گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 1377|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پالتاخۇن: مۇزىكا ساھەسىدىكى ئوسكار مۇكاپاتى-گرەمىي مۇكاپاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 20:14:25 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    مۇزىكا ساھەسىدىكى ئوسكار مۇكاپاتى- گرەمىي مۇكاپاتى + ~# o# t, N- A( g3 u' S

( Y  a3 v3 Y* u7 r' k6 \6 bپالتاخۇن تەييارلىغان8 E& d$ b2 |; {* }* b5 t

& T1 u/ M+ {. Q6 W' w  ئەدەبىيات ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ شۆھرەتلىك مۇكاپات نوبېل مۇكاپاتى، كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات ئوسكار مۇكاپاتى  بولغىنىدەك، دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپات گرەمىي  مۇكاپاتىدۇر. گرەمىي  مۇكاپاتى ئامېرىكا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا ئۈن ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. بۇ جەمئىيەت  مۇزىكا ساھەسىدىكى داڭدار زاتلاردىن تەركىب تاپقان باھالاش ھەيئىتى ئارقىلىق  مۇزىكا ئەھلىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بۇ ساھەدە بارلىققا كەلتۈرگەن كەسپىي ئۇتۇقلىرى،ياراتقان  يېڭىلىقلىرى، تەسىرى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل باھالاش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەت ئىگىلىرى ۋە ئۇتۇقلۇق ئەسەرلەرنى گرەمىي  مۇكاپاتى بىلەن تارتۇقلايدۇ.
* w: P/ }" O! o" S1 h, G8 C Grammy.jpg 8 ~  j! v6 ?1 a* m! O, g6 k
گرەمىي  ئىنگلىزچە ‹‹ فاتىفون ›› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى.مۇشۇ ئىسىمگە يارىشا،  گرەمىي  مۇكاپاتىنىڭ لوڭقىسى كونا پاسوندىكى فاتىفون شەكلىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھەر يىللىق مۇكاپات لۇڭقىسىنى قول ھۈنەر بويۇملىرى مۇتەخەسىسىلىرى مەخسۇس لايىھەلەيدۇ ۋە پۈتۈنلەي قولدا ياساپ چىقىدۇ.
% `, Z9 X4 o; r; [! q1957-يىلى لوس ئانژېلىستىكى بىر تۈركۈم مۇزىكانت ۋە پىلاستىنكا شىركىتى مەسئۇللىرى مۇزىكا سەنئىتى ئەسەرلىرىنى باھالايدىغان بىر ئىلمىي ئورگان قۇرۇشنى ، بۇ ئىلمىي ئورگان ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغان مۇزىكانت، ناخشىچى ۋە مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان. نەتىجىدە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۈن ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى  قۇرۇلۇپ، مۇكاپاتنىڭ ئىسمى گرەمىي  مۇكاپاتى قىلىپ بېكىتىلىدۇ. مۇكاپات 1958-يىلىدىن تارتىپ تارقىتىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئامېرىكا ئۈن ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى ھەر يىلى 2-ئايدا كاتتا مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ مۇكاپات دەسلەپتىكى 26 چوڭ تۈردىن بارا-بارا 28 چوڭ تۈر، 101 كىچىك تۈرگە ، كېيىنچە 109 كىچىك تۈرگە كۆپەيگەن. 2011-يىلى ئۆزگەرتىلىپ 78 كىچىك تۈرگە مۇقىمدالغان.
& O% t; Q+ w4 \; e" @4 F GRAMMY Awards-1703220.jpg . f6 r$ }: k( k
گرەمىي  مۇكاپاتى پۈتۈن دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇتۇقنىڭ  بەلگىسى سۈپىتىدە، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مۇزىكا-ناخشا ئەھلى ئېرىشىشنى ئارزۇلايدىغان، سۈيۈنۈپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان مۇكاپات بولۇپ قالدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ بۇ قەدەر شۆھرەتلىك بولىشى ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئاممىباب، مودا ناخشا-مۇزىكىچىلىقىنىڭ مەركىزى بولغانلىقىدىن باشقا يەنە ، ئۇنىڭ نوپۇزى، ئادىل باھالىنىشى ۋە تەسىرىنىڭ ئىنتايىن كەڭ بولىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.. Z; F& g( H$ Y8 [* v
گرەمىي  مۇكاپاتىنى تارقىتىدىغان ئامېرىكا ئۈن ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى مۇزىكا ساھەسىگە ئالاقىدار ئەڭ نوپۇزلۇق ئەربابلاردىن تەشكىللەنگەن ئىلمىي ئورگان بولۇپ، ئەزاسى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. گرەمىي  مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتى دۇنيادىكى داڭلىق مۇزىكانت، ناخشىچى، كومپوزىتور، ناخشا تېكىست ئىجادىيەتچىسى ، فىلىم- پىلاستىنكا  ئىشلىگۈچى، دېرىژور، ئوپىراتور، بايانچى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ مۇتەخەسىسلەر دۇنيا مۇزىكا ساھەسىنىڭ ئورتاق ئېتىراپى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. مۇكاپاتلىنىدىغان ئەسەر ۋە شەخسلەرنى ئادەتتە نوپۇزلۇق پىلاستىنكا شىركەتلىرى ۋە داڭلىق مۇزىكا ئەربابلىرى تەۋسىيە قىلىدۇ.  باھالاش تۈزۈمى تولىمۇ مۇكەممەل بولۇپ، باھالاش تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۆتكىلى قاتتىق ۋە ئىنچىكە. ئەسەر ۋە شەخس ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە  ( مەسىلەن ، 2014-يىللىق گرەمىي  مۇكاپاتىغا تاللىنىدىغان ئەسەرلەر 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ) ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان پىلاستىنكا ۋە يەككە ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللىنىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر ۋە شەخسلەرنىڭ نامزاتى بېكىتىلىدۇ. نامزاتلار 150 نەپەر باھالىغۇچىنىڭ ئىنچىكە باھالىشى ئارقىلىق ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ۋە ئېرىشكەن ئەسەر بېكىتىلىدۇ.ھەر بىر مۇتەخەسىس دەسلەپتە  تۆت چوڭ تۈر، توققۇز كىچىك تۈرگە بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بولىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاش نەتىجىسى باھالاش ھەيئىتىنىڭ تەھقىقلىشى ۋە كېڭىشىگە قويۇلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېكىتىلىدۇ. ھەر بىر كىچىك تۈرگە بەش نامزات مۇقىمدىلىدۇ، بىر تۈرگە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ يەنە بىر تۈرنىڭ باشقا كىچىك تۈرىگە نامزات بولۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار، لېكىن چوڭ تۈردە تەكرارلىق بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ. باھالاشنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە مۇكاپاتلانغۇچى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىلا ئاندىن ئېلان قىلىنىدۇ.7 V1 ^( C+ E  w7 z+ P1 Z
images.jpg
+ g" \1 `' Z9 f. Y0 S6 G مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپات، ئۆمۈرلۈك ئۇتۇق مۇكاپاتى ، كېڭەش ئەزاسى مۇكاپاتى، تېخنىكا مۇكاپاتى، سەھنە مۇكاپاتى، مەشھۇر شەخس مۇكاپاتى، مۇزىكا ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگۈچى ئەرباب مۇكاپاتى، يىللىق مۇنەۋۋەر پىلاستىنكا مۇكاپاتى، يىللىق مۇنەۋۋەر مەخسۇس پىلاستىنكا مۇكاپاتى، يىللىق مۇنەۋۋەر ناخشا –مۇزىكا مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر يېڭى سەنئەتكار مۇكاپاتى، باشقا تۈردىكى مەخسۇس پىلاستىنكا مۇكاپاتى، ئۇدار مۇكاپاتى،  ئۆسمۈرلەر مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر كىلاسسىك مۇزىكا مۇكاپاتى،مۇنەۋۋەر  كومىدىيە مۇكاپاتى،مۇنەۋۋەر سەھرا مۇزىكىسى مۇكاپاتى،مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل مۇزىكىسى مۇكاپاتى،مۇنەۋۋەر دىسكو مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر فىلىم تاراتقۇ مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر خەلق ناخشىلىرى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر ئىنجىل مۇزىكىلىرى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر تارىخىي پىلاستىنكا مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر جاز مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر لاتىن مۇزىكىسى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر تېجانو پىلاستىنكا مۇكاپاتى، مۇزىكا جىلۋىسى مۇكاپاتى، مۇزىكا سىنئالغۇ لېنتىسى مۇكاپاتى، ئوراش ۋە ئىچ بەت مۇكاپاتى ،پولكا مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر مودا ناخشا مۇكاپاتى، رېتىم-بلوز مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر رەپ مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر روك مۇكاپاتى، مۇھىت ئاۋاز ئۈنۈمى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر دېكلىماتسىيە مۇكاپاتى،مۇنەۋۋەر شەھەر مۇزىكىسى مۇكاپاتى، دۇنيا مۇزىكا مۇكاپاتى قاتارلىق چوڭ تۈرلەر ۋە بۇ چوڭ تۈرلەر ئىچىدىكى 78 كىچىك تۈر بويىچە باھالىنىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ.
2 T5 o, @8 p  u6 \ images (1).jpg
  n; H6 o2 q& m ھەر يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان گرەمىي  مۇكاپاتى مۇراسىمى ئاجايىپ كاتتا يىغىلىش بولۇپ، تېلېۋىزور ۋە تورلاردا نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىلىدىغان بۇ مۇراسىمدا دۇنيادىكى داڭدار چولپانلار تەكلىپ قىلىنىدۇ، ئېسىل نومۇرلار ئورۇندىلىدۇ. دۇنيادىكى يۈز مىليونلىغان مۇزىكا مەستانىسى ئېكران ئارقىلىق بۇ ئېسىل مۇراسىمدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.مەسىلەن، 44- نۆۋەتلىك گراممي مۇكاپاتى مۇراسىمىنى 170 دۆلەتتىكى بىر مىليارد 700 مىليوندىن ئارتۇق تاماشىبىن تېلېۋىزوردىن كۆرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن گرەمىي   مۇكاپاتنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ھېس  قىلماق تەس ئەمەس. ( H9 l# B; r' I* g1 }4 v; w6 w$ x7 h
  بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرلا ئەمەس، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرمۇ شۇنچىلىك تېز نام قازىنىپ، مۇزىكا ساھەسىدىكى ھەقىقىي چولپانلىق دەۋرىگە قەدەم قويالايدۇ، پىلاستىنكىلىرى شىددەت بىلەن بازار تاپىدۇ. نۇرغۇن كىرىم ۋە ئابرويغا نائىل بولالايدۇ. ! L$ @- y  v+ e* Q/ _
Bruno-Mars-Grammy-Awards-2012.jpg
6 c5 T( _( _$ D% K8 J$ M2 N/ i6 ~بۇ مۇكاپات تارىخىدا ئاجايىپ يارقىن نۇقتىلار ۋە ئويلىمىغان ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن. چولپانلارنىڭ چولپىنى ھېسابلىنىدىغان  جېكسون 1984-يىلى گرەمىي  مۇكاپاتىنىڭ سەككىز تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، مەشھۇر كىنو چولپىنى ئىلزابىس تەيلور بىلەن بىللە  مۇراسىمدە پەيدا بولغاندا پۈتۈن زال زىلزىلىگە كېلىپ، بىر گېگانت چولپاننىڭ پارلىغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇشقان. مەشھۇر ناخشىچى پات مەسچىني ۋە ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتى گراممي مۇكاپاتىغا 16 قېتىم ئېرىشىپ، بۇ ساھەدە رېكورت ياراتقان. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون سىياسىي ھېكايە پىلاستىنكىسى بىلەن گراممي دېكلىماتسىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، پۈتۈن دۇنيا ھاڭ-تاڭ قالغان. ھازىرغىچە گراممي مۇكاپاتىغا جۇڭگولۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن توققۇز شەخس نائىل بولغان بولۇپ، جۇڭگولۇق داڭدار مۇزىكانت، پىيانىنو ئۇستازى لاڭ لاڭمۇ ئاران بىر قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.
  Y- P9 C( _; t& C6 X! ^: n- n$ F$ I the-26th-grammy-awards-michael-jackson-7199096-1200-798.jpg
! L& I) o' W( Z( E 下载.jpg 3 u# W" O& B/ ~' F
گرەمىي  مۇكاپاتى ھازىرغا قەدەر 55 نۆۋەت تارقىتىلىپ، ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتتى ۋە كەسپىي نوپۇزى، ئادىللىقى، تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر مۇكاپات بولۇپ قالدى. ) {" V' a; \" z; t% F( m

- h3 `; ~/ k; x: d8 d) `ئەسكەرتىش: سۈرەتلەرمۇ بار ئىدى، مۇنبەر ئىقتىدارىنى بىلەلمىدىممۇ قانداق؟ يوللىيالمىدىم. مۇنبەر ئاتامانلىرىنىڭ تولۇقلاپ يوللاپ قويىشىنى سورايمەن. ماقالىنى تەييارلاش داۋامىدا، ئىنگلىز تىلىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ، ئاتالغۇلارنى توغرا ئالالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. مۇنبەرداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى، كۆرسەتمىلىرىنى كۈتىمەن.

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

2#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 07:34:09 |ئايرىم كۆرۈش
پالتاخۇننىڭ ئەجرىگە كۆپ رەخمەت، گرەمىي توغرىسىدا بەك تەپسىلى ياخشى مەلۇمات بەرگىنىڭىز بىر، ئىملا گرامماتىكا قاتارلىقلارنىڭ almost perfect بولۇشى ئىككى... 8 N( v5 L! [% l4 `# Y2 C7 \) P6 w
مەن رەسىملەرنى قوشۇپ قوياي. ئەسلى ئادرىسنى چاپلاپ رەسىملەرنى چىقارغىلى بولاتتى، ياكى سېستىمىدىن چاتاق چىقتىمۇ قانداق، بىز قاراپ باقايلى.
+ s- M& h2 o2 l$ I" _يەنە بىر قېتىم رەخمەت!!! باشقا گۈللەرنىڭمۇ تېما يازغاندا مۇشۇنداق باش ئاخىرى تولۇق يېزىشىنى تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۈمىت قىلىمەن
This too shall pass

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

3#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 07:35:53 |ئايرىم كۆرۈش
بولۇپمۇ خىلېرىينىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى ئەمدى بىلىشىم. بۇ خانىمنىڭ ئېنگىلىزچىسى لېكىن مەن بىلىدىغان تىزىملىكتىكىلەرنىڭ ئەڭ يوقۇرى دەرىجىسىدە.../ N0 u, L4 e6 E# d* @0 i
خىلارىيدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى داھىلارمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنكەن.
$ P# w2 Q# K/ e. ~' l1 ]Bill Clinton
% o# h1 p; t' _. I0 AJimmy Carter. P) @. w% v' Q; V. W5 A
Barack Obama1 Y# p( H1 C4 j0 t5 B
Al Gore- n6 R; M% I1 N% P8 T- l

1 z2 J4 v9 w7 b# c. ?# c2 ^& A1 C
1 g& \; Q7 [' a9 a4 d
This too shall pass

11

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

4#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 08:38:07 |ئايرىم كۆرۈش
خەنلەردىن گرەممىگە ئەڭ كۆپ قېتىم ئېرىشكىنى يويوماغۇ دەيمەن.

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 09:16:00 |ئايرىم كۆرۈش
پالتاخۇن ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق دۇنيا مودا ئېقىم مەسلىلىرىنى چانىغاندا  ئادەمگە ئالاھىدە ھوزۇر بېغىشلايدۇ!   رەھمەت! تېمىدىن ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن سۆيۈندۈم

11

تېما

0

دوست

643

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 13:26:31 |ئايرىم كۆرۈش
سالام دوستلار ! تىكەنقۇشقا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ! ئۇنىڭ ئەجرى بىلەن  سۈرەتلەر كىرىشتۈرۈلۈپ، بەزى مۇھىم ئاتالغۇلار توغرىلىنىپ ، ماقالە باشقىچە نۇرلىنىپ كېتىپتۇ. بۇندىن كېيىن يوللىغۇسى يازمىلىرىمدىمۇ مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىغا ئىشىنىمەن.

11

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 14:31:29 |ئايرىم كۆرۈش
مۇزىكا ساھەسىدىكى نوبىل مۇكاپاتى دەپ ئالماي

باھا سۆز

bilge  مەن شۇنداق دەپ يازايمىكىن دەپ قارىسام يېزىپ بولغان گەپ بۇ گەپنى، باللا شاش…lol.  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 06:04

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 10:04:45 |ئايرىم كۆرۈش
Aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 13:26 ' _/ W# i5 }' R2 B' l
سالام دوستلار ! تىكەنقۇشقا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ! ئۇنىڭ ئە ...

7 c2 N( `& E3 i+ n& F# V0 S# Mئەلۋەتتە. سىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىز بىزنى بەك خوش قىلىدۇ.
This too shall pass
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 08:50 , Processed in 0.177173 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش