مەن تور دۇنياسىدا گۇللۇگ كە ئوخشاش بىر مۇنبەرنىڭ بارلىغىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.توردىن نىرۋانا موزىكا ئەترىتىنىڭ موزىكىللىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ مۇنبەردىكى نىرۋاناغا ئالاقىدار تىمىلارنى كۆرۈپ بەكلا خۇرسەن بولدۇم.بىزنىڭ ئارىمىزدىن بۇنداق موزىكىلارنى ئاڭلايدىغانلار ۋە چۈشىنىدىغانلار بەكلا ئاز.مەن دائىم كىشىلەرنىڭ مەسخرسىگە قالىمەن.ھەتتا ئايالىممۇ مىنىڭ بۇنداق موزىكىلارنى ئاڭلىشىمنى خالىمايدۇ...بۇ يەردە پەقەت ئالىي مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىم بىلەن بىرگە روك موزىكىلارنى بىرگە ئاڭلاپ بىرگە مولاھىزە قىلىپ كىتىمىز.مەن ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ئەسقەرنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن بەكلا ئۈمىدسىزلىنىمەن.ھەتتا بەزىلەر ئۇنى ھەر خىل بولمىغۇر گەپلەر بىلەن مەسخرە قىلىشىدۇ.شۇنداقتىمۇ مەن كىشىلەرگە ئەسقەرنىڭ ئىشلىرىنى ناخشىللىرىنى چۈشەندۈرىمەن.ئەمدى ياخشى بولدى.گۈللۈگتىكى دوسلار بىلەن روك توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە ئىچىلىپ-يىيىلىپ سۆزلىشىدىغان بولدۇق. ئۇيغۇر روك موزىكىسى دىگەن بۇ ئۇقۇمنى خلى بۇرۇنلا ئويلاپ كەلگەن ئىدىم.مىنىڭچە ھازىر بىزدە روك بىلەن ھەپىلشىدىغان سەنئەتكارلاردىن بىلىشىمچە ھازىر ئەسقەر" كۆك بۆرە"يالغۇز بولسا كىرەك. ئەسقەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ يۈرۈش ھاجەتسىز بولسا كىرەك.چۈنكى ئۇنى بىز ئۇيغۇرلار بىلمىگەن بىلەن( بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر) ئىچكىردىكى خەنزۇلار ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى خەلىقلەر ئۇنى بىر چولپان دەپ تونۇيدۇ.20 يىلدىن بىرى ئۇ روك موزىكىسىنى ئۇيغۇر موزىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۆھرەت قازانغان.ھازىر ئۇ جوڭگۇ روك موزىكا ساھەسىدىكى ھەممە ئىتىراپ قىلغان چولپان ھىساپلىنىدۇ. غىنى سەلەي:ئۇيغۇرلاردىكى كونا گىتارچى،توك گىتار،باس گىتار ئوينايدۇ. ئىھتىمال روك ساھەسىدىن چىكىنگەن بولۇشى مومكىن. ئابلاجان ئاۋۇت:ئابلاجاننىڭ ئاۋازى ئۆزگىچە،ئىلىكتىرۇنلۇق رىيالنى سەت ئوينايدۇ.ئۇ جۇڭگودىكى ساناقلىق كىبوردچى.ئۇنىڭ ياڭراق ناخشام،گۈللەنگەن ياشلىق دىگەن پىلاستىنكىللىرى ياخشى چىققان.ھازىر پىس -پاس ناخشىلارنى ئوقۇيدىغان بولۇپ قاپتۇ. مىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى روك بىلەن ھەپىلشىدىغانلارنى بىلدىغىنىم مۇشۇنچىلىك.مۇنبەردىن مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر موھەممەد ئىمىننىڭ ئوغلى فەرۇق دىگەن ئاكاشنىڭڭمۇ روكچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. تورداشلارنىڭ يەنە مەن بىلمەيدىغان روك موزىكىچىلارنى تونۇشتۇرۇشىنى ئۆتىنىمەن. بۇ يازمىنى 2008-12-3 14:42:19 Achilles تەستىقلىغان! |