 جازا(Ceza)نىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلگىن ئۆزچالكان بولۇپ 1977-يىلى 31-كۆنەكتە ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. ئۇ تۈركىيەدە سودا جەھەتتە ئۇتۇق قازانغان ۋە زور تەسىرگە ئىگە بولغان رەپچئ.  ئۇ كىچىك چاغلىرىدا دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن RUN DMCلەرنىڭ كۈيى بىلەن تونۇشىدۇ ۋە بۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئاڭلايدۇ. كېيىن ۋىتامىننڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا باشلايدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزى رەپ ئېيتىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. 1995-يىلى تۈركچە رەپ گۇرۇپپىسىCartelنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇنىڭغا بۇنىڭ تۈركىيەدە رەپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 97-98-يىللىرى بىلگىن ئۆزىنىڭ رەپ كونسىرتلىرىنى باشلىغان. 98-يىلى ئۇ تۈرك رەپچى ۋە پرادۇسىر Dr. Fuchsبىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن نەفرەت دىگەن گۇرپىنى قۇرىدۇ. ئۇلار يەرئاستىدا ۋە توردا نۇرغۇن ناخشىلارنى تارقاتقان. 2000-يىلى ئۇلار گېرمانىيەنىڭ بولقا كۈيى بىلەن توختام تۈزىدۇ.شۇ يىلى بىرىنچى ئالبۇمى (ئستانبۇل چوڭ مەجلىسى)نى تارقىتىدۇ. 2001-يىلى نەفرەت ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ئالبۇمى( Anahtar)(ئاچقۇچ)نى تارقىتىدۇ.بۇ ئالبۇم چوڭ ئۇتۇق قازىنالمىغان بولسىمۇ لېكىن نەفرەتنى نۇرغۇنلارغا تونۇشتۇردى. Dr. Fuchsنىڭ ھەربىي ۋەزىپىگە كېتىشى بىلەن بىلگىن ئۆزى ئايرىم ئالبۇم چىقىرىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ تۈركىيەنىڭ داڭلىق پرادۇسىرى ساگوپا كاژمەرنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشلىك ئالبۇمى Med Cezirنى تارقىتىدۇ ھەم جازا دىگەن نامىنى تۈرك رەپ ساھەسىدە مۇقىملاشتۇرىدۇ. 2004-يىلى جەزا 4-ئالبۇمى رەپ چولپىنى( Rapstar)نى تارقىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئالبۇمى زور ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جازانىڭ نامى تېخىمۇ چىقشقا باشلايدۇ. ئۇ J&Bتېكنو فېستىۋالى، زور ھۇجۇم(Massive Attack ) كونسىرتى ۋە H2000 قاتارلىق داڭلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشىدۇ.  جازا ئۆزىنىڭ رەپ قوشاقلىرىدا تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئىشلارنى تەسۋىرلەيدۇ، دۆلەت ھۆكۈمەتلەرنىڭ توغرا بولمىغان قىلمىشلىرى، بولۇپمۇ كىشلىك ھوقوق مەسىلىلىرى ئۇنىڭ قوشاقلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىدى. جازانىڭ رەپچىلىگى خېپ-خوپنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئوخشاش قەدەمدە ماڭماقتا. جازا دەيدۇ: ئەگەر خېپ-خوپ بىر دەرەخ بولسا، رەپ ئۇنىڭ بىر شېخى.
بۇ يازمىنى 2008-9-26 23:56:27 Achilles تەستىقلىغان! |