سالۋادور دالى(SalvadorDali)( 1904-1989) 
سالۋاردور دائىل(SalvadorDail)( 1904-1989) سالۋادور دالى 1904-يىل 11-باھار ئىسپانىيەنىڭ فىگىراس شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ،1989-يىل 23-قەھرىتان ۋاپات بولغان،ئىسپانىيەدىكى ھالقىما رىيالىزىمچى(surrealism) ۋە تاختاي ئويما رەسسام ھىساپلىنىدۇ،ئۇ ھەم يۇشۇرۇن ئاڭ تەتقىقاتچىسى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن.پىكاسسو،ماتىس ۋە دالى 20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق سەنئەتكارلاردۇر. دالى تالانتلىق ۋە ئىنتايىن تەسەۋۋۇرغا باي بولغان سەنئەتكار بولۇپ،ئۇ چۈشكە ئوخشاش بولغان سۇبىكتىپ دۇنيانى، ئوبىكتىپ ھەمدە قىزغىن ھىسىياتچان ئوبرازلارغا ئايلاندۇرىدۇ.ئۇنىڭ ھالقىما رىيالىزىمدىكى ئەسەرلىرى 20-ئەسىردىكى سەنئەتكە زور تەسىرى كۆرسەتكەن.دالىنىڭ ھاياتى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بولۇپ،ئۇنىڭ رەسىملىرىدىن باشقا ئۇنىڭ ماقالىلىرى،ئۇنىڭ تىل تالانتى،ئۇنىڭ ھەركىتى،ئۇنىڭ ئوبرازى،ئۇنىڭ بۇرتى ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش تالانتى ۋە ئۇنىڭ باشقا بارىلىقى ھەرخىل پىكىرلەر ئارقىلىق ھالقىما رىيالىزىم دىگەن بۇ ئاتالغۇ بىلەن باراۋەردۇر.ئۇ ئەقىلگە يات،جىنسىيەت،سەۋدايى ،ئەمما ھالقىغان ھەم ئىنتايىن مودا بولغان سەنئەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.دالىنىڭ تۇرمۇشى ھالقىما رىيالىزىمغا تولغان ھايات بولغان، بىراق ئۇنىڭدىن باشقا ھالقىما رىيالىزىمچىلار ،ئۇنىڭ رەسساملىق ھاياتىغا ئىنتايى گۇمانى نەزەردە قاراپ كەلگەن.بىراق دالىغا ئىسپات بولالايدىغان پاكىت دەل ئۇنىڭ رەسىملىرى بولۇپ،ھېچكىم ئۇنىڭ چەكسىز كەتكەن تالانتىنى،باي تەسسەۋۇرىنى ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىشەنچىسىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. ھالقىما رىيالىزىم(surrealism)--فىرانسىيەدە باشلانغان ئەدىبىيات- سەنئەت ئېقىمى بولۇپ،دادائىزىمدىن كىلىپ چىققان،ھەمدە كۆرۈش سەزگۈسى سەنئىتىگە زور تەسىر قوزغىغان.فىرويدنىڭ نەزىرىيىسىمۇ بۇ خىل ئېقىمغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. دادائىزىم(DADA)—20-ئەسىر فىرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن كاپتالىستىك ئەدىبىيات-سەنئەت ئېقىمى. (رۇخسەتسىز كۈچۈرمەڭ،،،،،،،،) تۆۋەندىكى ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ: 































|