2008-يىلى چىللىنىڭ 27-كۈنى كەچتە قەھرىمان-دىلنۇر گۇرۇپپىسى ۋە باشقا بىر قانچە كۈي ئەترەتلىرى يۇلتۇزلۇق ئاسمان سەھنىسىدە چاقناپ، يازنىڭ قىزغىن رېتىمىنى كىشىلەر ھوزۇرىغا بېغىشلىغان. بېجېڭدىكى نۇرغۇنلىغان شىنجاڭ كۈيلىرى ۋە فىلامېنكونى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بۇ يېغىلىشقا قاتناشقان. سەھنىگە باشتا 9-قانال ئەترىتى چىققان، ئۇلار سۇيجىيەننىڭ"گۈللۈگ قىزى"نى ئېيىتقان.  كەينىدىن بېجېڭنىڭ روك فېيۇشىن ئەترىتى ستەللەر(stellar) سەھنىگە چىققان، ئۇلار ساكىس ۋە ئېلىكتىرونلۇق كاناي كۈيلىرى بىلەن بۇ كېچىنى كۆك رەڭگە كىرگۈزگەن.  ئەڭ ئاخىرىدا قەھرىمان مەيدانغا چىققان، ئۇ بۇ يېغىلىشقا ئالاھىدە تەييارلىق قىلغاندەك قىلاتتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئاساسەن قىزغىن فىلامېنكو گېتتار سولولىرىنى ئورۇنلىغان. كەينىدىن ئۇ ئايالى دىلنۇرنى چاقىرىپ شىنجاڭلىقلارنىڭ تەۋەرۈك ناخشىسى"داۋانچىڭ قىزى" ۋە ئۆزىنىڭ ئېجادىيتى "قارلەيلىسى قىزى"نى بىرلىكتە ئورۇنلىغان. ئىككىنچى مەيداندا قەھرىمان قىزغىن ئاۋازى بىلەن مەيداننىڭ ئەڭ high كەيپىياتىنى پەيدا قىلغان. تاماشىبىنلارنى ئالاھىدە مەپتۇن قىلغىنى بولسا قەھرىمان شىنجانلىق ئۇسۇل ئەرتىسنى سەھنىگە تەكلىپ قىلغانلىقى بولغان.شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىرىكىب بىر مەيدان قىزغىن فىلامېنكو ئۇسۇلى ۋە گېتتارىنى ئورۇنلىغان...  يەنە بىر گېتتارچىنىڭ ئىسمىنى xiao muدەپ يېزىپتۇ، ئۇيغۇرمۇ ياپونلىقمۇ بىلەلمىدىم.....     بۇ يازمىنى 2008-8-3 22:42:17 Achilles تەستىقلىغان! |