 ۋولۋو XC60ئالدىنقى يىلى ئۇمۇتتە ماشىنا كۆرگەزمىسىدىلا مەملىكەت ئىچىدە كۆزگە چېلىققان ئىدى. ھازىرغىچە XC60چەتئەللەردە رەسمىي بازارغا سېلىنىپ بولدى. جۇڭگو بازىرىغا بولسا مۇشۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق رىقابەتچىلىرى BMW X3. Audi Q5 . Land Rove freelander2. لەر بولۇپ قالىدۇ. ۋولۋوXC60بولسا ۋولۋو ئائىلىسىدىكى ئەڭ مەغرۇر تاشقى قىياپەتكە ئىگە بولغان ماشىنا شەكلى ھېسابلىنىدۇ.  بۇ ماشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ۋولۋونىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ تېخىمۇ بىخەتەرلىكنى قوغلاشقان. بولۇپتۇ شەھەر بىخەتەر(City Safety)لىك سېستىمىسىنىڭ سەپلىنىشى ئۇنى شەھەر ئىچىدىكى سوقۇلۇشلاردىن ساقلىغان. مەسىلەن، قاتناش قستاڭچىلىقىدا شوپۇر ئالدى تەرەپتىكى ئەھۋالغا تېز ئىنكاس قايتۇرالماي قالغان چاغدا ماشىنا ئۆزلىكىدىن توختىۋالىدۇ. ۋولۋونىڭ بۇ تىپىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى 500مىڭدىن 600مىڭغىچە بولۇشى مۈمكىن دېگەن قىياسلار بار. بۇ ماشىنىنىڭ ئامېرىكىدىكى باھاسى بولسا 35مىڭ دوللار بولغان. بۇ يازمىنى 2009-2-26 22:51:59 Achilles تەستىقلىغان! |