1950-يىللىرى 1950-يىلى لارري خېدرىك(Larry Headrick) خارلىي-دەيۋدسونغا ۋەكىللىق قىلىپ ئامېرىكا بويىچەAMAنىڭ لاي يول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
 بۇ يىل خارلىي-دەيۋدسون چەۋەندازلىرى مەملىكەتتىكى 24تۈر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرنىڭ 18دە بىرىنچى بولۇپ چىقىدۇ، ۋە 6 تۈردە رېكوردنى يېڭلايدۇ. 1952-يىلى يان كلاپانلىق Kمودىل ھۇجۇتقا چىقىدۇ، Kمودىلى كېيىنچە Sportsterشەكلىگە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگەن.  1953-يىلى خارلىي-دەيۋدسون ئۆزىنىڭ 50ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. بۇ چاغدا كىشىنى جەلىپ قىلارلىق بىر لوگو بارلىققا كېلىدۇ، بۇ Vشەكلىدە بولۇپ، شىركەتنى بۇ كۈنگىچە ئېلىپ كەلگەن موتورنى خاتىرلەش مەقسىدىدە ئېجاد قىلىنغان ئىدى، Vئۈستىگە توغرىسىغا”خارلىي-دەيۋدسون“دەپ يېزىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئاستىدا بولسا”50يىل-ئامېرىكا ياسىغان“دېگەن خەتلەر بار ئىدى. 1954-يىلدىكى مودىللارنىڭ ئالدى قالقانلىرىدا بۇ لوگو بار ئىدى.  لاي يول چەۋەندىزى جوئى لېئورناد(Joe Leonard) ئامېرىكىنىڭAMAبەيگىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.كېيىنڭى سەككىز يىلدا بەيگە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەممىسى خارلىي چەۋەندازلىرىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. 1955-يىلدىن باشلاپ خارلىي-دەيۋدسون چەۋەندازلىرى ئۇدا يەتتە يىل دەيتونا200نىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. چەۋەندازلار بولسا: برەد ئاندرېس، جونني جىبسون، جوئى لېئورناد ۋە روگېر رىمەن قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلارنىڭ مىنگىنىنىڭ ھەممىسىKRمودىلى ئىدى. 1956-يىلى يېڭىدىن چاقنىغان يۇلتۇز ئېلۋىس پىرېسلىي(Elvis Presley) ھەۋەسكار(Enthusiast)ژورنىلىنىڭ باھارلىق سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا 1956-يىللىق KH مودىلىنى مىنىپ چىقىدۇ.  1957-يىلى موتوسيكل ساھەسىدە Sportster®دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى موتوسيكل بارلىققا كەلدى. ئۇ 55كۇب ئىنچ كلاپانلىق موتورغا ئىگە بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىلا“Superbikes”نىڭ بىرىنچى ئورۇنىغا چىقتى. يەنە بىر يېڭى خارلىي-دەيۋدسون ئەنئەنىسى ۋە رىۋايىتى يارىتىلىدى.  1958-يىلى Duo-Glideمودىلى بىرىنچى بولۇپ كەينى چاق تورمۇزى ۋە كەينى ھېدرولىك ئاسقۇچ سېستىمىلىرىنى ئىشلىتىدۇ. بەيگىچى كارول رېسۋېبىر AMAنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ.  1960-يىللىرى 1960-يىلى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ Topper موتورلۇق كىچىك تىپتىكى سكۇتىر مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ بىرىنچى قېتىم كىچىك تىپتىكى سكۇتىر پلاتفورمىنى ئىشلەپچىقىرىشى ئىدى.  خارلىي-دەيۋدسون Aeronatica-Macchiنىڭ يېرىمىنى سېتىۋالىدۇ ۋە Aermacchiخارلىي-دەيۋدسون شىركىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياۋرۇپادىكى كىچىك تىپتىكى تاق سېلىندىرلىق موتوسيكل ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇپ قالىدۇ.  بۇ يىللىق دەيتونا200 بەيگىسىدىكى برەد ئاندرېسنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسدا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە كىرگەن 14 چەۋەنداز مىنگىنى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ 750 KRمودىلى ئىدى.  1961-يىلىSprintمودىلى مەيدانغا كېلىدۇ.  1962-يىلى خارلىي-دەيۋدسون شىركىتى Tomahawkقېيىق ياساش شىركىتىنىڭ60% پاي چېكىنى سېتىۋالىدۇ. خارلىي-دەيۋدسون موتوسيكل ياساشتىكى ئەينەك تالانىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل زاپچاس ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنTomahawkبۆلۈمى قۇرۇلىدۇ،1963-يىلى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ بىر تارماق زاۋۇتىغا ئايلىنىدۇ. 1963-يىلى رالف ۋايت دەيتونا200نىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ. مىنگىنى يەنىلا 750 KRمودىلى ئىدى. Serviئۈچ چاقلىق موتوسيكلى خارلىي-دەيۋدسون شىركىتىنىڭ بىرىنچى توك كۈچى ئارقىلىق قوزغىلىدىغان موتوسيكىلى بولۇپ قالىدۇ.  1965-يىلى Electra-Glide® مودىلى Duo-Glideنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ۋە ئەڭ يېڭى تىپتكى ئېلېكتىر قوزغىغۇچنى سەپلەيدۇ. Electra-Glideبولسا ئەڭ بۇرۇنقى قوشچاقلىق ئېكېكتىر قوزغىغۇچلۇق موتوسيكل ھېسابلىنىدۇ، ئۇزۇنغا قالماي Sportster® ئىشلەپچىقىرىش سېپىمۇ ئېلېكتىر قوزغىغۇچ سەپلەشكە باشلايدۇ.  جىئورجى روئېدىر 250cc Sprint CRبەيگە موتورى قوزغاتقۇچى قىلىنغانStreamlinerبەيگە موتوسيكلىگە مىنىپ Aدەرىجىلىك ۋە Cدەرىجىلىك بەيگىلەرنىڭ رېكوردىنى يېڭىلايدۇ.ئۇنىڭ سائەتلىك سۆرىتى 177مىلغا يەتكەن.  خارلىي-دەيۋدسون لاي يولى چەۋاندىزى بارت مارك 1965-يىللىق ۋە 1966-يىللىق AMA مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ. 1966-يىلى Electra-Glideمودىلى تۇنجى بولۇپ “Shovelhead”موتورىنى ئىشلىتىلىپ، Panheadنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.  1968-يىلى كال رەيبورن Daytona 200دە 750 KRموتوسيكلىنى مىنىپ”ئارقىغا-ئارقا“مۇسابىقىسىنى ئۇتۇپ چىقىدۇ.  1969-يىلى خارلىي-دەيۋدسون ئامېرىكا ماشىنا ۋە پىشقلاش شىركىتى(American Machine and Foundry Company (AMF))بىلەن بىرىكىپ، ئازادە مەسھۇلاتلارنى(leisure) ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇپ قالىدۇ. مېرت لوئىل لاي يولى بەيگىسىدە خارلىي-دەيۋدسون ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭAMAچېمپىيونلۇقىنى ئۇتۇپ بېرىدۇ. 1970-يىللىرى 1970-يىلىAMAنىڭ Cدەرىجىلىك مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى قائىدىسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن،بۇرۇنقى Sportster®نىڭ ئاساسىدا يېڭى تىپتىكى XR-750 موتوسيكلىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.  يۇتاھنىڭ ۋېندوۋىرغا يېقىن يېرىدىكى بوننېۋىل تۇز باياۋانىدا، چەۋانداز كال رەيبورن موتوسيكل بىلەن دۇنيانىڭ يەر يۈزى تېزلىك رېكوردىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.بۇ موتوسيكك 16فۇت ئۇزۇنلۇقتىكى streamlinerبولۇپ ،تاق Sportsterموتورىنى قوزغىغۇچ كۈچ قىلغان. ئۇنىڭ سائەتلىك سۈرىتى 265مىلدىن ئېشىپ كەتكەن.  1971-يىلى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خارلىي-دەيۋدسون FX 1200 Super Glideنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ نۇسخا بەيگە موتوسيكلىنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ ياسىلىشىغا( XLگە ئوخشايدۇ)ئىگە،شۇنداقلا powertrainموتورلۇق FLتۈرىنىڭ سىرىتقى تۇرقىغا ئىگە. شۇنداق قىلىپ خارلىي-دەيۋدسوننىڭ كرۇزىر(cruiser)ى دۇنياغا كېلىدۇ.  1972-يىلى يېڭى تىپتىكى ئالىيۇمىندىن ياسالغانXR-750ھۇجۇتقا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئىقىتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تېخمۇ يۇقۇرى ئىدى. كېيىنكى 30يىل مابەينىدە ئۇ لاي يول بەيگە موتوسيكل بازىرىنى ئىگەللەپ ياتىدۇ. لاي يول چەۋەندىزى مارك برەلسفورد مۇشۇ يىلى دەل XR-750گە مىنىپAMAنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ.  1975-يىلى خارلىي-دەيۋدسون داۋاملىقAMAنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1975-يىللىق چەۋانداز گەري سكوت بولغان بولسا،ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئەپسانىۋى چەۋەنداز جەي سپرىڭستىن بولىدۇ. 1977-يىلى خارلىي-دەيۋدسون دەيتونا دېڭىز ساھىلىدە تۇنجى بولۇپ FXS Low Riderمودىلىنى جامائەتكە تۇنۇشتۇرىدۇ.ئۇ سوزۇنچاق تۇتقۇچقا، ئۆزگىچە موتور ياسىلىشى ۋە پۈركىمە سىر بىرتەرەپ قىلىنىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىدى، Low Riderدېگەن ئىسمىغا لايىق ئۇنىڭ ئېگىرى تىپىك شەكىللەرگە قارىغاندا تۆۋەن ئىدى.مۇشۇ يىلدا يەنە ۋىللى جى دەيۋدسون Sportsterنىڭ دينامىك نۇسخىسى بولغان Cafe Racerتارقىتىلدى.   1979-يىلى “FXEF Fat Bob”مودىلى دۇنياغا كېلىدۇ، "Fat"”سېمىز“دىيىلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ قوش ماي باكى بولغانلىقىدە، "Bob"”قىسقا چاچ“ئۇنىڭ قىسقارتىلغان لاي توسۇغۇچى سەۋەبىدىن بولغان.  1980-يىللىرى 1980-يىلى خارلىي-دەيۋدسون يېڭى تىپتىكى FLTمودىلىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇنىڭ سىلكىنىشى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان.FLT تۇنجى بولۇپ موتور بىلەن بەش خوتلۇق ئايلىنىش سېستىمىسىنى زىچ بىرلەشتۈرگەن.  Kevlarخۇرۇم تاسمسى زەنجىر سۈرەت كېمەيتكۈچنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ،بۇنداق بولغاندا قوزغىتىلغاندا تېخىمۇ پاكىز بولىدۇ ۋە كۆپلىگەن تەڭشەش ھەم رىمونتقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خۇرۇم تاسمىلىق سۈرەت كېمەيتكۈچ خارلىي-دەيۋدسوننىڭ يېڭى ۋەكىل خارەكتىرلىك زاپچىسى بولۇپ قالىدۇ.  AMAلاي يول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى خارلىي-دەيۋدسون چەۋەندىزى رەندي گوس ئېلىپ كېتىدۇ.  Sturgisرالي بەيگىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن خارلىي-دەيۋدسون FXB Sturgisمودىلىنى ئشىلەپچىقىرىدۇ.  1980مودىل يىلىدا FXWG Wide Glideنۇسخىسى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.  1981-يىلى 26-ھۇد، 13نەپەر خارلىي-دەيۋدسوننىڭ مەسھۇل خادىمى بىر بايانات ئىمزالاپ، خارلىي-دەيۋدسوننى AMFدىن سېتىۋالماقچى بولىدۇ. سەپەر ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا توختام كېلىشىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن”تەنھا ئۇچقان بۈركۈت“ ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار شوئارىغا ئايلىنىدۇ.  سكوت پاركىر خارلىي-دەيۋدسونغا ۋەكالىتەن AMAبەيگىسىگە قاتنىشىشقا باشلايدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغا خارلىي-دەيۋدسون چەۋەندىزىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ 93مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىدۇ، ئادەمنى ئەڭ ھەيران قىلدۇرىدىغىنى ئۇ 10 يىل ئىچىدە 9 قېتىم پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.  1982-يىلى بىر قىسم يېڭى ئىجادىيەتلەر سۈپەتكە قارىتىلغان دىققەتنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن:FXR/FXRS Super Glide® IIلار ئۆزىگە كاۋچۇك قاپلىق بەش خوتلۇق موتورنى سەپلىگەن، يىڭى تىپتىكى Sportster®نىڭ جىسمى كەپشەرلەنگەن ھەم ئۇنىڭغا گۈل بېسىلغان ئىدى.  ئشىلەپچىقىرىشتا ”ئېھتىياجغا لايىق ماتىرىيال“ ئۇسۇلى قوللىنىلدى. بۇ ، پەقەت ئېھتىياجلىق بولغان زاپچاس ۋە ماتىرىيالنىلا سېتىۋېلىش دېگەنلىك بولۇپ، سېلىنىدىغان مەبلەغ مىقدارىنى كۆپ تۆۋەنلىتىپ، ساپانى ئۆستۈردى. 1983-يىلى خارلىي-دەيۋدسون خەلىقئارا سودا كومېتىتىغا چېگرا بېجىنى كېمەيتىش ھەققىدە تەستىقنامە سۇندى، ۋە 1-ئۈمۈت تەستىققا ئېرىشتى. بۇ يىل خارلىي-دەيۋدسوننىڭ ئەڭ ئۆزگىچە بولغان پائالىيىتى باشلاندى: خارلىي ئىگىلىرى گۇرۇپپىسى، قىسقارتىلىپ H.O.Gدىيلىدۇ. بۇ گۇرۇپپا تېزدىنلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زوۋۇت سپونسىرلىق قىلىنىدىغان گۇرۇپپىغا ئايلىنىدۇ. ئالتە يىلنىڭ ئىچىدە ئەزالىرى 90،000دىن ئېشىپ كېتىدۇ. 2000-يىلغا كەلگەندە بولسا سانى 500،000غا يېتىدۇ.  1984-يىلى خارلىي-دەيۋدسون بەش خىل مودىلدا 1340cc V2® Evolution®موتورىنى ئىشلەپچىقىرىپ ئىشلىتىدۇ، بۇ مودىللارنىڭ ئارىسدا ئەڭ يېڭى تىپتىكى Softail®مۇ بار ئىدى.بۇ موتور يەتتە يىللىق تەتقىقاتنىڭ نەتېجىسى بولۇپ، ئۇنىڭ سۈرەتتىكى ئىلگىرلەش كۈچى تولۇق، ئسسىقلىق چىقىرىشى ئاز، تېخىمۇ پاكىز ۋە تېخىمۇ ماي تېجەشلىك ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مەيدانغا كەلگەن Softailمودىلىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىچە لاھىيەگە ئىگە بولۇپ، موتوسيكلنىڭ ئارقا سىلكىنىش كېمەيتكۈچنى ”يوشۇرۇپ“ گۈزەللىك ئۈلگىسىگە ئايلانغان.   1986-يىلى خارلىي-دەيۋدسون تاشقى شەكىل لاھىيەسىدە يەنە بىر قېتىم يۈرەكلىك سىناق ئېلىپ بېرىپ Heritage Softailمودىلىنى ئىشلەپچىقارغان.  Sportsterموتوسيكل ئىشلەپچىقىرىش سېخى Evolution V-twinموتورىنى سەپلەشكە باشلىغان.  خارلىي-دەيۋدسون Holiday Ramblerشىركىتىنى سېتىۋالىدۇ، بۇ شىركەتمۇ ئۇزۇندىن بېرى يۇقۇرى سۈپەتلىك موتوسيكل ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭلىق ئىدى. 1987-يىلى خارلىي-دەيۋدسونXLH 883 Sportster بولغان”قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش پىروگراممىسى“نى باشلىدى، ئىككى يىل ئىچىدە FLۋە FXمودىللىرى پۈتۈنلەي كونىدىن يېڭىغا ئالماشتۇرۇلدى. 1988-يىلى FXSTS Springer® Softail®مودىلى يەنە بىر قېتىمSpringerئالدىنقى بۆلىكىنى سەپلىدى. بۇ يىل خارلىي-دەيۋدسون Sportster 1200نى ئىشلەپچىقاردى.  خارلىي-دەيۋدسون مىلۋوكىدا 85-يىللىق خاتىرە يېغىلىشىنى ئۆتكۈزدى، 60،000ئادەم بېرىپ قاتناشتى.  خارلىي-دەيۋدسون ھەركەتچان مۇزىيى سەييارە كۆرگەزمە قىلىشنى باشلايدۇ، ئۇلار جامائەتنىڭ ھوزۇرىغا خارلىي-دەيۋدسوننىڭ چوڭ تارىخى ۋەقەلىرىنى، كلاسسىك موتوسيكل مودىللىرىنى ۋە چەۋەندازلارنىڭ تەسىرلىك دەقىقىلىرىنى سۇنىدۇ.  سكوت پاركىر AMAنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى توققۇز قېتىملىق غەلبىسىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. 1990-يىللىرى 1990-يىلى FLSTF Fat Boy®دۇنياغا كېلىپ موتوسيكل لاھىيەسىنىڭ يېڭى رىۋايىتىگە ئايلىنىدۇ.  1991-يىلى پېنسىلۋانىيادىكى يورك پۈركىمە سىر زاۋۇتى قۇرۇلۇپ،31،000،000دوللار مەبلەغ سېلىنىدۇ ۋە 1992-يىلى خىزمەتكە كىرىدۇ. Dynaئىشلەپچىقىرىش سېخى 1991 FXDB Dyna Glide Sturgis®مودىلىنى چىقىرىدۇ. 1993-يىلى خارلىي-دەيۋدسون مىلۋوكىدا 90يىللىق خاتىرە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ بىر چوڭ توپلىنىش يېغىلىشى بولغان. بۇنىڭدىكى بىر پائالىيەتتە 100،000ئادەم تەشكىل قىلىنغان موتوسيكل توپى پاراد قىلغان.  1994-يىلى خارلىي-دەيۋدسون يېڭى مەسھۇلاتى VR1000نى ئىشلەپچىقىرىپ Superbikeبەيگىسىگە قاتنىشىدۇ.  بۇ يىل يەنە كلاسسىك شەكىل FLHR Road Kingدۇنياغا كېلىدۇ.  1996-يىلى فرانكىلىندا ئىلغار سەپلەنگەن زاپچاس ۋە قوشۇمچە ماترىياللارنى تەمىنلەش مەركىزى قورۇلىدۇ. 1997-يىلى يېڭى مەسھۇلاتلارنى تەتقىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى قۇرۇلىدۇ. بۇ ۋىللى ج.دەيۋدسوننى خاتىرلەش ئۈچۈن ياسالغان ئىدى.  كەنساس شەھىرىدە قۇرۇلغان 330،000كۇۋادىرات مىل كېلىدىغان يېڭى زاۋۇت تۇنجى بولۇپ Sportsterموتورىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. 1998-يىلى خارلىي-دەيۋدسوننىڭ 95يىللىق خاتىرىسىنى ئۆتكۈزىدۇ. 140،000موتوسيكل چەۋەندىزى مىلۋوكى خەلىقىنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشغا ئېرىشىدۇ.  يېڭى قۇراشتۇرۇش سىخى بىرازىلىيەنىڭ مانائۇس شەھرىدە قۇرۇلىدۇ. بۇ خارلىي-دەيۋدسوننىڭ چەتئەلدىكى تۇنجى زاۋۇتى ئىدى. خارلىي-دەيۋدسون Buellموتوسيكل شىركىتىنىڭ 49%پاي چېكىنى سېتىۋالىدۇ، ۋە ئېرىك بۇئېلنىڭ بۇئېل شىركىتىنىڭ خوجايىنى قىلىپ سايلايدۇ.. 1999-يىلى Touringۋە Dynaموتوسيكل ئائىلىسى ئەڭ يېڭى Twin Cam 88موتورىنى سەپلەيدۇ.  2000-يىللىرى 2000-يىلى FXSTD Softail® Deuce™مودىلى چەۋەندازلارغا ۋە موتوسيكل مېدىئاسىغا تونۇشتۇرىلىدۇ.  2000-يىللىق مەسھۇلاتتا يەنە، Softailمودىلى Twin Cam 88Bموتورىنى سەپلەيدۇ، بۇ Twin Cam 88نىڭ تەڭپۇڭ نۇسخىسى ئىدى.  Buell بۇ يىللىق مەسھۇلات ئۈچۈن Blastتاق سېلىندىرلىق موتوسيكلنى ئىشلەپچىقىرىپ ياخشى باھالارغا سازاۋەر بولىدۇ.  2001-يىلى 2002يىللىق مودىل ئۈچۈن VRSCA V-Rodنۇسخا تونۇشتۇرىلدى. بۇ نۇسخا VR-1000بەيگە موتسيكلىدىن ئىلھام ئالغان بولۇپ،خارلىي-دەيۋدسوننىڭ كۆپ ئىقتىدارىنى ئۆزىگە جەملىگەن تىپ ئىدى. موتورنىڭ ئىش سەرپىياتى 115ئات كۈچىگە تەڭ كېلەتتى.  بۇ يىل 17ياشلىق جېننىفىر سنيدىر ئامېرىكا فورمۇلا لاي يول مۇسابىقىسىدە نەتىجە قازانغا بىرىنچى ئايال چەۋەندازغا ئايلىنىدۇ.  2002-يىلى ئەڭ يېڭى Buell® Fireboltمودىلى ھۇجۇتقا چىقىدۇ. چىللىدە، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان خارلىي-دەيۋدسوننىڭ 100يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مەقىستىدە، Open Roadئايلانما مۇسابىقىسى ئاتلانتادا ئۆتكۈزىلىدۇ. 2003-يىلى Buellشىركىتى Lightning® XB9Sمودىلىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.  250،000دىن ئارتۇرق ئادەم Open Road ئايلانمىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان مىلۋوكىغا كېلىپ خارلىي-دەيۋدسوننىڭ 100يىللىقىنى خاتىرلەيدۇ.  2004-يىلى FLHRSI Road Kingمودىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.  2005-يىلى Sportsterسىخى XL 883L Sportster® 883 Low دىن ئىبارەت پەس ئىگەرلىك موتوسيكلنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.  FLSTNI Softail® Deluxeمودىلى 1939-يىلدىكى، FLSTSC/I Softail® Springer® Classic بولسا 1940يىلدىكى خارلىي-دەيۋدسوننى ئەسلەش ئۈچۈن ئۇلارغا تەقلىت قىلىپ ياسىلىدۇ.   2006-يىلى تۇنجى ئالتە خوتلۇق موتور 2006-يىللىق مودىل Dynaموتوسيكلىدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداقلا Dynaئائىلىسىدىكى FXDB/I Street Bob™گىمۇ قوشۇلىدۇ.  بۇ يىل يەنە ئەڭ يېڭى تىپتىكى مودىل FLHX/I Street Glide، ساياھەت موتوسيكلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.  2006-يىلى 8-ئۈمۈت، خارلىي-دەيۋدسوننىڭ جۇڭگودىكى بىرىنچى ساتقۇچى شېرىكى بېجىڭدە تېجارەت باشلايدۇ. خارلىي-دەيۋدسوننىڭ بارلىق 5تۈرى پۈتۈنلەي جۇڭگو بازىرىغا كىرىدۇ.  |