ئەتتىر ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئايرىلالمايدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى..ئەتتىرنى ياقتۇرامسىلەر؟مەن بەكلام!! بۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمنى يېزىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ... باشقا تىللاردىكى perfume يەنى ئەتتىر دېگەن سۆز لاتىنچىدىكى "per fumum" دىن ئۆزگەرگەن بولۇپ،تۇمان بۇلۇتلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش دېگەن مەنىدە. رەسىمدە:مارىيلان مونرو بىلەن chanel 5. شەنىل بەش.رەسىمدىكى ئېلان سۆزىنى ئوقۇپ بېقىڭلارچۇ... ئىسپاتىلىنىشچە،مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500-يىللاردىلام ئەتتىر ئىشلىتىش خېلىلام ئومۇملاشقان.مىسر خانىشى كېلىيوپاتىراceleoptra شۇ زامانلاردىلام 15خىلدىن ئارتۇق ئەتتىر ۋەخۇش پۇراقلىق ماتىرىياللار بىلەن يۇيۇنىدىكەن.ھەتتا كېمىلىرىنىڭ يەلكەنلىرىنىمۇ ئەتتىرگە چىلاپ بولۇپ ئاندىن ئىشلىتىدىكەن.. شۇنىڭدەك..قەدىمكى مىسىردا ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەتتىر ئىشلەتمەسلىك قانۇنغا خىلاپ ھېسابلىنىدىكەن.... 
قەدىمكى رىملىقلار ئەتتىرنى ھەممە يەرلەرگە ئىشلەتكەن.مەسىلەن،ئات-ئۇلاغلارنىڭ بەدىنىگە سۈركىگەن،ھەتتا ئۆي سېلىشتا تام قوپۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان قۇم كېسەكلەرگىمۇ ئەتتىر ۋە ھەرخىل خۇش پۇراقلىق ماتىرىياللارنى قوشۇشىنى ئادەت قىلغان.... ئېيتىشلارغا قارىغاندا،قەدىمكى پېرىسىيىلكلەر ئەڭ بۇرۇن دېسسرلەش يەنى سۇيۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق،گۈللەردىن ھەرخىل پۇراقلىق جەۋھەرلەرنى ئايرىپ چىقىرىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.. .. رىم ئېمپىرىيىسىنڭ گۇمران بولىشىغا ئەگىشىپ،ئەتتىرنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئىككى خىللىققا بۆلۈنگەن.بىرى،گېرمانىيە دىندارلىرىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى،يەنە بىرە بولسا ئەتتىر پادىشاھلىقى فىرانسىيە،ئۇلار شەرىق دۆلەتلىرىدىن ئالاھىدە خۇش پۇراقلارلىق ئۆسۈملۈك ماتىرىياللىرىنى كىرگۈزىپ،ئەتتىر ياساشنى داۋاملاشتۇرغان.. 
14-ئەسىردە،ئەڭ دەسلەپكى ھازىرقى زامان ئەتتىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ،ئۇ پۇراقلىق جەۋھەر بىلەن ئىسپېرىت ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان..ۋېنگىرىيە خانىشى ئېلىزابىتقا ئاتالغان. 1709-يىلى،ئىتالىيىلك جون.مالىيا فارىنا گېرمانىيىدە ئۈستى قۇددۇس، رەيھان ،لېمون قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئىسپېرىتنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئالاھىدە پۇراقلىق سۇيۇقلۇق كلوڭ COLOGNEنى ياساپ چىققان..ھازىرقى گۇلۇڭ سۈيى.. ناپالىيونمۇ ئەتتىرگە ئاجايىپ ھېرسىمەن..ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئۇ كۈنىگە 12 كىلو ئەتتىر ئىشلەتكەن. ئېربا ئارىلىغا قوغلانغان چاغلىرىدا،ئەتتىرلىرىنى ئىشلىتىپ بولغان ناپاليىون يالپۇزدىن ئەتتىر ياساپ ئىشلەتكەن.مانا بۇ دەل eau de toilette. شۇ تىپتىكى ئەتتىرلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۈلگىسى. 
20-ئەسىرنىڭ 20-يىللرىغا كەلگەندە،فىرانسىيە مودا ساھەسىدىكى مۇھىم شەخس شەنىل خانىم ئەتتىر دۇنياسىغا زور بۇرۇلۇش ئېلىپ كەلدى.ئۇ بىرىنچى بولۇپ ،乙醛 (مەن خىمىيىلك ماددىلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى ئۇقمايدىكەنمەن ) قوشۇلغان ئەتتىرنى بارلىققا كەلتۈردى.. بۇ دەل chanel 5.شەنىل بەش ئەتتىرى.. 
40-يىللار..ئۇرۇش مەزگىللىرى. بۇ دەۋىرلەردە، فىرانسىيىلك نىنا رسسسينىڭ L'Air du Temps،دىيورDiorنىڭ new look,Miss dior ئەتتىرلىرى ئەڭ ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىگەن بولسا،50-يىللاردا ئامېرىكىلق ئېستى لاۋدىر Estee Lauderخانىمنڭ Youth dewئەتتىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. 70-يىللار..ئەڭ ئۈلگە بولالايدىغىنى YSL ئەپەندىنىڭ opiumئەتتىرى.. مەنىسى نەشە. ئەڭ ياخشى ئەتتىرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.. 80-يىللارغا كەلگەندە..CK كەلۋىن كلايىننىڭ ئۈچ قەدىمى..obsessionئازدۇرۇش.Enernityمەڭگۈلۈك(بۇ ئەتتىرنى بەك ياقتۇرىمەن)Escapeقېچىش..شۇنىڭدەك، 90-يىللاردىكى ckنىڭ one بىر ناملىق ئەتتىرى دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىتى.. ھازىرقى دەۋرىمىزدە،ئەتتىر ئىشلەپ چىقىرىش پەرداز بۇيۇم شېركەتلىرى،مەخسۇس ئەتتىر شېركەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق،نۇرغۇن مودا كىيىم كېچەك ساھەسىدىكى ماركىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل نامدىكى ئەتتىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بازارغا سالماقتا.مەسىلەن..GUCCI,PRADA,VERSACE,BVLGARI,ARMANI,FENDI,DOLCE&GABANNA,BYBLOS دېگەندەك....بەكلام بەكلام جىق.... 



ئەتتىرىڭىزنىڭ قۇتىسىغا دېققەت قىلسىڭىز تۆۋەندىكى سۆزلەرنى كۆرىسىز: 1.perfume قويۇق ئەتتىر. بۇنىڭدا پۇراقلىق جەۋھەرنىڭ قويۇقلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ،18~25%كىچە.ئىشلىتىلگەن乙醇نىڭ قويۇقلىقى 60~95%كىچە.پۇرىقى ئالاھىدە كۈچلۈك،پۇراقنىڭ داۋاملىشىشى ئۇزۇن..باھاسىمۇ قىممەت. 2.Eau de parfum. پۇراقلىق جەۋھەرنىڭ قويۇقلىقى 12~18%كىچە.پۇرىقى perfumeدىن سۇس كېلىدۇ.لېكىن Eau de toiletteدىن قويۇقراق پۇراقتا. 3.Eau de toilette.سۇس پۇراقلىق ئەتتىر.پۇراق جەۋھىرىنىڭ قويۇقلىقى 5~12%كىچە.乙醇نىڭ قويۇقىلىقى75~90%كىچە.كىشىگە ئەڭ خۇشبۇي تۇيغۇ بېرىدۇ..ئىشلىتىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئەتتىر تۈرى. 4.Eau de cologne.كلوڭ سۈيى يەنى گۇلۇڭ سۈيى. پۇراق جەۋھىرى3~5%كىچى. پۇرىقى ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ. رەسىمدە:دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئەتتىر.bijan.بىياڭ.فىرانىسيە لاھىلىگۈچىسى بىياڭ تەڭشىگەن. بىر ئاڭىس بىياڭ ئەتتىرى 300 دوللار. 
..بىر مەزگىلدىن بۇيان، كىلىنىك cilniqueنىڭ خوشاللىق happy دېگەن ئەتتىرى بىلەن,لەكوستLacosteنىڭ touch of pinkدېگەن ئەتتىرىنى دوست قىلىۋالدىم..بۇنىڭدىن باشقا ياقتۇرىدىغان ئەتتىرلىرىم بەك جىق.. سلەرچۇ؟ ئەتتىر توغرىسىدا يەنە قانداق پاراڭلار بار؟  ...
ھە راست،دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،ئېراننىڭ دىنى داھىيسى ھۆمەيلى..بەكمۇ كەمبەغەللكتە تۇرمۇش كەچۈرگەن..ئۆمرىدە ھېچقانداق مال-دۇنياغا بېرىلمىگەن..ۋاپات بولغاندا كىشىلەر ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئاددي قوروجاھىدىن بىرەرمۇ پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە بايقىمىغان..بىر پارچە كونىرىغان گىلەم،بىر جەيناماز،بىر تەسۋى،كونارغان سەللە بىلەن ئىككى قۇر تون... بىراق،ئاددي ۋە چۇگۇلغان ئىشكاپىنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن نۇرغۇن ئەتتىر ۋە خۇش پۇراقلق ماتىرىياللارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىغان... ھۆمەيلى ئەتتىرگە شۇنچىلىڭ ئامراق ئىكەنتۇق.. ئەتتىرنى يىغىپ ساقلاشنى ياقتۇرىدىكەن.. بۇ يازمىنى 2008-10-20 15:37:26 Administrator تەستىقلىغان! |