Agness deyn.ئەگنىس دېيىن.
بىر قارىماققا ئوغۇل بالىلارغا خاس تۈسىنى ئالغان ئەگنىسنى تۇنجى كۆرگەنلەر بەلكىم Lesbian دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق ئۇنداق ئەمەس... قىسقىغىنە 2 يىل ئىچىدە،ئەگنىس نۆۋەتتىكى دۇنيا T شەكىللىك سەھنىلىىرى ۋە مودا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى... سىرتقى قىياپەت،چىراي شەكلى،كىشىگە بېرىدىغان ئۆزگىچە تۇيغۇسى ئۇنى كۆپلىگەن باشقا مودىللاردىن پەرقلىق ۋە خاسلىققا ئىگە قىلىپ، مودىل ساھەسىدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى..نۇرغۇن كشىلەر ئەگنىسنى kate moss بىلەن سىېلىشتۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ.. 

ئەگنىسنىڭ قىسقىچە ئارخىبى: ئىسمى:Agyness deyn. (ئادەتتە ئۇنى aggy دەپلا ئاتايدۇ.) ئەسلى ئىسمى:Laura hollinis.لوۋرا خولىنىس. دۆلىتى:ئەنگىلىيە. لەنكاشېر. Lancashire UK. تۇغۇلغان ۋاقتى:1986-يىلى ھۇدنىڭ 16-كۈنى..(خېلىلام كىچىك ھە...) بوي ئېگىزلىكى:173cm.(گەرچە باشقا مودىللاردەك بەك ئېگىز بولمىسىمۇ،ئۇ يەنىلا ھەممىسىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان مودىل). ئۈچ ئايلانمىسى:78cm-60cm-80cm. ئەگنىسنىڭ ئەنگىليە دە بىر روك مۇزىكا ئەترىتى بار.ئىسمى Lucky knitwear.بۇ قىز روكنى بەكمۇ ياقتۇرىدۇ. 

قىسقا كېسلىگەن ئالتۇن رەڭلىق چېچى،يۈرۈش تۇرۇشلىرى،ئادەمگە بېرىدىغان تۇيغۇسى ئۇنى ئوغۇل بالىلاردەكلام كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەگنىس قىزلارغا خاس بولغان گۈزەللىكى، جەلىپ قىلش كۈچىنى يوقىتىپ قويغىنى يوق. T سەھنىسىدىكى داڭلىق لاھىيەلەرنى كىيگەندە،ئۇ يەنىلا ئەڭ ياخشى مودىللاردا بولۇشقا تېگىشلىك جەزبىدارلىقنى ئىپادىلىيەيدۇ... بۇ ئۇنى باشقا مودىللاردىن پەرقلىق ۋەئالاھىدە قىلىپ تۇرۇشتىكى سەۋەب بولىشى مۇمكىن. 
ئەگنىس time ژۇرنېلىنىڭ مۇقاۋە گۈزىلى..بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ياخشى ژۇرنالارنىڭ مۇقاۋىسىدە ئۇنى دائىملام ئۇچرىتىپ تۇرغىلى بولىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق Tatler ژۇرنېلى ئۇنى يىللق ئەڭ ئالاھىدە قىز چولپان مۇكاپاتىغا ئىگە قىلدى... ئۇ British fashion awardsنىڭ2007-يىللىق ئەڭ داڭلىق مودىل مۇكاپاتىنىڭ ئېرشكۈچىسى.. پارىژ،مىلان،لوندون،نيۇ يورك،توكيو...ئەڭ ياخشى كېيىم كېچەك ھەپتىلىكلىرىدە،ئەڭ داڭلىق ماركىدىكى fashion showلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئەگنىسنىڭ سايىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. 

ئەگنىسنىڭ چىراي تۇرقى،بەدەن شەكلى،تۇيغۇسى..بۇلار ھەممىسى بىر بىرىدن پەرقلىق،ئۆزگىرشچان.لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ماسلاشقان ھالدا بولىدۇ...ئۇ كىلاسسىك موددېللاردەك sexy,ئالاھىدە چىرايلىق ئەمەس.لېكىن ئەگنىس بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.. بىراق ئۇنىڭدا بولغان ئۆزگىچە ھېسسيات ۋە خاسلىقنى باشقا مودىللارنىڭ ئىپادىلىيەلىشى ناتايىن. 
يۇقىرىدا ئۇنىڭ Giorgio armani بىلەنBurberry نىڭ THE BEAT ئەتتىرىگە ئىشلىگەن ئېلانى. قىسقا چېچى، solgan مايكىلىرى، ئۆزگىچە ئارىلاشتۇرۇپ كىيىش ئۇسلۇبى ياشلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئەگىچە ياسىنىش The aggy ئېقىمىمۇ بارلىققا كەلدى... يېقىندا ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق قونچا شېركىتى Adel Rootstein ئەگنىسقا قاراپ ياسىغان aggy قونچىقى پات ئارىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى zara زارا كىيىم دۇكانلىرىدا بازارغا سېلنماقچى... تۆۋەندە ئەگنىسنىڭ كىچىك ۋاقتى..سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلارچۇ.
ps: ئەگەر مودىللارغا قىززىقساڭلار،داۋامىلىق تۈردە يېڭىلاپ تۇرىمەن بۇ تېمىنى.. |