ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھەقىقەتەن ياخشى،بىز كىنولاردىن ،تورلاردىن ئۆزىمىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان كۈيلەرنى تاپالايمىز،بۇرۇن خوشنامنىڭ ئوغلى ھەرقىتىم ماڭا(پالانچى كۈي ئەتىرەتنىڭ پالانى ناخشىسىنى تېپىۋالدىم )دىسە شالۋاقلىرىم ئېقىپ كىتەتى،بىر ئاماللارنى قىلىپ،ئۇ دىگەن پالانى ئالبومنى شىلاپ كۈچۈرۋالاتىم،بىراق ھازىر مۇھتاج بولساق توردىن چۈشۈرۈپ،ياكى بازاردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر(گۈللۈگ)10يىل بۇرۇن ئىچىلغان بولسا ،بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۈي ساھەسى،مودا ئېقىم ساھەسى،ئەدەبىيات-سەنئەت ئېقىمىزدىكى ۋە باشقا ئېقىمدىكى بوشلۇقلارغا ئازدۇر-كۆپتۇر ياردىمى تىگىپ قالغان بولاتى،بەلكىم ھازىرقىدىن تېزىراق ئىلگىرى سۈرگىلى بولغان بولاتى،گەرچە شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۈلگۈرىشىمىز مومكىن،بۇنىڭ ئۇچۇن كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق بىلەن تور بىكىتىمىزنى ساغلام بولغان كەيپىياتتا ئىلگىرى سۈرىشىمىزگە مۇھتاج دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىز بىلىدىغان دۇنيادىكى يېڭى ئېقىم،يېڭى ئىلھاملارنى ئايىماي گۈللۈگكە ياكى باشقا تور بىكەتلەرگە توختىماي ئەجىرقىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن............... Don't Stop Me Now |