
Domenico Dolce ,Stefano Gabbana مېنىڭ ئارزۇيۇم كىيىم تىككۇچى بولۇش،كىچىك دۇكان ئاچسام، پەقەت ئاياللارنىڭلا چىرايلىق كىيىملىرىنى تىكسەم،ئوزەمنىڭ مەخسۇس خېرىدارلىرىم كوپەيسە،ئۇلار ئۇچۇن چىرايلىق سافا قويۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ ، بۇنداق دەقىقىلەردىن ھوزۇرلانسام..... Domenico Dolce
مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەر كۇنى نەق سائەت ئىككىدىن دەل ئىككىندىن 15 مىنۇت ئوتكىچە ئىشلىسەم،قالغان چاغدا چېنىقىش قىلىپ،بازارغا چىقىپ پۇل خەجلەپ خالىغىنىمنى قىلسام.... Stefano Gabbana

1985-يىلى ئىتالىيەلىك(ئەلۋەتتە) لاھىيىلىگۇچىلەردىن دومىنىكو دولچى بىلەن سىتىفەنو گاببانا فامىلە ناملىرىنى ئىشلىتىپ بارلىققا كەلتۇرگەن بۇ ماركا ئوزىدە ھازىرلىغان ئاز ئۇچرايدىغان لاھىيە ئىدىيىسى ۋە سۇپەتتىكى چىڭلىقى بىلەن قىسقىغىنە نەچچە يىلدىلا دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنىڭ قاتارىغا قىستىلىپ كىرىۋالدى. Dolce&Gabbanaنىڭ ئاساسلىق دەستۇرى كوركەم،ھەيۋەتلىك روكىن رول ئۇسلۇبى بولۇپ،كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا يېڭىچە تەسىر بېغىشلاشتىن ئىبارەت. ھازىرقى كىنو چولپانلىرى،تېلېىۋىزور چولپانلىرى بولسۇن ياكى مۇزىكا ساھەسىدىكى چولپانلار بولسۇن، Dolce&Gabbanaغا مەپتۇن بولمايدىغانلىرى بەك ئاز. شۇڭا بۇ ئىككەيلەنمۇ ئاساسەن مۇشۇنداق چولپانلار بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ. دولچى ھەم گاببانا كىيىملىرى ئادەمگە بىر خىل قىزغىنلىق،كۇچ قۇۋۋەت، جەزبىدارلىق ۋە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلەيدۇ،ئەڭ مۇھىمى كىيگۇچىنىڭ خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۇرۇپ، خۇددى چولپانلاردەك نۇر چاچالايدىغان سۇپەتكە ئىگە قىلالايدۇ....

1982-يىلدىكى دولچى 27ياش،گاببانا 23 ياشتا ئىكەن. بۇ ماركىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى توۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ: 1982-يىلى بىرلىشىپ بىر كىيىم لاھىيلەش مەسلىھەت بېرىش ئورنى قۇرغان 
1985-يىلى ماركىنى رەسمى بارلىققا كەلتۇرگەن ۋە شۇ يىلى تۇنجى قېتىملىق ئاياللار كىيىم كېچەكلىرى كورگەزمىسى ئوتكۇزگەن. 









مىلاندىكى دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن كورۇنۇش 1987-يىلى توقۇلما كىيىم كېچەكلەر تۇرىنى كوپەيتكەن. 



1989-يىلى قۇملۇق كىيىملىرى تۇرىنى بارلىققا كەلتۇرگەن. 




1990-يىلى ئاندىن ئەرلەر كىيىملىرى تۇرى بارلىققا كەلگەن. 


1992-يىلى ئاياللار ئەتىرىنى بازارغا سالغان.


1994-يىلى ئەرلەر ئەرتىرى، ئەنئەنىۋى كىيىملەرگە پار كېلىدىغان زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ئىككىنچى D&Gنى بارلىققا كەلتۇرگەن. بۇ ماركا سەل ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلار ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ. 






 1996-يىلى نىيۇ زەي كىيىملىرى ، كوز ئەينەكلەرى،زىبۇ زىننەتلەر،سائەتلىرى بارلىققا كەلگەن.;



ھازىر بۇ ماركىنىڭ چولارغا خاس ھەممىلا زىننەت تۇرلىرى تپىلىپلا قالماستىن بالىلار كىيىملىرىمۇ بازارغا سېلىنىپتۇ. دولچى بىلەن گاببانا ماركىسى يوقۇرى مائاشلىقلار ئۇچۇن بولۇپ، D&G ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەر ۋە ياشلار ئۇچۇن. بۇلارنىڭ ئاسالىق بازار سىتراگىيەسى داڭلىق چولپانلارنى مودىل قىلىش ئارقىلىق تېزلا تونۇلۇش. بو ماركىدىن خەۋىرى بار لىكى كىشىلەر بۇ ئىككەيلەننىڭ ئەينى چاغدا بىر جۇپلەر ئىكەنلىگىدىن خەۋەردار،كېيىن يەنى 2005-يىلىغا كەلگەندە ئايرىلىپ كەتكەن لېكىن سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل ساقلاشقا ۋەدە بەرگەن.بۇلار نىيۇ يورك،پارىژ،مىلان قاتارلىق مودا مەركەزلىرىنىڭ داڭلىق ۋە دائىملىق مېھمانلىرى،ھازىر ئاساسەن نىيۇ يورىكتا تۇرىدىكەن.
پايدىلانغان ئاسالىق مەنبە: http://www.capital-collection.co.uk/dolceandgabbanaarticle.aspx بۇ يازمىنى 2008-5-21 13:40:32 Yvonne تەستىقلىغان! |