گۆشسىز ئىستىمالچى-ۋېجىتارىيان 
ۋېجىتارىيان(Vegetarian)-بۇ سۆزنىڭ مەنىسى گۆش تۈرىدىكى،بېلىق تۈرىدىكى،قۇشلار تۈرىدىكى ۋە قۇشۇمچە يىمەكلىكلەر تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىمەيدىغان ئادەملەرنى كۆزدە تۇتىدۇ،بىراق ۋېجىتارىيانلارنىڭ ئستىمال قىلغاندىكى ھايۋاناتلار تەركىۋى ئوخشىماسلىغى تۈپەيلىدىن تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىلدۇ. ۋېگان(مۇتلەق گۆشسىز ئىستىمالچىلار)(Vegan):ھايۋاناتلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە قارشى تۇرىدىغانلار،ئۇلار گۆش تۈرىدىكىلەر،قۇش تۈرىدىكىلەر،بېلىق تۈرىدىكىلەر(ياكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى)،ھەتتا ھايۋاناتلارنىڭ ئىچىدىن چىققان يىمەكلىكلەرنىمۇ چەكلەيدۇ،مەسىلەن تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلار.ئادەتتە،مۇتلەق گۆشسىز ئىستىمالچىلار ھەسەلنىمۇ چەكلەيدۇ،يەنە ئىستىمال قىلغىلى بولمايدىغان، لېكىن ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنىمۇ چەكلەيدۇ،مەسىلەن تېرە-تۈك،يىپەك،پەي،سۆڭەك قاتارلىقلار.  ئوۋو-لاكتو ۋېجىتارىيان(تۇخۇم،سۈت-گۆشسىز ئىستىمالچىلار)(Ovo-LactoVegetarian): ھايۋاناتلارنىڭ گۈشىنى يېيىشقا قارشى تۇرىدىغانلار،يەنى ئۇلار گۆش تۈرىدىكى،قۇش تۈرىدىكى،بىلىق تۈرىدىكى(ياكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى)مەھسۇلاتلارنى چەكلەيدۇ،لېكىن ئۇلار تۇخۇم بىلەن سۈتنى ئىستىمال قىلىدۇ. لاكتو ۋېجىتارىيان(سۈت-گۆشسىز ئىستىمالچىلار)(LactoVegetarian): تۇخۇم،سۈت-گۆشسىز ئىستىمالچىلارغا ئوخشاپ قالىدۇ،بىراق تۇخۇمنى چەكلەيدىغانلار. ئوۋو ۋېجىتارىيان(تۇخۇم-گۆشسىز ئىستىمالچىلار)(OvoVegetarian):يەنىلا تۇخۇم،سۈت-گۆشسىز ئىستىمالچىلارغا ئوخشاپ قالىدۇ،بىراق ئۇلار سۈتنى چەكلەيدىغانلار. ۋېجىتارىيانلارنىڭ يەنە بىرخىلدىكىلىرى بولۇپ،فرۇتارىيان(Fruitarian)دەپ ئاتىلىدۇ،ئۇلار مىۋە دەرىخىدىن تەبىئى ئۈزۈلۈپ چۈشكەن مىۋىلەرنىلا ئىستىمال قىلىدۇ،چۈنكى ئۇلار مىۋىنى قولى بىلەن ئۈزگىچە دەرەخنى سۇندۇرۇپ، زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. پېسكېتارىيان(بىلىق-گۆشسىز ئىستىمالچىلار)(Pescetarian):ئۇلار گۆش تۈرىدىكى،قۇش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى چەكلەيدۇ،بىراق بىلىق تۈردىكى مەسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلىدۇ. ۋېجىتارىيانلاردىن بولۇشنىڭ ئون تۈرلۈك پايدىسى: 1) ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ؛قۇۋەت تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،گۆشسىز ئىستىمالچىلار گۆش ئىستىمال قىلىدىغانلارغا سىلىشتۇرغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن.پاكىستاننىڭ شىمالىدىكىلەر بىلەن مىكسىكېنىڭ ئوتتۇر قىسمىغا جايلاشقان ئىندىئانلار ئەڭ دەسلەپكى ۋېجىتارىيانلار بۇلۇپ،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئۇلار باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلاركەن. 2) بەدىنى يەڭگىل تۇرىدۇ؛ ۋېجىتارىيانلار گۆش ئىستىمال قىلىدىغانلارغا قارىغاندا بەدىنى يەڭگىل بولغاچ،ئارتۇقچە گۆش ياكى مايلاردىن غەم قىلمايدۇ. 3) بەدەندىكى خولىستىرىن تۆۋەن بولىدۇ؛ ۋېجىتاىيانلار گۆش ئىستىمال قىلىدىغانلارغا قارىغاندا بەدەندىكى خولىستىرىن مەڭگۈ تۆۋەن بولىدۇ.ئەگەر بەدەندىكى خولىستىرىن كۆپىيىپ كەتسە قان تومۇرلار توسۇلۇپ،يوقۇرى قان بىسىم،يۈرەك كىسەلگە ئوخشاش كىسەللەرگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىمالى يوقۇرى بولىدۇ. 4) جاھىل خارەكتىرلىق كىسەل ئاز بولىدۇ؛بەزى-بىر تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكىلاتىدا ئېيتىشىچە،گۆش ئىستىمالچىلار بىلەن ئۈچەي ياللۇغ ئىنتاىيىن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. 5) پارازىت قۇرتلار ئاز بولىدۇ؛بىر قىسىم ناچار بولغان پارازىت قۇرتلار ،ئاسان زىدە بولىدىغان گۆش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىۋالىدۇ. 6) بۆرەكنىڭ بىسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ھەرخىل ئەلا سۈپەتلىك ھايۋانلار بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى ئەخلەتلەر بىرلىشىپ ،قان تومۇرى ئارقىلىق بۆرەككە سىڭىپ كىرىدۇ،گۆش ئىستىمالچىلار ئىستىمال قىلغان گۆشلىرىنىڭ تەركىۋىدە ھايۋانلارنىڭ قېنى بولۇپلا قالسا،بۆرەكنىڭ بىسىمىنى تېخىمۇ زور ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. 7) ساقلاشقا قولايلىق؛كۆكتاتلار تىپىدىكى ئاقسىلنى ھايۋانات تىپىدىكى ئاقسىلغا قارىغاندا ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا بولىدۇ. 8) باھاسى تۆۋەن؛ كۆكتاتلار تىپىدىكى ئاقسىل ھايۋانات تىپىدىكى ئاقسىلغا قارىغاندا باھاسى تۆۋەن بولىدۇ. 9) ئىكىلوگىيلىك پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن؛بىر توننا كالا گۆشىگە كىتىدىغان يەرنى ئىشلەپچىقىرىش خۇددى ئون توننا ئۆسۈملۈك ئاقسىل ئىشلەپ چىقارغانلىققا ئوخشاش.ئىكىلوگىيە تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق پەرەز قىلىدۇ:كەلگۈسىدە نوپوسىنىڭ ئىشىپ كېتىشى بىلەن ئىنسانلار ئامالسىز ۋېجىتارىيانلارغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. 10) يىمەكلىكلەرنىڭ ئۆزگۈرۈشچانلىقى مول بولىدۇ؛ۋېجىتارىيانلار ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بايقىشىچە ،كۆكتات ئاقسىلى، گۆش بىلەن قورىغان يىمەكلىكلەرگە قارىغاندا ئىنتايىن تەملىك،ھەمدە كۆكتات بىلەنلا قورىغان يىمەكلىكلەرنىڭ ئۆزگۈرۈشچانلىقى مول بولۇپ،ئادەملەرنىڭ ئىشتىھاسىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ (ۋېكتورىيە خىتاپنامە)سىدە مۇنداق خىتاپ قىلغان:تەڭپۇڭلىق ساقلىغان ھالدا ئىستىمال قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك،كۆپچىلىكنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمىزكىن ،ئىلمى ئۇسۇلدا مۇۋاپىق بولغان قۇۋەتلەرنى تولۇقلاش كېرەك. سىز ۋېجىتارىيان ياكى گۆشلۈك ئىستىمالچى بولۇڭ،ھەرگىز ئىلمى بولمىغان ئۇسۇلدا يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماڭ،جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،ھەرخىل يىمەكلىكلەر ئارىمىزغا سىڭىپ كىرمەكتە،شۇلارنىڭ ئىچىدە سىزگە ئەڭ مۇۋاپىقىنى تاللاشتا، سىزگە يەنىلا سەگەك كاللا ۋە ئىلمى بولغان قۇۋەت تولۇقلاش ئۇسۇلى بولىشى كېرەك،شۇ ۋەجىدىن بۇ تىمىنى سىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىڭىزگە سۇندۇم. (بۇ تىمىنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ،بولمىسا ....سوتتا كۆرىشىمىز) |