تۆۋەندە فوربىس(forbes)نىڭ دالا ماشىنىلىرىنىڭ دالا كېزىشتىكى ئىقتىدارلىرىغا ئاساسەن ئىلان قىلىغان ئەڭ ياخشى 10دالا ماشىنىلىرىنىڭ نام تەرتىۋى 1. خەممىر (H3 ( Hammer ئامېرىكىدىكى باھاسى: $32,345-$42,085   H3 ئەسلىدىكى خەممىر ئائىلىسنىڭ دالا كېزىشتىكى مۇنەۋۋەر ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان، لېكىن جۇغىنىڭ كىچىك چاققانلىقى ۋە يېقىلغۇ تېجەشچانلىقى ئۇنى بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرغان. 2. جىپ(Jeep) كوماندىر(commander) ئامېرىكىدىكى باھاسى: $28,330 - $43,665   جىپ كوماندىرى بولسا جىپ كاتتا(Grand) چېروكى(cherokee) ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، جىپ شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق 7 كىشىلىك شەكلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا قاراشتىلا ئۆتكۈر قىرلىق سىرىتقى كۆرۈنۈشى كۆزگە ئالاھىدە چېقلىدۇ.ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى يەنىلا جىپ ئائىلىسىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسىلىق قىلغان. 3. جىپ كاتتا(Grand) چېروكى(cherokee) ئامېرىكىدىكى باھاسى: : $29,420 - $43,290   كاتتا چېروكى جۇڭكو بازىرىدا كىشلەرگە ناھايتتى تونۇش بولغان دالا كەزگۈچى بولۇپ. ئۇ ھەقىقەتەن كونا شەكىلگە قارىغاندا كۆپ چىرايلىق، بىراق يەنىلا ئەڭ ئۆلچەملىك جىپ نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ. 4. جىپ رۇبىكون(Rubicon) ئامېرىكىدىكى باھاسى:$19,505 - $30,240   جىپ رۇبىكوننىڭ لاھىيلىنىشى ئاددى لېكىن جەزبىدار بولۇپ،قارىماققا پەقەتلا چۆل-دالىلاردا كېزىش ئۈچۈنلا ياسالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. 5. 2008لەند روۋېر(Land Rover) رەنج روۋېر(Range Rover) #باھاسى: $77,175 - $92,825   رەنج ھازىر دۇنيادىكى تۆپ چاقى تارتىدىغان ماشىنلار ئىچىدىكى ھەشەمەتلىك شەكىل ھېسابلىنىدۇ. SUVنىڭ ئەڭ ئالى دەرىجىلىكى بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ ئوبرازى ۋە نامى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھەممە ئادەم ئاغزىدىن چۈشۈرمەي سۆزلىشىدىغان «ھەممە يەرشەكلىگە ماس كېلىش سېستىمىسى» بىردىنبىر ئۆزگىچىلىگى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سېستما ئادەتتىكى يول، قارلىق، شېغىللىق، پاتقاق ۋە ئەگرى-توقاي يوللار، قۇملۇق، تاشلىق قاتارلىقلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە، بۇ خىل يوللارغا يولۇققاندا سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا ئېكىراندا ئاددى سۆرەت ئارقىلىق مەلۇمات بېرىدۇ، شوپۇر شۇنىڭغا ئاساسەن كونوپكىنى مۇۋاپىق تەڭشىسلا ھەر خىل يوللاردا بىمالال يۈرەلەيدۇ. 6. لەند روۋېر بايقاش3(Discovery) #باھاسى: $48,525 - $54,025   بايقاش3 بولسا ئوتتۇرا دەرىجىلىك دالا ماشىنىسىغا تەۋە. ئالى دەرىجىلىك رەنج روۋېرنىڭ قىممەت باھاسىنى دەپ بولسىمۇ كىشىلەر ئۇنى پاتقاقلاردا چاپتۇرۇشنى خالىمىسا كېرەك. لېكىن بايقاش3 بۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرۇپلا قالماي لەند روۋېرنىڭ دالا كېزىش ئەنئەنىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ مەيلى دالىدا ياكى تۈز يولدا بولسۇن ئۆزىنى كۆرسىتشكە تەييار. 7. مېرسېدېس بېنز Mercedes-Benz) G)كىلاس #باھاسى: $88,200 - $111,900    بېنز G بولسا بېنز دالا ماشىنىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قىممەت ۋە ئەك ئېغىر بىر تىپى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن GL-Classنىڭ چىقىشى بىلەن ئۇ ئەڭ چوڭ تىپى بولالماي قالدى. ئۇنىڭ باھاسىنىڭ شۇنچە قىممەت بولۇشىدىكى سەۋەب بەلكىم ئۇنىڭ كۈچلۈك دالا كېزىش ئىقتىدارى بولسا كېرەك ھەمدە بۇ ئۇنىڭ تۆت بۇرجەكلىك تاشقى شەكلى بىلەن ماس كەلگەن. قاراشقا بېنزGنىڭ تاشقى شەكلى ئۇنى 80 -يىللارغا تەۋەدەك كۆرسەتسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ لاھىيەلىنىش ۋە ياسىلىش ھۈنەرۋەنچىلىكى پۈتۈنلەي ھازىرقى دەۋىرگە تەۋە. 8. 2008 نىسسان(Nissan) يول تاپقۇچى(pathfinder) ئامېرىكىدىكى باھاسى: $26,980 - $39,980    بۇ جۇڭگودا تېخى سېتشقا كىرگۈزۈلمىگەن شەكىل بولۇپ، ئەينى چاغدا پۈتۈن شەكىل ۋە ئالاھىدە قوش ئىشىكتىكى لاھىيەسى بىلەن زور ئۇتۇق قازانغان. بۇ ھەم يول تاپقۇچىنىڭ SUVخەرىتىسىدىكى مۇقىم ئورنىنى جەزىملەشتۈرگەن. 9. TOYOTAتويوتا FJكرۇزېر(cruiser) جۇڭگودىكى باھاسى: 450مىڭ   FJكرۇزېر تويوتاغا نىسبەتەن، خۇددى ب م ۋ نىڭ مىنى(Mini)سىغا، ۋولكىسۋاگىننىڭ خانقىزىغا ئوخشايدۇ. بۇ تويوتانىڭ كىلاسسىك شەكىلگە ئايلانغان FJ40نى خاتىرلەش ئۈچۈن ئىشلىگەن شەكلى ھېسابلىنىدۇ. 10. ۋولكىسۋاگىن(volkswagen) توۋرەگ(touareg) ئامېرىكىدىكى باھاسى: $39,300 - $68,340   توۋرەگ بوئىن 747ئايرۇپىلاننى تارتىۋاتقان رەسىمنى كۆردۇق. ھەقىقەتەن ئۇ ئايرۇپىلاننى تارتىپ 150مېتىر ماڭغان، كەينىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ھىچقانداق زەخمگە ئۇچىرىمىغانلىقى ئېنىقلانغان. گەرچە بۇ ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ بىر قېتىملىق تەشۋىقان پائالىيتى بولسىمۇ لېكىن توۋرەگنىڭ كۈچلۈك تارتىش ئىقتىدارى ئادەمنى قائىل قىلىدۇ. سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكى دالا ماشىنىسى قايسى؟ بۇ يازمىنى 2008-10-11 0:14:46 Achilles تەستىقلىغان! |