دۇنيادىكى داڭلىق سائەتلەر دىگەندە ئەڭ داڭلىقلارنى كوزدە تۇتتۇم، (كىچىك ۋاقتىمدا ئاپامنىڭ شاڭ خەي ماركىلىق بىر قول سائىتى بار ىدى ھەم بۇ سائەتنى بەك ياخشى كورۇپ تاقايتتى،كېيىن مەن داڭلىق ماركىلىق سائەتلەردىن نەچچىنى سوۋغا قىلغان بولدۇم<ئەلۋەتتە fake بولىدۇ دە،>لېكىن يەنىلا ئاشۇ شاڭ خەينى ئەسلەيدۇ) بۇ سائەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى--تارىخى ئۇزۇن، تەسىرى كۇچلۇك،ئىنتايىن ئىنچىكە ئولچەم بىلەن لاھىيىلەنگەن ۋە ئىشلەپ چىقىرىلغان، ئاز مىقتاردا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ لېكىن سېتىلىش باھاسى يوقۇرى. 1. پاتەك فىلىپپى  Patek Philippeقىسقارتىلىپ PP دەپ ئاتىلىدۇ.پاتەك فىلىپپى "سائەت ئىچىدىكى سائەت" دەپ سائەت خاندانلىقىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىدا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.باشقا سائەتلەردەك ئالماستىن كوز قويۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىش پاتەك فىلىپپىغا خاس ئەمەس، كونا ئەنئەنىۋى مېخانىكىلىق ئۇسلۇبتا ياسالغان بۇ سائەتنىڭ يا لاھىيەسىدە مۇرەككەپ ئېلىمىتلار يوق يا كوركەملىكتە ئۇچىغا چىققانمۇ ئەمەس،كوپ ھاللاردا ناھايىتى ئاز ساندا ئىشلەپچىقىرىلىپ پەقەت ھەقىقى ئاق سوڭەكلەرگىلا سېتىلىدۇ،ئادەتتە تۇيۇقسىز بېيىپ كەتكەن مەتۇلارغا ھەرگىز سېتىلمايدىكەن، پاتەك فىلىپپىنىڭ ئەڭ ئەرزانلىرى ئادەتتە خەلىق پۇلىغا 11 تۇمەنگە كېلىدۇ. 
شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە-- سائەت ئىشلەپچىقىرىلىدىغان داڭلىق يەر، بۇ يەردە سائەتكە بولغان قىزغىنلىق باشقا نەرسىگە بولغان قىزغىنلىقتىن ئېشىپ كەتكەن،ھازىرغىچە پاتەك فىلىپپىنىڭ داڭلىق client لىرىدىن ئايال پادىشا ۋىكتورىيە،چاي كوۋىسكى ۋە ئېدىسون قاتارلىقلار بار. *بۇ سائەتنىڭ fake لىرىنى تېخى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. 2. Vacheron Constantin ۋاچېرون كونسىتانتىن---بۇ سائەتنىڭ ئالاھىدىلىگى ئۇنىڭ تاشقى كورۇنىشىنىڭ لاھىيىلىنىشىنىڭ ناھايىتى نەپىسلىگى ۋە مېخانىكىلىق سىستىمىسىنىڭ پۇختىلىقى بىلەن داڭلىق،بولۇپمۇ توۋەندىكى رەسىمدىكى مالتې ماركىلىقى ھەممىدىن داڭلىق،ئىچى ئېنىق كورۇنۇپ تۇرىدۇ. ۋاچېرون كونسىتانتىننىڭ بازار سىتراتىگىيەسىمۇ"ئاز ئىشلەپچىقىرىش،سۇپەتتە بوشلۇق قويماسلىق ۋە ئەڭ قىممەت باھادا سېتىش" تۇر.جەنۋەدىكى زاۋۇتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش سانى 6000 دانە ئىكەن. 
* مۇشۇ سائەتتىن بىرگە ئېرىشىش مېنىڭ ئارزۇيۇم، كونىسى بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ... 3.Audemars Piguet  ئودىمارس پىيۇژېي---ئادەتتە قىسقارتىلىپ AP دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سائەتنىڭ ئەڭ داڭ چىقارغان "خانلىق دەرىخى "دەيدىغان ماركىسى بولۇپ،سەككىز قىرلىق شەكىلدە ھەم ھەر بىر بۇلۇڭغا بىردىن بۇرما مىق ئورنۇتۇلغان. 
4. Breguet  
5. پىياژېينىڭ ئالاھىدىلىگى 18 كاراتلىق ئالتۇننى سىرتىغا ئىشلىتىدىكەن. 
6. Lange 

داۋامى بار.... |