گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 3082|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شېريل كرۇۋ(sheryl crow)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

0

دوست

726

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-21 23:07:52 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

                             

   شېريل كرۇۋنىڭ تولۇق ئىسمى شېريل سۇزەننا كرۇۋ بولۇپ 1962-يىلى 11-ھۇدتا ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى شىتاتىنىڭ كەننېتتە تۇغۇلغان. ئۇ ناخشچى، ناخشا يازغۇچى ۋە مۇزىكانت. ئۇنىڭ كۈي ئۇسلۇبى روك، سەھرا، پوپ، خەلىق ۋە بلۇزلاردىن يۇغۇرۇلغان ئاساسى ئېقىمدىكى ئاھاڭ بولۇپ ئۇ توققۇز گراممي مۇكاپاتىنى ئۇتقان. ئۇ شۇنداقلا بىر سىياسىي پائالىيەتچى.
   شېريل كرۇۋ كۈيلىرىنىڭ مىلودىيسى ۋە ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئامېرىكىنىڭ پوپ ۋە روك ساھەسىدە  ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە.
 
       دادىسى ئەترەتنىڭ كۈيچىسى ۋە ئانىسىنىڭ پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسى بولۇشىدەك كېلىپ چىقىشى شەريل كرۇۋنى كىچىگىدىنلا ھەرخىل سازلار بىلەن ئۇچراشتۇرغان ۋە ئۇلارنى چېلىشقا ئۆگەتكەن. ئائىلىنىڭ تەسىرىدىن سىرىت ئۇنىڭ ئالاھىدە كۈي تالانتى دەسلەپكى يىللاردىن باشلاپلا نامايەن بولۇشقا باشلىغان. ئۇ 13ياش ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بىرىنچى ناخشىسىنى ئىجاد قىلغان.
    چوڭ بولغاندىن كېيىن شېريل كرۇۋ مىسسۇرى ئۇنېۋىرسىتىتىغا مۇزىكا ئۆگىنىشكە كىرگەن. شۇ چاغلاردا ئۇ  بىر يەرلىك ئەترەتتە كى_تاختا(كونوپكا تاختا) چالاتتى.ئۇنېۋىرسىتىتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەريل كرۇۋ ھەممە ئىشى ئوڭۇشلۇق ھالدا كۈي ساھەسىگە قەدەم قويالمىدى، بەلكى ئۇ سانت لۇئىس يىزىسىدا ئاددى بىر مۇزىكۈي ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. بۇمۇ بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ ئەپسانە تۈسىنى ئالغان مۇزىكۈي ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان. ئۇ كۈندۈزى كۈي ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلاتتى ۋە بىر كىچىك كۈي ئەترەتنىڭ ناخشىچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. كەچلىرى بەزىبىر ئۈنگە ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇ 24يېشىغا كىرگەن يىلى بوپىلىرىنى تېڭىپ پۈتۈن زىھنى بىلەن كۈي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن لوس ئانجىلىسقا ئاتلىنىدۇ.
     ئۇنىڭ لوس ئانجىلىسدىكى سەپىرىمۇ دەسلەپتە ئوڭۇشلىق بولمايدۇ، ئۇ پەقەت بەزىبىر ئۈن ئېلىش سورۇنلىرىدا ئۇششاق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي كەسىپ جەھەتتىكى ئۇتۇقىنى دەسلەپكى قەدەمدە قولغا كەلتۈرىدۇ.1987-يىلى بىر قېتىملىق ئاۋاز سىناش ئارقىلىق شۇ چاغدىكى پوپ شاھى مايكىل جەكسوننىڭ (يامان) نامىدىكى دۇنيا سەييارە كونسىرتىنىڭ تايانچ ناخشىچىسى بولۇش شەرىپىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەن ئۆزگىچە بولغان ئاۋازىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن ئۆزىنىڭ تاشقى ئوبرازى بىلەنمۇ كىشلەردە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، ھەم بۇنىڭ بىلەن مايكىل جەكسوننىڭ مەخپىي يارى دىگەندەك غەيۋەتلەرگىمۇ قالىدۇ.

      
   ئىككى يىلغا سوزۇلغان سەييارە ئويۇندىن كېيىن ئۇ يەنە قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالىدۇ.  ئۇ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان شىركەتلەرنى ئىزدەيدۇ، گەرچە نۇرغۇن توختام تۈزۈشنى خالايدىغان شېركەتلەرنى تاپسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئۇنى بىر دانسېكۈي ئۇسلۇبىدىكى ناخشىچى قىلىپ پەردازلاپ چىقىش ئىدى،لېكىن بۇ شەريل كرۇۋنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنىلا ئۆزىنى قوللايدىغان شېركەت تېپىش ئۈمىدىدە يۈردى. شۇنداق قىلىپ يەنە يېرىم يىل ۋاقتىنى بىكارغا ئۆتكۈزدى.  ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا تاجىلىق ناخشىچىلارنىڭ زاپاس ۋە سەھنە ئىسستقۇچى ناخشىچىسى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىم ئۇ ئالدى كەينى بولۇپ بوب ديلەن، جىئورجى خارىسون، ستىڭ، ستىۋ ۋوندىر، جوئى كۇكېر، سىنىئاد ئوكونىر، رود ستىۋورت ۋە سانىڭ ناخشىچىسى دون خەنلېيلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بۇ قېتىم بۇنداق داڭلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق شەريل كرۇۋ ئۆزىگە نۇرغۇن تەجرىبە توپلىدى ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى بىر پەللە كۆتەردى.
   نۇرغۇن يىللىق ئۈزلۈكسىز تىرىشىش داۋامىدا شەريل كرۇۋ ئاخىرى بولۇپ1992- كۈي ئىشلىگۈچى خىيۇ پەدئەم بىلەن تونۇشتى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىرىنچى ئالبۇمنىڭ ئىشلىنىشىگە تۇتۇش قىلىشقا باشلىدى. بىراق خىيۇ پەدئەممۇ بۇنى بىر پوپ ئالبۇم قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، بۇنىڭغا شەريك كرۇۋنىڭ قەددىي نىيەتتە قارىشى تۇرۇشى بىلەن بۇ ئالبۇمنىڭ ئىشلىنىشى توختىتىپ قويۇلدى.
    لېكىن بۇرۇقى بىر يېرىم يىلغا سوزۇلغان بىكارچىلىقتىن كېيىن شېريل كرۇۋ بۇ قېتىمقى  ئوڭاي كەلمەيدىغان ئالبۇم تارقىتش پۇرسىتىنى ئېنتايىن قەدىرلىگەن ئىدى. 30ياشقا كىرگەندە ئۇ بۇ پۇرسەتتىن ئايرىلسا يەنە بۇنداق ئامەتنىڭ ئۇنىڭغا كېلىشى تەس ئىدى. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇ توقۇنۇشتا ئىدى.  دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدىكى كۈي ئېنجىنىرى كەيۋېن گىلبېرت(kevin gilbert) ئۇنىڭ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلدى. ئۇلار بىر تۈركۈم ئادەملەرنى يېغىپ ئانسامبىلنى مۇقىملىدى.دەل مۇشۇ نامسىز ئادەملەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا شەريل كرۇۋنىڭ كۈي تالانتى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىشقا ئېرىشتى. ئۇلار بىرلىشىپ ئورۇنلىغان كۈيلەر شەريل كرۇۋنى ناھايتتى رازى قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمىدى.
      1993-يىلى ئۇنىڭ بىرىنچى كۈي ئالبۇمى«سەيشەنبە كېچىلىك كۈي كلۇبى»《Tuesday Night Music Club》 تارقىتىلدى. بۇ چاغدىكى شەيرىل كرۇۋ 31ياشقا كىرگەن ئىدى. بۇ بىر ئايال ناخشىچى ئۈچۈن ئېيتقاندا سەل كېچىككەن ئىدى.  بۇ ئالبۇم دەسلەپتە ئانچە كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بولسىمۇ كېيىنچە «بارلىق قىلىشنى خالايدىغانلىرىم»《All I Wanna Do》دېگەن ناخشىسى 1994-يىللىق يازدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىغا ئايلاندى. بۇ پەۋقۇلادە ناخشىىڭ تۈرتكىسدە ئۇنىڭ بىرىنچى ئالبۇمى ئويلىمىغان يەردىن 7ئاق ئالتۇنغا يەتتى. شېريل كرۇۋمۇ شۇ يىلدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يېڭى ئادەمگە ئايلاندى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ شانلىق دەۋىرى يېتىپ كەلدى.

       
    كەسىپ جەھەتتىكى بۇ بۆسۈشتىن كېيىن شېريل كىرۇۋ يەنىلا كەينى-كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى.  دەسلەپتە بۇرۇنقى ھەمكارلىشىۋاتقان ئانسامبىلى بىلەن زىددىيەت پەيدا بولۇپ، ئاخىرىغىچە ياخشىلىنالماي پارچىلىنىشقا قاراپ ماڭدى. بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى يەنە بۇرۇن ئۇنىڭغا زور ياردەم قىلغان كەيۋېن گىلبېرت تۇرمۇشىنىڭ قالايمىقانىلقى تۈپەيلى ئۆيىدە جەسىدى بايقىلىدۇ. كېيىنچە سەپداشلىرى بىر-بىرلەپ ئۇنىڭ بىلەن زىددىيەتلىشىدۇ، شۇنداق قىلىپ «سەيشەنبە كېچىلىك كۈي كلۇبى» نامىدىكى ئانسامبىل تارقىلىپ كېتىدۇ.
    1996-يىلى «شېريل كرۇۋ»دىگەن ئىككىنچى ئالبۇمىنى تارقىتىدۇ. نۇرغۇن ھاياتنىڭ ئوقۇبەتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شېريل كرۇۋنىڭ كۈي چۈشەنچىسى ۋە ئىپادىسى تېخمۇ كۈچەيگەن ئىدى. بۇ ئالبۇم بارلىق كىشلەرنى تەسىرلەندۈردى. بۇ ئالبۇمنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق ناخشىلىرى مۇنەۋۋەر تاختىغا چىقىدىغان ناخشىلار ئىدى. ئالبۇمنىڭ سېتىلىشى ئاسانلا 3مىليونغا يەتتى. ھەقىقەتەن بۇ ئاسانغا كەلمىگەن ئىدى، سەۋەبى ئۇنىڭ بەزى تېكىستلىرىدە ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش ساھاسىنىڭ سەركىسى بولغان ۋولمارت(WalMart)شېركىتىنى چۈشۈرگەن سۆزلەر بار ئىدى.بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ۋولمارت ماگزىنلىرى بۇ ئالبۇمنى چەكلىدى.

               
     1997-يىلى شېريل كرۇۋ ئۆزىنىڭ كونسىرتىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن روللىڭ ستوننىڭ بابيلون كۆۋرۈكى ناملىق سەييارە كونسىرتىغا قاتناشتى، ھەم يەنە بىر ناخشىچە ساراھ ماكلاھلەننىڭ چاقىرىقى بىلەن Lilith Fairناملىق ئاياللار ھوقوقى پائالىيەت ئويۇنىغا قاتناشتى. كەينىدىن يەنە 007نىڭ تېما ناخشىسىنى ئىجاد قىلدى.
   1998-يىلى شېريل كرۇۋنىڭ 3-ئالبۇمى «يارشارى يىغىنى»《The Globe Sessions》رەسمىي تارقىتىلدى، بۇ شەريل كرۇۋنىڭ ئەنئەنىۋى روك ۋە باشقىچە(ئالتىرناتىۋ)روك ئۇسلۇبىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن مەزگىلى ئىدى. لېكىن بۇ ئالبۇم ئالدىنقى ئىككىسىگە سېلىشتۇرغاندا سودا جەھەتتىكى تۆۋەنگە سېيرىلىش ھالىتىنى كۆرسەتتى. گەرچە تاختىنىڭ ئالدىنقى ئونىنچىلىكتىن چۈشمىگەن بولسىمۇ....

               
    1999-يىلى شېريل كرۇۋ ئادەم سەندلېر(Adam Sandler)نىڭ كومىدىيە فىلىمى (يوغان دادا)《Big Daddy》نىڭ ئۈن دىسكا ئالبۇمى ئۈچۈن مۇۋەپپىقىيەتلىق ھالدا داڭلىق روك ئەترەت مىلتىق ۋە ئەتىرگۈلنىڭ «تاتلىق بالام»نى ئېيتتى.
    2002-يىلى ئۇنىڭ 4-ئالبۇمى《C'mon C'mon》تارقىتىلدى. بۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئاق ئالتۇنقا يەتتى.

                       

2003-يىلى 4-ئوغلاقتا شېريل كرۇۋ كۈي ساھەسىگە قەدەم باسقاننىڭ بېرىسىدىكى بىرىنچى تاللانما ناخشا ئالبۇمى« شېريل كرۇۋنىڭ ئەڭ ئېسىللىرى»《The Very Best of Sheryl Crow》نى تارقاتتى.

                         
    2005-يىلى مىزاننىڭ باشلىرىدا يەتتە قېتىم فىرانسىيەنى ۋېلىسپىت بىلەن ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان لانسې ئامستروڭ (Lance Armstrong) سىرىتقا ئۆزىنىڭ شېريل كرۇۋ بىلەن نىكاھلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

          

             

2005-يىلى 27-مىزاندا شېريل كرۇۋ ئۆزىنىڭ بەشىنچى ئالبۇمى«ياۋا گۈل»《Wildflower》نى تارقىتىدۇ. 

              
    شۇنداق قىلىپ بۈگۈنگىچە ئۇ گراممينىڭ توققۇز تۈردىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 1994-يىلىدىكى«بارلىق قىلىشنى خالايدىغانلىرىم» دىگەن ناخشىسى بىلەن ئەڭ ياخشى يېڭى ئەرتىس، ئەڭ ياخشى ئايال پوپ ناخشىچى(Best Female Pop Vocal Performance) ۋە يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۈنتەخسە(Record Of The Year) قاتارلىق ئۈچ تۈردىكى مۇكاپاتنى ئۇتىدۇ.
   1996-يىلى ئىككىنچى ئالبۇمىدىكى ناخشىسى «ئەگەر بۇ سېنى خوشال قىلسا»《If It Makes You Happy》ئۇنىڭغا گراممىينىڭ ئەڭ ياخش ئايال روك ئورۇنلىغۇچى(Best Female Rock Vocal Performance) ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر روك ئالبۇم(Best Rock Album)مۇكاپاتىنى ئۇتۇپ بەردى.
   1998-يىلى ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئالبۇمى 41-نۆۋەتلىك گراممىي مۇكاپتىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر روك ئالبۇم بولۇپ باھالاندى. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئېژىنىر تېخنىكلىرى يىللىق كىلاسسىك ئەمەس- ئەڭ ياخشى ئېژنىرلانغان ئالبۇم(Best Engineered Album - Non-Classical)مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
   1998-يىلى ئۇنىڭ قاپلىما ناخشىسى« تاتلىق بالام»مۇ 42-نۆۋەتلىك گراممي مۇكاپاتىدا ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال روك ناخشىچى مۇكاپاتىنى ئۇتۇپ بەردى.
  2000-يىلى سودا جەھەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئالبۇمى«شېريل كرۇۋ ۋە  دوستىلىرى: مەركىزى باغدىكى نەقمەيدان»《Sheryl Crow and Friends: Live in Central Park》دىكى  «ئۇ يەردىكى خوشنىدارچىلىق»《There Goes The Neighborhood》دىگەن ناخشىسى ئۇنى 43-نۆۋەتلىك گرامميدا 3-قېتىم ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال روك ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتۇردى.

                 
     2003-يىلدىكى 45-نۆۋەتلىك گراممىي مۇكاپاتىدا شېريل كرۇۋ 《C'mon C'mon》ئالبۇمىدىكى «ستېۋ ماككۋىن» 《Steve McQueen》دىگەن ناخشىسى بىلەن 4-قېتىم ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال روك ناخشىچى مۇكاپاتىنى ئېلىپ كەتتى. بۇ شانلىق نەتېجىلەر ئۇنىڭ يەنە ئىلگىرلەش قەدىمىنى ئاستىلىتىپ قويمىدى، ئۇ بەلكىم بۇ رىكوردىنى يەنە يېڭلىغۇسى.

بۇ يازمىنى 2008-9-22 1:09:38 Achilles تەستىقلىغان!

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-21 23:18:45 |ئايرىم كۆرۈش

                                   بارلىق قىلىشنى خالايدىغانلىرىم-all i wanna do

          

0

تېما

0

دوست

1510

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-21 23:21:08 |ئايرىم كۆرۈش

ۋودىستوك 99بىلەن كىلاپتون بىلەن بىللە ئېيىتقان ناخشىلىرىنى بەك ياخشى كۈرىمەن.بۈگۈن ھەيرانلىغىمنى يۇشۇرالمىدىم.ھەتتا بۇنى ياخشى كۈردىغانلارمۇ بار ئىكەن.مەندە خېلى كۆپ ئالبۇملىرى بار.باس گىتارنىمۇ ياخشى چالىدۇ.

http://www.youtube.com/watch?v=rtU1H8YyG_g

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-21 23:22:54 |ئايرىم كۆرۈش

          ئەگەر بۇ سېنى خوشال قىلسا- if it makes you happy

         

   ۋۇدستوكدا ئېيتقىنىمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن 

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-21 23:33:53 |ئايرىم كۆرۈش

                                 تاتلىق بالام

    

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-21 23:41:30 |ئايرىم كۆرۈش

                 ئۇ يەردىكى خوشنىدارچىلىق

                          

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-21 23:46:15 |ئايرىم كۆرۈش

                             ستىۋ مېككۋىن

     

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-21 23:50:53 |ئايرىم كۆرۈش

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خاتالىقىم____my favorite mistake

      

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

9#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-22 02:56:55 |ئايرىم كۆرۈش
تاتلىق بالام  دىگەن ناخشىنى مەن مېنىڭ تاتلىق بالىلىقىم دەپ چۈشۈنۈپ يۈرەتتىم.

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

10#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-22 09:04:58 |ئايرىم كۆرۈش
بىر تالانت ئىگىسىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،رەھمەت

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

11#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-22 22:39:58 |ئايرىم كۆرۈش
مەن ئۇنىڭ ئىسىق سوغۇقلارنى يېڭىپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپقانلىقىدىن ئىنتايىن سۈيۈندۈم،،،،،،،،ئىنسان نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئىتقادنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتىم(گۈللۈگ)ئەپەندىم سىزنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش نادىر تىمىلارنى يوللاپ بىزگە ئىلھام بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن............بىزگە نېرۋىلېرىمىزنى دائىم( غىدىقلىغۇچ دورا)كېرەك،،،،،،،،،،،،،،،،،

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

12#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-22 13:03:37 |ئايرىم كۆرۈش

ھەممە ئادەمنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلىتىدىغان تېمىمۇ بۇ؟

ھا ھا ھا ...   مۇزىكانتالار ياخشى مۇزىكىلارنى  مەشىق قىلىپ ئىلگىرىلىسە مەنمۇ مۇشۇنداق ياخشى مۇقاۋا لايھەلىرىنى ئوخشۇتۇپ  ياساپ تەجىربە توپلايتتىم...  

 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

13#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-22 14:01:01 |ئايرىم كۆرۈش
سىز لاھىلىگەن بولسىڭىز ھەقىقەتەن قالتىس بوپتۇ بۇ لاھىيە.....................

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

14#
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-23 00:21:39 |ئايرىم كۆرۈش
نۇرغۇن نەرسىنىڭ گۈل بىلەن مۇناسىۋىتى باركەن.......

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

15#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-25 08:50:39 |ئايرىم كۆرۈش

"ئەگەر بۇ سېنى خوشال قىلسا" دېگەن ناخشدىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلار؟؟؟؟؟

 مەن مۇنداق ئويلىدىم: ئەگەر بۇ سېنى خوشال قىلسا، مېنى ئەۋرىشكە قىلىۋال...

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

16#
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 13:48:42 |ئايرىم كۆرۈش
دائىم سېنىڭ تەرىپىڭدە& k. }0 l; V% e2 Y

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

17#
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 03:16:31 |ئايرىم كۆرۈش
تاتلىق بالامنى بەك بەك بەك ياخشى كۆرىمەن .  ئامراق ناخشىلىرىم تىزىملىكىدە بۇ ناخشا بار.! \5 i& T* o/ h" V
  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 10:33 , Processed in 0.200888 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش