گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 4784|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خارلىي-دەيۋدسون(Harley Davidson)يىلنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-24 17:58:33 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

 خارلىي-دەيۋدسون

            1900-يىللىرى
     1901-يىلى ۋىللىئام س.خارلىي(William S. Harley )ئەڭ دەسلەپكى ۋېلسىپىنىڭ موتورىنىڭ كۆك(لاھىيە)خەرىتىسىنى تاماملايدۇ.
     1903-يىلى 21ياشلىق ۋىللىئام.خارلىي بىلەن 20ياشلىق ئارتۇر.دەيۋدسون(  Arthur Davidson ) بىر كىچىك ئۆيدە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى موتوسيكىلىنى  قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ، ھەم بۇنى   فامىلىلىرى بىلەن خارلىي دەيۋدسون دەپ ئاتايدۇ.كېيىن ئۇلارنىڭ سېپىگە ئارتۇرنىڭ قېرىندىشى ۋولتىر(Walter)قېتىلىدۇ.

           

           

 

                 ۋىللىئام س. خارلىي                                                        ئارتۇر دەيۋدسون


  ۋىللىئام. خارلىي بىلەن ئارتۇر دەيۋدسوننىڭ مىلۋوكى(Milwaukee)دىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ساۋاقدىشى ئۇلارنىڭ قولىدىن بىۋاستە ھالدا 1903-يىلدىكى شەكىلدىن بىرنى سېتىۋالىدۇ.
  كەينىدىنلا خارلىينىڭ بىرىنچى ساتقۇچىسى چېگاگولىق C.H. Lang خارلىينىڭ مەسھۇلاتىنى سېتىشقا باشلايدۇ ۋە خارلىي  دەيۋدسون  ياسىغان ئەڭ دەسلەپكى ئۈچ موتوسيكىلنىڭ بىرسىنى ساتىدۇ.
   1905-يىلى 4-چىللىدە خارلىي دەيۋدسون چېگاگونىڭ 15مىللىق مۇسابىقىسىدە 19:02ۋاقىت بىلەن ئۇتۇپ چىقىدۇ. مىلۋوكىدا خارلىي ئۆزىنىڭ بىرىنچى تولۇق كۈنلۈك خىزمەتچىسىنى ياللايدۇ.
   1906-يىلى ھەجىمى   28 80x فىت(feet)كېلىدىغان يېڭى زاۋۇت چېسنات يولى (كېيىنچە جۇنىئۇ كوچىسىغا ئۆزگەرتىلگەن)دا بەرپا بولىدۇ. شىركەت ئۆزىنىڭ 6 تولۇق كۈنلۈك خىزمەتچىسىگە ئىگە بولىدۇ.ھەمدە بىرىنچى قېتىم موتوسيكىلىتنىڭ مەسھۇلات مۇندەرىجىسىنى تارقىتىدۇ ۋە بۇنىڭ نامىنى ”تىمتاس كۈلرەڭ بۇرادەر“ (Silent Gray Fellow) دەپ ئاتايدۇ.
   1907-يىلى ئارتۇر ۋە ۋولتىر.دەيۋدسوننىڭ قېرىندىشى  ۋىللىئام ئا. دەيۋدسون ئۆزىنىڭ مىلۋوكى تۆمۈر يولىدىكى ئىسمىن باشلىقى ۋەزىپىسىدىن  ئىستپا بېرىپ خارلىي-دەيۋدسون موتور شىركىتىگە كىرىدۇ.شىركەت17-مىزان پاي چەكلىك شىركەتكە ئۆزگىرىدۇ. قۇرغۇچى 4كىشى ھەربىرى بىردىن پايغا ئىگە بولىدۇ. بۇ چاغدا خىزمەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەتگەن بولۇپ 18گە يېتىدۇ.شىركەت ساتقۇچىلارنى چاقىرىشقا باشلايدۇ ۋە نەزىرىنى ئەنگىلىيە رايونىغا سالىدۇ.

           
   1908-يىللىق 7-نۆۋەتلىك ئامېرىكىنىڭ موتوسىيكىلنىڭ چىدامچانلىقى ۋە ئىشەنچىلىك دەرىجىسى مۇسابىقىسىدە ۋولتىر.دەيۋدسون 1000نومۇرلۇق تولۇق نومۇرغا ئېرىشىدۇ. 3كۈندىن كېيىن ۋولتىر يەنە بىر گالون بىلەن 188.234مىل يول يۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ماي تېجەش رېكوردىنى يارىتىدۇ. خارلىي-دەيۋدسوننىڭ چىداملىق ساپاسى تېزدىنلا كىشلەرگە تونۇلۇشقا باشلايدۇ.

              
   مىچىگىن ساقچى ئىدارىسى بىر خارلىي-دەيۋدسون موتوسيكىلىنى سېتىۋالىدۇ، بۇ ساقچى خىزمىتىدە ئىشلىتىلگەن بىرىنچى موتوسيكىل ئىدى.
  1909-يىلى 6ياشقا تولغان خارلىي-دەيۋدسون موتور شىركىتى ئەڭ دەسلەپكى V-twinكۈچلۇق موتوسىيكىلنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ خىزمەت سىغىمى49.5كۇب ئىنچ بولۇپ، 7ئات كۈچىگە  ئىگە ئىدى. 45گىرادۇسلۇق قۇرۇلما ئارىسىدىكى قوش سىلىندىرلىق موتور كېيىنچە خارلىي-دەيۋدسون تارىخىدىكى مۇھىم بىر ئايكون( icon )غا ئايلىنىدۇ. بۇ يىل شىركەت يەنە موتوسىيكىلىت زاپچاسلىرىنى بازارغا سالىدۇ.

            

       1910-يىللىرى

 1910-يىلى مەشھۇر ”توسۇق ۋە قالقان“ "Bar & Shield"لوگوسى بىرىنچى بولۇپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ لوگو بىر يىلدىن كېيىن ئامېرىكا پاتېنت ئىدارىىسىدا ئەنگە ئالدۇرىلىدۇ.

           
  شۇ يىلدىكى مەملىكەتلىك موتو بەيگىسىدە، چىدامچانلىق، دۆڭگە چىقىپ ئامېرىكىنى ئايلىنىش مۇسابىقىلىرىدە 7-قېتىم خارلىي-دەيۋدسون موتوسنى مىنگەنلەر چېمپىيون بولىدۇ.

         
   1911-يىلى“F-head”موتورى خارلىينىڭ سۆرىگۈچى كۈچى بولۇپ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ.بۇ 1929-يىلغىچە داۋاملىشىدۇ.

                                         
  1912-يىلى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ  ئالتە قەۋەتلىك باش شىتابى مىلۋوكىنىڭ جۇنىئۇ كوچىسىدا قۇرۇلۇش باشلايدۇ. ئايرىم زاپچاس ۋە قوشۇمچە مەسھۇلات بۆلۈملىرىمۇ قۇرۇلىدۇ.
    خارلىي-دەيۋدسون ياپونغا موتوسيكىل ئېكىسپورت قىلىشقا باشلايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تاشقى سودىسى ئىدى. بۇ چاغدا مەملىكەت ئىچىدە 200دىن ئارتۇق سېتىش تورى شەكىللىنىپ بولغان ئىدى.
  1913-يىلى ۋىللىئام ئوتتاۋاي(William Ottaway )نىڭ ۋىللىئام س.خارلىي غا ياردەمچى ئېنژىنىر بولۇپ قېتىلىشى بىلەن بەيگە بۆلۈمى قۇرۇلىدۇ.Forecarتوشۇغۇچى ھارۋا بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ.
  1914-يىلى خارلىي-دەيۋدسونغا يانھارۋا قوشۇلۇش مۈمكىن بولدى.“F-head”تاق ۋە قوش سېلىندىرلىق قۇرۇلمىغا كلۇچ ۋە تورمۇزنىڭ پىدالى ئورنىتىلدى.

               

         خارلىي-دەيۋدسون شىركىتى بۇ يىللىق موتوسيكىل بەيگىىسگە رەسمىي قاتناشتى. قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە  ئۇلارنىڭ بەيگىلەردىكى ھۆكۈمىرانلىق ئورنى خارلىي ئەترىتىنى(تەڭداشسىز توپ)دىگەن نامغا ئېرىشتۈردى.

             
  1915-يىلى خارلىي-دەيۋدسون 3-خوتلۇق چىشلىق چاقلىق ئايلاندۇرۇش سېستىمىسىغا ئىگە بولدى.

             
  1917-يىلى ئىشلەنگەن موتوسيكىللارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنى تەمنلىدى. چىللە ئىيىدا خارلىي-دەيۋدسون Quartermastersمەكتىپىدە تەربىيەلەش بۆلۈمنى ئېچىپ، ھەربىيلەرگە خارلىي موتوسيكىلىنى ھەيدەشنى ئۆگەتتى. كېيىن بۇ بۆلۈم ”مۇلازىمەت مەكتىپى“گە ئايلاندى.
  بۇ يىل خارلىي-دەيۋدسون ۋېلىسىپىتى ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلىشقا باشلايدۇ.مەخسۇس زاپچاسلىرى بولسا ئوخىئونىڭ دايتوندىكى  دەيۋس تىكىش ماشىنىسى شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ھەم خارلىي-دەيۋدسون سېتىش تورى ئارقىلىق سېتىلغان.
    1918-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان خارلىي-دەيۋدسون موتوسيكىلىنىڭ يېرىمىدەكى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپتىن سېتىۋىلىنىپ 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.ئۇرۇشتىن كېيىن سىتاستىكا قىلىنىشچە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلەتكەن 20000موتوسيكىلنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ساندىكىسى خارلىي-دەيۋدسون بولۇپ چىققان. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنكى بىرىنچى كۈنى گېرمانىيەگە بارغان روي خولتز(Roy Holtz)مىنگىنى  خارلىي-دەيۋدسون ئىدى.

          
   1919-يىلى 37كۇب ئىنچ لىق قوش سېلىندىرلىق بەيگە خارەكتىرلىك موتوسيكىل مەيدانغا كېلىدۇ ۋە چەتئەللەردىمۇ ياخشى باھالارغا مۇيەسسەر بولىدۇ. بۇ پەقەت ئۇنىڭ ئالاھىدە موتور سېلىندىرىنىڭ لاھىيەلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ ئاجايىپ بولغان پەس ئاۋازلىقىمۇ ماختاشلارغا سازاۋەر بولغان.

          

       1920-يىللىرى
 
 1920-يىلى خارلىي-دەيۋدسون دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ موتوسيكل ئىشلەپچىقىرغۇچىغا ئايلىنىدۇ. يېڭى خارلىي-دەيۋدسون موتوسيكللىرى 67دۆلەتتىكى2000دىن ئارتۇق ساتقۇچىلار تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغان بولىدۇ.
  لېسلى”قىزىل“پارخۇرست(Leslie "Red" Parkhurst)مىنگەن 61كۇب ئىنچلىق بەيگە موتوسيكلى 23خىل سۆرەت رېكوردىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
   1922-يىلى ئەڭ دەسلەپكى 74كۇب ئىنچلىق V-twin موتورى JD ۋە FDمودىللىرىدا تۇنجى بولۇپ ئىشلىتىلىدۇ.  

         
  1925-يىلى بارلىق يېقىلغۇ باكنىڭ شەكلىنى سۇ تامچىسى شەكلىگە تەقلىت قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ. كېيىنكى بارلىق خارلىي-دەيۋدسون موتوسيكللىرى بۇ شەكلنى ئاساس قىلىدۇ.

        
  جوئى پېترال(Joe Petrali)خارلىي-دەيۋدسون بەيگە كاماندىسىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ خارلىي-دەيۋدسون تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان لاي لىنيە ماھىرىغا ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا تارىختىكىمۇ ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ماھىر بولۇپ قالىدۇ.

        
   1926-يىلى يەنە بىر قېتىم تاق سېلىندىرلىق موتوسيكلنى سېتىشقا باشلايدۇ. بۇ 1918-يىلدىن بۇيانقى بىرىنچى قېتىملىق سېتىشى ئىدى.

            
  1928-يىلى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ JDتۈرىدىكى موتوسيكلىغا  ئورنۇتۇلغان كۆپۈنكە چاقلىق موتور بارلىققا كېلىدۇ. بۇ خىلدىكى موتوسيكلنىڭ سائەتلىك سۆرىتى 85-100مىلغىچە ئىدى. 

               
  بۇ يىل خارلىي-دەيۋدسون موتوسيكلى ئالدى چاق تورمۇزىنى ئىشلەتتى.
  1929-يىلى 45كۇب ئىنچلىق V-twinموتورى(كيىنچە داڭلىق بولغانflathead) دىDمودىلىدە  ئىشلىتىلدى. بۇ خىلدىكى موتورنىڭ ئىقتىدارى ئىشەنچىلىك بولۇپ،ھەتتاكى 1973-يىلدىكى خارلىي-دەيۋدسون موتوسيكللىرىدىمۇ  ھەرخىل شەكىلدىكى بۇ خىل موتور ئىشلىتىلىپ كەلگەن.

                                           
        1930-يىللىرى
  1932-يىلى 45كۇب ئىنچلىق ئۈچ چاقلىق Serviھارۋىسى ھۇجۇتقا چىقتى، كېيىنكى 41يىل جەريانىدا بۇ خىل ،جامائەت ياخشى كۆرىدىغان سودا ۋە قاراۋۇللۇقتا ئىشلىتىلىدىغان  موتوسيكل بولۇپ قالدى.

           
    1933-يىلى بارلىق ماي باكقا بۈركۈتنىڭ سۆرىتىنى پۈركۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خارلىي-دەيۋدسوننىڭ موتوسيكلغا بولغان رەسىم لاھىيەلىشىنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

            
    1935-يىلى ياپوننىڭ Sankyoشىركىتى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ ھوقوقىدىكى كۆك خەرىتە، سايمان، قېلىپ ۋە زاپچاسلارغا ئېرىشىش ئارقىلىق ياپون موتوسيكل ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنى باشلايدۇ.Rikuoموتوسيكلى مۇشۇ ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.
   1936-يىلى خارلىي-دەيۋدسون ELنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇ 61كۇب ئىنچىلق قوش چاقلىق موتوسيكل ئىدى. بۇ خىلنىڭ قوزغاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، لاھىيەسى ناھايتتى يۈرۈكلىك قىلىنغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن لاھىيەدىكى ئۆزگىچىلىگى بىلەن تېزدىنلا”ھاماقەت“ "Knucklehead"دېگەن لەقەمگە سازاۋەر بولىدۇ.مۇشۇ يىل خارلىي-دەيۋدسون يەنە 80كۇب ئىنچلىق موتورنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

            
   1937-يىلى ئەڭ بۇرۇنقى WLمودىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

           
   1938-يىلى  جەك پاين(Jack Pine)سېگان موتوسيكل كلۇبى ستۇرگىسدا بىرىنچى قېتىملىق  قاراتاغ رالى(كۈچ ئۇلاش) بەيگىسىنى ئۆتكۈزىدۇ.

                                                   
فلورىدانىڭ دەيتونادىكى 3.2مىللىق دېڭىز ساھىلىدە بېن كامپانال( Ben Campanale ) ئۆزىنىڭ دەيتونا200 دىكى ئىككى قېتىملىق چېمپىيونلۇقىنىڭ بىرىنىچىسىنى خالىي-دەيۋدسونWLDRغا مىنىپ تۇرۇپ قولغا كەلتۈرىدۇ

                                      

         1940-يىللىرى

   1940-يىلى بېبې تەنكرېد(Babe Tancrede) دەيتونا 200دە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ئۇ منىگىنىمۇ WLDRئىدى.

                                            
   1941-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا چېتىلىپ قېلىشى بىلەن ئاممىۋى موتوسيكللارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتلىدۇ، مۇلازىمەت مەكتىپى يەنە Quartermastersمەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
  FLتۈرى دۇنياغا كېلىدۇ.

               
   1945-يىلى خارلىي-دەيۋدسون ئىشلەپچىقارغان ھەربىيچە WLAتۈردىكى موتوسيكلنىڭ سانى 90،000غا يەتتى. ئوغلاق ئېيىدا  قايتىدىن ئاممىۋي موتوسيكللەر تېزدىن  ئشىلەپچىقىرىلىشقا باشلىدى.

           
   1946-يىلى خارلىي-دەيۋدسون 45كۇب ئىنچلىق ياپىلاق باشلىق  WR بەيگە موتوسيكلىنى ئىشلەپ چىقاردى. بۇنى شۇ چاققىچە ئىشلەپ چىقىرىلغان مودىللار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى دىيشكە بولىدۇ.

                                          
   1947-يىلى خارلىي-دەيۋدسون قارا رەڭلىك موتوسيكل خۇرۇم چاپىنىنى سېتىشقا باشلىغان، كېيىنچە بۇ كلاسسىك بولۇپ قالغان.
   1948-يىلى 61 ۋە 74كۇب ئىنچلىق موتورلارغا يېڭى خۇسۇسىيەتلەر قوشۇلدى،  مەسىلەن،ئالىيۇمىنلىق قاپقاق ۋە سۇيۇقلۇق ۋالۋ كۆتۈرگۈچ قاتارلىقلار، موتورنىڭ تاشقى شەكلىگە ئاساسەن “Panhead”دىگەن لەقەم سىڭىپ قالدى.

                                          
   ئامېرىكا ياسىغان ئەڭ بىرىنچى يېنىڭ تىپتىكى موتوسيكلS. Variousدۇنياغا كەلدى ۋە 1966-يىلغىچە داۋاملىق سېتىلغان.

               
   1949-يىلى سۇيۇقلۇق بېسىملىق ئالدىنقى تورمۇز بىرىنچى بولۇپ يېڭى مودىلHydra-Glide دا ئىشلىتىلگەن.

                                                  

بۇ يازمىنى 2008-10-24 19:58:58 Achilles تەستىقلىغان!

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-24 18:00:00 |ئايرىم كۆرۈش


         1950-يىللىرى
    1950-يىلى لارري  خېدرىك(Larry Headrick) خارلىي-دەيۋدسونغا ۋەكىللىق قىلىپ ئامېرىكا بويىچەAMAنىڭ لاي يول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

                                     
    بۇ يىل خارلىي-دەيۋدسون چەۋەندازلىرى مەملىكەتتىكى 24تۈر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرنىڭ 18دە بىرىنچى بولۇپ چىقىدۇ، ۋە 6 تۈردە رېكوردنى يېڭلايدۇ.
   1952-يىلى يان كلاپانلىق  Kمودىل ھۇجۇتقا چىقىدۇ، Kمودىلى كېيىنچە Sportsterشەكلىگە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگەن.

            
   1953-يىلى خارلىي-دەيۋدسون ئۆزىنىڭ 50ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. بۇ چاغدا كىشىنى جەلىپ قىلارلىق بىر لوگو بارلىققا كېلىدۇ، بۇ Vشەكلىدە بولۇپ، شىركەتنى بۇ كۈنگىچە ئېلىپ كەلگەن موتورنى خاتىرلەش مەقسىدىدە ئېجاد قىلىنغان ئىدى، Vئۈستىگە توغرىسىغا”خارلىي-دەيۋدسون“دەپ يېزىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئاستىدا بولسا”50يىل-ئامېرىكا ياسىغان“دېگەن خەتلەر بار ئىدى. 1954-يىلدىكى مودىللارنىڭ ئالدى قالقانلىرىدا بۇ لوگو بار ئىدى.

              
    لاي يول چەۋەندىزى جوئى لېئورناد(Joe Leonard) ئامېرىكىنىڭAMAبەيگىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.كېيىنڭى سەككىز يىلدا بەيگە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەممىسى خارلىي چەۋەندازلىرىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ.
    1955-يىلدىن باشلاپ خارلىي-دەيۋدسون چەۋەندازلىرى ئۇدا يەتتە يىل دەيتونا200نىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. چەۋەندازلار بولسا: برەد ئاندرېس، جونني جىبسون، جوئى لېئورناد ۋە روگېر رىمەن قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلارنىڭ مىنگىنىنىڭ ھەممىسىKRمودىلى ئىدى.
   1956-يىلى يېڭىدىن چاقنىغان يۇلتۇز ئېلۋىس پىرېسلىي(Elvis Presley) ھەۋەسكار(Enthusiast)ژورنىلىنىڭ  باھارلىق سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا 1956-يىللىق  KH مودىلىنى مىنىپ چىقىدۇ.

                                         
    1957-يىلى موتوسيكل ساھەسىدە Sportster®دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى موتوسيكل بارلىققا كەلدى. ئۇ 55كۇب ئىنچ كلاپانلىق موتورغا ئىگە بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىلا“Superbikes”نىڭ بىرىنچى ئورۇنىغا چىقتى. يەنە بىر يېڭى خارلىي-دەيۋدسون ئەنئەنىسى ۋە رىۋايىتى يارىتىلىدى.

               
  1958-يىلى Duo-Glideمودىلى بىرىنچى بولۇپ كەينى چاق تورمۇزى ۋە كەينى ھېدرولىك ئاسقۇچ سېستىمىلىرىنى ئىشلىتىدۇ.
  بەيگىچى كارول رېسۋېبىر AMAنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ.

                  

        1960-يىللىرى

1960-يىلى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ  Topper موتورلۇق كىچىك تىپتىكى سكۇتىر مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ بىرىنچى قېتىم كىچىك تىپتىكى سكۇتىر پلاتفورمىنى ئىشلەپچىقىرىشى ئىدى.

                                              
  خارلىي-دەيۋدسون Aeronatica-Macchiنىڭ يېرىمىنى سېتىۋالىدۇ ۋە  Aermacchiخارلىي-دەيۋدسون شىركىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياۋرۇپادىكى كىچىك تىپتىكى تاق سېلىندىرلىق موتوسيكل ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇپ قالىدۇ.

                   
   بۇ يىللىق دەيتونا200  بەيگىسىدىكى برەد ئاندرېسنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسدا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە كىرگەن 14 چەۋەنداز مىنگىنى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ 750 KRمودىلى ئىدى.

            
   1961-يىلىSprintمودىلى مەيدانغا كېلىدۇ.

                
  1962-يىلى خارلىي-دەيۋدسون شىركىتى Tomahawkقېيىق ياساش شىركىتىنىڭ60% پاي چېكىنى سېتىۋالىدۇ. خارلىي-دەيۋدسون موتوسيكل ياساشتىكى ئەينەك تالانىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل زاپچاس ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنTomahawkبۆلۈمى قۇرۇلىدۇ،1963-يىلى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ بىر تارماق زاۋۇتىغا ئايلىنىدۇ.
    1963-يىلى رالف ۋايت دەيتونا200نىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ. مىنگىنى يەنىلا 750 KRمودىلى ئىدى.
    Serviئۈچ چاقلىق موتوسيكلى خارلىي-دەيۋدسون شىركىتىنىڭ بىرىنچى توك كۈچى ئارقىلىق قوزغىلىدىغان موتوسيكىلى بولۇپ قالىدۇ.

              
   1965-يىلى Electra-Glide® مودىلى Duo-Glideنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ۋە ئەڭ يېڭى تىپتكى ئېلېكتىر قوزغىغۇچنى سەپلەيدۇ. Electra-Glideبولسا ئەڭ بۇرۇنقى قوشچاقلىق ئېكېكتىر قوزغىغۇچلۇق موتوسيكل ھېسابلىنىدۇ، ئۇزۇنغا قالماي Sportster® ئىشلەپچىقىرىش سېپىمۇ ئېلېكتىر قوزغىغۇچ سەپلەشكە باشلايدۇ.

            
   
   جىئورجى روئېدىر 250cc Sprint CRبەيگە موتورى قوزغاتقۇچى قىلىنغانStreamlinerبەيگە موتوسيكلىگە مىنىپ Aدەرىجىلىك ۋە Cدەرىجىلىك بەيگىلەرنىڭ رېكوردىنى يېڭىلايدۇ.ئۇنىڭ سائەتلىك سۆرىتى 177مىلغا يەتكەن.

                                            
 خارلىي-دەيۋدسون لاي يولى چەۋاندىزى بارت مارك 1965-يىللىق ۋە 1966-يىللىق AMA مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ.
   1966-يىلى Electra-Glideمودىلى تۇنجى بولۇپ “Shovelhead”موتورىنى ئىشلىتىلىپ، Panheadنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

                                         
   1968-يىلى كال رەيبورن Daytona 200دە 750 KRموتوسيكلىنى مىنىپ”ئارقىغا-ئارقا“مۇسابىقىسىنى ئۇتۇپ چىقىدۇ.

               
   1969-يىلى خارلىي-دەيۋدسون ئامېرىكا ماشىنا ۋە پىشقلاش شىركىتى(American Machine and Foundry Company (AMF))بىلەن بىرىكىپ، ئازادە مەسھۇلاتلارنى(leisure) ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇپ قالىدۇ.
    مېرت لوئىل لاي يولى بەيگىسىدە خارلىي-دەيۋدسون ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭAMAچېمپىيونلۇقىنى ئۇتۇپ بېرىدۇ.

          1970-يىللىرى

  1970-يىلىAMAنىڭ Cدەرىجىلىك مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى قائىدىسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن،بۇرۇنقى Sportster®نىڭ ئاساسىدا يېڭى تىپتىكى XR-750 موتوسيكلىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

            
   يۇتاھنىڭ ۋېندوۋىرغا يېقىن يېرىدىكى بوننېۋىل تۇز باياۋانىدا، چەۋانداز كال رەيبورن موتوسيكل بىلەن دۇنيانىڭ يەر يۈزى تېزلىك رېكوردىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.بۇ موتوسيكك 16فۇت ئۇزۇنلۇقتىكى streamlinerبولۇپ ،تاق Sportsterموتورىنى قوزغىغۇچ كۈچ قىلغان. ئۇنىڭ  سائەتلىك سۈرىتى 265مىلدىن ئېشىپ كەتكەن.

               
  1971-يىلى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خارلىي-دەيۋدسون FX 1200 Super Glideنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ نۇسخا بەيگە موتوسيكلىنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ ياسىلىشىغا( XLگە ئوخشايدۇ)ئىگە،شۇنداقلا powertrainموتورلۇق FLتۈرىنىڭ سىرىتقى تۇرقىغا ئىگە. شۇنداق قىلىپ خارلىي-دەيۋدسوننىڭ كرۇزىر(cruiser)ى دۇنياغا كېلىدۇ.

               
   1972-يىلى  يېڭى تىپتىكى ئالىيۇمىندىن ياسالغانXR-750ھۇجۇتقا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئىقىتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تېخمۇ يۇقۇرى ئىدى. كېيىنكى 30يىل مابەينىدە ئۇ لاي يول بەيگە موتوسيكل بازىرىنى ئىگەللەپ ياتىدۇ. لاي يول چەۋەندىزى مارك برەلسفورد مۇشۇ يىلى دەل XR-750گە مىنىپAMAنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ.

           
     1975-يىلى خارلىي-دەيۋدسون داۋاملىقAMAنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1975-يىللىق چەۋانداز گەري سكوت بولغان بولسا،ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئەپسانىۋى چەۋەنداز جەي سپرىڭستىن بولىدۇ.
     1977-يىلى خارلىي-دەيۋدسون دەيتونا دېڭىز ساھىلىدە تۇنجى بولۇپ FXS Low Riderمودىلىنى جامائەتكە تۇنۇشتۇرىدۇ.ئۇ سوزۇنچاق تۇتقۇچقا، ئۆزگىچە موتور ياسىلىشى ۋە پۈركىمە سىر بىرتەرەپ قىلىنىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىدى،  Low Riderدېگەن ئىسمىغا لايىق ئۇنىڭ ئېگىرى تىپىك شەكىللەرگە قارىغاندا تۆۋەن ئىدى.مۇشۇ يىلدا يەنە ۋىللى جى دەيۋدسون  Sportsterنىڭ دينامىك نۇسخىسى بولغان Cafe Racerتارقىتىلدى.

             

          
    1979-يىلى  “FXEF Fat Bob”مودىلى دۇنياغا كېلىدۇ،  "Fat"”سېمىز“دىيىلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ قوش ماي باكى بولغانلىقىدە، "Bob"”قىسقا چاچ“ئۇنىڭ قىسقارتىلغان لاي توسۇغۇچى سەۋەبىدىن بولغان.

              

          1980-يىللىرى

  1980-يىلى خارلىي-دەيۋدسون يېڭى تىپتىكى FLTمودىلىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇنىڭ سىلكىنىشى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان.FLT تۇنجى بولۇپ موتور بىلەن بەش خوتلۇق ئايلىنىش سېستىمىسىنى زىچ بىرلەشتۈرگەن.

         
    Kevlarخۇرۇم تاسمسى  زەنجىر سۈرەت كېمەيتكۈچنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ،بۇنداق بولغاندا قوزغىتىلغاندا تېخىمۇ پاكىز بولىدۇ ۋە كۆپلىگەن تەڭشەش ھەم رىمونتقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خۇرۇم تاسمىلىق سۈرەت كېمەيتكۈچ خارلىي-دەيۋدسوننىڭ يېڭى ۋەكىل خارەكتىرلىك زاپچىسى بولۇپ قالىدۇ.

                                   
   AMAلاي يول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى خارلىي-دەيۋدسون چەۋەندىزى رەندي گوس ئېلىپ كېتىدۇ.

          
   Sturgisرالي بەيگىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن خارلىي-دەيۋدسون FXB Sturgisمودىلىنى ئشىلەپچىقىرىدۇ.

             
  1980مودىل يىلىدا FXWG Wide Glideنۇسخىسى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

             
  1981-يىلى 26-ھۇد، 13نەپەر خارلىي-دەيۋدسوننىڭ مەسھۇل خادىمى بىر بايانات ئىمزالاپ، خارلىي-دەيۋدسوننى AMFدىن سېتىۋالماقچى بولىدۇ. سەپەر ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا توختام كېلىشىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن”تەنھا ئۇچقان بۈركۈت“ ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار شوئارىغا ئايلىنىدۇ.

             
   سكوت پاركىر خارلىي-دەيۋدسونغا ۋەكالىتەن AMAبەيگىسىگە قاتنىشىشقا باشلايدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغا خارلىي-دەيۋدسون چەۋەندىزىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ 93مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىدۇ، ئادەمنى ئەڭ ھەيران قىلدۇرىدىغىنى ئۇ 10 يىل ئىچىدە 9 قېتىم پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

                      
   1982-يىلى بىر قىسم يېڭى ئىجادىيەتلەر سۈپەتكە قارىتىلغان دىققەتنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن:FXR/FXRS Super Glide® IIلار ئۆزىگە كاۋچۇك قاپلىق  بەش خوتلۇق موتورنى سەپلىگەن، يىڭى تىپتىكى Sportster®نىڭ جىسمى كەپشەرلەنگەن ھەم ئۇنىڭغا گۈل بېسىلغان ئىدى.

