fashion نى كۆرگىلى بولىدۇ،تۇتقىلى بولىدۇ،ئەلۋەتتە پۇرىغىلىمۇ بولىدۇ... تۆۋەندە بىر نەچچە خىل ئەڭ يېڭى ،ئەمدىلا بازارغا سېلىنغان ياخشى ئەتتىرلەردىن: 1.شنەل Chanel No.5 Premiere ئەتتىرى. 
كىلاسسىك شىنەل بەشىنچى نومۇر ئەتتىرى Chanel No.5نىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ياش،يېڭى تەركىبلەر قوشۇلغان بۇ ئەتتىر بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ، Top ئەتتىرلەر قاتارىغا ئۆتۈپ كەتتى.. nicole kidman نىكول كىدمەن ئوبراز ۋەكىلى بولدى بۇ ئەتتىرنىڭ... ئەتتىر باھاسى:1080RMB/75ml.. 2.Jeanne Lanvin ئەتتىرى.. 
ئەتتىر قۇتىسىنى Alber Elbaz لاھىيلىگەن. ئەتتىر پۇرىقى سۇس،راھەت تۇيغۇدا...Lanvinنىڭ خاسلىقىنى مۇجەسسەملىگەن.. نازۇك ھەم ئۇنتۇلغۇسىز. بۇ ئەتتىر ئادەتتە ئىشلىتىشكە ناھايىتى باپ كېلىدۇ.. باھاسى: 588RMB/50ml. 3.كىلوي Chole ئەتتىرى. 
يېڭىدىن ئىشلەنگەن كىلوينىڭ بۇ ئەتتىر، ئەتتىرگۈل پۇرىقىنى ئاساسىي پۇراق قىلىپ ئىشلەنگەن. قەدىمكى گېرىتسىيە قۇرۇلۇشلىرى تۈسىنى ئالغان قۇتا لايىھەسى،چىرايلىق بانتىك...بۇلار ھەممىسى choleنىڭ ئالاھىدىلىكرىگە تولىمۇ ماس كەلگەن. جانلىق ھەم ئېسىل. پولشالىق داڭلىق مودىل Anja Rubik بۇ ئەتتىرنىڭ ئېلانىدا. ئەتتىر باھاسى جوڭگودا تېخى بېكىتىلمەپتۇ. 
4. شى سېيدو زېن ئەتتىرى. Shiseido Zen. 
shiseido دېگەن بۇ گىرىم ۋە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىن ئاساس قىلغان ياپونلۇق داڭلىق ماركىغا خانىم قىزلار مەنچە ناھايىتى تونۇش..zen بولسا شى سېيدو نىڭ ئەتتىر تۈرى..ئەڭ يېڭى zen بۇرۇنقى پۇراقتىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىگەن.. كۆك ئەتتىرگۈلنى ئاساسىي ماتىرىيال قىلغان.. ئەتتىرنىڭ پۇرىقى سەل كۈچلۈك ئەمما بەكمۇ ئالاھىدە.. ئەتتىر باھاسى تېخى بېكىتىلمەپتۇ جوڭگودا. 5.Lancome Magnifiqueئەتتىرى. 
لەنكوم نىڭ بۇ ئەتتىرىنى ئەڭ داڭلىق ئەتتىر تەڭشىگۈچىلەردىن Oliver Cresp,Jacques Cavallier لار بىرلىشىپ تەڭشىگەن.زاراڭزا،ئەتتىرگۈل ۋە ھىندىچە ماتىرىياللارنى ئاساس قىلغان. ھوللىۋود داڭلىقلىرىدىن ئەننا خەسۋاي Anna hathwayئوبراز ۋەكىلى بولۇپ تەكلىپ قىلىندى... ئەتتىر باھاسى:780RMB/50ml 
6.DKNY Delicious Night ئەتتىرى. 
DKNY ..ئامېرىكىلىق ماركا..تولۇق نامى Donna Karen New York... مەن بۇ ئەتتىرگە بىر قاراپلا ئامراق بولۇپ قالدىم.. سۆسۈن رەڭلىك ئۆزگىچە يۇمىلاق قۇتىسى مېنى قىزىقتۇرالىدى... نيۇ يوركنىڭ كېچىلىرىدەك جانلىق،يورۇق كېچىلىرىدەك تۇيغۇدا.. ئەتتىرنىڭ پۇراق مەنبەسى cocktail ھاراقلىرىدىن كەلگەن. كانادالىق قونچاق يۈزلۈك داڭلىق مودىل Jessica Stam ئەتتىر ئېلانىدا باش رول.. 7.Givenchy Jardin D'interdit ئەتتىرى. 
تەرجىمە قىسام..سىرلىق تۇمانلىق گۈللۈك بولىدىكەن بۇ ئەتتىرنىڭ ئسىمى.. Givenchyنىڭ مەخسۇس ئاسىيالىقلار ئۈچۈن ئشلەنگەن ئەتتىركەن... گۈل پۇراقلىرى بىلەن مېۋە تاتلىق پۇراقلىرى ئارىلىشىپ كەلگەن ياش ئەتتىر... 8.Giorgio Armani Code Elixir. 
ئەتتىر لايىھەسى كىلاسسىك ئەتتىرلەردەك چېچىشىنى تاللىغان..پۇرىقى بەك بەك ياخشى بۇ ئەتتىرنىڭ...قۇتا سرتىدىكى گۈل لايىھەلىرىنى ئارمانى ئەپەندىم ئۆزى لايىھەلەپ ئورۇنلاشتۇرغان... ئەتتىر باھاسى 1180RMB/50ml.. قىممەت ھە...لېكىن ھەقىقەتەن ياخشى ئەتتىر.. 
9. Kenzo كېنزو.. 
2008-يىل قىشلىق Kenzo نىڭ نورمىلىق يېڭى ئەتتىرى. سانى چەكلىك.كېنزو ھەريىلى قىشتا يازدا مۇشۇنداق نورمىلىق ئەتتىرلەرنى چىقىرىدۇ ...گۈل پۇرىقىنى ئاساس قىلغان.. شۇڭلاشقا ئىسىمىمۇ Flower بۇ ئەتتىرنىڭ. باھاسى 670RMB/50ml. ئەرەنچە ئەتتىرلەردىن...Versace ۋېرساج نىڭ يېڭى ئەتتىرى..پۇرىقىنى بەك ياخشى دەپ ئاڭلىدىم.. 
.... يېڭى ئەتتىر ئۇچۇلىرىنى مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي... . |