ئەڭ داڭلىق ھەشەمەتلىك پىكاپ يىغىپ ساقلىغۇچى خاتىرە:يۈزدىن ئارتۇق كادىلاك ماركىلىق ھەشەمەتلىك پىكاپ 
كادىلاكنى سۆيىدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.تارىختا نامىنى ھەممىمىز بىلىدىغان بىر كىشىمۇ كادىلاك سېتىۋىلىشنى ياخشى كۆرەتتى،ئۇ بولسىمۇ نامى مەشھۇر ،مۇشۇك شاھ-ئېلىۋىس پرسلېي.ئۇ ئۆمرىدە 100دىن ئارتۇق كادىلاك ماركىلىق پىكاپ سېتىۋالغان،ئۇ بۇنچىۋالا كۆپ ماشىنىنى سېتىۋېلىپ ئۆزى ھەيدىگەن ياكى يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىگە سوۋغا قىلغان. ئەڭ كەسپىي، ئەڭ ئىرادىلىك ،يېشى ئەڭ چوڭ ھەشەمەتلىك پىكاپ يىغىپ ساقلىغۇچى خاتىرە:53دانە كادىلاك ماركىلىق ھەشەمەتلىك پىكاپ 
ئامرىكىنىڭ مىچىگان شىتاتىلىق 84ياشلىق بىر بوۋاي 1955-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى بىردىن كادىلاك ماركىلىق پىكاپ سېتىۋېلىپ ساقلىغانىكەن. ئۇ تېخى يېقىندىلا زۇڭتۇڭ دەرىجىلىك كادىلاك DTSدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. ئەڭ شەھۋەتپەرەس يىغىپ ساقلىغۇچى خاتىرە:55دانە فارارى ماركىلىق بەيگە ئاپتومبىلى 
84ياشلىق ئاددى بوۋاي ۋە نامى داڭلىق مۇشۇك شاھلاردىن باشقا يەنە بىر سالاھىيتى نامەلۇم كىشى ئاپتومبىل يىغىپ ساقلاپ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان.كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتى فارارى موزىيخانىسىدىنمۇ پەيزى ئىكەن.چۇنكى ئۇنىڭ ئىسكىلاتىدا 55دانە ھەرخىل تىپتىكى فارارى بار ئىكەن. بۇ ماشىنىلارنىڭ ھەمىسىنىڭ باھاسى ئەڭ تۆۋەن ھىسابلىغاندىمۇ 200مىليۇن ئامرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. ۋاستە تاللىمايدىغان يىغىپ ساقلىغۇچى خاتىرە:60دىن ئارتۇق ھەشەمەتلىك ھەرخىل ئاپتومبىل 
دۇنيادا يەنە بىر ئەسەبىي يىغىپ ساقلىغۇچى بار ، ئۇ بولسىمۇ سادامنىڭ چوڭ ئوغلى ھۈدەي.ئۇ ھەرخىل توسۇش ھە قارشىلىقلار مەۋجۇت ھالەتتىمۇ چەتئەلدىن نۇرغۇن ھەشەمەتلىك پىكاپ تېتىۋېلىشنى توختاتمىغان.ئۇ يەنە بەزى ماشىنلارغا ئېرىشىش ئۇچۇن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىغان...ئىلگىرى ئۇنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا 18دانە روللىس-رويىس،22دانە بېنىز،4دانە كادىلاك،3دانە بېنتلىي،3دانە ئامرىكا يولۋىسى،1دانە لەنبوجىنى،7دانە فارارى،6دانە پورىسچى،1دانە لوتۇس،مەكلېرىن،1دانە ماساراتې،مىنى كۇپېر،ۋە باشقىلار، بۇ يازمىنى 2008-9-21 16:28:34 Slash تەستىقلىغان! |