گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 2155|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خەلقئارا ئاتوم ئىنىرگىيسى ئورگىنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى بارادى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

235

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-21 10:59:00 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
يىقىندىن بۇيان ئىران يادرو مەسىلىسى،شىمالى كورىيە يادرو مەسىلىسى جىدىلىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ خەلقئارا ئاتوم ئىنىرگىيسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى موھەممەد ئەل باراد نىڭ ئىسمى تولا تېلغا ئىلىندىغان بولۇپ قالدى.بۇ كىشىنىڭ ئىسمىغا قاراپ چوقۇم مۇسۇلمان ئالىم بولسا كىرەك دىگەن ئوي بىلەن ئۇ توغرىسىدا تورنى ئاختۇرۇپ ئۇنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى بىلەن تونۇشتۇم،ۋە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە مونبەرگە يوللىدىم.
3 V7 T; [1 ^: u  Q' R# _(Mohamed M. El Baradei) موھەممەد ئەل  بارادى 1942-يىلى  مىسىرداتۇغۇلغان.20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا قاھىرە ئۇنۋىرستىتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇپ باكلاۋىلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.1971-يىلى ۋە 1974-يىلى ئىلگىرى كىيىن نىيۇيورىك ئۇنۋىرىستىتىنىڭ قانۇن كەسپى بويچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
! O; }; O. J) N1964-يىلى 22 ياشلىق بارادى مىسىېر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە كىرىپ ئىشلەپ دپلوماتىيە خىزمەت ھاياتىنى باشلىغان.ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئىككى قىتىم مىسىرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.# W+ Q; a& C& T/ x  |2 Z- ?
1984-يىلى مول خەلقئارا تەشكىلى خىزمەت ۋە دىپلوماتىيە خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بولغان بارادى خەلقئارا ئاتوم ئىنرگىيسى ئورگىنىنىڭ كاتىبات باشقارمىسىغا كىرىپ ئىشلىگەن.1984-يىلدىن 1987-يىلغىچە خەلقئارا ئاتوم ئىنرگىيسى ئورگىنى باش ئىش بىجىرگۈچىسىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى،ئاتوم ئىنىرگىيسى ئورگىنىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى،قانۇن بۆلۈمىنىڭ مودىرى،ئاتوم ئىنرگىسى ئورگىنى تاشقى موناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ مودىرى بولۇپ ئىشلىگەن.7 [3 p8 M! p7 T3 y6 R: j
خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا 1993-يىلى ئاتوم ئىنىرگىيسى ئورگىنىنڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچى ئىش بىجىرگۈچىسى بولغان.1997-يىلى خەلقئارا ئاتوم ئىنرگىسى ئورگىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى بولغان. 2001-يىلى قايتىدىن ۋەزىپە ئۆتىگەن.بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىراق ئۇرۇشى،ئىران ۋە شىمالى كورىيە يادرو كىرزىسى كىرزىسلاردا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان.2005-يىلى 6-ئايدا خەلقئارا ئاتوم ئىنىرگىيسى مودىريتى تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ يەنە ۋەزىپە ئۆتىشىگە قوشۇلغان.2005-يىلى 9-ئايدا يەنە بىر قىتىم سايلانغان.
/ I) |& y0 ]+ c) M$ y9 `ئۇنىڭ خەلقئارادا «خەلقئارا مەمۇر» دىگەن نامى بار.ئەرەپ تىلى،ئىنگىلىز،فىرانسۇز تىللىرىغا پىششىق.بىر ئوغۇل بىر قىزى بار.4 h' t. i. l) F5 L5 g7 ]- V
2005-يىلى نوبىل تىنىچلىق موكاپاتى خەلقئارا ئاتوم ئىنرگىيسى ئورگىنى ۋە بۇ ئورگاننىڭ ئىش بىجىرگۈچىسى موھەممەد ئەل بارادىغا بىرىلىپ ئۇنىڭ يادرو ئىنىرگىيسىنىڭ ھەربى ئىشلار ساھەسىدە ئىشلىتىشنى توسۇش ۋە يادرو ئىنىرگىيسىن تىنىچلىق مەقسىتىدە پايدىلنىش يولدىكى تىرىشچانلىغى موئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
3 c0 p, s7 x. Q) ^2 V$ gئىراقتا كەڭ كۆلەمدىكى قىرغۇچى قۇراللار بار دىگەن مەسىلىگە قارتا بارادى ئىزچىل ئامرىكىنىڭ ئاخپاراتىدىن گۇمانلىنىپ كەلگەن ۋە ئاشكارە تەكشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان.ئىراق ئۇرۇشى پارتىلاشنىڭ ئالدىدا ئۇ ئىككى قىتىم ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىگە دوكىلات تاپشۇرۇپ  ئاتوم ئىنىرگىسى ئورگىنى تەكشۈرگۈچىللىرى ئىراق چىگىرىسى ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قۇراللارنى بايقىمىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان.ۋە تەكشۈرۈش ۋاقتىنى يەنە ئۇزارتىشنى ئوتتۇرغا قويغان./ z) V, U1 [8 W  B: T+ R
ئىران يادرو مەسلىسىدە ئامرىكا ئىزچىل ئىراننىڭ يادرو قارا نىيتى بار،تىنىچلىق مەقسىتىدىكى يادرو پىلانى پەقەت بىر نىقاپ دەپ قاراپ ئىراننى جازالاشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ بارادى ئىزچىل تولۇق دەلىل ئىسپات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىران يادرو مەسىلىسىنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئەڭ ئاقىلانە چارە دەپ قاراپ ئىراننى جازالاشقا قارشى چىققان.ئۇنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن 2003-يىلى 12-ئايدا ئىران «يادرو قۇراللىرىنى كىڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»قوشۇمچە كىلىشىمىگە ئىمزا قويغان.
) g4 \$ n+ _7 G, g6 D# @' D  vشىمالى كورىيە  يادرو مەسىلىسدە ئۇ بىر تەرەپتىن شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە بىر تەرەپتىن ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن چاۋشىيەن يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 8 d# q- e& o* q, X! ^
ئوتتۇرا شەرىق رايۇنىدىكى«يادرو قۇراللىرنى كىڭەيمەسلىك» شەرتنامىسىنى ئىمزالىمىغان بىردىنبىر دۆلەت ئىسرائىل توغرىسىدا ئۇ ئىسرائىليەنىڭ يادرو سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە بۇ جەھەتتە توختىماي تىرشىۋاتىدۇ. 

2

تېما

0

دوست

2522

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

2#
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-24 22:25:13 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئادەمنىڭ ئوتتۇرا مەيدان تۇتۇشى، مۇسۇلمانلارغىمۇ، غەرپىمۇ يان باسماي مۆتىدىل بولۇشى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. ئۇنداق قىلماق ئاسان ئەمەس. ھەرقانچە ئادىل ئادەممۇ ئۆزىنىڭ مىللىتىگە يان بېسىپ قېلىشى مۇمكىن، ئازدۇر كۆپتۇر.! A* ~0 c. _- ]
بۇ ئادەمنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇۋېتىپ بىر ئىش يادىمغا يېتىپ قالدى، ئىجتىمائىي پەندە باكلاۋر ياكى ماستېر ئوقۇغانلارنىڭ ب د ت دا پراكتىكا قىلىش پۇرسىتى باركەن. مېنىڭ بىر تونۇشۇم پراكتىكا قىلىۋېتىپتۇ، پراكتىكا مۇددىتى توشقاندا خىزمەت ئىزدەشمۇ ئاسان بولىدىكەن، ب د ت نىڭ لاياقەيلىك پراكتىكا قىلغان گۇۋاھنامىسى بولسا. ب د ت نىڭ ئۆزىدە خىزمەت قىلسىمۇ بولىدىكەن، ھازىر يېڭى قۇرۇلغان بىر يېرىگە (كۇتۇپخانىمۇ نېمە) يەنە ئادەم ئېلىۋېتىپتۇ. ئىنگلىزتىلىنى پىششىق بىلىدىغانلار بۇ پۇرسەتنى ئىزدەپ باقساڭلار بولىدىكەن. گوگۇلدىن تاپالمىساڭلار مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، دوستۇم مەسلىھەت بېرەلەيدۇ.

1

تېما

0

دوست

235

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

3#
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-25 10:22:53 |ئايرىم كۆرۈش
بىزدىنمۇ ب د ت  دا خىزمەت قىلدىغانلار بارمىدۇ؟؟؟؟؟
4#
匿名  يوللىغان ۋاقتى 2009-6-28 12:39:18
ھاجەتخانا تازىلايدىغانلاردىن بىرەرسى باردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 08:56 , Processed in 0.159290 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش