- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-9
- توردا
- 1531 سائەت
- 经验
- 7796 点
- 威望
- 1899 点
- تىزىملاتقان
- 2008-4-24
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 4628
- تېما
- 149
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 7796
- UID
- 7
  
|
8 P2 M4 ?4 K- H; \) y X* n8 p* D9 H$ g
بوراتنى بەلكىم كۆپىنچىمىز تونۇيمىز{:4_83:} . قىزىقارلىق كومېدىيە بولسىمۇ لېكىن قازاقىستاندا قازاق قېرىنداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى دېگەننى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ كىنو توغۇرلۇق جىق سۆزلىمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. يېقىندا يەنە نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قىزى دارگىئا نازارابايېۋانىڭ بورات(ساشا بارون كوخېن)نى ئاقلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. يەنە قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ساشا بارون كوخېننى قازاقىستانغا تەكلىپ قىلىپتۇ. مۇشۇ شەرتلەرگە ئاساسەن بوراتنى چەكلەنگەن رايوندىن قۇتۇلۇپتۇ دەپ ئويلىدىم...! _2 h, Z: J+ Z e4 q# h
ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى ئاساسلىق گەپ بوراتتا ئەمەس . ئاشۇ قىزىقارلىق ئوبرازنى ياراتقۇچى ئەرتىس ساشا بارون كوخېن بىلەن تونۇشىمىز.
4 k7 g6 e7 @7 q) \! R9 l) \2 s ساشا بارون كوخېن تېگى يەھۇدى بولۇپ ئۆزى ئەنگىلىيەنىڭ لوندوندا تۇغۇلغان. كومىدىيەچى ، ئاكتىيور، يازغۇچى ۋە فەشىن مودىلى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئالى G ، بورات، برۇنو دىن ئىبارەت ئۈچ كۆپتۈرمە ھەجىۋى ئوبرازنى يارىتىپ كىشىلەرگە تونۇلغان.
4 K9 G; I' j7 j3 Y2 w0 W8 E
* @; M4 f' ^. q; @" e ئۇ ئالى G ئوبرازىنى 1998-يىلى يارىتىشقا باشلىغان. 2000-يىلى "ئالى G شوۋ"(Da Ali G Show)سى رەسمىي تارقىتىلغاندىن كېيىن، برىتانىيە تېلېۋىزىيە ئاكادېمىيەسى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ نادىر كومېدىيەسى بولۇپ باھالانغان. شۇ يىلى ئۇ يەنە مادوننانىڭ "مۇزىكا"(music)ناملىق كۈي ۋېدىيوسىدا شوپۇر بولۇپ چىقىپتۇ. 5 `) n* t6 m4 C
2002-يىلى ئالى Gنى مەركەز قىلغان "ئالى G مەيداندا"( Ali G Indahouse) برىتانىيەدە تارقىتىلىدۇ ۋە 2003-يىلى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. / Q. s/ \, |9 N
ئالى Gنىڭ زىيارىتى بەزىدە ناھايتتى چاكىنا ھەم قىزىقارلىق بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا داڭلىق سىياسىيونلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. دەيۋىد ۋە ۋىكتورىيە بېكخاملارمۇ ئۇنىڭ زىيارىتىدە بولغان. يەنە پروفېسسور نوئام چومسكيمۇ بار….
# n6 i) V" V& G9 i" c
1 l: M+ Y4 F* C% g: P: g 2006-يىلى ساشا بارون كوخېن " بورات: قازاقىستاننىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ئامېرىكىدىن مەدەنىيەت ئۆگىنىش" (Borat: Cultural Learnings of America for Make Benefit Glorious Nation of Kazakhstan) فىلىمىدە بورات ئوبرازىنى يارىتىپ چىقىدۇ. بۇ فىلىم شۇ يىلى تورونتو خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا تۇنجى بولۇپ ئېكىرانغا چىققان.
0 k! ]+ P o' ], D7 N# H4 x
6 O! J9 }& H0 S. N2 p$ n بۇ فىلىمنىڭ ژانىرىنى ماكۇمېنتارىيە(mocumentary) دەيدىكەنمىز. ماكۇمېنتارىيە دېگەن سۆزنى مەنمۇ بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم… بۇ سۆز ئىنگىلىزچىدىكى mock (زاڭلىق قىلىش) بىلەن documentary(داكۇمېنتارىيە)نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، زاڭلىق تۈسىدىكى توقۇلما داكۇمېنتارىيە دېگەننى بىلدۈرىدىكەن.
% X) R9 X7 N* {4 N بورات ناملىق بۇ ماكۇمېنتارىيەدە، بوراتنىڭ پامېلا ئاندرسوننى ئىزدەش سەپىرىدە نۇرغۇن ئامېرىكلارنى زىيارەت قىلىش جەريانى مەزمۇن قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا مەدەنىيەتىدىكى جىنىسي كەمسىتىش(sexism)، ئىرقىي كەمسىتىش(racism)، خوموفوبىئا(homophobia بەچچىلەرنى كەمسىتىش)، يەھۇدىلارغا قارىشلىق(anti-semitism)، تاجاۋۇزچىلىق(jingoism) قاتارلىق ئىجتىمائى ئەھۋاللىرىغا قوشۇلۇپ "ساھىل قاراۋۇللىرى"(Baywatch) بىرلىكتە زاڭلىق قىلىنغان. $ D) x) }8 i7 ^
ساشا بارون كوخېن مۇشۇ فىلىمى بىلەن 2007-يىللىق ئالتۇن گلوبۇسنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاكتىيور مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان.
# f9 J; K, {; k$ b! Q8 k2 N; T- T) z, N" f, t
يېقىندا ساشا بارون كوخېن"برۇنو"ناملىق يېڭى بىر ھەجىۋى ئوبراز ياراتقان. بۇمۇ بىر ماكۇمېنتارىيە بولۇپ ، برۈنو ئىسملىك 19 ياشلىق ئائۇستىرىيلىك بىر پەچچى فەشن شوۋ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسىنىڭ ھەجىۋى پائالىيەتلىرىنى مەزمۇن قىلىغان. مۇقاۋىدىكى "برۇنو" ۋە "جۇلاي(چىللە)"دىكى "ئۇ"ھەرىپىلىرىنىڭ ئۇرۇنلىرىغا "ئۈ" ھەرىپىنى ئىشلىتىشىدىنلا بىر خىل ھەجىۋى بەچچى پۇراق چىقىپ تۇرىدىكەن. (بۇنداق دېسەم فرانسۇزچە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كەتمىسۇن). بۇ فىلىمنىمۇ "بورات"قا رېژىسسورلۇق قىلىغان لاري چارلېس ئىشلىگەن. 2009-يىلى باھاردىن باشلاپ تارقىتىلغان. ھەددىن ئاشقان تىل ۋە ھەركەتلەر سەۋەبلىك ئۇكرانىيەدە قويۇلۇش چەكلەنگەن. ئائۇستىرىيەدىمۇ ھەر خىل ئەكىسى ئوبزورلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . برۇنو فىلىمىدىن گېتلىر ۋە مېل گىبسونلارنى قېزىپ چىققانلارمۇ بولغان…. يوسېف فرىتزل(Josef Fritzl) دېلوسىمۇ تىلغا ئېلىنىدىغان ئوخشايدۇ. 6 K3 d& Z! O% x! R+ [4 R% U( ~* d
8 A9 i; ^, L6 _ T* E
ساشا بارون كوخېن يېقىن كەلگۈسىدە "خانىش"نىڭ ناخشىچىسى فرېددى مېركۇرينىڭ رولىغا چىقىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سادام ھۈسەين يازغان "زابىباھ ۋە شاھ"دېگەن كىتابدىن ئۆزگەرتىلگەن "دىكتاتۇر " فىلىمىدە سادامنىڭ رولىغىمۇ چىقارمىش.بۇ فىلىمگىمۇ لاري چارلېس رېژىسسورلۇق قىلىدىكەن. |
|