             
    ئشىلەپچىقىرىشتا ”ئېھتىياجغا لايىق ماتىرىيال“ ئۇسۇلى قوللىنىلدى. بۇ  ، پەقەت ئېھتىياجلىق بولغان زاپچاس ۋە ماتىرىيالنىلا سېتىۋېلىش دېگەنلىك بولۇپ، سېلىنىدىغان مەبلەغ مىقدارىنى كۆپ تۆۋەنلىتىپ، ساپانى ئۆستۈردى.
   1983-يىلى خارلىي-دەيۋدسون خەلىقئارا سودا كومېتىتىغا چېگرا بېجىنى كېمەيتىش ھەققىدە تەستىقنامە سۇندى، ۋە 1-ئۈمۈت تەستىققا ئېرىشتى.
  بۇ يىل خارلىي-دەيۋدسوننىڭ ئەڭ ئۆزگىچە بولغان پائالىيىتى باشلاندى: خارلىي ئىگىلىرى گۇرۇپپىسى، قىسقارتىلىپ  H.O.Gدىيلىدۇ. بۇ گۇرۇپپا تېزدىنلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زوۋۇت سپونسىرلىق قىلىنىدىغان گۇرۇپپىغا ئايلىنىدۇ. ئالتە يىلنىڭ ئىچىدە ئەزالىرى 90،000دىن ئېشىپ كېتىدۇ. 2000-يىلغا كەلگەندە بولسا سانى 500،000غا يېتىدۇ.

                                       
   1984-يىلى خارلىي-دەيۋدسون بەش خىل مودىلدا 1340cc V2® Evolution®موتورىنى ئىشلەپچىقىرىپ ئىشلىتىدۇ، بۇ مودىللارنىڭ ئارىسدا ئەڭ يېڭى تىپتىكى Softail®مۇ بار ئىدى.بۇ موتور يەتتە يىللىق تەتقىقاتنىڭ نەتېجىسى بولۇپ، ئۇنىڭ سۈرەتتىكى ئىلگىرلەش كۈچى تولۇق، ئسسىقلىق چىقىرىشى ئاز، تېخىمۇ پاكىز ۋە تېخىمۇ ماي تېجەشلىك ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مەيدانغا كەلگەن Softailمودىلىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىچە لاھىيەگە ئىگە بولۇپ، موتوسيكلنىڭ ئارقا سىلكىنىش كېمەيتكۈچنى ”يوشۇرۇپ“ گۈزەللىك ئۈلگىسىگە ئايلانغان.

                   

               
     1986-يىلى خارلىي-دەيۋدسون تاشقى شەكىل لاھىيەسىدە يەنە بىر قېتىم يۈرەكلىك سىناق ئېلىپ بېرىپ Heritage Softailمودىلىنى ئىشلەپچىقارغان.

             
  Sportsterموتوسيكل ئىشلەپچىقىرىش سېخى Evolution V-twinموتورىنى سەپلەشكە باشلىغان.

         
  خارلىي-دەيۋدسون Holiday Ramblerشىركىتىنى سېتىۋالىدۇ، بۇ شىركەتمۇ ئۇزۇندىن بېرى يۇقۇرى سۈپەتلىك موتوسيكل ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭلىق ئىدى.
   1987-يىلى خارلىي-دەيۋدسونXLH 883 Sportster بولغان”قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش پىروگراممىسى“نى باشلىدى، ئىككى يىل ئىچىدە FLۋە FXمودىللىرى پۈتۈنلەي كونىدىن يېڭىغا ئالماشتۇرۇلدى.
  1988-يىلى FXSTS Springer® Softail®مودىلى يەنە بىر قېتىمSpringerئالدىنقى بۆلىكىنى سەپلىدى. بۇ يىل خارلىي-دەيۋدسون Sportster 1200نى ئىشلەپچىقاردى.

               

 خارلىي-دەيۋدسون مىلۋوكىدا 85-يىللىق خاتىرە يېغىلىشىنى ئۆتكۈزدى، 60،000ئادەم بېرىپ قاتناشتى.

                 
   خارلىي-دەيۋدسون ھەركەتچان مۇزىيى سەييارە كۆرگەزمە قىلىشنى باشلايدۇ، ئۇلار جامائەتنىڭ ھوزۇرىغا خارلىي-دەيۋدسوننىڭ چوڭ تارىخى ۋەقەلىرىنى، كلاسسىك موتوسيكل مودىللىرىنى ۋە چەۋەندازلارنىڭ تەسىرلىك دەقىقىلىرىنى  سۇنىدۇ.

              
    سكوت پاركىر AMAنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى توققۇز قېتىملىق غەلبىسىنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

        1990-يىللىرى

 1990-يىلى FLSTF Fat Boy®دۇنياغا كېلىپ موتوسيكل لاھىيەسىنىڭ يېڭى رىۋايىتىگە ئايلىنىدۇ.

           
    1991-يىلى پېنسىلۋانىيادىكى يورك پۈركىمە سىر زاۋۇتى قۇرۇلۇپ،31،000،000دوللار مەبلەغ سېلىنىدۇ ۋە 1992-يىلى خىزمەتكە كىرىدۇ.
    Dynaئىشلەپچىقىرىش سېخى 1991 FXDB Dyna Glide Sturgis®مودىلىنى چىقىرىدۇ.

               
   1993-يىلى خارلىي-دەيۋدسون مىلۋوكىدا 90يىللىق خاتىرە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ بىر چوڭ توپلىنىش يېغىلىشى بولغان. بۇنىڭدىكى بىر پائالىيەتتە 100،000ئادەم تەشكىل قىلىنغان موتوسيكل توپى پاراد قىلغان.

                                        
  1994-يىلى خارلىي-دەيۋدسون يېڭى مەسھۇلاتى VR1000نى ئىشلەپچىقىرىپ Superbikeبەيگىسىگە قاتنىشىدۇ.

               
  بۇ يىل يەنە كلاسسىك شەكىل FLHR Road Kingدۇنياغا كېلىدۇ.

               
   1996-يىلى فرانكىلىندا ئىلغار سەپلەنگەن زاپچاس ۋە قوشۇمچە ماترىياللارنى تەمىنلەش مەركىزى قورۇلىدۇ.
   1997-يىلى يېڭى مەسھۇلاتلارنى تەتقىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى قۇرۇلىدۇ. بۇ ۋىللى ج.دەيۋدسوننى خاتىرلەش ئۈچۈن ياسالغان ئىدى.

                
  كەنساس شەھىرىدە قۇرۇلغان 330،000كۇۋادىرات مىل كېلىدىغان يېڭى زاۋۇت تۇنجى بولۇپ Sportsterموتورىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
   1998-يىلى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ 95يىللىق خاتىرىسىنى ئۆتكۈزىدۇ. 140،000موتوسيكل چەۋەندىزى مىلۋوكى خەلىقىنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشغا ئېرىشىدۇ.

          
  يېڭى قۇراشتۇرۇش سىخى بىرازىلىيەنىڭ مانائۇس شەھرىدە قۇرۇلىدۇ. بۇ خارلىي-دەيۋدسوننىڭ چەتئەلدىكى تۇنجى زاۋۇتى ئىدى.
  خارلىي-دەيۋدسون Buellموتوسيكل شىركىتىنىڭ 49%پاي چېكىنى سېتىۋالىدۇ، ۋە ئېرىك بۇئېلنىڭ بۇئېل شىركىتىنىڭ خوجايىنى قىلىپ سايلايدۇ..
   1999-يىلى Touringۋە Dynaموتوسيكل ئائىلىسى ئەڭ يېڭى Twin Cam 88موتورىنى سەپلەيدۇ.

               

       2000-يىللىرى

2000-يىلى  FXSTD Softail® Deuce™مودىلى چەۋەندازلارغا ۋە موتوسيكل مېدىئاسىغا تونۇشتۇرىلىدۇ.

              
    2000-يىللىق مەسھۇلاتتا يەنە، Softailمودىلى Twin Cam 88Bموتورىنى سەپلەيدۇ، بۇ Twin Cam 88نىڭ تەڭپۇڭ نۇسخىسى ئىدى.

                           
  Buell بۇ يىللىق مەسھۇلات ئۈچۈن Blastتاق سېلىندىرلىق موتوسيكلنى ئىشلەپچىقىرىپ ياخشى باھالارغا سازاۋەر بولىدۇ.

                   
    2001-يىلى 2002يىللىق مودىل ئۈچۈن VRSCA V-Rodنۇسخا تونۇشتۇرىلدى. بۇ نۇسخا VR-1000بەيگە موتسيكلىدىن ئىلھام ئالغان بولۇپ،خارلىي-دەيۋدسوننىڭ كۆپ ئىقتىدارىنى ئۆزىگە جەملىگەن تىپ ئىدى. موتورنىڭ ئىش سەرپىياتى 115ئات كۈچىگە تەڭ كېلەتتى.

                  
  بۇ يىل 17ياشلىق جېننىفىر سنيدىر ئامېرىكا فورمۇلا لاي يول مۇسابىقىسىدە نەتىجە قازانغا بىرىنچى ئايال چەۋەندازغا ئايلىنىدۇ.

                              
  2002-يىلى ئەڭ يېڭى Buell® Fireboltمودىلى ھۇجۇتقا چىقىدۇ.
  چىللىدە، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان خارلىي-دەيۋدسوننىڭ 100يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مەقىستىدە، Open Roadئايلانما مۇسابىقىسى ئاتلانتادا ئۆتكۈزىلىدۇ.
   2003-يىلى Buellشىركىتى Lightning® XB9Sمودىلىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

               
   250،000دىن ئارتۇرق ئادەم Open Road ئايلانمىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان مىلۋوكىغا كېلىپ خارلىي-دەيۋدسوننىڭ 100يىللىقىنى خاتىرلەيدۇ.

               
   2004-يىلى  FLHRSI Road Kingمودىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

                
   2005-يىلى  Sportsterسىخى  XL 883L Sportster® 883 Low دىن ئىبارەت پەس ئىگەرلىك موتوسيكلنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

              
   FLSTNI Softail® Deluxeمودىلى 1939-يىلدىكى،  FLSTSC/I Softail® Springer® Classic بولسا 1940يىلدىكى  خارلىي-دەيۋدسوننى ئەسلەش ئۈچۈن ئۇلارغا تەقلىت قىلىپ ياسىلىدۇ.

               

           
  2006-يىلى تۇنجى ئالتە خوتلۇق موتور 2006-يىللىق مودىل  Dynaموتوسيكلىدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداقلا  Dynaئائىلىسىدىكى FXDB/I Street Bob™گىمۇ قوشۇلىدۇ.

             
  بۇ يىل يەنە ئەڭ يېڭى تىپتىكى مودىل FLHX/I Street Glide، ساياھەت موتوسيكلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

           
  
   2006-يىلى 8-ئۈمۈت، خارلىي-دەيۋدسوننىڭ جۇڭگودىكى بىرىنچى ساتقۇچى شېرىكى بېجىڭدە تېجارەت باشلايدۇ.
   خارلىي-دەيۋدسوننىڭ بارلىق 5تۈرى پۈتۈنلەي جۇڭگو بازىرىغا كىرىدۇ.

         
  

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-24 18:40:44 |ئايرىم كۆرۈش

   بۇرۇن مەن خارلىينى نىمدەپ ئۇنداق قىمەت،نىمدەپ ئۇنداق چىرايلىق دەپ ھەيران بولاتىم ،بۈگۈن ئاكىلىسنىڭ ئەمگىگىدىن بۇ سۇئالىرىمغا جاۋاپ تېپىۋالدىم،شۇنداق بىر ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئادەم،نۇرغۇن ۋاقىت،نۇرغۇن ھىسىياد يەنە نۇرغۇن ،نۇرغۇن، نۇرغۇن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،كىتىدۇ.................بەلكىم كەينىگە چىكىنىپ كېتىشمۇ مومكىن،بەلكىم يوقاپ كېتىشمۇ مومكىن،بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىلگىرلەشتىن باشقا چىقىش يول يوق،،،،،،،،،،،،،،،،،بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى 1932-يىل Serviبەك ياقتى ماڭا...................

 

كەلگۈسىدە گۈللۈگ شېركىتىنىڭ ئالدىدا بۇ Serviتىپتىكىنى چوقۇم كۆرەلەيسىز،ئۇ چاغدا (قالايمىقان چېقىلماڭ،بۇ ززتوپ بوۋاينىڭ)دىگەن خەتلەرنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتمەڭ

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-25 22:36:43 |ئايرىم كۆرۈش

   لېكىن مەن يەنىلا (ئىندىيان)(indian) ماركىلىق تۆمۇر ئاتنى ئالغىم بار.بىر قېتىم تىلىۋۇزۇردا ئۇلارنى تۇنۇشتۇرغىنى كۆرگەن چىغىمدا ھەر يىلى ئوخشىمىغان شەكىلدىكى 30دانە موتوسىكىلىتلا چىقىرىدىكەن،ئۇلار شىركىتىنى قانداق بېقىپ كېتىدىغاندۇ؟ئۇلار بۇ كەسىپتىن باشقا تېرىچىلىك قىلىپ جان باقامدىكىن دەپ قالدىم 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-25 11:11:20 |ئايرىم كۆرۈش

بۇندىن كېيىن توينى Harley Davidson بىلەن مۇنداق كۈچۈرىمىز:(Miracle)

Harley Davidson ئېلان

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-25 12:57:51 |ئايرىم كۆرۈش

ئويۇنچۇق مودىل خارلېيلارمۇ بەك جىقكەن ھە...ھەرخىل..

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-25 14:30:02 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ مودىللىرىمۇ پالانى پۇل ھەقاچان،لېكىن ئاستىدىكى مودىل پانكنىڭ گىپى بويۇنچە (دەششەت،سەت،ئالامەت) ئۇماقكەن،Ms.punkماڭا كۆڭۈل بۈلۈپ مودىلىرىنى بولسىمۇ سېتىۋالسۇن دەپ بۇ ئىنكاسلارنى يولىغىنىڭىزغا رەھمەت

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-25 14:31:28 |ئايرىم كۆرۈش
خارلىينى شىنجاڭدا كۆرگەنلەر بارمۇ؟كۆرگەن بولساڭلار مەندىن سالام ئېيتىڭلار

0

تېما

0

دوست

2625

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

9#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-25 14:47:57 |ئايرىم كۆرۈش
بەزىدە بىرتوپ خارلې مىنىۋالغانلار كوچىلارنى لەرزىگە سېلىپ، ھەممىنى قارىتىپ ئۆتۇپ كېتىدۇ... بۇلارنىڭ مەخسۇس كۇلوبلىرى بارمىش. پات پاتلا مەن تۇرغاب شەھەرنىڭ ئەڭ داڭلىق بەزمىخانسىىنىڭ ئالدىدا خارلې نىڭ بەلگسى چۇشۇرۇلگەن خۇرۇم چاپان كىيىشكەن بىرتوپ ئۇزۇن چاچلىق، بەستلىك بەستىلىك ئەر-ئاياللرغا باشقا ئۆتكەن كەچكەنلەرگە ئوخشاش ھاڭۋېقىپ قاراپ ئۆتۇپ كېتىمەن. 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

10#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-26 21:15:25 |ئايرىم كۆرۈش

ئاكىلىس بىزنىڭ بۇ تۇرقۇمىزغا سىزنىڭ Harley Davidsonبەك يارىشىدۇ،قاچان بىرنى سوغا قىلاسىز

 

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

11#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-27 20:54:15 |ئايرىم كۆرۈش
ئۈرۈمچىدە موتوسيكل  ھەيدىگىلى قويغان چاغدا ئويلىشىپ باقاي..

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

12#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-28 10:06:07 |ئايرىم كۆرۈش

مەن موتسېكىلىتقا چىقىپ باقمىغان...تا ھازىرغىچە..   بىرەرسىڭلار ھەيدىگەندە كەيىنىڭلاردا ئولتۇرۇپ باقايچۇ.....

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

13#
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-28 09:07:56 |ئايرىم كۆرۈش
شىلەپە،كۆزئەينەك،ساقال،خۇرۇم چاپان،ئۈتۈك،گىتتار،Harley Davidson لار ئۈرۈمچىدە كەم بولىۋاتقان نەرسىلەر

0

تېما

0

دوست

1150

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

14#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-7 20:12:54 |ئايرىم كۆرۈش

1

تېما

0

دوست

3000

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

15#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-17 21:18:22 |ئايرىم كۆرۈش
ئۈرۈمچىدىكىلەر موتو مىنەلمەمدۇ يا مىنگىلى قويمامدۇ؟بەك موتو ئالغىم باتى.

0

تېما

0

دوست

330

جۇغلانما

游客

16#
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-31 18:36:18 |ئايرىم كۆرۈش

مەن موتونى ئانچە مىنىپ كەتمەيمەن

             لىكىن ئات مىنىش بەك كۆڭۈللۈك 

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

17#
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-31 04:04:01 |ئايرىم كۆرۈش
Hello Harle( o# \! @: F, S0 o9 P: s
Hi Davidson
1 @/ ^" f7 A2 vWhat are you?
/ ]( r, ~% x' W; J6 r% E9 w............................

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

18#
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 18:28:27 |ئايرىم كۆرۈش
ئامراق تېمىلىرمتى

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

19#
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 09:10:24 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت!

0

تېما

0

دوست

42

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

20#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 17:30:35 |ئايرىم كۆرۈش

! o# ^* ], K8 t# @http://www.baofeng.com/play/18/play-776018.html
  n1 z4 \6 b& J9 |' z

1

تېما

0

دوست

17

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

21#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 14:26:03 |ئايرىم كۆرۈش
ئالامەت.  ئۈرۈمچىدە موتوسيكل ھەيدەش قانۇنلۇق بولغاندا 2001-2002 يىلىدىكى  VRSCA V-Rod نى ھەيدەشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

22#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:25:07 |ئايرىم كۆرۈش
چوقۇم مىنىپ باقمىساممۇ مىنگەننىڭ كەينىگە بولسىمۇ ئولتۇرۇپ باقمىسام.
7 Z: |5 [3 R$ c* b" y# x
This too shall pass
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 09:00 , Processed in 0.260133 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش