گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 2584|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«ئامىن» سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 17:23:00 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
«ئامىن» سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە
# a& J3 k% s6 a9 `! I6 u5 x1 C5 a- g  ?6 T3 u( ~- r. m
        تىلىمىزدىكى ئامىن سۆزى تىلىمىزغا ئەرەبچىدىن كىرگەن «امىن» سۆزىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۆزلەشتۈرۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان بولۇپ، دۇئانىڭ ئارقىسىدىن ئوقۇلىدىغان بىر سۆزدۇر.% e3 @8 q: f7 x, {$ x  \

- x; ?3 k$ y1 s7 h, v; T         سام تىللىرىنىڭ ھەممىسىدىلا ئاز-كۆپ پەرقلىق ھالدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بۇ سۆز خىرىستىئان ۋە ئىبرانى ئەدەبىياتىدا كۆپرەك بىر دىنىي ئاتالما ھېسابلىنىدۇ. «ئامىن» ئىبرانچە «Amen» (ئىبران يەنى يەھۇدىيلارنىڭ تىلىدىكى ئەسلى يېزىلىشى مۇنداقكەن: <אַמין>) سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ « قەتئىي ئىشەنچ»، «قەيسەر ئىرادە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدەك دىنىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە «ئارزۇ-ئۈمىد» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «شۇنداق بولسۇن!»، «شۇنداق، شۇنداق بولىدۇ!» دېگەن مەنىلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىگە «تەڭرىم! دۇئايىمىزنى قوبۇل قىل!» مەنىسىدە كۆچكەن بولۇپ، ئەرەبچىدە يەنە «سەمىيمى، سادىق، ۋىجدانلىق، ھالال، راسىت، ئىشەنچىلىك، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرماق»  قاتارلىق مەنىلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ. (ئەرەبچە-خەنزۇچە لۇغەت»، سودا نەشرىياتى، 1989-يىلى1-ئاي، بېيجىڭ، 4-قېتىملىق باسمىسى، خەنزۇچە، 44-بەت)1 T' Y  i$ Q' |

8 t; h# P7 H3 {; Z  G6 F& I' s- ~! R, S     يەھۇدى، خىرىستىئان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىدە دىنىي ئىبادەت، دىنىي مۇراسىم ۋە غىزالىنىشتىن كېيىن، كۆپچىلىك بىردەكلا قول كۆتۈرۈپ «ئامىن» دەپ دۇئا قىلىشىدۇ. يۇنان تىلىدىكى «ئىنجىل»دا  بۇ سۆز «سەمىيمى سۆز»، «كۆڭۈلدىكى ئارزۇ» مەنىسىدە قوللىنىلغان بولسا، ئىنگلىزچە «ئىنجىل»دا «سەمىيمى»، «ساداقەت» مەنىسىدە تەرجىمە قىلىنغان. يەنە بىر قىسىم ئىزاھلىق لۇغەتلەردە بولسا مۇنداق ئىزاھلانغان:1 E! V6 Q: v% ~3 _+ b4 D
; |6 W6 f0 {/ _' I1 A
        «ئامىن»: تەقلىد(ئەرەبچە) پاتىھەدە «ئىلاھى شۇنداق بولسۇن، ئېيىتقىنىڭىز كەلسۇن» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان سۆز. مىسالدا مۇنداق كەلگەن: ئابدۇللا داموللا ئىختىيارسىز دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ:- شۇنداق بولغاي! ئامىن، ئاللا مەدەت قىلسۇن، ئامىن... - دېدى. (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 5-ئاي نەشرى، 1-توم، 189-بەت)
3 r$ H5 n$ i. W& `  f" B7 T/ q) t' J. `/ s, e
       يەنە بىر مىسالدا مۇنداق كەلگەن: - ئەمدى مۇساپىر قىزىڭىزنىڭ بەختىگە سىز ئۆلمەڭ، ئامىن! - دېدى كۈمۈش ئانىسىغا ( ئا . قادىر: «ئۆتكەن كۈنلەر»)

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

2#
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 18:47:40 |ئايرىم كۆرۈش
ئامىن«سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە»

0

تېما

0

دوست

200

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

3#
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 22:27:40 |ئايرىم كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.ئامىن!!!

1

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

4#
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 20:45:10 |ئايرىم كۆرۈش
كۆپ ئۇچرىسىمۇ دىققەت قىپ قويماپتىكەنمەن   ،  ئەسلى مۇنداق دەڭ ،  رەھمەت سىزگە  قېرىندىشىم !  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ! ئامىن!

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

5#
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 15:27:29 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت قىرىندىشىم بىلۋىلىشقا تىگىشلىك تىما يوللاپسىز،قەلىمىڭىز ھارمىغاي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 08:51 , Processed in 0.162487 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش