 ب م ۋ BMWنېمىسچە Bayerische Motoren Werke AG (ئېنگىلىزچە Bavarian Motor Works-باۋارېئان موتور زاۋۇتى) نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، 1916-يىلى قۇرۇلغان گىرمانىيەنىڭ مۇستەقىل بولغان ئاۋتوموبېل ئىشلەپچىقىرىش زاۋاتى. ب م ۋ دۇنيا يۈزلۈك يۇقۇرى سۈپەتلىك ۋە لۈكسۈري(ھەشەمەتلىك) ئاۋتوموبېل ھەم موتوسېكلىل ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت بولۇپ، ئۇ ھازىرقى داڭلىق ماشىنا ماركىلىرى بولغان مېنې( MINI )ۋە روللس-رويس( Rolls-Royce)لارنىڭ ئانا شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. ب م ۋ باشتا بىر ئايرۇپىلان ياساش زاۋۇتى بولۇپ 1916-يىلى 7-نەۋرۇزدا قۇرۇلغان. ئۇ چاغدىكى ئىسمى ب ف ۋ(Bayerische FlugZeug-Worke) باۋارېئا ئايرۇپىلان زاۋۇتى ئىدى. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى گۇستان ئوتتو(Gustan Otto)........... بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ب م ۋ(يەنە گىرمانىيە) ۋېرسال شەرتنامىسىنىڭ كېلىشىملىرىگە ئاساسەن ئايرۇپىلان موتورى ئىشلەشنى توختىدۇ.شىركەت 1923-يىلى شەرتنامە چەكلىمىلىرىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ موتوسېكىل ئشىلەپچىقىرىشقا يۆتكىلىدۇ ۋە 1928-يىلى ئاۋتوموبېل ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدۇ. ب م ۋ 1923-يىلى بىرىنچى موتوسېكىلى "R32"نى ئىشلەپچىقىرىدۇ.  R32 ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ب م ۋ BMW R75دىن ئىبارەت يان ھارۋا قوشۇلغان ئۈچ چاقلىق موتوسېكىل ئشىلەپچىقارغان.  R75 1929-يىلى ب م ۋ چىللىدە ئىشلەپچىقارغان ماشىنا Dixi 3/15نىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، مۇتەخەسىسلەر DiXi 3/15نى ب م ۋ نىڭ بىرىنچى ماشىنىسى دېگەن قاراشقا قوشۇلمىغان. ئۇلار 303لا پۈتۈنلەي ب م ۋ غا تەۋە دەپ قارايدىكەن. قانداق بولمىسۇن ب م ۋىنىڭ 3/15ى 1932-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ چىقىرىلغان.  BMW 3/15"DiXi 1983-يىلى كې تۈر(k series) مەيدانغا كېلىدۇ. كەينىدىن ب م ۋ موتوسېكىلنىڭ ف ۋە گ تۈرلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.  K1200GT چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىلغان مودىللىرى پروجەكت ئاي بۇ تۈر ئاساسەن مېنې ماشىنىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ب م ۋ 1 تۈرى.BMW1 series 1 تۈرى 2004-يىلى كۈزدىن باشلاپ بازارغا سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇشى ، تەگچىسى، تارتش كۈچى،قاتتىق دېتال ۋە ئېلىتىرون ئېلىمىنتلىرى جەھەتتە ب م ۋ 3 تۈرى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك.دەسلەپتە 5ئىشىكلىك خەچبەك(hatchback) ۋە 3ئىشك 2007-يىلى چىللىدە بازارغا چىققان. 1 تۈرىنىڭ باھاسى مېنې ۋە 3 تۈردىكى E90نىڭ ئارىسدا بولغان. بۇ تۈرنىڭ ئىچىدە پەقەت پەيتۇنلا بىردىنبىر كەينى چاق تارتىدىغان ماشىندۇر. 1تۈرىنىڭ پەيتۇنى ۋە كونۋېرتىبىلى 2008-يىلى ئامرىكىدا 128i ۋە 135iبولۇپ سېتىلدى.  بەش ئىشىكلىك خەچبەك BMW1 پەيتۇن 3تۈرى. 3 تۈرى بولسا 1975-يىلدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىغان ئىشلىتىشچان كىچىك تىپتىكى ماشىنىدۇر. ھازىرقى 3تۈرلىرى بولسا 9-ئەۋلاتقان تەۋە.يېقىنقى E90مودىلى سېدان sedan (E90 ساياھەتچى station wagon (E91، پەيتۇنcoupe (E92)، ئالماشقۇچى convertible (E93 قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3تۈرى ناھايتتى مۇھىم مودىل بولۇپ ب م ۋنىڭ دۇنيادا سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئاساسلىقىنى ئېگەللىگەن.  پەيتۇن  ساياھەتچى  سېدان 5تۈرى. ئوتتۇرا رازمېردىكى ئىشلىتىشچان ماشىنا. M5 بولسا 5تۈرىنىڭ موتوسپورت تىپىدىكى نۇسخىسى. ئۇ فورمۇلا1دىن ئىلھاملانغان V10 ماتوردا سۆرىلىدۇ. ئۇ 7سۈرئەتلىك مانۇئال خوتقا ئىگە، ئەڭ يۇقۇرى سۈرىتى 330 km/سائەت كە يېتىدۇ. 2007-يىللىق يېڭى مودىللارغا 6سۈرئەتلىك مانۇئال خوت قوشۇلغان.  M5 E60 6تۈرى. 6تۈرى بولسا ب م ۋ نىڭ بۆيۈك ساياھەت لۈكسۈري سپورت پەيتۇنى بولۇپ، 5 تۈرىنىڭ كېپەنكىسىنى ئاساس قىلغان. ھازىر بۇ تۈرنىڭ 650i پەيتۇنى ۋە ئالماشقۇچىسىنى ئامىرىكىدىن تاپقىلى بولىدۇ. 6تۈرى ب م ۋ نىڭ مودىل سېپىدىن 15يىل يوقالغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كەلدى. M6 بولسا 6تۈرىنىڭ يۇقۇرى ئىقتىدارلىق نۇسخىسى. ئۇ ب م ۋ نىڭ M Division تىپى تەرىپىدىن تەرەققى قىلدۇرۇلغان. ماتورى BMW M5كە ئوخشاش. بۇ تۈر ھازىر ياۋرۇپا، جەنوبى ئامرىكا، شىمالى ئامرىكا، ئائۇستىرالىيە ۋە جەنوبى ئافرىقىلاردا ئىشلىتىلمەكتە.  Bmw645ci -NEW330.html) BMW 645 E64 7تۈرى بۇ تۈر تولۇق رازمېرلىق ئىشلىتشچان سېداندۇر. ب م ۋ ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ئىسلاھاتلىرىنى بۇ تۈردە نامايەن قىلغان. مەسىلەن،تالاش-تارتىشتا تۇرغان iDriveسېستىمىسىنى بىرىنچى بولۇپ بۇ تۈردە ئىشلەتكەن.يەنە دۇنيادا بىرنىچى بولۇپ ھېدىروگىن كۆيدۈرىدىغان موتورنىمۇ مۇشۇ تۈردە سىناق قىلغان. بۇ خىل موتور سۇيۇقلانغان ھېدىروگىنى كۆيدۈرۈپ پەقەت سۇ ھورىنى ئاجىرىتىپ چىقىرىدىكەن. ھېدىروگىن كۆيدۈرگۈچى موتور كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلشتە چەككە ئۇچىرىغان بولسىمۇ V12موتور ئوخشاشلا بېنزىندە چاپىدىكەن. بۇ تۈرنىڭ يەنە ئوق ئۆتمەس نۇسخىسىمۇ بار.  BMW 7 Series ئېكىس3. بۇ ب م ۋ نىڭ ئىككىنچى دالا كەزگۈچىسى بولۇپ 2004-يىلى مەيدانغا چىققان، ئۇ 3 تۈرى E46 نىڭ كېپەنكىسنى ئاساس قىلغان. ئېكىس3 ئۆزىنىڭ قوزغىغۇچىسغا 2006-يىللىق3تۈرىدىكى E90 نىڭ ئالتە سېلىندىرلىق موتورىنى ئىشلەتكەن. 2007-يىلى ئېكىس3دە پۈتۈنلەي بىر يۈرۈش يىڭىلىنىش بولغان. مەسىلەن، X-drive نىڭ سەپلىمىلىنىشى،تورمۇزنىڭ كۈچىيىشى، ماتورنىڭ ھالقىتىلىشى ۋە ئىچ-تېشىنىڭ گۈزەللەشتۈرۈلۈشى قاتارلىقلار. ياۋرۇپا بازارلىردا يولدىن-چىققۇچى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭدا ب م ۋ نىڭ xDrive ھەممە چاقى تارتىدىغان سېستىمىسى بولغانلىقىدىندۇر.  X3 ئېكىس5. ب م ۋ نىڭ ئېكىس5 يەنە (E53)مودىلى ئوتتۇرا رازمېرلىق ھەشەمەتلىك دالا كېزەر بولۇپ، 2000-يىلدىن باشلاپ بازارغا چىققان.ئۇمۇ ھەممە چاقى تارتىدىغان straight-6ۋە V8موتورىغا ئىگە. BMW E70ئاۋتوموبېل كېپەنكىسى 2006-يىلى ئېكىس5نىڭ شەكلىنى ئالغان. ئېكىس5 ئاساسىدىكى E70نۇرغۇن يېڭى تېخنىكلارنى ئۆزىگە مۇجەسسملىگەن. يەنە iDrive سېستىمىسى ۋە ب م ۋ غا بىرىنچە قېتىم قوشۇلغان ئۈچىنچى قاتار ئورۇندۇق قاتارلىق. X5 M نۇسخسى 2008-يىلى تارقىتىلىدۇ دەپ جاكارلاندى. بۇ خىلدا 7تۈرىنىڭ V12 موتورى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئۆزگىچە تۇرۇققا ئىگە ئىكەن.  X5 ئېكىس6. بۇ خىل ب م ۋ 2007-يىلى كۆنەكتە تارقاتقان دالا كەزگۈچى پەيتۇندۇر.  X6 ز4. ئىككى ئورۇنلۇق سەرگەردان ۋە پەيتۇن زې3نى غەلبە قىلغۇزغان ئىدى. 2006-يىلدىن باشلاپ زې4 سەرگەردانىنىڭ 3.0i بارلىققا كەلدى.زې4پەيتۇنىمۇ پەقەت يۇقۇرى ئىقتىدارلىق 3.0si نۇسخا بىلەن مەيدانغا كەلدى.  COUPE Z4 پەيتۇن  BMW Z4 M Roadster سەرگەردان يېڭى Z4 M سەرگەردانى ۋە پەيتۇنىمۇ E46 M3 موتور ۋە نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلار بىلەن بېزىلىپ تارقىتىلدى.  م3. بۇ خىل 3تۈرىنى ئاساس قىلغان، م3 ب م ۋ ئۈچۈن پۈتۈنلەي يېڭى بىر بازارنى ئاچتى، ئۇ مۇسابىقە تىپىدىكى مەسھۇلات بولۇپ مۇكاپتقا ئېرىشكەن موتور ئىشلىتىلگەن. يېڭى كېپەنگە شەكلى 2007-يىلى كۈزدە ياۋرۇپادا مەيدانغا چىققان ئىدى، 2008-يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ئامرىكىدا بازارغا چىقتى. بۇلار پەيتۇن Coupe (E92،كابرېئولىت Cabriolet (E93، ۋە سېدان Sedan (E90لاردۇر.

M3 م5. 5تۈرىنى ئاساس قىلغان ، م تىپىنىڭ V10موتورلۇق نۇسخىسى بولۇپ 100 km/سائەت سۈرئەتكە 4.7سېكۇنتا چىقىپ بولىدۇ.  M5 م6. م6 م تىپىنىڭ 6تۈرى ئاساسىدىكى نۇسخسى. ئۇنىڭ موتورىمۇ V10 بولۇپ م5 بىلەن ئوخشاش. بۇ خىلنىڭ ئۆتكەن ئەۋلاد ماشىنىلىرى 1983-يىلى بازارغا سېلىنىپ 5855دانە سېتلىغاندىن كېيىن 1989-يىلى توختىۋېتىلگەن.  M6 ز4 م. بۇ خىلدىكى ماشىنا 4.8 سېكۇنتا 100 km/سائەت سۈرئەتكە چىقىدۇ. ئەڭ يۇقۇرى سۆرىتى ئېلكتىرونلۇق ھالدا 249 km/سائەت كە توغرىلانغان.  ئەسلى تىپلىرى 1990-يىلدىكى ب م ۋ م8 ئەسلى تىپى.  BMW M8 1999-يىل ز9  Z9 BMW 750hL  2001-يىللىق ب م ۋ ئېكىس پەيتۇن.  2007-يىللىق ب م ۋ سې ئەس ئۇقۇم  bmwCS 2008-يىللىق ئۇقۇم1تۈرى tii  2008-يىللىق ب م ۋ BMW GINA  ئشلەپچىقىرىشنىڭ سىرتىدىكى نۇسخىلار م1. بۇ نۇسخا 1970-يىلى ئىشلەنگەن.  M1 ز3. ئىككى ئورۇنلۇق سەرگەردان. بۇ ماشىنا جەيمىس بوند فىلىمى ئالتۇن كۆزدە چىقىدۇ.  Z3 م پەيتۇن.ز3نىڭ يۇقۇرى ئىقتىدارلىق نۇسخسى  Z3 COUPE 8تۈرى.1990-يىللاردىكى ب م ۋنىڭ تېز سۈرئەتلىك، يۇقۇرى تېخنىكىلىق پەيتۇنى.  8SERIES ز1. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئورۇنلۇق ئىسلاھ قىلنىغان قۇرۇلمىغا ئىگە. پەقەت 8000ى ئىشلەنگەن.  Z1 ز8. بۇ نۇسخا 1950-يىللارىكى كىلاسسىك سەرگەردان 507ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ جەيمىس بوند فىلىمىنىڭ بۇ دۇنيا يەتمەيدۇ دېگەن فىلىمىدە چىقىدۇ. Z8 بۇ يازمىنى 2008-9-5 2:46:37 Achilles تەستىقلىغان! |