Gucciگۇچى ياكى Armaniئارمانى كىيىش ۋەياكى شۇ توغرىسىدىكى پاراڭلار ئانچىمۇ ئالاھىدە بىلىنىپ كەتمەيدىغان دەۋىردە ،يەنە بىر باشقىچە ۋاستە بىلەن بۇ داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى,يەنى ئۆز ماركىلىرىنى نام قىلىپ بازارغا سالغان يېمەكلىرى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى. ھەرتەرەپلىمە تەرەققىيات دېگەن ئىدىيىنى بۇ لاكشېرى luxury ماركىلىرى بەكلا ئىپادىلەيدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ... 1. Girogio Armani جىئورجىيو ئارمانى شاكىلاتى. 
Armani Dolci " ئارمانى دولچ" تاتلىق يېمەكلىكلەر مەخسۇس دۇكىنى دۇنيادا بىرنەچچىلا تارمىقى بار بولغان Giorgio Armani نىڭ مەخسۇس شاكىلاتلىرى ۋە كەمپۈتلىرىنى سېتىشئ ئورنى.. (dolci دېگەن خەتنىڭ ئىتالىيانچىدا تورت ياكى تاتلىق دېگەندەك مەنىسى بارغۇ دەيمەن). ئارمانى شاكىلاتلىرىنىڭ ئۈستىگە A ھەرىپى سېمۋوللۇق سۈپىتىدە بېسىلغان بولۇپ، سۈتلۈك شاكىلات تۈرلىرىدىن باشقا يەنە قارا شاكىلات،مېغىزلىق شاكىلات،ئاق شاكىلات قاتارلىق بىرنەچچە خىللىرى بار... Armani Dolci دۇكىنىدا ئارمانى شاكىلاتلىرىدىن سىرت ،ھەرخىل چاي،كەمپۈت دېگەندەك Armani يېمەكلىكلىرى سېتىلىدىكەن. تۆۋەنكى رەسىمدە ئارمانى مۇرابباسى...  2.Gucci Cafe گۇچى قەھۋاخانىسى.  گۇچىنىڭ ئاددي ئەمما ئېسىل بولغان لايىھەلىرى ئادەمگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرالايدۇ..(شەخسەن مەندە). قەھۋەخانىسى قانداقتۇ؟ ياپونىيە توكيوغا جايلاشقان بۇ Gucci cafe سى دۇنيادىكى بىردىنبىر بولغان گۇچى قەھۋەخانىسى.توكيونى تاللىغىنىغا قارىغاندا، ئىتالىيەلىكلەر ياپونىيە بازىرىنى بەكلا مۇھىم دەپ ئويلايدىغان ئوخشايدۇ ...  ياسىلىشى يەنىلا گۇچىنىڭ خاسلىقىغا ماس ھالدا...ئاددي ئەمما ئېسىل..ئىچىدىكى مۇلازىمەتچىلەر قاتلاممۇ قاتلام تاللاشلاردىن ئۆتكەن ،بىر بىرىدىن چىرايلىق ھەم قاملاشقان قىز-يىگىتلەركەن... ئەڭ ئەرزان ئىچىملىكىمۇ 300 RMB ئەتراپىدا... قەھۋەدىن سىرت ئىچىملىكلەر. گۇچىنىڭمۇ شاكىلاتى سېتىلىدىكەن ئىچىدە.ئۈستىگە ھەرخىل گۇچىنىڭ logo سى بېسلغان.. 3.Dolce&Gabbana د&ج رېستۇرانى. 
D&Gنىڭ بۇ رېستۇراننىڭ ياسىلىشى بىلەن تۇيغۇسىغا قاراپلا بىرلا سۆزنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.يەنى دەل بۇ رېستۇراننىڭ ئىسىمى بولغان Gold. ئالتۇن...  Gold نىڭ ئاستىنقى قەۋەتلىرىدە Bar،قەھۋەخانا ئورۇنلاشقان.ئۈستىنكى قەۋەتلىرى تاماقخانا.. ھەرخىل شۇ پەسىللىك ياخشى يېمەكلىكلەرنى تەمىنلەشتىن باشقا يەنە مېھمانلار ئۆزىنىڭ ئىشتىيى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۆۋەن كالورىيلىق ساغلام يېمەكلىك ،تاماقلارنى زاكاس قىلسا بولىدىكەن.  
4.Christian Lacroix لايىھەسىدىكى evian مېنىرال سۈيى.  فىرانسيىلىك داڭلىق ماركا Christian Lacroix كىغىستىياڭ لاكغۋواھ ۋە مېنىرال سۇ پادىشاھى Evian بىرلىشىپ ئىشلىگەن بۇ مېنىرال سۇنىڭ ئىككى خىل ئىشلەنگەن تۈرى بار.. بىرى،Pret-a-porter يەنە بىرى Haute Couture.رەسىمدە چىقارغىنىم دەل شۇ ئىككسى. Pret-a-porterنىڭ باھاسى 6-10 دوللارغىچە. يەنە بىرى، ئوت كوتىيۈغ Haute Coutureدىن پەقەت 99 دانىلا ئىشلەپ چىقىرىلغان..ھەم پەقەت كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقىلا بولىدۇ..باشلىنىش باھاسى 1000دوللاردىن...ھەممە كىرىم خەيرى ساخاۋەت ئورگانلىرىغا بېرىلىدۇ. 5.Roberto Cavalli روبېرتو كاۋاللىي لايىھەسىدىكى كوكا كولا.  ئىتالىيەلىك داڭلىق لايىھەلىگۈچى Roberto Cavalli كوكا كولا شېركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن coke light مەھسۇلاتلىرىغا مەخسۇس يۇقارقى رەسىمدىكى ئۈچ خىل ئالاھىدە بولغان بوتۇلكا لايىھەسىنى تاپشۇردى... بوتۇلكا روبېرتو كاۋللىي لايىھەلىرىگە سىمۋوللۇق بولغان ياۋايى ھايۋانلار تېرە نەقىشىنى ئاساس قىلغان.. تاغىل ئات،يىلپىز،يولۋاس تېرە نەقىشلىرىنى ئۈستىگە ئارتقان بۇ coke lightلار پەقەت ئىتالىيەدىلام سېتىلىدۇ... ياقتۇردىڭلارمۇ؟ بۇ توغرىسىدا يەنە بىلىدىغانلىرىم بولسا داۋاملىق يوللايمەن... بۇ يازمىنى 2009-1-13 19:53:12 Ms.punk تەستىقلىغان! |