<< نادىر ئېتوت-كۈلدۈرگە ئەسەرلىرىنى باھالاش - مۇكاپاتلاش پائالىيىتى >> گە ئەسەر قاتناشتۇرۇڭ !$ Q: v! K8 ^( L% m9 ?- j8 K
ئېتۇت - كۈلدۈرگە سەنئىتىمىزنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە، رېداكسىيەمىز يەكەن ناھىيەلىىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ژۇرنىلىمىزنىڭ 2102 - يىللىق سانلىرىدا »نادىر ئېتۇت - كۈلدۈرگە ئەسەرلىرىنى باھالاش - مۇكاپاتلاش پائالىيىتى«نى يولغا قويىدۇ. كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
9 a2 z9 B& j& F2 a% F بىرىنچى، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2102 - يىللىق سانلىرىدا تەسىس قىلىنغان<< <مۇقام يۇرتى> ئېتۇت - كۈلدۈرگە مۇكاپاتى>> سەھىپىسىدە ئاپتورلارنىڭ تاللانغان ئېتۇت - كۈلدۈرگە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ (ھەر ساندا بىر پارچىدىن ئۈچ پارچىغىچە)، يىل ئاخىرىدا ئەسەر باھالاش ھەيئىتى تەشكىل قىلىنىپ، ئالتە سان ژۇرنالنىڭ مەزكۇر سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئېتۇت - كۈلدۈرگە ئەسەرلىرى باھالاپ چىقىلىدۇ ھەم ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىلىپ، تاللانغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى گۇۋاھنامە ۋە نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.4 Z+ f1 X7 m" b; Y# b) ?
ئىككىنچى، بۇ سەھىپىگە سەۋىيەسى يۇقىرى، ئېتۇت - كۈلدۈرگە ئىجادىيىتىنى يېتەكلەش رولىغا ئىگە، ئىلگىرى باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان ياكى سەھنىلەردە ئوينالمىغان يېڭى ئەسەرلەر تاللاپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئەسەرلەرگە تېما چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ، يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر ئالدىن تاللىنىدۇ.
) s& z7 H- Z* D( { ئۈچىنچى، مەزكۇر سەھىپىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسىگە مەنسۇپ بولىدۇ ھەم يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ. ئاپتورلار ژۇرنىلىمىزدىن قەلەم ھەققى ئالغاندىن سىرت، ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلۈش ھەققى مەسىلىسىدە، رېداكسىيەمىزنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىلىق يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن پۈتۈشسە بولىدۇ. ناۋادا، يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئوينىشىغا ماس كەلمەيدىغان ئەسەرلەر بولسا، ئاپتور قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، باشقا ئۆمەكلەر بىلەن ھەمكارلاشسا بولىدۇ.+ A5 r# m3 [7 v% a2 v& R4 x
تۆتىنچى، مەزكۇر سەھىپىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى باشقا ئۆمەكلەرنىڭ ئوينىشىغا يول قويغان ئاپتورلارنىڭ ژۇرنىلىمىزدا ئىككىنچىلەپ ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئۆمەكنىڭ مەزكۇر سەھىپىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى خالىغانچە سەھنىلەشتۈرۈپ ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.! n: T4 Z% r) f' m
پۇرسەت سىزنى كۈتمەكتە! ئۆزىڭىزنى نامايان قىلىدىغان ھەم ئىقتىدارىڭىزنى سىناپ كۆرىدىغان پەيت كەلدى. مەزكۇر سەھىپىمىزگە ئەسەر قاتناشتۇرۇشقا ئالدىراڭ!8 G0 k9 |6 w/ _/ j
" ^9 X* Q& c/ J+ t; e3 C& R6 w/ ?
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991- 4552341, 4500032 ئىلخەت ئادرېسى: Tarim365@163.com
4 ?, h5 ]* v- p( q: A. b1 y; S& @2 K: ]5 `$ o- t2 r
<< شىنجاڭ سەنئىتى >> ژۇرنىلى رېداكسىيەسى! A( \# b5 B- X5 u2 v( d t4 d
1 \( r y# m3 N2 s. o% f* k2 ?
8 W0 C& s( \2 x- }
! ?6 D' A; W/ u4 s: ~ |