What a girl wants. Lindsay Lohanنىڭ ئىسمى ھوللۇۋۇتتا ئېغىزغا بىر كېلىدۇ،لېكىن مۇشۇ قىزنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىغان ئارزۇلىرى باركەن: - ھەقىقى مۇھەببەتكە ئېرىشىش.
- ئائىلەم دەيدىغان بىر ئۆيگە ئېرىشىش.
- 30ياشقىچە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىش.

دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنىڭ لاھىيىلىگىچىلىرىنىڭ كوپى بۇ ياۋايى چولپانغا ئامراق،ئۇنىڭ ئۇچىسىغا چىققان ھەرقانداق كونا پاسۇنلۇق كىيىممۇ مودىغا ئايلىنىپ قالالايدۇ. بۇ رەسىمدە لوخاننىڭ ىشلەتكىنى LV ماركىلىق سومكا 
ئۇ يەنە Miu Miuسومكىسىغىمۇ بەك ئاراق. 
قاىدە قانۇنلار بىلەن خوشى يوق،بەكلا بالدۇر نام چىقارغان بۇ خېنىمنىڭ دوسلىرىمۇ ئوزىگە ئوخشاش جەمىيەتنىڭ ويۇن تاماشىنى اساسلىق كەسىپ قىلغان ئېقىمىدىكىلەر. توۋەندىكىسى لوخاننىڭ بۇرۇنقى يېقىن دوستى،خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ بۇرۇنقى مىراسخورى پارىس خىلتون.بۇ ئىككىسىنىڭ كوينىگى بىر لاھىيىلىگۇچىنىڭ قولىدىن چىققاندەك قىلىدۇ،Marc Jacobمىكىن ،تازا بىر يەرگە قويالمىدىم. 
نىيۇ يورىكتىكى مودا ھەپتىلىگى كېچىلىكىلىرىنىڭ دائىملىق ەزىز مېھمىنى.توۋەندىكى شەخىسنى تونۇمايدىغانلار يوقتۇ. 
توۋەندىكى رەسىمدە لوخان قىزغۇچ رەڭلىك خۇرۇم چاپان بىلەن شۇ رەڭلىك قەدىمى پۇراقنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ تۇرىدىغان وتۇكنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىپ،بىر قەدىمى بۇيۇمغا جان كىرگۇزۇپ قويغاندەك تەسىر بېرىدۇ.قىسقا كوك رەڭلىك جىلتەك تۇتقان يوپكىسى بۇ تۇرقىغا شۇنداق ماسلىشىپ ۇنىڭ ياۋايى ھالىتىنىڭ ئىچىدە يەنە تارتىنچاقلىقمۇ بارلىقىنى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن. 
لوخان ياخشى كورۇپ تاقايدىغان RAY Banماركىلىق كوزەينەكنى مەنمۇ ياخشى كورىمەن.ماۋۇ سومكىسى چىرايلىقكەن، مەنمۇ چوڭ سومكىغا ئامراق. 
داۋامى بار. |