گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 3119|ئىنكاس: 19
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بوب ديلان (Bob Dylan) توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-30 21:25:47 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

                           

ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى:

   ئەسلى ئىسمى:روبېرت ئالەن زىممىرمەن

   ئوقۇش تارىخى:ئالى مەكتەپ (ئارلىقتا چېكىنىپ چىقىدۇ)

   تۇغۇلغان كۈنى:1941-يىلى 24-باھار

   يۇرتى:ئامرىكا-مىنسسۇدا

   ئايالى:سارا ديلان(1965-يىلى 22-ئوغلاق توي قىلىپ،1977-يىلى 29-سەپەر ئايرىلىپ كېتىشكەن)4 بالىلىق بولۇشقان .كارولىي دەينىس(1986-يىلى 4-سەپەردە توي قىلىپ ،1992-يىلى ئوغۇزدا ئايرىلىپ كېتىشكەن)بىر بالىلىق بولغان.ئەڭ دەسلەپتە ئارلاشقان قىزى:سۇزى روتولو.

   ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى:جوئان بېز.

   بىر ئېغىز سۆزبىلەن ئۇنى باھالىساق:بوب ديلان روك دۇنياسىدا تەسىر دائىرسى ئەڭ كەڭ،ئىجادىيىتى ئەڭ ئۇلۇغ بولغان سەنئەتكار ھىساپلىنىدۇ.

بوب دىيلاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى:

   بوب ديلان 1941-يىلى 24-باھار مىنسسۇدادا تۇغۇلىدۇ،ئەسلى ئىسمى روبېرت ئالەن زىممىرمەن ،6ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خىببىڭ دىگەن يەرگە كۆچۈپ بېرىپ كانغا يىقىن بىر جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.ئۇ خىببىڭدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ھەمدە بىر كۈي ئەتىرەتكە بىر مەزگىل قاتنىشىدۇ. كېيىن ئۇ مىنسسۇدادىكى بىر ئالى مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇيدۇ.ئۇ ئىسمىنى شۇ مەزگىللەردە بوب ديلان دەپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ،ئۇ نام چىقارغان ۋاقتى نىيۇ يورۇكتىكى ئۇلۇغ جاي گېرنىۋىچ كەنتى ئىدى.ئۇ دۇنياغا تونۇلغان خەلىق كۈيچىسى بۇلۇش ئارزۇيى بولغانلىقى ھەمدە كىچىك چاغلىرىدا ئاڭلىغان كۈيلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇ توختىماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭىدۇ.

   ياش-ئۆسمۈر ۋاقىتىدىكى بوب ديلان كۈيگە ئادەتتىكى قىزىققۇچىلاردىن بولۇپ،ئۇ ئاساسەن سەھرا ئاھاڭلىرىغا ھېرىسمەن ئىدى،ئۇ يەنە ئارتۇر رېمباند(Arthur Rimband)،خەنك ۋىلىئامس( Hank Williams)،جەيمىس دىن( James Dean)،ۋۇدي گۇسرې( Woody Guthrie)ۋە روبېرت(Robert Johnson)لارغا ناھايىتى چوقىناتى.كېيىن ئۇ بىر تىياتىرخاندا(Blackboard Jungle)لارنىڭ روك كۈيىنى ئاڭلاپ بولۇپ روكنىڭ  يەنە بىر رولىنى چۈشۈنۈپ قالىدۇ ،ئۇ بولسىمۇ-روك  ئىجتىمايى تۇرمۇشتا ئادەملەرگە بەرگەن تەسىر كۈچى ئىدى.روك كۈيلىرىنىڭ تېكىستى ئادەملەرنى ھاياجانلاندۇرۇپ،ياشلارنىڭ خارەكتىرىنى يارقىن ئىچىپ بىرىشكە،ھەمدە ياشلارنىڭ ياۋۇز ۋە ئىسىيانكار قەلبى دۇنياسىنى  ئاشكارلايدىغان ۋاستەبولۇپ قالغان ئىدى،شۇندىن ئىتىبارەن خىببىڭ كەنتى بوب ديلانىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى توسۇپ قالالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

   1961-يىلى قەھرىتان،بوب ديلان مىنسسۇدادىكى ئونۋېرستىن چىكىنىپ چىقىپ مەخسۇس كۈي ئىشلىرى ئۈچۈن باش چۆكۈرىدۇ.ھەمدە ئۇ يۇرتىنى تاشلاپ نىيو يۇرۇكتىكى(Cute Wha)( Folk City) ۋە(Gaslight)قاتارلىق داڭلىق كلابلاردا ئۇيۇن قۇيۇشقا باشلايدۇ.ئۇنىڭ خەلىق كۈيلىرى زىيالىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەنلىگى سەۋەبىدىن،CBS نىڭ دىرىكتورى جون خەمموند ئۇنىڭ بىلەن رەسمى توختاملىشىدۇ.ئۇزۇنغا بارماي ئالبىرد كىلەيسمەن ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا بوب ديلان خەلىق كۈيچىلىرىنىڭ بايراقدارى ۋە CBS بايرىقى ئاستىدىكى ئەڭ ياش خەلىق كۈيچىسى،ئەڭ سۈپەتلىك كۈيچىمۇ بولۇپ قالىدۇ.

                                     

   يىتىلگەن بوب ديلان:

   1961-يىلى تەجىرىبىلىك جون خەمموند بوب ديلەننى كولۇمبىيە شىركىتى بىلەن توختاملاشتۇرىدۇ.ئۇ دەسلەپكى بىر نەچچە ئالبومىدا ئۆزىنىڭ خەنك ۋىلىئامىس(Hank Williams)ۋە چاك بەرري (Chuck Berry)نى ياخشى كۆرىدىغان تەرەپلىرىنى قەتئى ئىپادىلىمەيدۇ.بەلكى ئۇ كۈيلىرىنى ساپ خەلىق ئاھاڭ  پۇرىقى كۈچلۈك قىلىپ ئىجادىيەت قىلىدۇ.مۇڭلۇق ھەم جۇلالىنىپ تۇرىدىغان مىلودىيلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدۇ.ئۇنىڭ تىكىستلىرى تېزدىنلا ياش شائىرلار ئىچىدىكى توم پەكستون(Tom Paxton)دەك تالانتلىق كىشىگە ئايلىنىدۇ.

   ئۇنىڭ كۈيلىرى كىشلىك ھوقوقنى قوغدايدىغان ۋە ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغان ياشلارنىڭ ۋەكىللىك ناخشىسى بولۇپ قالىدۇ.ئۇنىڭ كۈيلىرىنىڭ ئاھاڭى خەلىق كۈيلىرىگە ئوخشاش ساپ ۋە تەبىئى ئىدى،شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى  كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئىگەللەيدۇ.ئۇ شۇ مەزگىلدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاددى كۈي ئۇسلۇبى ئارقىلىق ئىجادىيەت قىلىدۇ.ديلاننىڭ ئاۋازى،گىتتىرى ۋە بەزىدە ئۆلچەملىك بولمىغان ئېغىز گارمۇشكىسى ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى مۇقۇملاشتۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن دۆۋلىتىدە زور تەسىر قوزغايدۇ. شۇ چاندا  ئۇ كۇبادىكى يادىرو ئاتوم بومبىسىنىڭ خەتىرىدىن ئەندىشتە يۈرگەن كىشىلەر نىڭ قەلبىنى (ئۇرۇشنىڭ ئىگىسى)بىلەن(بورن چاپقۇن كېلىش ئالدىدا)ناملىق كۈيى ئارقىلىق   تەسىرلەندۈرىدۇ.

                             


 بوب ديلاننىڭ ئۆزگۈرۈشى:

   مۇشۇنداق مەزگىللەردە(1961-1964)بوب ديلان خەلىق كۈيچىلىرى ھەم ئاكىتىپچىلارنىڭ ئارىسىدا قەھرىمان ھىساپلىنىپ قالىدۇ.لېكىن ئۇنىڭ كۈيلىرى كەڭ كەتكەن ئاممىباپ كۈيچىلەر ئارىسىدا باشقىلار تەرىپىدىن قايتا ئېيتىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ ياخشى ناخشىلار  ئىدى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باۋلو،بوت،مالىلارنىڭ ئېيتقىنى ئەڭ داڭلىق ھىسابلىنىدۇ.تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئامىل بۇ خىل كەيپىياتنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ تاشلايدۇ،بىرىنچىسى:ئۇنىڭ داۋاملىق ئاكىتىپچىلارنىڭ باشلىغۇچىسى بولۇپ تۇرىشى ئۇنىڭغا ئېغىر بىسىم ئىلىپ كىلىدۇ،بۇنىڭغا ئوخشاش باش ئاغىرىقلىرى ئۇنىڭ كۈيلىرىدە بارغانسىرى ئىپادىلىنىدۇ.بۇ نۇقتا ئۇنىڭ  (Another Side of Bob Dylan)(بوب ديلاننىڭ يەنە بىر تەرىپى)ناملىق 4- ئالبومىدا ئەڭ ئىنىق ئىپادىلىنىدۇ.ئانچە يىتىلىپ بولالمىغان(My Back Pages)(مەن توغۇرلۇق ئۇچۇرلار)ناملىق كۈيىدە ئۇ جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇ ۋە يورۇق تەرەپلىرىنى ناھايىتى ئىنىق ئىپادىلىگەن بولۇپ، دەسلەپكى تۇرمۇش پەلسەپەسىنى (ئۇ چاغلاردا مەن بىر قېرى ئادەم ئىدىم،ھازىر بولسا مەن ياشىرىپ كىتىپ بارىمەن)دەپ ئىپادىلەيدۇ.ئىككىنچىسى ھەم ئەڭ مۇھىم بولغىنى:1961-يىلدىن 1963-يىلغىچە بولسا ئەنگىلىيەدىكى ئاممىباپ كۈي ئىنقىلابى ھىسابلىنىدۇ.ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە بوب ديلان بىرىنچى قېتىم ھايۋاناتلار(ANIMALS)كۈي ئەتىرتىدىكىلەرنىڭ (House of the Rising Sun)ناملىق كۈيىنى  ئاڭلىغان چېغىدا بىر نەرسە تىپىۋالغاندەك ئاپتۇبۇستىكى ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپكەتكەن ئىكەن.بۇ ۋەقە ئۇنىڭ كۈي دۇنياسىدىكى يېڭى بىر دۇنيانى  تاپقانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى.ئۇنىڭ كېيىنكى ئالبومىغا (Bringing It Back Home)دەپ نام بېرىدۇ،شۇندىن ئېتىبارەن ئەنگىلىيىلىك كۈيچىلەرنىڭ ئامرىكا كۈيلىرىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىلىدۇ.بۇ ئالبومنىڭ بىر تەرىپىگە روك كۈيلىرى ئۈنگە ئېلىنغان بولۇپ ،بىر كۈي بىلەن يەنە بىر كۈي ئارلىقىغا (رولىڭ سىتون)نىڭ كىچىك (نەق) كۈيلىرى ئۈنگە ئىلىنغان.بۇ ئالبومنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ:(مەن ئەمدى ئاقكۆڭۇللۈكنى مەدىھلەشنى،گۈزەللىكنى مەدىھلەشنى توختاتتىم).ئۇنىڭ كۈيلىرى ناھايىتى خوشال رېتىم،ھەمدە چەكسىز ئۇدارلارنىڭ سەكرەشلىرى بىلەن تولغان ئىدى.ئۇ ئېيتقان چارلى بىلىنىڭ(Too Much Monkey Business)بىلەن(Subterranean Homesick Blues)ناملىق كۈيلېرى ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.

   بوب ديلاننىڭ 60-يىللاردىن كېيىن قىلغان ئىجادىيەتلىرى بولسا ئۆزلۈككە قايتىش كەيپىياتىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ ،كۆپرەك دىننى تۈسنى ئالغان ئىدى.1968-يىل تومۇزدا ئۇ (High way 61Revisited)ناملىق ئالبومىنى تارقىتىدۇ،بۇ مەزگىل ئۇنىڭ ئاممىباپ كۈينىڭ يوقۇرى پەللىسىگە چىققان ۋاقىتلىرى ھىساپلىنىدۇ،ھەمدە بۇلار ئۇنىڭ روك كۈيچى ئورنىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرىدۇ.70-يىللاردا ئۇ كۈيلىرىدە بلۇز ۋە جاز ئېقىملىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئالىدۇ ،تىكىستلىرىنىڭ پەلسەپىۋىلىكى كۈچلۈك بولۇپ،ئامىرىكىدىكى ياشلارنىڭ قەلبىدىن  چۇڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ،شۇندىن ئىتىبارەن ئۇ ئىسىيانكارلىق روھىنى قايرىپ تاشلاپ،بەلكى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن پەلسەپە خارەكتىردىكى ئەسەرلەرنى يارىتىش يولىغا قەدەم قويىدۇ.ئۇ بۇنداق يولدا مېڭىشى بىلەن نۇرغۇن چوقۇنغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.قانداقلا بولمىسۇن كېيىنكى ئالبومىغا (Mr.Tambourine Man)ناملىق كۈيى بىلەن سىياسى خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان(It’s All Right,Ma)ناملىق كۈيىنى قوشۇپ ئۈنگە ئىلىپ تارقىتىدۇ .بىراق (1965-1966) يىللىرى (Paul Butterfield)بلۇز كۈي ئەتىرىتى بىلەن قويغان خەلىق كۈي بايرىمىدا كومۇدىيىلىك ھالدا ئۇلارنىڭ تاماشىبىنلىرى ئىككىگە ئايرىلىپ كىتىدۇ، ئەمىلىيەتتە بوب ديلان روك كۈيچىلىككە خىلاپلىق قىلغانلىغى تۈپەيلىدىن دىن تەرەپدارلىرىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشكەن. يۇمىلىغان تاشقا ئوخشاش( Like a Rolling Stone)ناملىق كۈيى ئۇنىڭغا خەلىق كۈي تاماشىبىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.بۇ مەزگىلدە تارقاتقان(Highway 61 Rivisited)بىلەن قوش ئالبومى(Blonde on Blonde)ئۇنىڭ ئۈن ئىلىش خىزمىتىنىڭ يوقۇرى پەللىسى بولۇپ قالىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلاردىن ئال كۇپىر(KOOPER,AL)بىلەن روببىې روبېرتسون(Robbie Robertson)،ھەمدە ناشۋىلدىكى چارلىې مىككوي (Charlie McCoy)بىلەن كېنني باتترېي(Kenny Buttrey)لاربوب ديلاننىڭ نەچچە يىللىق تەجىرىبلىرىنى يۇغۇرۇپ ئەڭ سۈپەتلىك ئالبوم قىلىشتىكى  ئەڭ زور تۆھپىكارلاردىن  بولۇپ قالىدۇ.بۇ قېتىمقى كۈيلىرى ناھايىتى ئاددى يەنە قايتىلانما كۆپرەك ئىدى ،بىراق ئۇلار ھەم ئۇزۇن،ھەم راھەت ئىدى.كابونا ئاكاردىيونى (Queen Jane Approximately)بىلەن(Like a Rolling Stone)ناخشىلىرىدا ناھايىتى مۇستەھكەم رول ئوينىغان بولۇپ،بوب ديلاننىڭ كۈيىدىكى مۇڭلۇق شېئىرلىرىنى بۇنداق مۇستەھكەملىكتىن  ئايرىپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ،ھالبۇكى ئۇنىڭ كۈيلىرىدىكى سىزىقلار قالايمىقاندەك كۆرىنسىمۇ،لېكىن مول ھەم نۇرغۇن ئوي پىكىرلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.بەزىدە(Tombstone Blues)بىلەن (Desolation Row)ناملىق كۈيلىرىدىكى تىكىستلىرىدە بىر- بىرىگە باغلاشلىق ئەمما غەلىتە شەخىسلەر تىلغا ئىلىنغان.بەزى ئىنتايىن ئىللىقلىق مۇجەسەملەنگەن كۈيلىرى(مەسىلەن: {Visions of Johanna }بىلەن{Sad Eyed Lady of the Lowlands })بار بولۇپ،كىشىلەرگە بلۇز كۈيىنىڭ سەھرا كۈيىگە  ئۆزگەرگەندىكى  تەبىيلىكنى ھىس قىلدۇرىدۇ.بوب ديلاننىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتمەيدىغان كومىدىيلىك قىياپىتى (Rainy Day Women)بىلەن(Leopard Skin Pill Box Hat)ناملىق كۈيلىرىدە ناھايىتى ئىنىق ئىپادىلەنگەن.

   بوب ديلاننىڭ تۇرمۇشىنى ئۇنىڭ ئۆزگىرىشچان كۈيلىرىدىكى تېكىسلىرىدىن ئاسانلا تىپىۋالغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش قەدىمى ئادەمنى ئىتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ(نەچچە ئاي ئىچىدە(Highway 61 Rivisited)بىلەن(Blonde on Blonde) قاتارلىق نامدىكى ئۈچ ئالبومىنى تارقىتىدۇ).پىتېر سىگار :(ئەگەر ئۇ نېرۋىسىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا كەلگۈسىدە رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ)دەيدۇ.ئۇنىڭ ئىچكى مىجەز خارەكتىرىنىڭ پارتىلىشى 1966-يىل (ئەتىرەت)ناملىق ئەتىرەت بىلەن ئايلىنىپ ئويۇن قۇيۇش جەريانىدا ئىنىق ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ.1966-يىل تومۇزدا ئۇنىڭ كۈي تۇرمۇشى بىر قىتىملىق موتوسىكىلىت ۋەقەسىدە ۋاقتىنچە توختاپ قالغان بولسىمۇ،لېكىن ئاممىنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ رىۋايەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.ئاساسلىق دۇككانلارنىڭ ئېلان تاختىسىدىن تارتىپ تاكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇنىڭ دەرھال سەھنىگە قايتىپ كىلىشىدەك خەۋەرلىرىگىچە،ھەتتا قانۇنسىز ئالبوملارنى سېتىلىشىغىچە قىزىپ كىتىدۇ.ئۇنىڭ بىر مەزگىل يوقاپ كىتىشى ئۇنىڭ سەنئەتتە تەرەققى قىلشىغا پايدىلىق بولۇپ قالىدۇ،ھەمدە بوب ديلانشۇناسلىقلارمۇ ئەۋج ئېلىپ كىتىدۇ.1967-يىلدا بوب ديلان كۈي ئەتىرتى ۋودۇستوكتا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ،بۇ جەرياندىكى ئۇنىڭ تەرەقىياتتىمۇ ئۇچقاندەك تېز بولىدۇ.بۇ مەزگىلدە چىقارغان ئالبۇمى بوب ديلاننىڭ يېڭى روك شاھى بولۇشىغا ئاساس سالىدۇ.بەزى كۈيلىرى كۈلكىلىك،بىمەنە ،ھاراق ئىچىپ بولۇپ قىلغان سۆزلەرگە ئوخشايدۇ({Please Mrs Henry }{ Million Dollar Bash })،بىراق بۇ كۈيلەرنىڭ كەيپىياتىدىن بوب ديلاننىڭ تىنىمسىز سەكرەپ تۇرغان يۈرىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.( Tears of Rage)بىلەن(Too Much of Nothing)ناملىق كۈيلىرىدە ئۇ ئۆتمۈشتە قىلغان گۇناھلىرىنى پەردازلىماستىن قىپيالىڭاچ قىلىپ راسچىنلىق بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.( I Shall Be Released)بىلەن (Wheel’s on Fire)ناملىق كۈيلىرى يوشۇرۇن ھالدا يۈرىكىنىڭ بىر قىتىملىق زور تەۋرىنىشى بولۇپ بەلكىم بۇلار ئۇنىڭ ئېيتقان كۈيلىرى ئىچىدىكى ئەڭ خارەكتىرلىق ،ئەڭ يېقىملىق كۈيلىرى بولىشى مومكىن.

   1968-يىل تارقاتقان (John Wesley Harding)ناملىق ئالبومى پۇقرالارغا بولغان يېڭى ئىنكاسى ئىدى.ئۇ كۈيىدىكى مۈرەككەپلىك(ئۇنىڭ لېرىكىلق شېئرلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ) بىلەن ئاممىباپلىقنى   سىلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى،جىنايەت بىلەن ئۆزلۈك توغىرسىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان.1969-يىلدىكى(Mashville Skyline)ناملىق ئالبومى ۋە 1970-يىلدىكى(Self Portrait)ناملىق ئالبومى ئۇنىڭ 1965-يىلدىن كېيىن روك كۈيلىرىگە يۈزلۈنىشتىكى بىرىنچى قەدىمى ئىدى.( Self Portrait)ناملىق ئالبومىدا ئاساسلىق خەلىق ناخشىلىرى ئۆزگەرتىلىپ توپلانغان بولۇپ،ئۇ بۇ ئالبومىنى (ئۆزەم دەم ىىلىش ئۈچۈن چىقارغان ئالبوم)دەپلا قويىدۇ.

   70-يىللارغا قەدەم قويۇش:

   70-يىللاردا بوب ديلان 10يىل بۇرۇنقى ھۆرمىتى بىلەن قەدىرلىنىپ كېلىدۇ.1971-يىل ئۇ ھالقىما رىيالىزىم بولغان(تالانتۇلا)ناملىق بىر روماننى نەشىردىن چىقىرىدۇ.ئۇ يەنە سام فىجىنپا رىجىسور ئىشلىگەن فىلىمدىكى(پات جالىت)نىڭ رولىنى ئىلىپ چىقىدۇ.ئۇنىڭ ساناقلىقلا بىرقانچە ئۇيۇنىنىڭ ئىشىك بىلىتى 60مىليوندىن ئاشىدۇ،ھەمدە نەق مەيداند توپان بالسىدىن بۇرۇن(Before the Flood)ناملىق ئالبومىنى ئۈنگە ئالىدۇ.بۇ ئالبومدىكى كۈيلەردىن بوب ديلان بىلەن (ئەتىرەت)ناملىق كۈي ئەتىرەتنىڭ بۇرۇنقى ئۇسلۇبقا قايتقانلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ.بوب ديلان كولۇمبېئا(Columbia)ناملىق شىركەت بىلەن بولغان توختىمى توشقان مەزگىلدە ئۇ ئارال(Island)ناملىق شىركەت بىلەن قايتا توختاملىشىدۇ.

   70-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرى بوب ديلان (چاقماق{جىنبېيىس ۋە باشقىلارنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ})كۈي ئەتىرتى بىلەن ئايلىنىپ ئويۇن قويۇش جەريانىدا ئۇلار بىلەن تەڭ ئورۇندا كېىتپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.1977-يىلى بوب دىيلون سارا بىلەن كىلىشەلمەي ئاجىرشىپ كىتىدۇ.ئۇ قايتىدىن (چاقماق)كۈي ئەتىرتى بىلەن ئويۇن قۇيۇشقا باشلاپ كىتىدۇ،شۇ سەۋەب بىلەن (Renaldo and Clara)ناملىق 4سائەتلىك فىلىم كىلىپ چىقىدۇ.كىنونىڭ ئارلىقىدا بوب ديلان ئۆزىنى تەسۋىرلىگەن ئويۇنى قېتىلغان .1978-يىلى بۇ فىلىم تارقىتىغاندىن كېيىن ئۇ (Street Legal)ناملىق ئالبومىنى چىقىرىدۇ،بۇ ئالبومدىن بوب ديلاننىڭ دىن تەرەپتىن ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ھەقىقى چۈشەنگىلى بولىدۇ.1979-يىلى بوب ديلان ئۆزىنى يېڭىدىن تۆرەلگەن دىن مۇخلىسى دەپ ئاتايدۇ. كېيىن تارقاتقان 4ئالبومىنىڭ ئاساسلىق تىمىسى(دىن) بولۇپ،بۇ 4 ئالبوم ئايرىم- ئايرىم ھالدا(Slow Train Coming)،( Saved)،( Shot of Love)،( Infidels).1985-يىلى ئۇ (Empire Burlesque)بىلەن (Knocked Out Loaded)ناملىق ئالبومىنى تارقىتىدۇ.

   1986-يىلى بوب ديلان يەنە قايتىدىن ئويۇن قۇيۇشقا باشلايدۇ.بۇ قېتىملىق ئويۇننى ئۇ تام فىت بىلەن بىللە قويىدۇ،ئۇلارنىڭ كۈيلىرىگە (كۆڭلى غەش ئادەم)ناملىق كۈي ئەتىرتى تەڭكەش قىلىپ بەرگەن بولۇپ،كۈي زالى ھەم مەيدانلار ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ.بوب ديلاننىڭ 50ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرلەپ،CBS شىركىتى كىشىلەرنى جەلىپ قىلىۋالىدىغان (The Bootlegs Series)ناملىق 3ئالبومىنى بىر قىلىپ تارقىتىدۇ،بۇلارنىڭ ئىچىدە بوب ديلاننىڭ 1961دىن1991 يىلغىچە قانۇنسىز چىقارغان كۈيلىرىمۇ بار ئىدى.

   بوب ديلننىڭ نەتىجىلىرى:

   بوب ديلاننىڭ تەسىر دائىرسى 60يىللاردا ئىنىق ئىپادىلەنگەن،ئەگەر بوب ديلان  بولمىغان بولسا روك  ئاز بولمىغان ئەگرى توقاي يوللارنى ماڭغان بولاتتى .شۇنداقلا(قوڭغۇز)كۈي ئەتىرتىنىڭ (Sgt.Pepper)ناملىق كۈيى،(رولىڭ سىتون)كۈي ئەتىرتىنىڭ (Beggar’s Banquet)ناملىق كۈيى ۋە (ئەتىرەت)كۈي ئەتىرتىنىڭ (Music form Big Pink)ناملىق كۈيى بولمىغان بولاتتى،مانا بۇ ئۇنىڭ زور تۆھپىلىرىدۇر.ئۇنىڭ روكقا  قىلغان ئەجىرى يەنە لېنون ،ماككورتىنې ۋە ئۇندىن كېيىن چىققان نۇرغۇن كۈيچىلەرگە تەسىر قىلىدۇ.ئۇنىڭ تىكىستلىرىنىڭ مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلىقى كۈيلىرى بىلەن بىر ئورۇندا تۇرالىغان،بوب ديلاننىڭ ئىسىيانكار كۈيلىرى ،ئۇنىڭ تېكىستلىرىدىكى رومانتىكلىق كىشىلەرنى ھاياجانلىققا سالىدۇ..ئۇ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىدىكى بىر ئەۋلات كىشىلەرنى ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر قىلىپ تەربىيلەيدۇ. كۈيلىرى ئارقىلىق كېيىنكىلەرنىڭ 60-يىللارنى چۈشىنىشىگە ھەمدە تەتقىق قىلىشغا زور تۆھپە قوشىدۇ.

بوب ديلان روكنىڭ تەرەققى قىلشى ئۈچۈن ئىلھام ئېلىپ كەلگەن كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن قانۇنىي جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرىلىدۇ

                               

 

تەمبۈرچى ئەپەندى   Bob Dylan — Mr Tambourine Man                   

 

 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-30 21:27:36 |ئايرىم كۆرۈش

بوب ديلاننىڭ كۈي قامۇسى:

1.Went to See the Gypsy 2.Father of Night 3.Day of the Locusts 4.Winterlude 5.The Man in Me 6.Three Angels 7.If Dogs Run Free 8.Time Passes Slowly 9.One More Weekend 10.Sign on the Window 11.Wigwam 12.It hurts me too 13.If Not for You 14.In search of little Sadie 15.Copper kettle (The pale moonlight) 16.I Dreamed I Saw St. Augustine 17.The Wicked Messenger 18.Belle isle 19.New Morning 20.Gotta travel on 21.Little Sadie 22.The mighty Quinn (Quinn, the eskimo) 23.Down Along The Cove 24.Living the blues 25.Woogie boogie 26.Days of 49 27.All Along The Watchtower 28.Drifter's Escape 29.I Pity The Poor Immigrant 30.As I Went Out One Morning 31.I'll Be Your Baby Tonight 32.Alberta #2 33.Early mornin' rain 34.Blue moon 35.Like a rolling stone 36.Wichita 37.Tough Mama 38.Something There Is About You 39.Whatcha Gonna Do 40.Take me as I am (or let me go) 41.I Am A Lonesome Hobo 42.Dear Landlord 43.The Ballad Of Frankie Lee And Judas Priest 44.She belongs to me 45.The boxer 46.I Shall Be Released 47.It's Alright, Ma (I'm Only Bleeding) 48.Witchita 49.Mixed Up Confusion 50.Solid Road 51.froggie went a courtin' 52.little maggie 53.jim jones 54.On a Night Like This 55.Mixed Up Confusion 56.Going to New Orleans 57.Alberta #1 58.Minstrel boy 59.Take a message to Mary 60.You Ain't Goin' Nowhere 61.That's Alright Mama 62.You Angel You 63.canadee-i-o 64.tomorrow night 65.Rainy Day Women #12 & 35 66.Hazel 67.Oh, Sister 68.Milkcow's Calf Blues 69.Milkcow's Calf Blues 70.I forgot more than you'll ever know 71.When I Paint My Masterpiece 72.The Mighty Quinn (Quinn, The Eskimo) 73.Just Like Tom Thumb's Blues 74.Mr. Bojangles 75.Absolutely Sweet Marie 76.Sad Eyed Lady Of The Lowlands 77.Whatcha Gonna Do 78.Mixed Up Confusion 79.The Ballad of Hollis Brown 80.diamond joe 81.Dirge 82.Sally Gal 83.Obviously 5 Believers 84.Temporary Like Achilles 85.Stage Fright 86.The Shape I'm In 87.The Ballad Of Ira Hayes 88.A Hard Rain's A-Gonna Fall 89.Talkin' John Birch Paranoid Blues 90.sittin' on top of the world 91.Simple Twist Of Fate 92.All Along The Watchtower 93.Maggie's Farm 94.Visions Of Johanna 95.It's All Over Now, Baby Blue 96.Spanish Is The Loving Tongue 97.When You Awake 98.The Night They Drove Old Dixie Down 99.you're gonna quit me 100.Dear Landlord 101.Every Grain Of Sand 102.Wedding Song 103.Going, Going, Gone 104.Tiny Montgomery 105.Orange Juice Blues (Blues For Breakfast) 106.Bessie Smith 107.Down In The Flood 108.It Ain't Me Babe 109.Mary Ann 110.Lily Of The West 111.Leopard-Skin Pill-Box Hat 112.The Death of Emmett Til 113.Baby I'm in the Mood for You 114.Lo And Behold 115.Nothing Was Delivered 116.All I Really Want To Do 117.Jet Pilot 118.Quinn The Eskimo 119.arthur mcbride 120.blackjack davey 121.frankie and albert 122.hard times 123.Visions Of Johanna 124.You Angel You 125.Yea Heavy And A Bottle Of Bread 126.Most Likely You Go Your Way And I'll Go Mine 127.One Of Us Must Know (Sooner Or Later) 128.Can't Help Falling In Love 129.Ballad of a Thin Man 130.Endless Highway 131.Final Theme 132.Billy 4 133.4Th Time Around 134.All the tired horses 135.Lonesome Whistle Blues 136.Corrina Corrina 137.Long Distance Operator 138.Tears Of Rage 139.Yazoo Street Scandal 140.I Want You 141.Million Dollar Bash 142.Isis 143.step it up and go 144.Stuck Inside Of Mobile With The Memphis Blues Ag 145.It's Alright, Ma (I'm Only Bleeding) 146.Goin' To Acapulco 147.Clothes Line Saga 148.Please, Mrs. Henry 149.Outlaw Blues 150.River Theme 151.Up on Cripple Creek 152.Turkey Chase 153.A Fool Such As I 154.John Wesley Harding 155.That's Alright Mamma 156.Solid Road 157.Too Much Of Nothing 158.Katies's Been Gone 159.Lay Lady Lay 160.The Times They Are A-Changin' 161.I shall be released 162.Forever Young 163.Open The Door, Homer 164.You Ain't Goin' Nowhere 165.Don't Ya Tell Henry 166.Ruben Remus 167.Apple Suckling Tree 168.Absolutely Sweet Marie 169.Gates of Eden 170.Billy 7 171.Just Like a Woman 172.Bunkhouse Theme 173.I Want You 174.Ain't No More Cane 175.Most Likely You Go Your Way and I'll Go... 176.Leopard-Skin Pill-Box Hat 177.Rainy Day Women 178.Visions Of Johanna 179.It Aint Me,Babe 180.Just Like A Woman 181.Big Yellow Taxi 182.Don't Think Twice, It's All Right 183.All Along the Watchtower 184.On the Road Again 185.Sally Gal 186.Shelter From the Storm 187.Just Like A Woman 188.Don't think twice 189.Going, going, gone 190.Is your love in vain 191.This Wheel's On Fire 192.Million Dollar Bash 193.Odds And Ends 194.Can You Please Crawl Out Window 195.only a hobo 196.cuban missle crisis 197.Highway 61 Revisited 198.All Along The Watchtower 199.Youre A Big Girl Now 200.Pledging My Time 201.Shelter From The Storm 202.Ballad of a thin man 203.only a pawn in their game #2 204.Bob Dylan's 115th Dream 205.Maggie's Farm 206.Mr. Tambourine Man 207.Let Me Die in my Footsteps 208.i shall be free 209.masters of war 210.The Weight 211.Just Like A Woman 212.Lay, Lady, Lay 213.Stuck Inside Of Mobile With The Memphis Blues Again 214.john brown 215.train a travelin' 216.Chimes Of Freedom 217.Billy 1 218.Rainy Day Women 219.Crash On The Levee (Down In The Flood) 220.Forever Young [Cont.] 221.Sad Eyed Lady Of The Lowlands 222.Tangled Up In Blue 223.Abandoned Love 224.I Want You 225.I Want You 226.Corrina Corrina 227.i'd hate to be you on that dreadful day 228.It's Alright, Ma (I'm Only Bleeding) 229.Just Like A Woman 230.The Times They Are A-chaingin 231.Its All Over Now,Babe Blue 232.Mr. Tambourine Man 233.Oh, Sister 234.I Threw It All Away 235.Mr.Tambourine Man 236.You're A Big Girl Now 237.Stuck Inside Of Mobile With The Memphis Blues Again 238.keep your eyes on the prize (hold on) 239.farewell 240.only a pawn in their game 241.Love Minus ZeroNo Limit 242.Maggie's Farm 243.Motorpsycho Nightmare 244.Idiot Wind 245.Ballad In Plain D 246.Stuck Inside Of Mobile With The Memphis Blues 247.Peggy Day 248.Lay Lady Lay 249.Cantina Theme (Workin' for the Law) 250.Black Crow Blues 251.It's All Over Now, Baby Blue 252.One Too Many Mornings 253.4th Time Around 254.paths of victory 255.Main Title Theme (Billy) 256.It Ain't Me Babe 257.Farewell 258.U.D. Blues 259.Only A Hobo 260.Love minus Zero No limit 261.Gonna Change My Way Of Thinking 262.Rainy Day Women 263.Nashville Skyline Rag 264.Like a Rolling Stone 265.Stealin' 266.let me die in my footsteps 267.I Shall Be Free No.10 268.You're A Big Girl Now 269.Positively 4th Street 270.Lily, Rosemary And The Jack Of Hearts 271.In The Garden 272.playboys & playgirls 273.the death of emmett till 274.I Shall Be Released 275.Blowin' in the Wind 276.I Threw It All Away 277.Tell Me That It Isn't True 278.It Ain't Me Babe 279.Like a rolling stone 280.One more cup of coffee 281.She Belongs to Me 282.All I Really Want To Do 283.Let it be me 284.Let Me Follow you Down 285.Pressing On 286.oxford town 287.Baby Please Don't Go 288.She Belongs To Me 289.To Be Alone with You 290.Man of Constant Sorrow 291.Wade In the Water 292.Solid Rock 293.Moonlight 294.Sugar Baby 295.Sugar Baby 296.talkin' devil 297.walkin' down the line 298.Sarah Jane 299.Tonight I'll Be Staying Here with You 300.Idiot Wind 301.Saving Grace 302.Buckets Of Rain 303.Tonight I'll Be Staying Here With You 304.Hard Time is New York Town 305.Subterranean Homesick Blues 306.Do Right To Me Baby (Do Unto Others) 307.When He Returns 308.I Believe In You 309.Shelter from the Storm 310.Buckets of Rain 311.Floater (Too Much To Ask) 312.California 313.I'll Be Your Baby Tonight 314.Po' Boy 315.Shelter From The Storm 316.Tangled Up In Blue 317.Lily, Rosemary and the Jack of Hearts 318.Girl From The North Country 319.High-Water (For Charley Patton) 320.Country Pie 321.Girl from the North Country 322.Like A Rolling Stone 323.Pledging My Time 324.Mississippi 325.Tweedle Dee & Tweedle Dum 326.You're Gonna Make Me Lonesome When You Go 327.If You See Her, Say Hello 328.Heart of Mine 329.Property of Jesus 330.Dead Man, Dead Man 331.When You Gonna Wake Up 332.To Ramona 333.Honest With Me 334.Every Grain of Sand 335.Lay Lady Lay 336.Candy Man 337.Trouble 338.If You See Her, Say Hello 339.You're Gonna Make Me Lonesome When You Go 340.Simple Twist of Fate 341.Saved 342.What Can I Do For You 343.Are You Ready 344.Man Gave Names To All The Animals 345.Never Say Goodbye 346.Maggie's Farm 347.Who you Really Are 348.Watered-Down Love 349.It Ain't Me, Babe 350.One More Night 351.Something's Burning, Baby 352.Precious Angel 353.My Back Pages 354.Forever Young 355.Union Sundown 356.Lenny Bruce 357.Idiot Wind 358.Maggie's Farm 359.My Back Pages 360.All I Really Want To Do 361.Cry A While 362.Lonesome Day Blues 363.Spanish Harlem Incident 364.I And I 365.Dark Eyes 366.Don't Fall Apart On Me Tonight 367.A Satisfied Mind 368.ballad of donald white 369.Watching The River Flow 370.Don't Think Twice, It's All Right 371.Slow Train 372.We Better Talk This Over 373.You're a Big Girl Now 374.I And I 375.Where Are You Tonight (Journey Through Dark Heat) 376.Is Your Love In Vain 377.Neighborood Bully 378.I'll Remember You 379.Clean Cut Kid 380.Never Gonna Be The Same Again 381.Gotta Serve Somebody 382.In the Summertime 383.Cocaine Blues 384.Positively 4th Street 385.Tombstone Blues 386.Jokerman 387.No Time To Think 388.Baby Stop Crying 389.Tangled Up in Blue 390.Man Of Peace 391.Ballad Of A Thin Man 392.high water (for charley patton) 393.blind willie mctell 394.Gospel Plow 395.Subterranean Homesick 396.Lonesome Death Of Hattie Carroll 397.Covenant Woman 398.meet me in the morning 399.gotta serve somebody 400.the grooms still waiting at the alter 401.seeing the real you at last 402.everything is broken 403.dirt road blues 404.leopard-skin pill-box hat 405.it takes a lot to laugh it takes a train to cry 406.Talking World War III Blues 407.Senor (Tales Of Yankee Power) 408.Mixed-up Confusion 409.Honey, Just Allow Me One More Chance 410.down in the flood 411.Baby, Let Me Follow You Down 412.she belongs to me 413.I Shall Be Free 414.Oxford Town 415.Most Likely You Go Your Way 416.Tight Connection To My Heart 417.Pretty Peggy 418.Man Of Constant Sorrow 419.Freight Train Blues 420.Shot of Love 421.The Times They Are A-changin 422.Grooms Still Waiting At The Altar 423.See That My Grave Is Kept Clean 424.House Of The Risin' Sun 425.Bob Dylan's Dream 426.Down The Highway 427.Solid Rock 428.Senor(Tales Of Yankee Power) 429.License To Kill 430.Subterranean Homesick Blues 431.I Dont Believe You(She Acts Like We Never Have Met) 432.Bye And Bye 433.Romance In Durango 434.Fixin' To Die Blues 435.Time Passes Slowly 436.I Wanna Be Your Lover 437.Corrina, Corrina 438.Gotta Serve Somebody 439.Masters Of War 440.Bob Dylan's Blues 441.Tomorrow Is A Long Time 442.Masters Of War 443.I Want You 444.Up To Me 445.Baby, Im In The Mood For You 446.True Love Tends To Forget 447.If Not For You 448.I Don't Believe You 449.Just Like A Woman 450.Lay Down Your Weary Tune 451.On A Night Like This 452.New Pony 453.Knockin' on Heaven's Door 454.With God On Our Side 455.A Hard Rain's A-Gonna Fall 456.Highway 51 Blues 457.I Believe In You 458.I Shall Be Released 459.Trust Yourself 460.Ill Be Your Baby Tonight 461.Caribbean Wind 462.Under Your Spell 463.Only A Pawn In Their Game 464.Restless Farewell 465.Boots Of Spanish Leather 466.Meet Me in the Morning 467.Black Diamond Bay 468.Lay Lady Lay 469.One Too Many Mornings 470.Don't Think Twice, It's All Right 471.She's No Good 472.Girl From The North Country 473.Dear Lanlord 474.Talkin' New York 475.The Lonesome Death Of Hattie Carroll 476.Got My Mind Made Up 477.Romance In Durango 478.Baby, Let Me Follow You Down 479.Down Along The Cove 480.In My Time Of Dyin' 481.Mozambique 482.Drifter's Escape 483.Tombstone Blues 484.When The Ship Comes In 485.As I Went Out One Morning 486.The Groom's Still Waiting at the Altar 487.The Wicked Messenger 488.Emotionally Yours 489.Maybe Someday 490.Joey. 491.Precious Memories 492.Percys Song 493.All Along The Watchtower 494.Blowin' In The Wind 495.Mr. Tambourine Man 496.I Am A Lonesome Hobo 497.Isis 498.Driftin' Too Far From Shore 499.I Dreamed I Saw St. Augustine 500.The Ballad Of Frankie Lee And Judas Priest 501.They Killed Him 502.John Wesley Harding 503.When The Night Comes Falling From The Sky 504.blowin' in the wind 505.Seeing The Real You At Last 506.The Times They Are A-Changin 507.To Ramona 508.I'll Be Your Baby Tonight 509.Oh, Sister 510.Brownsville Girl 511.Queen Jane Approximately 512.Song To Woody 513.All Along The Watchtower 514.Changing Of The Guards 515.Meet Me In The Morning 516.Just Like Tom Thumb's Blues 517.Masters Of War 518.Forever Young 519.Desolation Row 520.Tombstone Blues 521.Hurricane 522.Heart For Mine 523.You Wanna Ramble 524.Blowin' In The Wind 525.License To Kill 526.Sara 527.It Takes A Lot To Laugh, It Takes A Train To Cry 528.Knockin' On Heaven's Door 529.If Not For You 530.Ballad Of A Thin Man 531.Silvio 532.Ninety Miles An Hour (Down A Dead End Street) 533.Ugliest Girl In The World 534.Death Is Not The End 535.Had A Dream About You, BabyHad A Dream About You, Baby 536.From A Buick 6 537.Sally Sue Brown 538.One More Cup of Coffee 539.Ill Keep It With Mine 540.Shenandoah 541.Like A Rolling Stone 542.I Pity The Poor Immigrant 543.Rank Strangers To Me 544.Highway 61 Revisited 545.Highway 61 Revisited 546.Let's Stick Together 547.Knockin' on Heaven's Door 548.When Did You Leave Heaven 549.Like A Rolling Stone 550.sweetheart like you 551.rollin and tumblin 552.when the deal goes down 553.someday baby 554.spirit on the water 555.beyond the horizon 556.nettie moore 557.the levees gonna break 558.aint talkin 559.working mans blues 2 560.thunder on the mountain 561.Blowin' In The Wind 562.Ballad Of Hollis Brown 563.Blowin In The Wind 564.North Country Blues 565.Queen Jane Approximately 566.Gotta Serve Somebody 567.I Want You 568.Slow Train 569.Knockin On Heavens Door 570.Joey

قۇشۇمچە ماتىريال:

ئەگەر بوب ديلاننى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلماقچى بولسىڭىز:

1.( Martin Scorsese)رىجىسورنىڭ (No Home Direction)ناملىق بەدىئى فىلىمى.

2.( George Hickenlooper)رىجىسورنىڭ(Factory Girl)ناملىق بەدىئى فىلىمى.

3.( Chronicles)ناملىق بوب ديلانىڭ ئەسلەش خاتىرسى.

4.( Arthur Rimbaud)نىڭ (رىمبودنىڭ ئەسەرلىرى{兰波作品全集})ناملىق كىتابى (ۋاڭ يىپېي)تەرجىم قىلغان.

5.( Todd Haynes)رىجىسورنىڭ(I'm Not There)ناملىق كىنوسى.

6.بوب دىيلونىڭ تور بىكىتى: http://www.bobdylan.com/moderntimes/home/main.html

 

Bob Dylan —— My Back Pages [MTV]

 

 

 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-30 21:30:45 |ئايرىم كۆرۈش

                 شىمالدىكى يېزىدىن كەلگەن قىز

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-30 21:32:26 |ئايرىم كۆرۈش

iPod+iTunes Bob Dylanقا ئىشلىگەن ئېلانى

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-30 21:34:00 |ئايرىم كۆرۈش

                                             بوب ديلان بىلەن ئەرىك كىلاپتون

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-30 21:37:19 |ئايرىم كۆرۈش

 

       خاتىرجەم بول ئانا(  مەندىن پەقەت قان ئېقىۋاتىدۇ)

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-30 21:39:45 |ئايرىم كۆرۈش

Hard Rain 2of2 Bob Dylan Joan Baez

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-30 21:41:36 |ئايرىم كۆرۈش

                 مەشھۇر ناخشىسى- يۇمىلىغان تاشقا ئوخشاش

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

9#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-30 21:44:26 |ئايرىم كۆرۈش

                                              شامالدا لەيلەش

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

10#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-1 12:51:23 |ئايرىم كۆرۈش

  مەن بوب ديلانغا باھا بېرىشتە دائىم ئىككىلىنىپ قالىمەن،...شۇنداق، گەرچە ئۇنىڭغا مېنىڭ باھارىمنىڭ لازىمى بولمىسىمۇ....خۇددى كۆپ كىشىلەر دىگىنىدەك ماڭىمۇ ئۇنىڭ تېكىستلىرى ئاۋازىغا  ياكى كۈي ئاھاڭىغا قارىغاندا ياخشى بىلىنىدۇ.  مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېيتىلغان ناخشىلىرىنى ئاڭلاشنى بەكرەك ياقتۇرىمەن. مەسىلەن، مىلتىق ۋە ئەتىرگۈل تەرىپىدىن قايتا ئېيتىلغان  جەننەتنىڭ دارۋازىسىنى چېكىش(knocking on heaven's door)،  ماشىنىغا قارىشى غەزەپ ئۆزگەرتىپ ئورۇنلىغان مەگىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانى(maggi's farm) قاتارلىقلارنى بوب ديلان ئۆزى ئېيتقاندىنمۇ بەكرەك ياقتۇرىمەن.

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

11#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-3 20:30:45 |ئايرىم كۆرۈش

مىلتىق ۋە ئەتىرگۈل (جەننەتنىڭ دارۋازىسىنى چېكىش)

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

12#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-3 21:43:07 |ئايرىم كۆرۈش

knocking on heaven's door...ياقتۇرىمەن بۇ ناخشىنى..Avrilنىڭ ئېيتقىنىمۇ خېلى يېقىملىق..

بوب دىيلىن توغرىسدىكى I'm not there دېگەن كىنونى كۆرۈپ بېقىڭلار..   ياخشى كىنو...(ئەگەر كۆرۈپ باقمىغانلار بولسا...)

 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

13#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-4 13:29:29 |ئايرىم كۆرۈش

  ھازىرقى ئادەملەردە بۇرۇنقى ئادەملەردەك ئىنچىكلىك،سەۋرى تاقەت قىلىش،سەزگۈر بۇلۇشتەك ئادەتلەر قالماي بەلكى تەنتەكلىك قىلىش،سەۋرى قىلالماسلىق،سەزگۈرلىكى گالىشىپ قىلىشتەك ئىللەتلەر بارغانسىرى ئارىمىزدا ۋابا كىسەلدەك تارقىلىشقا باشلاپتۇ،مەن بوب ديلاننىڭ تەرجىمىسىنى يازغىچە  شۇلارنى ھىس قىلىپ قالدىم،ئۇ ئىنتايىن سەزگۈر  ،مەسىللەرنى ئىنچىكە ئويلىشىپ دىياگۇنۇز چىقىرىرىدىكەن،مەن ئۇنىڭ بۇ خارەكتىرلىرىدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم،ئۇ يەنە ئەتراپتىكى ئىشلاردىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلىنالايدىكەن،شۇڭا ئۇنى  كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ ھەم تەتقىق قىلىنىپ كىلىۋاتقان مۇھىم شەخىسكە ئايلانغان،مىنىڭ بېرىدىغان باھارىم :ئۇ روك كۈيچىلەر ئارىسىدىن ئۈزۈپ چىققان روك ئالىمى دىسەم ئارتۇق كەتمەس،،،،،،،،،مېنىڭ بۇ كىشىلەرنى يىزىشىمدىكى مەقسىدىم ھازىرقى خەلىق كۈيچىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشىگە قارىماي ئۆزىنىڭ مەسئولىيىتى،ئىتىقادى،سەزگۈرلىكى بىلەن كەلگۈسىدىكى ھازىرقى زامان كۈيلەرنىڭ تەرەقىياتىغا مۇستەھكەم ئاساس سىلىپ بېرىشتەك ئۈمۈتدە يازغان،ھەمدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تەنتەكلىك قىلىش،يەڭگىلىك قىلىشتەك ناچار ئىللەتلەرنى تۈزۈتۈشكە ئانچە مۇنچە ياردىمى بولۇپ قالا دىگەن ئارزۇدا.

Ms.punk بۇ فىلىمنىڭ مۇقاۋىسىدىنلا ياخشى فىلىملىقى چىقىپ تۇرىدۇ،مەن چوقۇم ئىلىپ ساقلاپ قويىمەن.

 

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

14#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-16 12:33:29 |ئايرىم كۆرۈش
THE TIMES THEY ARE A-CHANGING

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

15#
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 14:18:59 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  zztop تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-24 14:52  , P8 Z- v" h/ C% @3 o0 U

8 a# {6 U9 t: Y: h) `6 u$ ?5..24 ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
3 y( e! Z2 I1 L& x4 b
3 w5 [/ O2 d/ V/ r

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

16#
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 14:38:57 |ئايرىم كۆرۈش

1

تېما

0

دوست

17

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

17#
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-13 17:37:37 |ئايرىم كۆرۈش
نوبىل مۇكاپاتىغا مۇبارەك بولسۇن

0

تېما

0

دوست

135

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

18#
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-13 18:13:57 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   722 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-13 18:31  3 w0 X* P3 j: Z1 J3 ]5 p5 b5 e
SandHouse يوللىغان ۋاقتى  2016-10-13 17:37
+ w4 h6 e: W' R' tنوبىل مۇكاپاتىغا مۇبارەك بولسۇن
, @3 s4 ^8 \4 o. S

- K" z% l: q# S+ I( L5 j5 F! gبوب دىلاننى يازغۇچى دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، گرەممىي مۇكاپاتى دىگەندەكلەرگە ئېرىشمەي نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئادەمنى ھەيران قالدۇردى دىسە....

11

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

19#
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-14 01:48:33 |ئايرىم كۆرۈش
2014-يىلى جۇڭگۇ خۇش ئاۋاز سەھنىسىدە چىققاندا تورلاردا پەرھات خالىقنىڭ ئۇسلۇبىنى بوب دىيلانغا ئوخشايدۇ ديشىپ كىتىشكەنتى. بايا بوب دىيلاننىڭ ناخشلىرىدىن بىر نەچچىنى ئاڭلاپ باقتىم. تىكىسىتلىرى راست ياخشىكەن.

2

تېما

0

دوست

177

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

20#
يوللىغان ۋاقتى 2016-10-21 06:18:33 |ئايرىم كۆرۈش
نوبىل كومىتىتى بوبنى تاپالماي بەك خاپىلاپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 10:32 , Processed in 0.263423 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش