بۇ تېمىنى كۆرۈپ نېمە مەزمۇنلىقىنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن....  كانادالىق داڭلىق فوتوگىراف Jill Greenberg جىل گىرىنبېرىگ نىڭ" End times" ناملىق فوتو-سۈرەتلىرىدىن ئارىيە... سۈرەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى: End time ناملىق بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتنى تارتىش ئۈچۈن جىل بىر مۇنچە ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى كىچىك بالىلارنى يىغىپ،ئۇلارنى يالىڭاچ ھالاتتە ،كامىرانىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزغان...(ئۆزىنىڭ قىزى ۋە دوستلىرىنىڭ بالىلىرىمۇ ئىچىدە بار). ئاندىن ھەر بىر بالىغا بىردىن تاياقلىق كەمپۈت بېرىپ ئۇلارغا يېگۈزگەن... بالىلار كەمپۈتىنى تازا بېرىلىپ يەۋەتقان پەيىتتە، كەمپۈتلىرىنىڭ ھەممىنى تارتىۋالغان.....تۇيۇقسىز تاتلىق كەمپۈتلىرىدىن قۇرۇق قالغان بالىلارنىڭ ھەممىسى نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي يىغلاشقا باشلىغان....بۇ سۈرەتلەر دەل بالىلار يىغلاشقا باشلىغاندا تارتىلغان..... بالىلارنى قەستەن يىغلىتىش ئارقىلىق تارتقان بۇ سۈرەتلەر Paul Kopeikin سۈرەت زالىدا ئېكىسكۇرسىيەگە قويۇلغاندا نۇرغۇن تالاش تارتىشلارغا ئۇچرىغان...فوتوگىرافلىقنىڭ كەسپى ئەخلاقىغا ماس ئەمەس دەپ قارالغان تېخى.بالىلارنى قىيناش ئارقىلىق تەبىئىي يىغا ھالىتىنى تارتىش دەپ... كەمپۈتۈم قېنى؟!!! End times....(ئاخىرلاشقان ۋاقىت،خوشلاشقان ۋاقىت دەپ تەرجىمە قىلىنامدۇ؟). 
















(ياشلىرى ئېقىپ مەيدىلىرىگە كەپتۇ.....) سۈرەتلەرگە ياكى بالىلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىگە قاراپ ھېس قىلغانلىرىڭىز بارمۇ.... تارتىۋېلىنغان كەمپۈت پەيدا قىلغان يىغا زارە... بۇ يازمىنى 2009-2-16 20:51:13 Ms.punk تەستىقلىغان! |