دىلبەر يۇنۇس---1958-يىل قەشقەردە تۇغۇلغان،1976-يىل شىنجاڭ ئوپىرا ئۈمۈكىدە ناخشا ئۈگەنگەن.1980-يىل مەركىزى كۈي ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان.1987-يىل كۈي ئىنىستىتوتىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ ،شۇ يىلى مەركىزى ئوپىرا -بالىت ئۈمۈكىگە ئىشقا چۈشكەن.دىلبەر1984-يىلدىن باشلاپ فىللاندىيەدىكى بىرىنچى نۆۋەتلىك مىلىيام ھەيلىن كۈي مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتلانغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە زوربولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كېلىدۇ،ھەمدە دۇنيادا زور تەسىرلەرنى قوزغايدۇ. دىلبەر يۇنۇس1988-يىلى فىللاندىيەدىكى دۆلەتلىك ئوپىرا ئۈمۈكىنىڭ يالغۇز كىشلىك ناخشىچىسى بۇلۇپ تاللىنىدۇ.ئۇ بىرتەرەپتى ئۈگۈنۈپ بىرتەرەپتىن خەلىقارا سەۋىيىسىدىكى داڭلىق ناخشىلارنى،چوڭ تىپلىق خەلىق كۈيلىرىنى ئېيتىدۇ.ئۇ ئوپىرا ئۈمۈكىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن باشقا فىللاندىيە ۋە باشقا ئەللەردە 100مەيداندىن ئارتۇق يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىك ئۇيۇشتۇرىدۇ،ھەمدە خەلىقئارادا نام ئابرويى بار داڭلىق دىرىژورلار ھەمدە ئوركىستىرلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.ئۇنىڭ ئاياق ئىزلىرى شىۋىتسارىيە،دىنمارىك،نورگىۋىيە،گوللاندىيە،ئىتالىيە،گىرمانىيە،ئاۋۇستىرىيە،ئىسپانىيە،شوتلاندىيە،ئامرېكا،كانادا،تۈركىيە،مالايشىيا،ياپون،تەيۋەن ۋە ئوتتۇرا شەرىقلەرگىچە تىگىدۇ. دىلبەر نەگىلا بارسا ۋەتىنىنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ،فىللاندىيە پىرزىنتى ئۇنىڭغا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلچىسى دەپ نام بەرگەن . تۆۋەندە ئۇنىڭ (چۈشۈمدە)ناملىق كۈيىدىن ھوزۇرلىنايلى:
|