ، كۇپۇرلۇق يولىغا ماڭدىم / q/ j' q6 a$ O, R: k! t) O
قەدەملىرىم ئاستا ،شامال بەك تېز 3 H" x1 @' y! C5 ?
بىراق ، ئەللەيلەندىم، بىراق سىنىلا كۆردۇم ; j1 m" |9 L" S' _+ w

' P5 l7 U  x# ^  a1 |! Gئايىقىمنىڭ بۇقۇچىنى چەككۈچە * p3 Y. a  u0 g! M4 `4 u4 u# P
قانداق سۇئاللارتۇغۇلغان ؟& i* s( }8 f, N
سەن چوقۇم پەرىزاتتىن يارالغان $ \: b0 V5 t6 a4 L. Y
ياكى سەنمۇ پەرىزات بولغان 0 U9 k" S! I5 @( @: y( C- r; X: Z) N

/ [- [( Q- ]/ \$ ^6 D. O* F. p& ~2 }كۈلۈمسىرگەن قۇياشسەن بەلكىم % r. j2 {( ^( W- }& \
ئايدىڭدىكى ئايدۇرسەن بەلكىم
* j* I1 K* M+ O/ u, X' i$ ]& fئۇزۇن كېچە ،كۈندۈزۈم ئۈچۈن
$ G. }+ l6 u$ c2 G  [يارالغانسەن
1 }/ L9 E7 r2 c" o" `. o" Aماھىرە نىچۈن ؟

5 j9 F+ w1 z+ p( z
& ?! C, a+ N9 k% R$ q0 T( a  bبىلسەڭ ، كېچە سېغىنغان سىنى # F7 W" t! d+ X
كۆزلىرىڭدە كۆزۈمنى كۆرسەم # e, e6 l  d. D" k. h. ]
بۇ كېچىنى كېچەدېمەسمەن
, t4 {4 U3 C& T  L, z- x6 oسۆزلىرىڭدە سۆز بولۇپ كۈلسەم ) L( k* a, |9 B

# k* A/ f% a. {0 ~لازىم ماڭا ئوتتۇر –ئوت دېسەڭ ! a, ^; P4 N% D; g
يالقۇن بولاي جىمى ھارارەت
8 {( i& l/ g+ }. D0 [6 yلازىم ماڭا سۇ ۋە سۇدېسەڭ
$ y% s% k5 R  A$ f% {1 \1 nدېڭىز بولاي ،پەقەت بىر نۆۋەت
8 k, r% L2 V" x3 m' g1 u2 v
' q- b8 t1 q1 j% J% S
) D, b% J+ X1 Y& G
ئوقۇپ بولدۇم .....
1 S3 l& C: h- [* D$ ~
9 c/ H1 F% ~( \1 Y7 O
ئاران بىر نۆۋەت ؟ مەن ئۈچۈن پەقەت بىر نۆۋەتلا دېڭىز بولالامسىز ، قالغان قېتىملىرىدىچۇ ؟ . ~6 A! T& s+ q' l" S  f5 @

$ x; Y/ r& W1 M* J
مەن.... ماھىرە مېنىڭ مەقسىدىمنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز 9 p! x! J$ G; H" k: n

% \6 _0 t. l7 y6 _  ~
مەن خاتا چۈشىنىپ قالدىممۇ ، ئەمىسە ،ئېيتىڭە ، ئۇ نىمە دېگەن گەپ ؟
' q6 O# R+ W. f# i( {, J) u( o( t1 A
ئاپامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە توقسۇندا مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن : – ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ، توقسۇن ئەسلى بۇلۇق ئۆسكەن ئوت – چۆپلىرى ، سۈپ – سۈزۈك ئۇخچۇپ ئاققان سۇلىرى ۋە
* s5 r1 ^! q. c: W8 e# _ئارامبەخىش گۈزەل مۇھىتى بىلەن "ئىككىنچى ئىرەمباغ " دەپ نام ئالغان ئىكەن . بۇيەردىكى كىشىلەر ئېتىزغا بىرلا قېتىم نەرسە تېرىپ قويسا ئۇنىڭدىن چىققان ھېسابسىز ئاشلىققا تايىنىپ ناھايىتى باياشات تۇرمۇش كەچۈرىكەن . بۇنى ئاڭلاپ يۇرت – يۇرتلاردىن ، باشقا مەملىكەتلەردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلار كۆپ ئىكەندۇق . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەرنىڭ سودا –سېتىقچىلىقىمۇ شۇنداق گۈللەنگەن بولۇپ ھەرخىل لەھلى تاۋار – دۇردۇنلار ، شايى –ئەتلەسلەر ، كىمخاپ تونلار ، جانان چىنىلەر ، ھەرخىل ئالتۇن ، لەھىل ياقۇتلار ، كۈمۈش بۇيۇملار ، نەپىس ئىشلەنگەن ھەرخىل ئىستانۇكلار بازاردا ئادەمنىڭ ئىشتىھايىنى قوزغۇغىدەك دەرىجىدە جىق ئىكەندۇق . بۇنىڭلىق بىلەن بۇ يۇرتنىڭ داڭقى مەغرىبتە دەشتى سەھرايى كەبىرگىچە ، شەرقتە يەجۇجى – مەجۇجى ماكانىغىچە ، شىمالداسىبىرىيە دالىلىرىغىچە ، جەنۇبتا ئۇدۇنغىچە يىتىپ بارغان  ئىكەن . ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە بۇ يەرگە خاقان ئالىيلىرى ( بۇ رىۋايەت بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگەئاپام ئەينى ۋاقىتتا قايسى خاقان
7 a7 v8 Y3 Q( q: ?( p$ F0 F- r5 Dئىكەنلىكىنى ئېنىق دېمىگەن بولغاچقا ، بۇ يەردەئېيتىلغان پادىشاھنىڭ قايسى خاقاننى
( n' f. p( b& @' }. oكۆزدەتۇتۇدىغانلىقىنى ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىدىم : w5 G6 @$ s) d( g
) بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى ۋە ئاڭلىغان – ئىشىتكەنلىرىنىڭ توغرا – خاتالىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كىلىپتۇ . ئېيتقاندەك ، ئۇ كەڭرى دالىلاردا يايلاپ يۈرگەن توپ – توپ ئىگىسىزچارۋا ماللارنى ، بۇلۇق ئۆسكەن ئېتىزلىقلاردا ئىگە – چاقىسىز ، مول – ھۇسۇلدىن دېرەك بېرىپ تۇرغان زىرائەتلەرنى ، ھەرخىل چەرچىن مال ۋە چاپ – چاپ مال بازارلىرىنى ، تاۋار – دۇردۇنلىرىنى كۆرۈپ – ھىم – دەپ ساقىلىنى سىلاپتۇ مەمنۇنلۇق بىلەن . ھەم ئەتراپىدىكىلەرگە بۇ يۇرتنىڭ نامىنى " توقچىلىق ماكانى ، باياشاتچىلىق كانى دېگەن مەنىگە يېقىن بولغان سۆز « توقسۇن » – دەپ ئاتىسا جايىغا چۈشكۈدەك دەپتۇ "0 S6 T1 ~, N7 P2 e* w( Z6 k
ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇيۇرتنىڭ نامى " توقسۇن " دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن . بۇ يۇرتنىڭ پادىشاھىنىڭ بىر چىرايلىق مەلىكىسى بولۇپ ئۇنىڭ ھۆسىن – جامالىنىڭ گۈزەلكىگە ئايمۇخىجىل ئىكەندۇق . ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان يۇرت – يۇرتلاردىن زەبەرداس يىگىتلەر ، ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ شاھزادىلىرى ئەلچى كىرگۈزۈپ جىم تۇغۇزمايدىكەن ؛ بىراق ، قىزىق يېرى مەلىكە ھەممىسى ئوخشاشلا رەت قىلىپتۇ ... ئاي ئۆتۈپتۇ .... يىللاركەينى – كەينىدىن بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋېرىپتۇ ، مەلىكە دەل 18 دىن ھالقىپ19 ياشقا كىرگەن يىلى مۇشۇ يۇرتتىكى بىر باقاۋۇلغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ . باقاۋۇلنىڭ ئىسمى توغيار بولۇپ ھۆسىن – جامالدا قۇياشنى كۆيدۈرگىدەك ، ئەقىل – پاراسەتتە سوقراتنى تەمتىرەتكۈدەك ، كۈچ – قۇۋۋەتتە روستەمنى بىر يانغا تاشلىغۇدەك يىگىت ئىكەندۇق . ئۇنىڭمۇئىشقىدا زار – زار يىغلايدىغان قىزلار ناھايىتى كۆپ ئىكەندۇق . ئۇمۇ ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈنى مەلىكىنىڭ رۇمالى شامالدا ئېچىلىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر كۆرۈش بىلەن ئاشىقى بىقارار بولۇپ قاپتۇ . ئۇنىڭ مەلىكىگە قارىغان ۋاقتى دەل مەلىكىنىڭ ئۇنىڭغا لەپپىدە قارىغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا ئۇلار بىر –بىرىگە ئاشىق بولغان ئىكەندۇق . كۈنلەرنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ئۇلار بىر – بىرىنى بىردەم كۆرمىسە زادى چىدىيالمايدىغان دەرىجىگە يېتىپتۇ . بۇنىڭدىن پادىشاھمۇ خەۋەرتېپىپ قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ .
" _7 c  d, {* x" m5 j' j

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

58#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-28 18:54:49 |ئايرىم كۆرۈش
قارا ئوتمۇ ماھىرەنى ئۇنتۇپ قالغان چېغى

0

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

59#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 14:41:07 |ئايرىم كۆرۈش
ياقەي ، يېقىندىن بىريىللىق پىلان ، يىللىق خۇلاسسە ، كىرىم – چىقىم ئەھۋالى دېگەن ئىشلار تۈپەيلى پەقەت ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم .

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

60#
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-29 15:27:33 |ئايرىم كۆرۈش
Yeqindin beri menla bikachimu nimeKünde waqtim bala ba ishqilip
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 08:53 , Processed in 0.231869 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش