قۇياش ۋە ۋانگوھ(Vincent van Gogh) 
ۋېنسېنت ۋانگوھ( 1853-يىل 30-نەۋرۇز تۇغۇلۇپ،1890-يىل 29-چىللە ۋاپات بولغان)گوللاندىيەدىكى بىر دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ،كېيىن ئۇ ئۈچ چوڭ كىيىنكى تەسىراتچىلار ئېقىمىدىكىلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ قالغان. ۋانگوھ ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا بىر كىچىك رەسىم سىتىش گالېرىيىسىدە ئىشلەيدۇ،بۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى (سەنئەت تەربىيىسى)بولىدۇ. ۋانگوھ كېيىن ئۇ فىرانسىيەگە بېرىپ،تەسىراتچىلار ئېقىمىدىكى رەسساملار بىلەن تۇنىشىدۇ، ئۇ رەڭ جەھەتتە ئىلھام تېپىپ، تەتقىقاتىنى باشلايدۇ.شۇندىن ئىتىبارەن كىشىلەر ئۇنى (كىيىنكى تەسىراتچىلار)دەپ ئاتىشىدۇ،لېكىن ئۇ تەسىراتچىلار ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ بەتتەر شەرىق سەنئىتىنىڭ سىزىق بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى تەلتۈكۈس ئۈگۈنۈپ چىقىدۇ. ۋانگوھ ياپوننىڭ يەرلىك سەنئىتىگە ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىدى.بىراق غەرىپتىكى سەنئەتكارلار روھى جەھەتتىن ئۇنىڭغا تەسىر قىلغانلار رومبىرانت(Rembrandt)،داۇمىر(Daumier) ۋە مىللىت(Millet) قاتارلىقلار. ۋانگوھ ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل،كەمبەغەللەرگە مىھرى-شەپقەتچان ئادەم بۇلۇپ،دەسلەپكى مەزگىللەردە كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىش مەقسىدىدە، بىر كانچىلار رايۇنىدا خالىس ئوقۇتقۇچى بولغان.ھەمدە كان ئىشچىلىرى بىلەن ئوخشاش تاماق يەپ، كان ئىشچىلىرىدەك تاختايدا ئۇخلايدۇ.كان پارتىلاپ كەتكەندە، ئۇ خەتەرگە قارىماي ئېغىر يارلانغان كان ئىشچىسىدىن بىرنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ.ئۇنىڭ بۇنداق ھەددىدىن زىيادە بولغان قۇربان بېرىش روھىدىن چىركاۋدىكىلەر ئەنسىرەپ، ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ۋانگوھ رەسساملىق ھاياتىنى قايتا داۋاملاشتۇرىدۇ.ئۇ نەۋرە ئىنىسى ۋە گولاندىيەدىكى بىرقىسىم رەسساملارنىڭ ياردىمى ئاستىدا رەسىم ئۈگۈنۈشكە باشلايدۇ،ھەمدە پارىژدىكى يېڭىدىن چىقىۋاتقان رەسساملار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىدۇ. ۋانگوھنىڭ ئالاھىدە ۋە خاس ئىجادىيەت تۈسىنى ئالغان رەسىملىرى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئالتە يىل ئىچىدە سىزىپ چىققان.ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەتلىرىنىڭ تۈسلىرى ئىنتايىن تۆۋەن مۇقامدا سىزىلغان بۇلۇپ،بىراق كەينىگە بارغانسىرى تۆۋەن تۈس ئىچىدە ئىنتايىن ياڭراق ۋە يورۇق ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ،خۇددى ئىنتايىن خوشال-خوراملىق كۈيلەر بىلەن جاھاندىكى جاپا-مۇشەقەتلەرنىڭ چىگىرسىنى ئايرىپ بېرىپ،ئۆزىنىڭ ۋولقاندەك قايناپ چىقىۋاتقان ئارزۇ ۋە ئۈمۈد ھىسىيادلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.بىر ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ئۇنى مۇنداق دەيدۇ:(ئۇ بارىلىق ھايىتى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئاددى بولغان نەرسىنى قوغلاشتى،ئۇ بولسىمۇ قۇياش)ئۇنىڭ رەسىملىرىدە قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئوچۇق رەڭلەرلا بۇلۇپ قالماستىن،قۇياشنىڭ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان نۇرلىرىنى سىزىپ چىقىدۇ،ھەمدە ئاپتاپپەرەسنىمۇ كۆپ قېتىم ئىپادىلەپ چىقىدۇ.ئۇ نەۋرە ئىنىسى موفۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ئاتاپ(شاپتۇل چىچىكى)ناملىق ئەسىرىنى سىزىپ ،مۇنداق بىر جۈملە سۆز قىلىدۇ:(ھايات ئادەم ھايات تۇرسىلا،ئۈلۈپ كەتكەن ئادەم مەڭگۈ ھايات تۇرىدۇ) نەۋرە ئىنىسىغا ئاتاپ سىزغان رەسىمى(شاپتۇل چىچىكى) 
ئەگەر ئىنسانلار چىن يۈرىكىدىن مۇھەببەتلەشسە،ئۇ چاغدا ھاياتلىق ھەقىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ،مانا بۇ ۋانگوھنىڭ يۈرەك سۆزى.بىراق ئىچىنىشلىق رىيال تۇرمۇش ئاخىرى بۇ ئىنتايىن سەزگۈر،ھىسىيادچان سەنئەتكارنى تەدىرىجى خارەكتىرلىق روھى كىسەلگە گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ.كىسەل قوزغالغاندا ئۇ ئىنتايىن سەۋدايى بولىدۇ،كىسەل بىسىققاندا ئۇ تېخىمۇ بىئارام بولىدۇ.ئۇ باشقىلارغا(بۇلۇپمۇ ئىنىسى تىيوغا) يۈك بۇلۇپ قىلىشتىن قورقۇپ،1890-يىل 29-چىللە ئاخىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، ئۇ ۋاپات بولغاندا ئەمدىلا 37ياشقا كىرگەن ئىدى.نەچچە ئايدىن كېيىن بارلىق قىزغىن ھىسىيادىنى بەرگەن ئىنىسى تىيومۇ ئۈلۈپ كىتىدۇ.كىشىلەر،تىيونى ۋانگوھ ئۈچۈن تۇغۇلغان................... دىيىشىدۇ.







تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بىر ئېغىزلىق ئۆيى 
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئاڭ ئاخىرقى بىر پارچە رەسىمى(قاغا بىلەن بۇغدايلىق)

(بۇ تىمىنى رۇقسەتسىز كۈچۈرمەڭ،بولمىسا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلسىز!) |