گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 12202|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«قايتۇرىۋالغۇچىلار» ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 14:37:30 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

' B  G: y3 j- k. I" q9 R# a3 d% T' I' [6 f" I1 w8 N; w: w4 ?% T
جۇد لونىڭ كىنوسىنى كۆردۈڭلار، "repo men" نى دەيمەن. لېكىن باشقىچە ئويلىمىدىڭلار، شۇنداققۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. لېكىن مۇشۇ ئاكىللىسكامزە، كىنو تەھلىللىرىنى جىق كۆرۈپ سېلىپ، مەنمۇ ئۇنىڭدەك مۇرەككەپ  ئويلىۋالىدىغان بولۇپ قاپتىمەن. جۇد لونىڭ بۇ كىنوسىدا يېقىن كەلگۈسىدىكى ئەھۋال تەسەۋۋۇر قىلىنغان بولۇپ، سۈنئىي ئورگانىزملار بۇ جەمئىيەتتە ناھايىتى ئومۇملاشقان، ھەم down payment تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، كەمبەغەللەرمۇ (ئوتتۇرا تەبىقە كىشىلىرى ھەم) ئاسانلا ئېرىشەلەيدۇ، جەمئىيەتتە بۇ بىر خىل رەسىم-قائىدىگە ئايلىنىدۇ. لېكىن كاساپەتنىڭ ئۆسۈمى بەك تېز، كۆپىنچە ئادەملەر، ھەتتا بەزى بايلارمۇ چىقىش قىلىپ بولالمايدۇ، نەق مۇشۇنداق شارائىتتا بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز رېمىي(جۇد لو رول ئالغان)، جېيك (فورېست ۋايتېيكىر رول ئالغان) مەيدانغا چىقىدۇ، بۇلار كەسپىي تەربىيە كۆرگەن ئالاھىدە خادىملار بولۇپ، ھۆكۈمەتكە ئەمەس، بەلكى شەخسىي شىركەتكە ئىشلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى، ئۆسۈم  تۆلىمەي قاچقانلارنى تۇتۇپ، بەدىنىدىكى سۈنئىي ئەزانى نەق مەيداندا ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېلىش، جەسەتنى يىغىشتۇرۇش بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئەمەس. بۇلار ئۆز كەسپىگە پىششىق، ساداقەتمەن، ھالال ئادەملەر، ھەم يېقىن ئاغىنە، بەلكىم ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن دېيىشىڭلار مۇمكىن، ئەمما خىزمەت كىشىگە نېمىلەرنى قىلدۇرمايدۇ دەيسىلەر، شۇنداق قىلىپ ھېكايە بىر قېتىملىق تاسادىپىي ھادىسىدىن باشلىنىدۇ(كېيىن ھەم ئۇنچە تاسادىپىي ئەمەسلىكى ئېنىقلىنىدۇ) ھادىسىدە رېمىي زەخمىلىنىپ، يۈرىكى سۈنئىي يۈرەككە ئالمىشىدۇ. بۇ ئىش ئۇنى تولىمۇ ئازاپلايدۇ، شۇندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ يۈرىكىنى، بۆرىكىنى، جىگىرىنى بۇرۇنقىدەك بىمالال سۇغۇرىۋالالمايدۇ. دېمەك كىرىم تۆۋەنلىدى دېگەن گەپ، مەسىلە ناھايىتى ئېنىق، ئۇ تېزلا ئۆسۈمنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلمەي قالىدۇ، ھەم ئۇنى كۈتۈۋاتقان تەقدىر بىر كۈنى بىر پارچە خەتكە ئايلىنىپ ئالدىغا تاشلىنىدۇ "مانچە كۈنگىچە پالان پۇل تاپشۇرمىساڭ، ئەپسۇسلۇق ئىچىدە يۈرىكىڭنى سۇغۇرېۋېلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىمىزنى چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلەن ئۇقتۇرماقچىمىز". رېمىي قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە dominant تەبىقىدىن قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ قالىدۇ، شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر تەبىقىسىدىن بولۇپ باقمىغانلىقىنى ، پەقەت ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلايدىغان بىر قورال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ......
, ^' p4 r% O' f; W; k! |" [* Z& v" [. E  x( J: p0 x3 R
كىنو ئەلۋەتتە بۇ يەردە تۈگىمىدى، لېكىن مەن دېيىشكە تېگىشلىك گېپىمنى دەپ بولدۇم، داۋامىغا قىزىققۇچىلار ئەسلى نەشرى  پىلاستىنكىسىنى ئېلىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ، ئەگەر قانۇنسىز كوپىيەسىنى كۆرسەڭلار مەسئۇلىيەتنى مەن ئۈستۈمگە ئالمايمەن.

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

2#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 15:10:58 |ئايرىم كۆرۈش
ۋاي لاۋزا، ئاخىرى چىقمىغان تېماڭغا ۋاقتىمىزنى ئالامسەن دېيىشىڭلار مۇمكىن، ئىنچىكىرەك تورداشلار كىنو فىلىمنىڭ چۈشەندۈرىلىشىنى نېمىشقا داكۇمېنتارىيە سەھىپىسىگە يوللايسەن، دەپمۇ سورايدۇ، لېكىن قارىماققا بۇ بىر فانتازىيىلىك ھەرىكەت فىلىمى، ئاددىيلا قىلىپ شۇنداق چۈشەندۈرسەك بولىدىغان فىلىم، مەن يېقىندا كۆرگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىم مېنى بۇ فىلىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.; c. p) Q/ \) O3 X5 x: t; b8 ?( l
" W; E# K: ^2 g, ]8 ~6 k6 b/ C
كىنونىڭ مەن دېمىسەم بولمايدىغان تەپسىلاتلىرىنى دەپ چىقتىم، ئەمدى ئويلاپ بېقىڭلار، بىر نەرسىگە ئوخشاپ تۇرامدۇ؟ down payment ئادەتتە ئادەمگە vital بولغان ئىچكى ئەزالارغا بۇنداق تېرمىنلار ھەم ئۆسۈم دېگەن ئۇقۇملار سەل ئېشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، شۇنداققۇ؟ لېكىن كەينىمىزگە يېنىپ ئويلاپ باقايلى، ھازىر تۇرمۇشىمىزدا قانچىلىگەن نەرسىلەرنى مۇشۇنداق ئالالايمىز؟ ئەڭ باشتا ئېسىڭلارغا ئۆي كەلدىمۇ؟ بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى بولمىسا ئۆلىدۇ، ئۆيى بولمىسا، ئۆلمەيدۇ، لېكىن تالادا قالىدۇ، جوڭگودا ئۆي قەرزىنى تۆلىيەلمىگەن ئادەمنى ئۆيىدىن قوراللىق كىشىلەر كېلىپ قوغلاپ چىقارغاننى كۆرۈپ باقمىدىم، لېكىن ئاڭلىسام ئامېرىكىدا بارمىش، فىلىمدا رېمىي ھەم ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى مۇنتىزىم تەربىيە ئالغان كىشىلەر، ھەم ھەممىسىنىڭ قورالى، كىشىلەرنى ئاتىدىغان ھوقۇقى بار، ھەم بىر شەخسىي شىىركەتنىڭ پايدىسىغا ئىش قىلىدۇ، بۇلارنى ئويلىغىنىڭىزدا كىملەر ئېسىڭىزگە كەلدى؟ ئامېرىكىدا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى دەيدىغان بىر شەخسىي شىركەتنىڭ بىر ئوچۇم قوراللىق كىشىلىرى بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نامى «ئىچكى باج ئىدارىسى» يەنى ھەممىمىزنىڭ ئاغزىنىڭ ئۇچىدىكى IRSشۇ ئۆزى. ئادەتتە كاستيۇم كىيىپ سومكا ئېلىپ يۈرسە تاپانچىسى يوقمىكىن دەپ قالماڭ، FBI مۇ ئادەتتە كاستيۇم كىيىپ يۈرىدۇ. يەنە نۇرغۇن تەپسىلاتلار بار، مەسىلەن، رېمىي ئۆزىنىڭ يېڭى تۇتقان مۇھەببىتى بىلەن (بۇ مۇھەببىتىنىڭ مېڭىسى بىلەن يۈرىكىدىن باشقا ھەممە يېرى دېگۈدەك سۈنئىي) بۇ قارغىشتەگكۈر دۆلەتتىن قاچماقچى بولىدۇ، لېكىن ئايروپورت بىر چوڭ مەسىلە، چۈنكى بۇ شىركەتنىڭ ئادەملىرى ھەممە يەرگە چاڭگىلىنى سوزغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق، بەدىنىڭىز ئىچىدىكى سۈنئىي ئورگاننىڭ تاياقچە كودىنى ئاپتوماتىك سكەننىرلاپ، سىز قەرزىڭىزنى تۆلىگەنمۇ-يوق، شۇ زامات بىلىپ بولىدۇ، شۇڭا قەرز تۆلىمەي قېچىش ئانچە مۇمكىن ئەمەس، ئېسىڭىزگە نېمە كېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئالىملىرى يېڭىدىن ئىجاد قىلغان بەدەننىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان ئېلېكترونلۇق كىملىكمۇ؟ بۇ ئەسۋاپ بەدىنىڭىزگە تىكىپ قويۇلسا، تەكشۈرۈش ئاپاراتىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، گۇمانلىق ئادەم بولسىڭىز سايراپ كېتەرمىش! نېمە دېگەن ئوخشاشلىق-ھە!؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇش ھۆكۈمىتى تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ «ئېھتىياجى» تۈپەيلى، «دۆلەتلىك كىملىك قانۇن لاھىيىسى» نى ئاۋازدىن ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان. بەزىلەر بۇنىڭ كېيىنكى قەدىمى نەق «ئېلېكترونلۇق كىملىك» نى مەجبۇرىي پۇقرالارغا كۆچۈرۈش بولىدۇ دەپ قاراشقان...

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

3#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 15:32:29 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  josh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-4-5 19:19  
) Q* {' v9 c8 F4 D" H; r( l! m9 U& u9 }
بىز زادى قانداق دۇنيادا ياشاۋاتىمىز؟
2 O* W5 g) W) J9 O. T/ \* a' _6 I/ w( P3 S2 ^- {

+ ~  o/ \$ t3 @* }, G) Yيەنە شۇ ئىزدىنىشتىكى 2011 ئەپەندى مۇنداق دېگەنىدى«بۇش كۈچ تەرەپنىڭ ۋەكىلى، كلىنتون ۋە دېموكراتلار بولسا يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ۋەكىلى، مەيلى بۇلارنىڭ توقۇنۇشىدا قايسى بىرى يېڭىپ چىقسۇن، مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئوخشاشلا پايدىسى يوق: كۈچ تەرەپ بۇندىن كېيىن ئېنىرگىيەنى تېجەپ ئىشلىتىسەن، بىز بۇرۇنقىدەك بۇزۇپ-چاچىمىز، ئەگەر قوشۇلمىساڭ ساڭا ئۇرۇش ئاچىمىز، دېسە؛ يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا، سىلەرگە كۆپ ماشىنا كېرەك، كۆپ يېقىلغۇ كېرەك، سانائىتىڭلارنى كېڭەيتمىسەڭلار بولمايدۇ، ئەگەر مەبلەغ يېتىشمىسە بىز ئەڭ ئەرزان ئۆسۈمدە پۇل بىلەن تەمىنلەيمىز دەيدۇ...»بۇ گەپلەر ئەسلى بىر سوئالغا جاۋاپ سۈپىتىدە قىلىنغان بولسا كېرەك، ئەسلى مەزمۇنى سۆزمۇ-سۆز ئېسىمدە يوق، لېكىن ئىدىيىسى مۇشۇنداقراق ئىدى، لېكىن ئەگەر مەن پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ چۈشىنىۋالغان بولسام، 2011 ئەپەندى مېنى كەچۈرىۋېتەر. بۇ ئىككى خىل كۈچ توغرىسىدا گەپ بولغاندا، ئىختىيارسىز بۇرۇنراق ئىشلەنگەن «قىساستىكى ق» يادىمغا كېلىدۇ، شۇ فىلىمنى بەكلا ياخشى كۆرۈۋېدىم، مەنچە باش قەھرىماننىڭ يۈزىنى باشتىن-ئاخىر چىقارماسلىقتا مەلۇم سەۋەپ بار (دېمىدىممۇ ئاكىللىس مىجەز بولۇپ كەتتىم دەپ) مەنچە كىچىك بۇش مەلۇم جەھەتتە مۇشۇ كىنودىكى مۇستەبىتكە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئويلاپ بېقىڭلار، ئۇ سەككىز يىلدا دۇنيا بولۇپمۇ ئامېرىكا ئۆزى قانداق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىدى؟ ھەتتا شەخسلەرنىڭ تېلىفونىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلايدىغان، ئېلخەتلىرىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرىدىغان قانۇنلار ماقۇللاندى، كىشىلەرنى خورلاش، ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن، مەسىلەن ئۇخلاش دېگەندەك مەھرۇم قىلىش ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى قىلىپ كۆرسىتىلدى. مۇشۇنىڭ ھەممىسى كىم قىلغانلىقى تېخى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان بىر «تېرورلۇق ھۇجۇمى» سەۋەبىدىن.- A7 N' H: [! e' R7 i! E7 q
بۇ كىنودىكى ۋەقەلىكنى ئېسىمىزگە سالىدۇ: مۇستەبىت بۈگۈنكى ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن، زەھەرلىك دورا ئىشلىتىپ، يۈزلىگەن سەبىي بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ، ئاندىن بۇنى تېرورلۇق ھۇجۇمى قىلىپ پەردازلاپ، ئاممىنىڭ غەزەپلەنگەن، پۇچۇلانغان ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، بەزى قانۇنلارنى ماقۇللىتىپ، مۇستەبىتلىكنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس يارىتىۋالىدۇ. خەلقنىڭ قەلبىگە قىساسنى سىڭدۈرۈپ،« رەھبەرگە يېتەرلىك ھوقۇق بەرمىسەك، دېموكراتىيەنى ياۋايى دۈشمەنلىرىمىز بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز قاتارىدا چۈشىنىۋالىدۇ»دېگەن قاراشنى ئۇلارنىڭ ساددا مېڭىسىگە مەھكەم ئورنىتىۋېتىدۇ... يەنە نېمىدېگەن ئوخشاشلىق-ھە!
. H( l+ Z& U( ^+ x2 Y) p" E  d8 {
بىز زادى قانداق دۇنيادا ياشاۋاتىمىز؟
$ y/ J! K' a' |6 |8 r7 d% O1 K- e# |5 X- t  h8 E% w7 Z
% r7 n+ f5 s( J$ v! i2 z) m
ئەمدى مېنى بۇ خىياللارنى سۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان ھۆججەتلىك فىلىمنى كىم ئېيتىپ باقىدۇ؟

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

4#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 16:05:16 |ئايرىم كۆرۈش
  رەھمەت رەھمەت!!!!!  / p+ l. H% M) F( u! |) x
  بۇ كىنونى كۆرگەندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالدىم. بۈگۈنلا توردىن كۆرۈپ ئاندىن پىكىر بايان قىلايمىكىن. مەن ئامراق كىنولار تىپىگە كىرىدىكەن. 3 @, S. P4 Y$ a% K& G
دۇنيانىڭ ئىقتىسادى سىياسى ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدىكەنسىز. مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىم بەكلا كام.    سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە نۇرغۇن يېشىلەلمىگەن سىموۋوللۇق كىنولارنى سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە چۈشىنىۋالىدىغان ئوخشايمەن.    ....    بۇ داكۇمېنتارىيە«مەخپىي سودا»ئەمەستۇ؟؟؟؟؟؟

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

5#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 16:10:16 |ئايرىم كۆرۈش
ياقەي، مەندە بىلىم دېگەن يوقنىڭ ئورنىدا، ئەكسچە سىزنىڭ تەھلىللىرىڭىزنى كۆرۈپ، كۆرگەن كىنولىرىم ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم تېخى.; {+ b3 V% b. k/ _, F4 d# x* d: c2 R

5 r9 F# Q! F! Q/ V2 \لېكىن تېپىشماقنى تاپالماپسىز، باشقىلارمۇ تېپىپ باقسۇن، مۇشۇ سەھىپىگە يوللانغان ئالدىنقى تېمىدا گېپىنى قىلغان، ئەمدى بىلگەنسىز؟

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

6#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 18:28:34 |ئايرىم كۆرۈش
ھەي بۇ كىنو ھېلىقى  The Bounty Hunter بىلەن بىر يەرلىرى ئوخشاپ قالامدۇ نىمە
% S0 {# y9 x- D  `/ S( T& Y- E2 r7 }, [
بارلىق جۇد لاۋ دىگەنلىرىڭلارنى جۇد لو قىلىپ تەھرىرلىۋەتتتىم
This too shall pass

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

7#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 18:31:21 |ئايرىم كۆرۈش
جۇدلوكام رولنى ياخشى ئالمىسىمۇ ھىچقىسى يوق،شۇ چىرايى بىلەن چىقىپ بەسىلا كۆرۈۋېرىدىغان گەپ 4 {; q! u3 a) ^- U( J
دانخىيۇلنىڭ ئېلانلىرىغا بىر خىل چىقىۋەتكەن
This too shall pass

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

8#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 19:23:02 |ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر قاراپ باقتىم، تەھرىرلىگەن يەرلەر يالغۇز ئۇلا ئەمەسكەن، ھورۇنلىقىمدىن چالا قالغان يەرلەرنىمۇ ئېرىنمەي تولۇقلاپسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت مەنمۇ ئىشلىتىپ باقايچۇ بۇنى. ھى ھى

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

9#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-5 19:38:12 |ئايرىم كۆرۈش
see بەزىدە مەنمۇ بەك ئەستايىدىل
This too shall pass

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

10#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 00:45:48 |ئايرىم كۆرۈش
دانخىيۇل دېگەن نىمە گەپ؟؟؟؟

3

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

11#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 07:11:59 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ دەل ئامېرىكا : ئەركىنلىكتىن فاشىزىمغىچە America From Freedom to Fascisml]  دىگەن فىلىم، بۇ فىلىم ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇردۇ، ئىنسانلار ( ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئاپىراتلىرى) مەدەنىيەت دىگەندىن تېخى كۆپ يىراقكەن دىگەن تۇنۇشقا كىلىپ قالغان، ئەڭ غەلىتە يېرى  بۇ فىلىم  چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي فىلىم رىجىسورى ئارون روسسو (Aaron Russo) ئۆلۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى بۇ فىلىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىگۈچىلەرمۇ خېلى جىق، مەن قىزىقىپ بىر مەزگىل جۇمھۇريىتىمىزنى قۇتقۇزايلى دىگەن Save Our Republic دىگەن تور بەتتىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ يۈرۈدۇم، ئەمما خەت ساندۇقىمغا كۈندە نەچچە پارچە خەت كىلىپ مىنى ھاردۇرۇپ قويدى. .

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

12#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 07:38:28 |ئايرىم كۆرۈش
مەۋرىكنىڭ جاۋابى توغرا، راستىنى ئېيتسام ئارون روسسۇنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولۇپ كەتتى.

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

13#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 07:40:30 |ئايرىم كۆرۈش
دانخىيۇل دېگەن نىمە گەپ؟؟؟؟
5 o* ~/ Z) a' a1 F3 H6 tAchilles يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 00:45
9 |3 @9 W# f( i6 P

0 m0 k- Y% X4 N! c1 l2 gDunhill!!!!!!
2 ^2 Y* N! e8 T4 K
This too shall pass

0

تېما

0

دوست

96

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

14#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 10:38:02 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىنو چىقىشىغىلا ھەپتىنىڭ ئىچىگە پىرىسلاپ نەچچە كۆردۈم. پەيزى كىنو./ ?" T6 N9 Y; L$ U1 F+ c8 r4 \
ھازىر پىپى كوم بەكلا بولماي قاپتۇ، قايسىلا كىنونى چەكسە نەشىر ھوقوقى توسۇۋەتتى دىگەن..5 l4 V) J1 u5 ?- ~/ S6 C2 q; u3 Z

) y6 _* }1 A1 G! Hدانخيل بىر ماركا، مودا لوغىتىمىز يۋون ئاڭلاپ قالغىچە گوگىلدىن سوراڭلا...7 e1 Z9 m5 n4 i- ?0 E5 @" `

0

تېما

0

دوست

-1

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

15#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 14:40:55 |ئايرىم كۆرۈش
ساختا نەشرىنى ئالماي، توردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقايچۇ. بىر زامانلاردا باش تېمىڭىزدا دېيىلگەن كىنوغا ئوخشاپ قالىدىغان بىر فانتازىيىلىك ھېكايە ئوقۇۋىدىم.

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

16#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 14:55:28 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىنو چىقىشىغىلا ھەپتىنىڭ ئىچىگە پىرىسلاپ نەچچە كۆر ...) {. }3 z4 |% O- v  H! r
باچكا يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 10:38
3 B3 I) J5 @6 A9 `

; T8 d3 x1 c! j9 n& Z8 U  ئاكىلىسنىڭ جۆيلۈپ قويىدىغان كۈنلىرى بولىدۇ شۇنداق.
4 ^4 s$ V6 \, y4 s$ Z9 }% y& [- U+ U' V- C. z7 J
ئىمزايىڭىزنى ئوڭشاپ قويدۇم، ئەرزىمەيدۇ
This too shall pass
17#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
18#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

19#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 04:14:04 |ئايرىم كۆرۈش
سىز تەۋسىيە قىلغان كىتاپنى كۆرمىسەك سەت تۇرار.) u" S" d( G  _2 h, b- U/ H
قاچانغىچە سىزلىشەرمىز قىز بالىلاردەك؟
20#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

96

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

21#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 09:07:40 |ئايرىم كۆرۈش
ئەمىر تىكەنقۇشقا رەھمەت.. ئىمزا ئۇزۇن دىگەنتى، قېنى كىلەر يىل بوپ باقسۇن دەپ تۇرغانتىم.

0

تېما

0

دوست

96

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

22#
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 09:11:02 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  باچكا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-4-25 09:12  
2 E6 c* E1 Z: y. F- T/ y
لوس-ئانژېلىس ئۇرۇشىنى كۆرۈپ سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم.. ...
0 V$ U: u/ m5 Dmatu يوللانغان ۋاقتى 2011-4-6 16:10
" D/ _. }' l; k8 A3 k
ھېلىمۇ DVD دېسكىسىنى ئېلىپ توغرا قىپتىمەن، تاس قاپتىمەن جەنۇبىي قۇۋۇقتا ئىككى كىشلىك بىلەتكە قۇيۇلۇپ كەتكىلى، زىيان چوڭ ئەمەس..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 10:39 , Processed in 0.210464 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش