مەن ۋە ساڭا ئوخشاش مۇھىتنى قوغدىمايدىغانلارغا تەقدىم
سەن بىراز ۋاقىت چىقىرىپ ئويلاپ باققانمۇ؟ كۆك ئاسماننى كۆرمىگىلى ساڭا قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ سەن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئىنچىكىلەپ قارىغان چېغىڭدا، قۇيۇق ئىس –تۈتەك كەلگەنلىكىنى ھىس قىلالىدىڭمۇ؟ نىمشقا تىرىشىپ-تىمىشىپ زاۋۇتلارنى قۇرۇيمىز؟ ئاقىۋەتتە زاۋۇت بىزنىڭ يۇرتىمىزغا ئۆزگەردى. قايسى يىلى،قايسى كۈنى، بىز يەرشارىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىن توختايمىز؟ قايسى يىلى،قايسى كۈنى، بىز بۇ گەپلەرنىڭ يالغان گەپ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىمىز؟ سەن بىراز ۋاقىت چىقىرىپ ئويلاپ باققانمۇ؟ سەن گۈللەرنىڭ ھىددىنى پۇرىيالماي يۈرگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ سەن نەپەس ئىلىۋاتقان چېغىڭدا ئاغزىڭنى ئېچىشنى خالامسەن؟ ھاۋا پاكلىغىغا ئىشەنچە قىلالامسەن؟ نىمىشقا يېزا-قىشلاقلارنى ئارزۇ قىلىمىز؟ يېزا-قىشلاقلار خۇددى كەلمەسكە كەتكەندەك. قايسى يىلى،قايسى كۈنى، بىز يەرشارىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىن توختايمىز؟ قايسى يىلى،قايسى كۈنى، بىز بۇ گەپلەرنىڭ يالغان گەپ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىمىز؟بۇ يازمىنى 2008-11-10 13:39:14 Achilles تەستىقلىغان! |