گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 3807|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كاككۇك بىلەن زەينەپتىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-14 15:50:02 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

بىر ياغلىق ئانار ئالدىم ھېيتكاھدىكى مەممەتتىن.
بۇ كۆيەك كىمدىن قالغان؟ سېنىڭ بىلەن مەندەكتىن.
بار دىگەندە بارغان بىز، يېنىڭ دىگەندە يانغان بىز.
ئالتۇن زەنجىر ئەپبېرىپ ئانىڭدىن كىيىن سۆيگەنبىز.

قەشقەرنىڭ بازارىدىن ئەنجۈر ئانار ئەپ بېرەي.
ئىچىمدىكى دەردىمنى كىمگە بېرىپ دەپ بېرەي.
بىر سەكرەپ ئۆتەپ كەتتىم، مەھەللەڭدىكى زەيكەشتىن.
بۇ كۆيەك كىمدىن قالغان؟ كاككۇك بىلەن زەينەپتىن.

بۇ ھوشوقارىنىڭ ناخشىسى. بۇ يەرگە ئۈن نۇسقىسىنى چىقىرالمىدىم. چىقىرالايدىغانلار چىقىرىپ قويساڭلار.
كىم بۇنى ئىنگىلىسچىگە تەرجىمە قىلالايدۇ؟  قانداقراق بولىدىغىنىنى كۆرۈپ باققىم بار.

چۇشۇرۇش ئادرىسى:

http://music.nahxilar.com/hoxur/kakkuk%20bilan%20zaynap.mp3

0

تېما

0

دوست

520

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 03:15:21 |ئايرىم كۆرۈش

I bought a scarf of pomegranate from Muhemmed at the Heitgah,

Whom left from this burning passion? From one who like you and me.

We have gone when the one said to go, and back when the one said to back,

We have loved after what brought is golden chain.

 

Give Buy some fig and pomegranates from the bazzar of Kashgar,

Whom I can go to tell my grief in my soul.

I Pass from the drainage ditch on your vicinity as I one jump,

Whom left from this burning passion? from Cuckoo and Zaynab.

 

ھاھاھا.. ھەجەپ قىزىق تۇرىدىكەن.

ھەي!!!!!!! بۇنداق تېكىستلەرنى ئويغۇرنىڭ سۈيىنى ئىچكەنلەر چۈشەنىمىسە بىكار!

قاپىيەسىنى چۈشۈرۈشكە ۋاقتىم يەتمەي قالدى! كەچۈرۈڭلار.

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 07:43:19 |ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت پارول. ھەرھالدا تەرجىمە قىلىپسەن. قاپىيىسىنى چۈشۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ھەممىمز توغرا چۈشىنىمىز.
سېنىڭ دىگەن "ئۇيغۇرنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغانلار چۈشەنمىسە بىكار" دىگىنىڭ توپتوغرا. ناخشا تېكىستى بەكلا مەدىنىيەتكە باغلىقكەن.
بىز بەك جىق ئىنگىلىزچە ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ كەتتۇق. ئۇلارنىڭمۇ مەنىلىرى تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچىدا غەلىتە ئاڭلانغان. ئەمما قىياس قىلساق يەنە نىمە دىمەكچى بولغىنىغا يىتىپ بارالايمىز.

مەن بۇ ناخشىغا بەك ئامراق.

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 08:59:41 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئېڭگىلىزچە تەرجىمە بەك ناچار چىقىپتۇ، ئەڭ ياخشىسى قايتا قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ۋاقتىڭىز يار بەرگەندە.

0

تېما

0

دوست

520

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 20:10:08 |ئايرىم كۆرۈش
ناچار چىققانلىقى ماڭا ئايان، مەن پەقەت جۈملە-جۈملە بويىچىلا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر. ئەگەر ئايرىم-ئايرىم جۈملىلەردە خاتالىق بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 21:44:39 |ئايرىم كۆرۈش

كاككۇك بىلەن زەينەپتىن

 بىر ياغلىق ئانار ئالدىم ھېيتكاھدىكى مەممەتتىن.
بۇ كۆيەك كىمدىن قالغان؟ سېنىڭ بىلەن مەندەكتىن.
بار دىگەندە بارغان بىز، يېنىڭ دىگەندە يانغان بىز.
ئالتۇن زەنجىر ئەپبېرىپ ئانىڭدىن كىيىن سۆيگەنبىز

I bought a scarf of pomegranate form Muhemmed at the Heitgah,

Whom left from this burning passion? From one who like as you and me.

We have gone when one said to go, and back when one said to back,

We have loved after what brought is golden chain.

 

بىرىنچى مىسرادا،ئالدى بىلەن باشقا خاتالىقنى قويۇپ تۇرۇپ ئىملا خاتالىقىغا كوز يۇگەرتەيلى، from دەيمەن دەپ form دەپسىز،ھېيتگاھنى Eidgah دەپ ئېلىش ئومۇملاشقان. ئانار سانىغىلى بولىدىغان ئىسىم،شۇڭا كۆپلۇك قوشۇمچىسى قوشىسىز.

 

ئىككىنچى مىسرادا،"بۇ كۆيەك كىمدىن قالغان"دىكى "كۆيەك"نى ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز لېكىن جۇملە قۇرۇلما جەھەتتىن ناھايىتى خاتا،whom ئىگە بولالمايدۇ شۇڭا leftنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ،"سېنىڭ بىلەن مەندەكتىن "دىگەندە "سەن "بىلەن "مەن" دەپ كۆپلۇكنى كۆورسىتىۋاتىدۇ شۇڭا one دەپ ئالسا خاتا،كەينىدە like كەلگەندىكىن as نىڭ كېلىشى ئارتۇقچە.بۇ جۇملىنى سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلسىڭىز مۇشۇنداق تەرجىمە چىقمايلا ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ،ياخشى ئويلىنىپ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىڭ.

 

ئۇچىنچى مىسرادا، "بار دىگەندە بارغانمىز"دىگەندىكى "كىم"ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇڭ،بۇ يەردە ھوشۇر قارى خالىغان بىرسى "بار"دىسىلا "بېرىۋەرمەيدۇ" بەلكى يارى "بار"دىگەنلىكى ئۇچۇن "بارغان"شۇڭا one دەپ ئالسىڭىز بۇ جۇملە does not make sense.

 

تۆتىنچى مىسرادا لوگىكىلىق ۋە گىراماتىكىلىق خاتالىق تەڭلا سادىر بولغان what brought is golden chain?"ئالتۇن زەنجىر ئەپ بېرىپ" دىسە broughtدىگەننى ىشلىتىپ خاتالىشىپسىز،ئەگەر what bought is golden chain دىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا خاتا،we have loved  دىگىنىڭىز "ئاندىن سۆيگەنمىز "دىگەن مەنىنى بىلدۇرمەكچى بولسا بۇ يەردىمۇ خاتالىشىپسىز،چۇنكى loveبۇ يەردە كەلسە ئانچە قاملاشمايدۇ. قايتا جۇملىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ تاكى توغرا قىلغۇچە.

 
قەشقەرنىڭ بازارىدىن ئەنجۈر ئانار ئەپ بېرەي.
ئىچىمدىكى دەردىمنى كىمگە بېرىپ دەپ بېرەي.
بىر سەكرەپ ئۆتەپ كەتتىم، مەھەللەڭدىكى زەيكەشتىن.
بۇ كۆيەك كىمدىن قالغان؟ كاككۇك بىلەن زەينەپتىن.

 

Give Buy some fig and pomegranate from the bazzar of Kashgar,

Whom I can go to told my grief in my soul.

Pass from the drainage ditck on your vicinity with one jump,

Whom left from this burning passion? from cuckoo and Zaynab.


بىرىنچى مىسرادىكى give بىلەن buy نىڭ بىللە كېلىشىلا ئادەمنى قورقۇتىدۇ،"كىم"گە ئېلىپ بېرىسىز؟ "كىم "ئېلىپ بېرىدۇ؟ئالماش گەرچە ئۇيغۇرچىسىدا ئېنىق كەلمىگەن بولسىمۇ "مەن ساڭا ئېلىپ بېرەي"دىگەن مەنىنى چۇشىنىمىز،ئېڭگىلىزچىسىدا لېكىن چوقۇم ئېنىق ئالماشنى كورسەتمىسىڭىز جۇملە جۇملە بولماي قالىدۇ. "قەشقەرنىڭ بازارى "دەپ خاس ئىسىم كەلدى،شۇڭا قەشقەرنى چوڭ ھەرىپتە يازسىڭىز ،بازارمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك.

 

ئىككىنچى مىسرادا، go to told  دەپلا ئېزىپسىز،go دىگىنىڭىز ھازىرقى زامان told دىگىنىڭىز؟ مۇشۇ ئۇزۇن بىرىكمىڭىزنى tell دەپلا ئالغان بولسىڭىز بەلكىم بىردىنبىر توغرا چىققان جۇملە بولۇشى مۇمكىنكەندۇق.

 

ئۇچىنچى مىسرادا، يەنە ئالماشنى ئېنىق يېزىشىڭىز كېرەك،كىم كىمنىڭ مەھەللىسىدىكى ئېرىقتىن ئاتلاپلا ئوتۇپ كەتتى؟ ditck دىگىنىڭىز بەلكىم ditch بولسا كېرەك. vicinity دىگىنىڭىز بەلكىم مەھەللە بولسا كېرەك لېكىن ditck on your vicinityدىگەن بىرىكمىدە تەۋەلىك خاتا بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا لوگىكىلىق خاتالىق يۇز بەرگەن،on,in,atلەرنى قايتا مەشىق قىلسىڭىز بولغۇدەك.

 

ئاخىرقى مىسرانى قايتا دىيىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك،قوشۇمچە گەپ: زەينەبنى چوڭ يازسىڭىز كاككۇكمۇ چوڭ يېزىلىشى كېرەك.

 

تەۋسىيەم،قايتىدىن ئالدىرىماي بىر تەرجىمە قىلىڭ،ئاستا ئاستا خاتالىقلار ئازىيىپ تەرجىمە جۇملىلەر بىز چۇشەنگۇدەك بولۇشىغا ئىشىنىمەن.

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 21:50:28 |ئايرىم كۆرۈش

Parol:

yaxshi  terjime qilipsiz

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 21:51:16 |ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى بولغان بولسىڭىز قالتىس ئوقۇتقۇچى بولىدىكەنسىزتۇق. مېنىڭ ئىنگىلىزچە گىرامماتىكام تېخىمۇ ئۆلگەن.

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

9#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 21:51:37 |ئايرىم كۆرۈش

Yvonne hede:

rexmet sizge, köp bilimge ige boldum

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

10#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 21:58:13 |ئايرىم كۆرۈش

ئەگەر ۋاقتىدا تۇزۇتۇپ قويمىسام، خاتالىقلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ ،شۇڭا گەپلىرىم تازا ئىللىق چىقمىغان بولسا كەچۇرەرسىلەر. باشقا مەقسىدىم يوق،پەقەت ئېڭگىلىزچە سەۋىيەڭلەرنىڭ ئازراق ئۆسۇشىگە ياردەم قىلالىسام خوش بولىمەن.

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

11#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-16 10:17:31 |ئايرىم كۆرۈش

Birlikte tirishayli!!! Algha

0

تېما

0

دوست

520

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

12#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-15 23:31:52 |ئايرىم كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم Yvonne!

ناھايىتى ئەستايىدىل پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! مەن ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ قايتا تەرجىمە قىلىپ سىزنىڭ ئەستايىدىل پىكرىڭىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. سىزگە كۆپ رەھمەت!

تۆۋەندىكىسى مېنىڭ خاتالىقتىن ئۆزەمنى ئېلىپ قاچقىنىم ئەمەس، پەقەت مەندىكى خاتالىقنى چۈشەندۈرۈش... مۇنازىرە جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ خاتالىقلىرىمنى بايقىۋالسام ئەجەپ ئەمەس.

Whom left from this burning passion? From one who like as you and me.

We have gone when one said to go, and back when one said to back,

We have loved after what brought is golden chain.

 جاي ۋە شەخس ناملرىنى ئاتاشتا مېنىڭ كۆز قارىشىم شۇ جاي ياكى شەخىسنىڭ ئەسلى تىلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە ئىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. Eidgah دەپ ئالماسلىقىمدىكى سەۋەپمۇ شۇ. بەلكىم ئۇمۇمغا بويسۇنماسلىقىم خاتادۇر، لىكىن ئەسلى تەلەپپۇزغا ھۆرمەت قىلىنسا دەپ ئويلايمەن.

ئىملا خاتالىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورايمەن، خەتنى تېز يازىمەن دەپ بارماقلىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بېسىپ قويۇدىغان بولۇپ قالدىم. مەن تۈزىتەي!

كۆپلۈك قۇشۇمچىسى قوشۇشقا مەن خېلە پىششىقتىم بولمىسا، تەرجىمىدىن كېيىن ئىنتايىن بىپەرۋالارچە قايتا تەكشۈرمەپتىمەن. بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي.

 Whom دېگەن سۆزنى ئېلىشىمدىكى سەۋەپ، «ئۇ مەن تۈنۈگۈن ئۇچراتقان ئادەم شۇ.» دېگەن جۈملىنى «He is the man Whom I met yesterday.» دەپ ئۆگەنگەن ئىدىم، شۇنىڭغا ئاساسەن كىمدىن، كىمگە دېگەنگە چۈشۈم كېلىش شەكلى كېلىدۇ دەپ ئويلاپ Whom  نى ئىشلەتكەن. «سەن» بىلەن «مەن» كۆپلۈك بولغان بىلەن "سېنىڭ بىلەن مەندەكتىن " دېگەندە كۆرسىتىلگەن ئۈچىنچى شەخس بىرلىك بولغاچقا one دەپ ئالغان ئىدىم. as بىلەن like دىن قايسىنى ئىشلەتسەم توغرا بولار دەپ بىرىنى ئۆچۈرۈشنى ئۇنتۇپتىمەن. كەچۈرۈڭلار. مېنىڭ مۇشۇ ئالدىراقسانلىغىمنى-زە!

 ئۈچىنچى مىسرادىكى one نىڭ ئالدىغا ئېنىق ئارتىكىل قوشۇلسا ئاندىن توغرا بولامدۇ؟

We have love (بىز سۆيدۇق) after what brought is golden chain (ئالتۇن زەنجىر ئەكىلىپ بەرگەندىن كېيىن) دەپ ئويلاپ، مۇشۇنداق تەرجىمە قىلغان ئىدىم. توغرىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئېنگلىس تىلىدىكى پاساھەتتىن مەن تازا خەۋەردار ئەمەس، بۇ تەرەپتە تەلىمڭلارغا مۇھتاجمەن.


قەشقەرنىڭ بازارىدىن ئەنجۈر ئانار ئەپ بېرەي.
ئىچىمدىكى دەردىمنى كىمگە بېرىپ دەپ بېرەي.
بىر سەكرەپ ئۆتەپ كەتتىم، مەھەللەڭدىكى زەيكەشتىن.
بۇ كۆيەك كىمدىن قالغان؟ كاككۇك بىلەن زەينەپتىن.

 

Give Buy some fig and pomegranate from the bazzar of Kashgar,

Whom I can go to told my grief in my soul.

Pass from the drainage ditck on your vicinity with one jump,

Whom left from this burning passion? from cuckoo and Zaynab.


Give
بىلەن buy نىڭ بىرگە كەلگىنىنى مەن iTunes دېگەن سىستېمىنىڭ ياردەم ھۆججىتىدە «باشقىلارغا سوۋغات ئورنىدا مۇزىكا سېتىۋېلىپ بېرەلەيسىز (Give buy music to someone as a gift)» دېگەن يېرىدە كۆرگەن ئىدىم. بۇ تۇنجى ئىشلىتىشىم بۇ بىرىكمە سۆزنى. « قەشقەرنىڭ بازارىدىن ئەنجۈر ئانار ئەپ بېرەي.» بۇ جۈملىنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىلا كىمگە ئېلىپ بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بۇنى پەقەت مۇشۇ ناخشىنى چۈشەنگەن ئادەملا چۈشىنىدۇ. ئېنگلىسچىدە شۇنداق ئېلىشقا بولامدۇ؟ ھەرىپنىڭ چوڭ يېزىلىشىغا مەن دېققەت قىلماي قاپتىمەن، ئەستايىدىلسىزلىقىمنى كەچۈرۈڭلار.

  ئىككىنچى مىسرادا، «مەن ساڭا ئېيتىپ قوياي» نى «I told you» دەيدىغۇ دەپ ئويلاپ told نى ئىشلەتكەن ئىدىم. I tell you. بولىدىغانلىقى دەماللىققا ئېسىمگە كەلمەي قاپتۇ.

 on,in,at لەرنى توپتوغرا ئىشلىتىشتە مەنمۇ سەل قىينىلىۋاتىمەن، بەلكىم بۇ جۈملىدە سەل ئەستايىدىل بولسام بىزە بولسىمۇ توغرا ئىشلىتەلىشىم مۇمكىنتى. جۈملە بېشىغا I نى ئېلىشنى ئۇنتۇپتىمەنغۇ، ئاپلا، ئىملا يەنە خاتا. خەپ ئۆزەمنى بىر جازالىمىسام بولىمىدى. كەچۈرۈڭلار.

مەن بەك كۆپ خاتالىق سادىر قىلىۋېتىپتىمەن. ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويغىنىم ئۈچۈن، ئالدىڭلاردا خاتالىق سادىر قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن چوڭقۇر كەچۈرۈم سورايمەن.

ئۆزەمندىن بايقىغانلىرىم(ئىنگىلىسچە سەۋىيەمدىن سىرت):

1.خەت يازغاندا ئالاھىدە ئەستايىدىل بولۇشۇم كېرىك ئىكەن.

2.بىر ئىشنى قىلغاندىن كىيىن، ئۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قىلغاندىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.

مەندىن بايقىغان باشقا كەمچىلىك بولسا يەنە كۆرسىتىپ بەركەيسىلەر!





0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

13#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-16 09:00:46 |ئايرىم كۆرۈش

پارول،ئەستايىدىل چۇشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەخمەت،سىز كورسەتكەن نۇقتىلارنى تۇتۇپ يەنە ئىزاھات بېرىشىمگە رۇخسەت قىلغايسىز:

Whom left from this burning passion? From one who like as you and me.

We have gone when one said to go, and back when one said to back,

We have loved after what brought is golden chain.

 جاي ۋە شەخس ناملرىنى ئاتاشتا مېنىڭ كۆز قارىشىم شۇ جاي ياكى شەخىسنىڭ ئەسلى تىلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە ئىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. Eidgah دەپ ئالماسلىقىمدىكى سەۋەپمۇ شۇ. بەلكىم ئۇمۇمغا بويسۇنماسلىقىم خاتادۇر، لىكىن ئەسلى تەلەپپۇزغا ھۆرمەت قىلىنسا دەپ ئويلايمەن.

ھېيتگاھنى سىزنىڭ يازغىنىڭىز بويىچە ئوقۇسا h ھ نى بىلدۇرمەيدۇ يەنى خ نى بىلدۇرىدۇ،شۇڭا ئاشۇنداق ئېلىش ئومۇملاشقان،بۇ خۇددى قەشقەرنى kashgarدەپ ئالغاندەكلا ئىش kashkarدەپ ئالماي،مېنىڭچە بۇ چوڭ ئىش ئەمەس،ئىختىلاپنىڭ بولۇپ تۇرغىنىمۇ ياخشى بىر ھىساپتا.شۇڭا مېنىڭ چوڭ پىكرىم يوق.

ئىملا خاتالىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورايمەن، خەتنى تېز يازىمەن دەپ بارماقلىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بېسىپ قويۇدىغان بولۇپ قالدىم. مەن تۈزىتەي!

 

مەنمۇ كونا يېزىقنى شۇنداق ناچار يازىدىغان بولۇپ قاپتىمەن،ھازىر خېلى دىققەت قىلىۋاتىمەن ئاكىللىسنىڭ كۇزەتكۈچىلىگىدە.تەڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشىپ بۇ خاتالىقىمىزنى تۈزىتەيلى،بولمىسا يازمىمىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بولماي قالىدىكەن.

 

 

 Whom دېگەن سۆزنى ئېلىشىمدىكى سەۋەپ، «ئۇ مەن تۈنۈگۈن ئۇچراتقان ئادەم شۇ.» دېگەن جۈملىنى «He is the man Whom I met yesterday.» دەپ ئۆگەنگەن ئىدىم، شۇنىڭغا ئاساسەن كىمدىن، كىمگە دېگەنگە چۈشۈم كېلىش شەكلى كېلىدۇ دەپ ئويلاپ Whom  نى ئىشلەتكەن.

 

بۇ جۇملىدىكى whom manنى ئېنىقلاپ كېلىۋاتىدۇ يەنى تولدۇرغۇچى بولغان "ئادەم" دىگەن گەپكە ئېنىقلىما بېرىۋاتىدۇ،ئۆزى ئىگە ئەمەس،قاراڭ، كەينىدىكى بۆلەك whom I met yesterday نى ئېلىۋەتسىڭىز، جۈملىدە گىراماتىكىلىق خاتالىق بولامدۇ؟  بولمايدۇ! مۇشۇنىڭغا قاراپلا whom نىڭ پەقەت جۇملىنى كېڭەيتىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنىلا بىلگىلى بولىدۇ. لېكىن سىزنىڭ جۇملىڭىزدە whom leftدەپ "كىملەردىن قالغان" دىگەن جۇملە بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان سۆزمۇ سۆز، توغرىسى who بولۇشى كېرەك ياكى باشقا سۆز ئىگە بولۇپ who بولسا from نىڭ كەينىگە كېلىشى كېرەك جۇملىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا.

 

 «سەن» بىلەن «مەن» كۆپلۈك بولغان بىلەن "سېنىڭ بىلەن مەندەكتىن " دېگەندە كۆرسىتىلگەن ئۈچىنچى شەخس بىرلىك بولغاچقا one دەپ ئالغان ئىدىم. as بىلەن like دىن قايسىنى ئىشلەتسەم توغرا بولار دەپ بىرىنى ئۆچۈرۈشنى ئۇنتۇپتىمەن. كەچۈرۈڭلار. مېنىڭ مۇشۇ ئالدىراقسانلىغىمنى-زە!

 

سېنىڭ بىلەن مەندەكتىن دىگەن گەپ ئۇچىنچى شەخىس شەكلىدە كەلگەن بىلەن ،مەنە جەھەتتىن بۇ بىر ئادەمنى ئەمەس بەلكى بىر دەۋىر ئادەملىرىنى بىلدۇرىدۇ شۇڭا بىرلىك ئىشلىتىش خاتا.

 

 ئۈچىنچى مىسرادىكى one نىڭ ئالدىغا ئېنىق ئارتىكىل قوشۇلسا ئاندىن توغرا بولامدۇ؟

 

ياق ،خاتا بولىدۇ ئوخشاشلا، بۇ يەردە چوقۇم "يارىم" دىگەن گەپنى ئېلىشىڭىز كېرەك،one دىسىڭىز كىملىگى ئېنىق بولماي قالىدۇ-دە جۇملە لوگىكىلىق جەھەتتىن ناھايىتى ئېنىقسىز بولىدۇ.

 

We have love (بىز سۆيدۇق) after what brought is golden chain (ئالتۇن زەنجىر ئەكىلىپ بەرگەندىن كېيىن) دەپ ئويلاپ، مۇشۇنداق تەرجىمە قىلغان ئىدىم. توغرىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئېنگلىس تىلىدىكى پاساھەتتىن مەن تازا خەۋەردار ئەمەس، بۇ تەرەپتە تەلىمڭلارغا مۇھتاجمەن.

 

We have loved دىگەن بۇ جۇملىڭىزدە love دىگەن سۆز ئەمىليەتتە ئۆز مەنىسىدىكى "سۆيۇش"نى بىلدۇرمەيدۇ،بەلكى ياخشى كۆرۇش،ئاشىق بولۇش مەنىسىدە كېلىدۇ، شۇڭا kissنى ئىشلىىتش مۇۋاپىق، ئەلۋەتتە باشقا نازۇكراق گەپلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ لېكىن love ماس كەلمەيدۇ،چۇنكى "ھوشۇر قارى يارىغا ئالتۇن زەنجىر ئېلىپ بېرىش"تىن ئىلگىرىلا "ئۇنى" ياخشى كۆرۇپ قالىدۇ،بۇ خىل سۆيۈش "دەل ئالتۇن زەنجىر ئېلىپ بەرگەن"دىن كېيىن بولغان دىسەك قاملاشماس؟! after what brought is golden chain,بۇ يەردە chainنىڭ ئورنىغا necklace نى ئىشلىتىشىڭىزنى سورايمەن، چۇنكى زەنجىر بۇلاپكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ ھەرگىزمۇ زەنجىرنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەمدى بۇ سۆز بىرىكمىڭىزنى نىمىشقا خاتا دىسەك،ئادەتتە afterنىڭ كەينىگەمەلۇم ئورۇنلىنىپ بولغان ئىش ھەركەت كېلىدۇ،سىزنىڭ جۇملىڭىزنى سۆزمۇ سۆز چۇشەنسەك "ئېلىپ كېلىنگىنى ئالتۇن زەنجىر بولدى" ،ئەلۋەتتە بۇ جۇملىدە چوقۇم afterنى چىقىرىۋەتمىسەك بۇ جۇملىڭىز ھىچنىمە بولماي قالىدۇ.يەنى گىراماتىكىلىق ئىپادىلەش ناھايىتى خاتا،چوقۇم "ئالتۇن زەنجىر ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن" دىمەكچى بولسىڭىزمۇ after the golden chain was brought بولۇشى كېرەك. شۇڭا بۇ يەردە پاساھەتتىن سۆز ئېچىش بىراز بالدۇر،ئالدى بىلەن ئاساسى چۇشەنچىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرايلى.


قەشقەرنىڭ بازارىدىن ئەنجۈر ئانار ئەپ بېرەي.
ئىچىمدىكى دەردىمنى كىمگە بېرىپ دەپ بېرەي
.
بىر سەكرەپ ئۆتەپ كەتتىم، مەھەللەڭدىكى زەيكەشتىن
.
بۇ كۆيەك كىمدىن قالغان؟ كاككۇك بىلەن زەينەپتىن.

 

Give Buy some fig and pomegranate from the bazzar of Kashgar,

Whom I can go to told my grief in my soul.

Pass from the drainage ditck on your vicinity with one jump,

Whom left from this burning passion? from cuckoo and Zaynab.


Give بىلەن buy نىڭ بىرگە كەلگىنىنى مەن iTunes دېگەن سىستېمىنىڭ ياردەم ھۆججىتىدە «باشقىلارغا سوۋغات ئورنىدا مۇزىكا سېتىۋېلىپ بېرەلەيسىز (Give buy music to someone as a gift)» دېگەن يېرىدە كۆرگەن ئىدىم. بۇ تۇنجى ئىشلىتىشىم بۇ بىرىكمە سۆزنى. « قەشقەرنىڭ بازارىدىن ئەنجۈر ئانار ئەپ بېرەي.» بۇ جۈملىنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىلا كىمگە ئېلىپ بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بۇنى پەقەت مۇشۇ ناخشىنى چۈشەنگەن ئادەملا چۈشىنىدۇ. ئېنگلىسچىدە شۇنداق ئېلىشقا بولامدۇ؟ ھەرىپنىڭ چوڭ يېزىلىشىغا مەن دېققەت قىلماي قاپتىمەن، ئەستايىدىلسىزلىقىمنى كەچۈرۈڭلار.

 

ئەگەر چوقۇم مۇشۇنداق كەلگەن بولسا ئۇ چاغدا buy دىگەن سۆز ئەسلىدىكى پېئىلىق ماھىيىتىنى يوقىتىپ سۇپەتكە ئايلانغان،يەنى buy music بولۇپ سېتىۋېلىنغان مۇزىكا بولغان،بۇ جۇملىدىمۇ پەقەت give دىن ئىبارەت بىرلا پېئىل بار دەپ چۇشىنىشىمىز كېرەك. ئەمدى "قەشقەرنىڭ بازارىدىن ئانار ئەنجۈر ئەپ بېرەي"گە كەلسەك،گەرچە بىرىنچى جۇملىدە "كىم"گە ئەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق دىمىگەن بولسىمۇ لېكىن كەينىدىكى جۇملىلەرنى قوشۇپ كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم ھىس قىلالايمىز ،شۇڭا چوقۇم ئالماشنى ئېلىشىمىز كېرەك. ھىچ بولمىغاندا let me buy.....دەپ ئىككىنچى مىسرادا ئاندىن you ياكى my lover,my girlدىگەندەك گەپلەرنى قوشسىڭىزمۇ بولاتتى،دەل شۇنداق قىلمىغانلىقىڭىز ئۇچۇن جۈملە تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان. مېنىڭچە بۇ شېئىرنى ھەممىلا ئۇيغۇر چۇشىنىدۇ،شۇڭا تەرجىمىسىنىمۇ ھەممىلا ئېڭگىلىز چۇشىنىدىغان شەكىلدە قىلىشىمىز كېرەك.

 

  ئىككىنچى مىسرادا، «مەن ساڭا ئېيتىپ قوياي» نى «I told you» دەيدىغۇ دەپ ئويلاپ told نى ئىشلەتكەن ئىدىم. I tell you. بولىدىغانلىقى دەماللىققا ئېسىمگە كەلمەي قاپتۇ.

 

"مەن ساڭا ئېيتىپ قويغان "دەپ ئۆتكەن زاماننى بىلدۇرسە ئاندىن I told you بولىدۇ،"ساڭا ئېيتىپ قوياي "دىسە let me tell you  بولىدۇ.

 

 on,in,at لەرنى توپتوغرا ئىشلىتىشتە مەنمۇ سەل قىينىلىۋاتىمەن، بەلكىم بۇ جۈملىدە سەل ئەستايىدىل بولسام بىزە بولسىمۇ توغرا ئىشلىتەلىشىم مۇمكىنتى. جۈملە بېشىغا I نى ئېلىشنى ئۇنتۇپتىمەنغۇ، ئاپلا، ئىملا يەنە خاتا. خەپ ئۆزەمنى بىر جازالىمىسام بولىمىدى. كەچۈرۈڭلار.

 

ھىچقىسى يوق،مۇشۇ ئۇچ ئالدى قوشۇلما كۆپ ئادەملەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ،داۋاملىق مەشىق قىلىپ بەرسىڭىز راۋان ئىشلىتىدىغان بولۇپ كېتىسىز. تىرىشىڭ!

0

تېما

0

دوست

520

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

14#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-16 11:50:16 |ئايرىم كۆرۈش

سىزگە كۆپ رەھمەت Yvonne!

جىق نەرسىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم! بولسا بۇ شېئىرنى ئۆزىڭىز بىر تەرجىمە قىلىپ يوللىۋەتسىڭىز، توغرىسىنى بىلىۋالساق، ئانچە-مۇنچە تەجرىبىلىك بولۇپ قالاتتۇق!

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

15#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-16 11:58:18 |ئايرىم كۆرۈش
مەندە قىلچە شېئىرى ھۇجەيرە يېتىلمىگەن شۇڭا شېئىر تەرجىمە قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايمەن. كەچۇرۇڭ.

0

تېما

0

دوست

520

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

16#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-16 18:29:31 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىپ قويسىڭىزمۇ ھېساب ئىدى، ئايرىم-ئايرىم جۈملە بويىچە. ھېچبولمىغاندا ماڭا بەرگەن پىكرىڭىز بويىچە قىلسىڭىزمۇ ھېساب ئىدى.

0

تېما

0

دوست

520

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

17#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-17 10:58:19 |ئايرىم كۆرۈش

ئاپلا!!!!

سەت بولدى، بولىدۇ ئۆزەم قىلاي. شۇ چوڭلاردىن تەجرىبە ئالاي دېگەن ئىدىم!

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

18#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-17 06:52:56 |ئايرىم كۆرۈش

قاراڭ،شېئىر تەرجىمە قىلىش ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس،ئالدى بىلەن مەنىسىنى تولۇق چىقىرىش،ھەمدە قاپىيىلەرنىمۇ مۇۋاپىق كەلتۇرۇش---بۇنى ئاسان ئادەم قىلالمايدۇ، بۇرۇن ئايپالتا ئىسىملىك بىر تورداش بار ئىدى،بۇ تورداشنىڭ ئېڭگىلىزچە بىلىم قۇرۇلمىسى خېلى سېستىمىلىق،ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە بولغان چۇشىنىشىمۇ خېلى ياخشى بولغاچقا تەرجىمە قىلغان شېئىرلىرى شۇنداق ياخشى چىقاتتى(ماڭا نىسبەتەن)، كېيىن بۇ تورداش ئوزىدىن بارغانچە رازى بولماي شۇندىن باشلاپ كورۇنمىدى،مەن بۇنى بەك چوڭ يوقىتىش دەپ قارايمەن،چۇنكى بىزدە بۇنداق ئادەم بەك ئاز.

مېنىڭ سىزنىڭ تەرجىمىڭىزگە بەرگەن باھالىرىمنىڭ ئۆزىلا سىزنى كۆپ مەنپەتكە ئىگە قىلدى دەپ ئويلايمەن،بارلىق خاتالىقلارنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن سىز ئەسلى بۇ پۇرسەتتە ئاشۇ جايلارنىڭ ھەممىنى قايتا بىر ئىشلەپ چىقسىڭىز، ھىچ بولمىغاندا گىراماتىكىلىق خاتالىقلارنى تۇزىتىۋالاتتىڭىز،لېكىن سىز گېپىمنى ئېغىر ئېلىپ مېنى قىلىپ بېرىشكە سوراپسىز، ئەگەر مەن تۇزەتسەم بىر مۇنچە چۇشەنچە بەرگىنىمنىڭ نىمە رولى بولىدۇ؟ مېنىڭ يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە خاتالىقلىرىڭىزنى تەپسىلى كۆرسىتىپ بەرگىنىمنىڭ يۇزىدە بولسىمۇ، بۇ تەرجىمىڭىزنى قايتا ئىشلەپ چىقىڭ،كېيىن مەن ئايرىم بىر شېئىرنى تۇتۇپ تەرجىمە قىلىپ بۇ يەرگە يوللاپ قويساممۇ قوياي سىز ئەگەر چىڭ تۇرسىڭىز.

قانداق؟ بىرلىككە كەلدۇقمۇ؟

0

تېما

0

دوست

520

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

19#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-17 16:43:47 |ئايرىم كۆرۈش

بىرلىككە كەلدۇق!

گەپ-سۆزلىرىمدە سىزگە خاتا چۈشۈنچە بېرىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ. مەن ھەرگىز ئېغىر ئالغىنىم يوق، سىزنى تەرجىمە قىلىشقا چاقىرغىنىم مەسئۇلىيەتتىن قاچقىنىم ئەمەس، پەقەت توغرىسىنى ئۇستىلارنىڭ قولىدىن كۆرەي دېگەن مەقسىدىم بار. سىزنى خاتالىقلىرىمنى ئەستايىدىل كۆرسىتىپ پىكىر بەرگىنىڭىزگە مەن چىن دىلىمدىن مىننەتدار. مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە قىلىپ چىقاي!

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

20#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-22 18:48:23 |ئايرىم كۆرۈش
مانا مانا، تەرجىمىلەر بارغانسىرى ياخشىلىنىۋىتىپتۇ.

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

21#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-23 08:38:31 |ئايرىم كۆرۈش
بارغانسېرى؟ ! 

0

تېما

0

دوست

520

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

22#
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-23 21:17:24 |ئايرىم كۆرۈش

ۋوي مانا مەن، مانا مەن... نەچچە كۈندىن بېرى خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ كېچە -كۈندۇز ئۇلاپ ئىشلەپ كەتتىم. كەچۈرۈڭ! قىممەتلىك تەجرىبىدىن قۇرۇق قالغىلى تاسقاپتىمەن!

تەرجىمىڭىزنى كومپيۇتېرىمغا كۆچۈرۈۋالدىم، ئەستايىدىل بىر كۆرۈپ چىقاي دەپ. رەھمەت سىزگە!

لېكىن بىر تەكلىپ: ئوقۇم ئىنگىلىزچىسى بىلەن ئۇيغۇرچىسىدىكى مەنە بىر يەرگە كەلمىگەندەك ھېس قىلدىممۇ قانداق؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 10:25 , Processed in 0.259488 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش