بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇرغۇي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 17:00 - D2 R' L" G! g t/ r. u
; a [) U9 O* t8 N6 D5 \, L[img]http://image.baidu.com/i?ct=503316480&z=&tn=baiduimagedetail&ipn=d&word=panjir&step_word=&ie=utf-8&in=14600&cl=2&lm=-1&st=-1&cs=4011776513,3380057213&os=2209560221,3361773133&pn=142&rn=1&di=39292956010&ln=1996&fr=&&fmq=1423997445468_R&ic=0&s=&se=1&sme=0&tab=&width=&height=&face=0&is=&istype=2&ist=&jit=&objurl=http%3A%2F%2Fwww.cnr.cn%2Fent%2Fmusic%2F201310%2FW020131008382665670681.jpg&adpicid=0#pn=142&spn=0&di=39292956010&adpicid=0&pi=&objurl=http%3A%2F%2Fwww.cnr.cn%2Fent%2Fmusic%2F201310%2FW020131008382665670681.jpg&fromurl=ippr_z2C%24qAzdH3FAzdH3Fooo_z%26e3Bvg6_z%26e3BvgAzdH3FjgpAzdH3F47ftvAzdH3Fda8n8aAzdH3Fpda8n8aab_c8n0mnac8_z%26e3Bfip4s&W=337&H=500&S=68&TP=jpg[/img
3 F; w% @9 P6 {1 B3 \1 _پەنجىر ئانسامبىلىنىڭ ناخشىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
, p: B/ U& Q6 p4 |1 Y) j
; E7 D* B" h( K$ \# m) T- l
/ l. J% ^1 R" Q8 a1 ^+ E4 z- tئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىدا ئوقۇيدىغان دوسىتلىرىمدىن پات-پات ئەكبەر توغرىسىدىكى تەرىپلەشلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم.ئۇ چاغلاردا مەن بىلەن قۇرداش بۇ گىتتارچىنى كۆرۈش پۇرسىتى بولمىغان ئىدى. بىراق ئىزچىل تورلاردىن ئۇنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنى قىدىرىپ يۈرۈپ ئاڭلاپ يۈرەتتىم. 2013-يىلى 5-ئايدا خىزمەت ئىشى بىلەن بىيجىڭغا بارغاندىن كىيىنلا ئاندىن بۇ گىتتار ئۇستىسىنىىڭ نەقمەيدان ماھارىتىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.ماھارىتىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن «دوكتۇر» دىگەن نامغا مۇناسىپ مۇزىكانىت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدىم.شۇڭا گۈللەرگە بۈگۈن ئۇنى تونوشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم.[/size]
- ~! _( ?$ I0 P- pئەكبەرنىڭ ناخشىسى ---ئارمانىم
7 p4 f4 v! o0 K" E, w9 i0 z* z0 { u* n9 A8 ]# C
ئەكبەر ئابلىز، 1980-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەن. كىيىن مۇزىكىدىن سىستىمىلىق تەربىيە ئىلىش مەقسىتىدە ئامرىكا بوستۇن شەھرىدىكى Berklee مۇزىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. ئەكبەر كۆپ قىرلىق گىتتارچى- يەنى فىلامىنكو، توك گىتتار، باس گىتتار چىلىش، ناخشا ئىيىتىش ۋە مۇزىكا يىزىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەچكە مۇزىكا ساھىسىدە «ئەكبەر دوكتۇر» نامى بىلەن تونولغان.
: C8 f& X. R& h' t F6 ^" e; Z9 Y& L. ~* U# e% `6 ^
. B" b1 Y: i/ V1 B' dئەكبەرنىڭ مۇزىكىلىرىدا فىلامىنكو، مودا مۇزىكا ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشا كۈيلىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن. 2006-يىلى ئۇ ئەنگىلىيەلىك دوستى داۋىد بىلەن بىرگە بىيجىڭدا پەنجىر ئانسامبىلىنى قۇرغان.ھەمدە ئانسامبىلنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىلىق ۋە گىتتارچىلىق مۇزىكانىتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.شۇ يىلى پەنجىر مۇزىكا ئەترىتى نامىدا بىر پىلاستىنكا تارقاتقان ھەمدە شۇ مەزگىللەردە بىيجىڭدا ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن دۇنياۋى مۇزىكا ئانسامبىلى بولۇپ تونۇلغان. ئەكبەرنىڭ بۇ پىلاستىنكىسىكى ناخشا-كۈيىرىدە ئاساسەن ئۇيغۇر خەلق ناخشا كۈيلىرى بىلەن فىلامىنكو ئۇسلۇبى،جاز ئۇسلۇبىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ،بۇ پىلاستىنكىسىدىكى «نازىركوم»،«ئاچىل»،«دولان»،«ئاداشلار»قاتارلىق ناخشا مۇزىكىلار ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ. گەرچە ئەكبەر دوكتۇر ۋە ئۇنىڭ پەنجىر ئانسامبىلىنىڭ شىنجاڭدا ئانچە نامى بولمىسىمۇ بىراق بىيجىڭ،گىرمانىيە.ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا خىلى داڭقى چىققان ئانسامبىل ھىساپلىنىدۇ.ئۇنىڭ ناخشا كۈيلىرى ئاۋىستىرالىيەنىڭ ABC تېلىۋىزىيسى ۋە رادىئۇ ئىستانسىدا قويۇلغان.2 T' n1 j* o& W* c, e3 _
3 O4 Q+ ~6 n2 u, }# a- A) }
گەرچە ئەكبەرنىڭ يىشى كىچىىك بولسىمۇ «جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر گىتار ئۇستىلىرىنىڭ بىرى» بولۇپ، جۇڭگۇ مۇزىكا ساھەسىدە جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر فىلامىنكو،باس گىتتار ئۇستىسى دەپ تەرىپلەنگەن، ھەمدە كۆپ قىتىم داڭلىق ناخشىچىلاردىن چېچىن، ۋاڭ لىخوڭ، سۈن نەن قاتارلىق شىياڭگاڭ تەيۋەنلىك ناخشىچى ۋە قارا قاپلان ، جاڭ مى، قارا ئۆردەك، لۇنخۇي قاتارلىق ئانسامبىللار بىلەن ھەمكارلاشقان.ئۇيغۇر مۇزىكانىتلاردىن ئەركىن ئابدۇللانىڭ 2013-يىللىق بىيجىڭ ناخشا كىچىلىكى،ۋە قەھرىماننىڭ ناخشا كىچىلىكىدە باس گىتارچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.2 ~9 a5 F$ \! x/ n, D! R
+ q' X7 j% H- ^: b9 a- D5 Z' O
% C2 G7 z- M" a% x. O# G ئىلگىرى كونا ناۋا پىروگىراممىسى بار ۋاقتىدا ئورۇنلىغان «يارۇ-يارۇ» نامىدىكى ناخشىسى خىلى ياخشى تەسىر قوزغىغان.مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىدا پەنجىر ئانسامبىلى بىلەن بىرگە ئورۇنلىغان كۆك ياقۇت ناملىق ناخشىسىمۇ ئىنتايىن ئالقىشقا ئىرىشكەن.بۇلتۇردىن بىرى ئۇ جۇڭگودىكى تۇنجى ئايال روك ناخشا چولپىنى،موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان ناخشىچى سىچىنگىر بىلەن بىرگە كاكتۇس ئانسامبىلىنى قۇردى ۋە ئانسامبىلنىڭ گىتتارچىلىق،مۇزىكا ئىشلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.بەلكىم كۆپ ساندىكى كىشىلەر شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2014-يىللىق قۇربان ھىيىتلىق سەنئەت كىچىلىكىدە بۇ ئانسامبىل ئورۇنلىغان «ئاچقىن يۈزۈڭنى مەن بىر كۆرەي» دىگەن ناخشىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.بۇ ئانسامبىل ئاساسەن دۆلىتىىمىزدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئاز سانلىق مىللەت مۇزىكانىتلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىق ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمى خەلق كۈي-ناخشىلىرىنى يىڭىچە ئۇسلۇپتا ئورۇنلاپ كىلىۋاتىدۇ.
$ I, P& o5 V3 U+ u' L+ Aبىلىشىمچە ئەكبەر ھازىرغىچە «پەنجىر» نامىدىكى پىلاستىنكىدىن باشقا ئالبۇم تارقاتمىدى،بەلكىم دىيارىمىزدا تارقالمىغان بولۇشى مۇمكىن.گۈللەردە ئۇنىڭ ناخشىلىرى بولسا ئارقىسىغا تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |