دۇنياغا داڭلىق بولغان گىتتارنىڭ مەخسۇس ئاۋاز ساندۇقى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گىتتارنىڭ كەسپى ئاۋاز ساندۇقى،ھەممىسى دىگىدەك كۆنا ئۇسۇلدا ئىشلىتىلگەن ۋاكۇئۇم تۇربىلىق ئاۋاز ساندۇقى.چۈنكى ۋاكۇئۇم تۇربىلىق ئاۋاز ساندۇقىدىن چىققان ئاۋاز ،ئېلېكتر زەنجىرسىمان تاختىدىن تارقاتقان يالغان ئاۋازغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.ۋاكۇئۇم تۇربىلىق گىتتارنىڭ كەسپى ئاۋاز ساندۇقىدىن چىققان ئاۋاز ئىنتايىن (ئىللىق)بولۇپ،ئادەتتە ئەنگىلىيە ئىشلەپچىقارغان ساندۇقلار ئىنتايىن يورۇق،زىل ۋە ئاۋازى ئىنتايىن مول بولىدۇ،بىراق ئامرېكىنىڭ ساندۇقلىرى ئەنگىلىيەنىكىگە سىلىشتۇرغاندا ئىنتايىن قېلىن،ئىللىق ئاۋاز تارقىتىدۇ.شۇڭلاشقا تۆۋەندە تۇنۇشتۇرغاندا ئەنگىلىيە ئاۋازى (BRIT-SOUND)دىگەن ئاتالغۇ ئۇچۇرسا،ئىنتايىن يورۇق،زىل ئاۋاز چىقىرىدىغان ساندۇقكەن دەپ بىلسەك بولىدۇ. ۋوكس(VOX AC-30) 
ۋوكس داڭلىق بولغان گىتتار ئاۋاز ساندۇقى بۇلۇپ،ئۇ 1963-1964-يىللىرى قوڭغۇز كۈي ئەترتىدىكىلەر ئىشلىتىدىغان ئاۋاز ساندۇقى.تارقاتقان ئاۋازى ئۆلچەملىك بولغان(BRIT-TONE)بۇلۇپ،ئىنتايىن يورۇق،سۈزۈك ھەمدە مول بولغان ئاۋاز تەۋرىتىش رولىغا ئىگە.ئۇنىڭدا بەش تال(ECC83)بىلەن بىرتال(ECC82)ۋاكۇئۇم تۇربىسى PREAMP (ئالدىنقى دەرىجىلىك ئاۋاز كۈچەيتىش)رايونىدا (GZ34)لىق ۋاكۇئۇم تۇربىسى ئېقىتىش رولىغا ئىگە.جەمى ئۈچ قانال بار بۇلۇپ،( brilliant)تىن باشلاپ ( normal)ۋە( vib-trem)غىچە ،سىز كىلاستىك روك،ئاممىباپ كۈي ۋە ياكى بلۇز بولسۇن ،ياكى قاتتىق روك ئويناڭ ، ۋوكس سىز ئويلىغان ئاۋازلارنى ئەينەن سىزگە تارقىتىپ بېرىدۇ. ۋوكس(VOX AC-30)نى ئەڭ داڭلىق قوڭغۇز كۈي ئەترىتىدىن باشقا يەنە رولىڭ ستونلارمۇ داۋاملىق ئىشلىتىپ كەلمەكتە.يەنە لېدزەپلىن،جىمى ھىندىرىكىسلارمۇ بۇ ساندۇق ئارقىلىق ئالبوملىرىغا ئۈن ئىلىپ كەلگەن. كرەت بلۇ ۋۇدۇ(CRATE BLUE VOODOO) 
كرەتنىڭ بلۇ ۋۇدۇ تىپى كىرىش چىقىش توك ئېقىمى 60ۋات بىلەن 120ۋات دەپ ئىككى خىلغا بۈلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئاۋازى يوقۇرى دەرىجىلىك ئىنىرگىيە(HignGain)لىك ئاۋاز بۇلۇپ،ئىنتايىن قېلىن،ئىللىق،ۋەھشىلىكىدە گەپ كەتمەيدۇ. كرەتنىڭ بلۇ ۋۇدۇ تىپىدا تۆت تال(12AX7)ۋاكۇئۇم تۇربىسى بار،ئۇلار(PREAMP)رايۇنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.تۆت تال (6V6)ۋاكۇئۇم تۇربىسى (POWER AMP)رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.جەمى ئىككى قانال بار بۇلۇپ،ئۇلار بىرسى پاكىز ،يەنە بىرسى دولقۇن ئاۋاز .بىراق ئىككى قانالنىڭ ئۆزئالدىغا((Dual Reverb)REVERB)دەپ ئاۋاز ئۆزگەرتكۈچى بار.بۇ خىل ساندۇقنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان (MEGADETH)ناملىق كۈي ئەتىرتىنىڭ گىتتارچىسى مارتىي فىرىدمەن(MARTY FRIEDMAN). خۇخىس&كېتنىر تىرەمپ(HUGHES & KETTNER TRIAMP) 
ئادەتتە بازاردىكى ئاۋاز ساندۇقلاردىكى ۋاكۇئۇم تۇربىسىنىڭ ئاۋاز تارقىتىشى ئانچە ياخشى بۇلۇپ كېتىشى ناتايىن.( Destortion)نى ئارقىلىق نام چىقارغان مارشال(Marshall)ئاۋاز ساندۇقى،گەرچە ئۇنىڭ (Lead channel)قانىلى روك ياكى ئېغىر مىتال كۈيچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان بىلەن بىراق مارشال ساندۇقنىڭ(Clean Tone)سى ئىنتايىن مەينەت ئاۋاز تارقىتىدۇ.ئەكسىنچە (Clean Tone)سى ئىنتايىن پاكىز بولغان فىندىر ساندۇقىنىڭ(Lead Channel)قانىلى ئىنتايىن كۈچى يوق يارىماس بىر نەرسە. خۇخىس&كېتنىر تىرەمپنىڭ(TRI-AMP)تىپلىقى بولسا خۇددى مۇشۇ كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاش مەقسىتىدە چىقارغان ساندۇققا ئوخشايدۇ. خۇخىس&كېتنىر تىرەمپنىڭ(TRI-AMP)تىپلىقى ھازىرقى بازاردا بىردىن بىر مۇستەقىل(AMP)بولغىنى ھىساپلىنىدۇ.( TRI-AMP)تىپىنىڭ ئاۋازلىرى سەرخىل بۇلۇپ،ھەرخىل ئەمىلى ئاۋازلارنى ئەينەن ئىپادىلەپ، تارقىتىپ بېرەلەيدۇ.باھا جەھەتتە ئەلۋەتتە ئىنتايىن قىممەت،چۈنكى ئۇنىڭ ۋاكۇئۇم تۇربىسى باشقا ساندۇقلارغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يوقۇرى تۇرىدۇ. سولدانو(SOLDANO SLO100) 
سولدانونىڭ (Super Lead Overdrive 100)بولسا100ۋاتلىق (amp)بىشىغا 4X12ئاۋاز تارقاتقۇچ ئورۇنتىلغان بۇلۇپ،ھەمدە ئۇنىڭدا كومبو(combo)شەكىلىكىمۇ بار،ئۇنىڭغا 2X12ئاۋاز تارقاتقۇش ئورۇنتۇلغان. سولدانو ساندۇقى ئەڭ داڭلىق بولغان گىتتار ئاۋاز ساندۇقىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتنىڭ ماركىسى بۇلۇپ،( SLO100)بولسا سولدانونىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەپچىقارغان ساندۇقى ئىدى.ئۇنىڭدا (12AX7)تىپلىق ۋاكۇئۇم تۇربىسى (PREAMP)رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.تۆت تال ۋاكۇئۇم تۇربىسى(POWER AMP)غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ئۇنىڭدا ئىككى قانال بۇلۇپ،بىرسى(Normal)،يەنە بىرسى(Overdrive)بۇلۇپ،( Normal)قانىلىدا (Clean)بىلەن (Chrunch)گە ئالماشتۇرالايسىز،بۇنىڭدىن باشقا سولدانو (Bright)كونۇپكىسى بۇلۇپ،ئۇنىڭ بىلەن ئاۋازنى تېخىمۇ يورۇق قىلالايسىز،يەنە (OverdriveChannel)كونۇپكىسى بار،ئۇنىڭ ئارقىلىق سىز گىتتارنىڭ ئاۋازىنى يوقۇرى پارتىلاش دەرىجىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالايسىز.بۇ خىل ئاۋاز سىزگە يىتىپ ئاشىدۇ. مارشالJCM900 SL-X (MARSHALL JCM900 SL-X) 
مارشال پۈتۈن دۇنيادىكى گىتتارنىڭ يەنە بىر ئاتالغۇسى ھىساپلىنىدۇ.نەق مەيدان روك يىغىلىشىدا ئاساسەن مارشال ماركىلىق گىتتارنىڭ مەخسۇس ئاۋاز ساندۇقىنى ئىشلىتىدۇ.مارشال گەرچە ئەنگىلىيەنىڭ ساندۇقى بولسىمۇ بىراق يەرلىك(BRIT-SOUND)نىڭ ئاۋاز تاقىتىشىغا قەتئى ئوخشىمايدۇ.بەكىرەك ئامرېكىنىڭ ساندۇقلىرىغا ئوخشاش ئىللىق،كۈچلۈك ھەمدە ئىنتايىن قېلىن ئاۋاز تارقىتىدۇ.( High Gain)نىڭ يىرتىق كۈچلۈك ئاۋازى خۇددى مۇھەممەت ئەلىنىڭ مۇشتىمىغا ئوخشاش قاتتىق تىگىدۇ.ھەرقىتىم سىزنىڭ زەقمىگىڭىز تارىغا تەككەن چاغدا ئۇنىڭدىن پاك پاك پاك قېلىپ ئاۋاز تارقىتىدۇ.شۇڭلاشقا ئېغىر مىتال روكلىرىنى ئوينايدىغانلار مارشال ساندۇقىنى ئىشلىتىشكە ئامىراق.فىدىر ياكى گىبىسون گىتتار بولسۇن ،مارشال ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى جۈپتى بولالايدۇ.جىمى ھىندىرىكىس دەل فىدىر ئارقىلىق مارشالدا ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەيدۇ.مارشال(JTM45)نىڭ ئاۋازى قېلىن لېكىن ئىچىدىن بىرخىل سۈزۈكلىكنى ھىسقىلغىلى بولىدۇ.سىلەش دەل گىبىسون ئارقىلىق مارشال ساندۇقىدا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى تېخىمۇ زور ئىپادىلىمەكتە.مارشال( JCM-900 SL-X MKIII)تىپىلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا :يۈرىكى ئاجىزلار دىققەت قىلىڭلار.دەپ ئاگاھلاندۇرغان. پەۋۋېي(PEAVEY 5150) 
ھەممەيلەننىڭ ۋەنخەلىن(VAN HALEN) نى تونۇشى مومكىن،شۇنداق يېقىندا ۋەنخەلىن (EDDIE VAN HALEN)بىلەن پەۋۋېي بىرلىشىپ (5150 Combo)تىپلىق ئاۋاز ساندۇقىنى ئىشلەپچىقاردى.ئۇنىڭدا بەش تال(12AX7)ۋاكۇئۇم تۇربىسى(PreAmp)رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.تۆت تال(6L6)ۋاكۇئۇم تۇربىسى(POWER AMP)رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋەنخەلىن ئۇيۇن قويسون ياكى ئۈن ئىلىشتا بولسۇن، ئۇ دائىم بۇ ساندۇقنى ئىشلىتىدۇ.ئاۋازى ئىنتايىن ئىللىق لېكىن ئىنتايىن كۈچلۈك بۇلۇپ، پەۋۋېينىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئاۋاز ساندۇقى ھىساپلىنىدۇ. مىسا بوگى (MKIII MESA BOOGIE) 
ئاساسى جەھەتتىن مىسا بوگىدا فىندىر بىلەن مارشالنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ ياسالغان ئاۋاز ساندۇقى ھىساپلىنىدۇ.ئۇنىڭدا(12AX7)تىپلىق ۋاكۇئۇم تۇربىسى(PreAmp)رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان،بىراق(High Gain)نى (POWER AMP)رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان،شۇڭلاشقا ئۇنىڭدافىندىرنىڭ(Fender Clean Tone)پاكىزلىقى،مارشالنىڭ(Marshall High Gain)كۈچى بار.ئۇنىڭدا ئۈچ قانال بار،ئۇلار(Clean Rhythem)،( Fat Rhythem)،( High Gain Lead)لاردۇر.( MKIII)بولسا مىسا بوگىنىڭ ئەڭ ياخشى ساندۇقى،ئىقتىدارى سەرخىللاشقان ۋە ئاۋاز تارقىتىشى ئەڭ ئىسىل بولغان ساندۇقتۇر.شۇ سەۋەپ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولماقتا. فىندىر59-يىل باسمەن(Fender 59\'BASSMAN) 
فىندىرنىڭ 95-يىل باسمەن ئىنتايىن ياخشى بولغان كىلاستىك ئاۋاز ساندۇقى بۇلۇپ،ئەگگر سىز70-يىللاردىكى روك كۈيلەرنى ياخشى كۆرسىڭىز چوقۇم فىندىرنىڭ باسمەننىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز.باسمەن ئەسلى باس گىتتارچىلارغا دەپ ياسىغان ئاۋاز ساندۇقى بۇلۇپ، كېيىن ئۇنى گىتتارغا چېتىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇ گىتتارچىلارنىڭ مەخسۇس ساندۇقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.باسمەننىڭ (Clean Tone)سى پاۆىزلىقىدىن ھېچقانداق پۇتاق تاپالمايسىز.ئەگەردە سىز ئاۋازنى5-6لارغا ئەكەلسىڭىز ساندۇقتىن سۇس تىتىرگەن ئاۋازنى ئاڭلىيالايسىز،ناۋادا سىز گىبىسون ئارقىلىق (Les Paul)نى ئىشلەتسىڭىز ،ئۇ ئاۋاز خۇددى لىد زەپلىندىكى جىمى پىجنىڭ گىتتىرىغا ئوخشاش، ئىللىقلىق ئىچىدىكى بىرخىل سىلىق تىتىرگەن ئاۋاز چىقىرىدۇ. فىندىر (FENDER \'65 TWIN REVERB) 
فىندىرنىڭ (TWIN REVERB)تىپلىقى گىتتار ئاۋاز ساندۇقى تارىخىدىكى يەنە بىر رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ساندۇق ھىساپلىنىدۇ.ئۇنىڭ نام چىقىرىشتىكى سەۋەبى ئۇ ئىنتايىن گۈزەل ھەم ئاۋازى ئىنتايىن قېلىن بولغان(Clean Tone)بولغانلىقىدا.ئاۋاز ساندۇقى تارىخدا(TWIN REVERB)تىپلىق ساندۇقتەك ئەڭ پاكىز بولغان(Clean Tone)تىن يەنە بىرنى تېپىش مومكىن ئەمەس.ئەگەر سىز ئاۋاز ساندۇقى ئالماقچى بولسىڭىز ،ئەڭ ئاۋال ئۆزىڭىزىنىڭ قۇلقىڭىزغا ئىشىنىڭ ،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ياقتۇرغاندىن كېيىن ئالسىڭىزمۇ ئۈلگىرسىز. مەتچلىس(MATCHLES DC-30) 
مەتچلىسنىڭ(DC-30)تىپلىقىمۇ تارىختىن بۇيان كىلاستىك بولغان ئاۋاز ساندۇقلارنىڭ يەنە بىرسى بۇلۇپ كەلمەكتە.ئاساسى جەھەتتىن ئۇ (VOX)نىڭ (AC-30)تىپلىقىنى دوراپ ياسىغان بۇلۇپ،( BRIT-SOUND)دىكىدەك يورۇق،تولغان ۋە مول گۈزەل ئاۋاز تارقىتىدۇ.ئۇنىڭدا ئۈچ تال(12AX7)تىپلىق ۋاكۇئۇم تۇربىسى ۋە (EF86)تىپلىق ۋاكۇئۇم تۇربىسى(PreAmp)رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ئىككى تال (5V4)تىپلىق ۋاكۇئۇم تۇربىسى ۋە (EL84)تىپلىق ۋاكۇئۇم تۇربىسى (POWER AMP)رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،ئىنتايىن گۈزەل ئاۋاز تارقىتالايدۇ. رولاند(ROLAND JC-120 JAZZ CHORUS) 
ھازىرغا قەدەر يوقۇردىكىلەر ۋاكۇئۇم تۇربا ئارقىلىق ياسالغان ئاۋاز ساندۇقلىرى بۇلۇپ،تۆۋەندە توكيول تاختىسى ئارقىلىق پىشىقلاپ ياسالغان ئاۋاز ساندۇقلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.گىتتار مەخسۇس ئاۋاز ساندۇقلىرىنىڭ ئورنىغا چىققان توكيول تاختىسى ئارقىلىق ياسالغان ساندۇقلار يوق دىيەرلىك بۇلۇپ،بىراق(ROLAND JC-120 JAZZ CHORUS)تىپلىقى بولسا ،ئىككى دانە ئىستىرولۇق ئاۋاز تارقاتقۇش،ئايرىم-ئايرىم ھالدا60ۋاتلىق قوشۇلغان60ۋاتلىق،ئىككى قانىلى بولغان،يەنە (3 Band EQ)بولغان ئاۋاز ساندۇقى كۈتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. جونسون(JOHNSON MILLENNIOM 150) 
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىفىرلىق رەقەملەر ئارقىلىق ياسالغان ئاۋاز ساندۇقلىرى بەس-بەستە مەيدانغا كەلمەكتە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جونسون(Millenniom)تىپلىقى بىلەن(Line 6)تىپلىقى ئىنتايىن داڭلىق.( Millenniom)تىپلىقىغا (12AX7)تىپلىق ۋاكۇئۇم تۇربىسى (PREAMP)رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ئارقىدىن (S-SIDCII)تىپلىق سىفىرلىق ياپراقچە قوشۇلغان بۇلۇپ،ئۇ ھەرخىل ئاۋاز ساندۇقلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈلگە قىلالايدۇ.مەسىلەن:مارشال،ۋوكىس،فىندىر، مەتچىلىسدىن تارتىپ تاكى رولاند(ROLAND JC-120 JAZZ CHORUS)غىچە.ئىچىدە يەنە سىفىرلىق ئاۋاز ئۆزگەرتكۈچ بۇلۇپ،( Line 6) تىپلىقىنىڭ (TUBETONE)نى بولسا پۈتۈنلەي كومپىيوتور ئارقىلىق تەڭشەيدىغان ئاۋاز ساندۇقى ھىساپلىنىدۇ. (ئاگاھلاندۇرۇش!بۇ تىمىنى رۇقسەتسىز يۆتكىمەڭ ،بولمىسا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز) بۇ يازمىنى 2008-11-16 19:52:56 zztop تەستىقلىغان! |