 توممي خىلفىگىر ئامىرېكىنىڭ داڭلىق كېيىم ماركىسى. ئۇ ھەددىدىن ئاشمىغان ئۆزگىچىلىكى، ئادەتتىكىدەك بولمىغان ئاددىلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. ھوللېۋۇد ھەر يىلى 4مېليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئەرتىسلەرنىڭ رول ئېلىشتا كېيىدىغان كېيىملىرى ئۈچۈن توممي خىلفىگىرغا سەرىپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئامىرېكىدىكى زور تەسىرىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئۇنىڭدىن سىرىت توممي خىلفىگىر بىر مەزگىل ياۋرۇپانىڭ خان جەمەتىگە بۆسۈپ كىرىپ ياش ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كېيىدىغان ماركىسغا ئايلانغان ئىدى.  1985-يىلى ئەرەنچە كېيىم لاھىيەلەش بىلەن ئىش باشلىغان توممي خىلفىگىرنىڭ مەسھۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. كېيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەتلەردىن باشقا يەنە ئەتىر ۋە ياتاق بۇيۇملىرى قوشۇلدى.  ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 163مەخسۇس سېتىش دۇككىنى ۋە داڭلىق گەلىريلاردىكى مەخسۇس سۇپىسى بارى. ئۇنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچە لاھىيەسى ئۇنى مودا- ئېقىم بازىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدۇرغان. ياشلىق، جەلىبكار ۋە چىن؛ ئېندۇۋدۇئاللىقنى گەۋدۈلەندۈرۈش، ئەركىنلىك قوغلىشىش قاتارلىق ياشلارنىڭ ئۇسلۇبىنى كۆزدە تۇتقان. ئۇلارنىڭ گىربىسدىكى قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭ بىر خىل ئەركىنلىككە ئېنتىلىشكە سېموۋوللۇق قىلىنىغان ھەم بۇ رەڭلەر ئۇلارنىڭ كېيىم كېچەك لاھىيەسىنىڭ ھاياتى كۈچىگە ئايلانغان. توممي خىلفىگىر لاھىيە جەھەتتە ئازادىلىك ۋە تەنھەركەتتىن ئېلھام ئالغان بولۇپ، رەڭلەرنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ.شۇڭا توممي خېلفېگىرنىڭ كېيىملىرىدە قارا رەڭ ناھايتتى ئاز. چۈنكى ئۇلار قارا رەڭنى بەك قاتمال دەپ قارايدىكەن. قۇرغۇچىىسى توماس ياكوب خىلفىگىر(Thomas Jacob Hilfiger ) ى 1951-يىلى 24-نەۋرۇزدا نېۇيوركنىڭ ئەلمېرادا تۇغۇلغان. دۇنياغا داڭلىق فەشن لاھىيەلىگۈچىسى.  ئۇ 18-يېشىدا 150دوللارلىق دەسمايىسى بىلەن ئادەملەر سورۇنى(People's Place) دىگەن فەشن دۇككىنى ئاچقان.شۇ چاغدا ئۇنىڭ دۇككىنىدا پەقەت 20تال جېيەنىز ئىشتانلا بارتى. قىسقىغىنە ئالتە يىلدىن كېيىن ئادەملەر سورۇنى 7تارماق دۇككىننى ئېچىپ ئۈلگىرىدۇ.بۇ ۋاقىتلاردا توممي ئۆزىگە ئالەن ياكوپ دېگەن ئىسمنى ئىشلىتىپ كېيىم لاھىيەلىگۈچىلىك ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ھەم كېيىملىرىنى ئۆزىنىڭ دۇكانلىرىدا سېتىشقا باشلايدۇ. بۇ ياشنىڭ ئامىتى قانداق تېز كەلگەن بولسا كېلىشمەسلىكمۇ شۇنىڭدەك تېز ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.1976-يىلى توممينىڭ ئىشى كىرزىسكە دۇچار بولىدۇ. لېكىن بۇ كېلىشمەسلىك بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ پارلاق يولنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئۇ جورداچې(Jordache) غا كىرىپ كېيىم لاھىيەلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئۇ بۇ يەردە نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىغاندىن كېيىن 1978-يىلى قايتىدىن ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇرىدۇ ۋە 1984-يىلى تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىسمىدىكى يۈرۈشلىك كېيىملەرنى جاكارلايدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزگىچە بولغان ئەركىن ئازادە كېيىملىرى بىلەن ئامىرېكا بازىرىنى ئىگەللەشكە باشلىغان. ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي پەرري ئەللىس(Perry Ellis)، كالۋىن كىلاين(Calvin Klein)، رالف لورىن (Ralph Lauren)لار بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن. 1995-يىلى توممي خىلفىگىرنىڭ كېيىم لاھىيەلەش تالانتى كىشلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ( Council of Fashion Designers of America) نىڭ يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر لاھىيەلىگۈچى دېگەن شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان. 2003-يىلى يازدا توممي ئارام ئېلىش ۋە ساياھەتنى تېما قىلىپ كيىشچان بولغان بىر يۈرۈش كيىملىرىدە ئەركىن-ئازادىلكنى نامايەن قىلغان. كىشىلەرگە بىر خىل شەھەردىن يىراقلاشقان بېمالال كەيپىياتنى بېغىشلىغان.  بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان توممي خىلفىگىر توممي قىزچاق(Tommy Girl) ۋە توممي يېگىت(Tommy Boy) يۈرۈشلۈك ئەتىرلىرىنى بازارغا سالدى.   بۇ يازمىنى 2008-8-23 14:27:59 Achilles تەستىقلىغان! |