بەيگە ماشىنىلىرىغا قانداق قارايسىلەر؟فېرارى Ferrari،لەمبورگىنى Lamborghini،ماساراتى Maserati ۋە ياكى 007 مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئاۋۇستىم مارتىن Austin martin... بەيگە ماشىنىلىرى سۈرەت،سۈپەت،تاشقى كۆرۈنۈش،ئىقتىدار ۋە يۇقىرى تېخنىكا دېگەندەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشلەرنىڭ دىققىنى قوزغايدۇ... Bugatti.بۇگاتى..ئىتالىيەنىڭ داڭلىق بەيگە ماشىنىسى.1925-يىلى دۇنياغا كەلگەن.بەيگە ماشنىلىرى ئىچىدە ھەر قايسى جەھەتلەردە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرالايدۇ..بەلكىم كۆپىنچەيلەن ئاڭلاپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن..  بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن شېۋىتسارىيە جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمسىىدە بەيگە ماشىنا پادىشاھى Bugatti بىلەن فىرانسىيە داڭلىق ماركىسى Hermes بىرلىكتە لايىھەلەپ بازارغا سالغان Bugatti Veyron Fbg par Hermes ماشىنىسى ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى... 



Bugattiنىڭ بۇ ماشىنا ماتورىنىڭ مېخانىكىلىق خۇسۇسىيتى ناھايىتى ئىلغار بولۇپ، سائەتلىك سۈرىتى 407km/h.(بەك تېزغۇ بۇ..) ماشىنا ئالدىغا Hermes لايىھەلەپ ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس سومكا قويىدىغان بوشلۇق ياسالغان. 

ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشى قارىماققا ئاددي،ئەمما لايىھە ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى جەھەتتە ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. گەرچە بەيگە ماشىنىسى بولسىمۇ، نورمال تۇرمۇشتا ھەيدەشكىمۇ ناھايىتى باپ كېلىدۇ.. راھەت،قولايلىق،بىخەتەر،مۇرەككەپ ئەمەس... 
Bugattiنىڭ يۇقىرى تېخىكىسى Hermesنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى كۆرۈنۇش جەھەتتىكى لايىھەلىرىنىڭ ماس ھالدا بىرىكىشى ماشىنىغا تېخىمۇ كۆپ تۈس قوشتى... Bugatti Veyron Fbg par Hermesنىڭ جوڭگودىكى باھاسى...43 مىليون!! ھازىرغىچە 6سى سېتىلىپ بوپتۇ. ئالىدىغانلار بارمۇ؟؟ ئەگەر بەيگە ماشىنىلىرىغا قىززىقساڭلار،قايسىنى بەكرەك ياقتۇرىسىلەر؟؟؟ 
Bugatti بىلەن Hermes..بۇلار ھەممسى fashion ساھەسىدىكى لاكشېرى luxury لار... مەيلى ماشىنا ياكى مودا ساھەسىدە بولسۇن،ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ناھايىتى چوڭ ئورنى بار... ئەمدى فىرانسىيەنىڭ داڭلىق لاكشېرى ماركىسى Hermes توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي.. (Hermesنىڭ خېرمېس دەپ ئوقۇماڭلار جۇمۇ.. Air -mez دەپ ئوقۇلسا توغرا.. چۈنكى فىرانسۇزچىدە Hھەرىپى سۆز بېشىدا كەلگەندە ئوقۇلمايدۇ..)  LV,Armani,Valentino,Chanel,Givenchy,YSL...مانا مۇشۇلارغا ئوخشاش Hermes مۇ لاكشېرى ماركىلارنىڭ بىر ئەزاسى... 1837-يىلى بۇ ساھەگە قەدەم باسقاندىن بۇيان،ئېرمېز تا ھازىرغا كەلگۈچە داڭلىق بولۇپ پۇت تىرەپ تۇرماقتا.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىلام ئېرمېز ياۋروپادىكى ئەڭ ئېسىل ماركىلار قاتارىغا كىرىپ بولغان. قۇرغىچىلىرىدىن بىرسى بولغان Charles emile Hermes ئائىلە نامى بىلەن ئاتىغان بۇ ماركىنى. Hermes قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە ھەممە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك قولدا ئىشلەپ چىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ.. ئەڭ دەسلەپتە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئېتىغا سۈپەتلىك قامچا ئىشلەپ چىقىرشتىن باشلىغان..(يەنى خۇرۇم بۇيۇملاردىن باشلىغان).. 


ھازىر Hermesنىڭ مەھسۇلاتلىرى كېيىم-كېچەك،سومكا-ئاياغ،ئەتتىر،سائەت،ئۆي بۇيۇملىرى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەردە بولۇپ كەتتى. لايىھەلىرى ئادەمگە بىرخىل ئېغىر بېسقلىق،سالماقلىق تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.. 

Hermes ئەتتىردىن' روكا بار' :(sheraton مېھمانخانىسىنىڭ مىسرلىق باش لېدىرى مۇشۇ ئەتتىرنى ئىشلىتەتتى..چوڭ زالغا چىقسا پۇرىقى بىر ئالاتتى جۇمۇ...مېزىلىك ئەرەنچە ئەتىتر) 
پارىژ بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بۇ ماركىنىڭ ئەڭ داڭلىق نەرسىسى يىپەك ياغلىقى ۋە kelly كېلى , Birkin بىركىن سومكىلىرى . بىر پارچە ئېرمېز يىپەك ياغلىقىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن 18 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ..دۇنيادا ھەر 38 سېكۇنتتا بىر پارچە ئېرمېز ياغلىقى سېتىلىدىكەن...1937-يىلدىن تا ھازىرغىچە 1000دىن ئارتۇق خىلدىكى ئېرمېز ياغلىقلىرى بازارغا سېلىندى...(بويۇنغا چېگىدىغان كىچىكلام ياغىلق بۇ،75گىرام ئېغىرلىقتا). 

كېلى kelly ۋە بىركىنBirkin سومكىلىرى بولسا ئەڭ بازار تاپقان سومكىلارنىڭ قاتارىدا.... باھاسى بەك قىممەت. لېكىن سېتىۋالغۇچىلار يەنىلام كۆپ....ۋېكتورىيە بېكھاممۇ شۇلارنىڭ بىرسى...قاراڭ: 

سومكىغا نېمىشقا كېلى دەپ نام بەرگەن بىلەمسىز؟؟ 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ھوللىۋود داڭلىق ئارتىسى Grace kelly نىڭ سەۋەبىدىن.. كېلى موناكو غا خانىش بولغان مەزگىللرىدە بەك ياقتۇرىدىكەنتۇق بۇ سومكىنى.. شۇڭلاشقا ئېرمېز بۇ سومكىغا kelly bag دەپ ئىسىم قويۇپتىكەن...  
ئېرمېزنىڭ Birkin سومكىسى ،بۇ تۈرىنىڭ باھاسى بەك قىممەت...رەسىمدىكى قارا سومكا 43مىڭ يۈەن... 
Hermesنىڭ ئۇزۇن مەزگىل لاكشېرى قاتارىدا تۇرىشى ئۇنىڭ پۈتۈن قولدا ياسالغان جەريانىدىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ،مەھسۇلاتلىرى ئاز ھەم ساز ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ...نورمىلقلام.. بۇخىل 19-ئەسىردىكى ئىشلەپ چىقىرىش سىېستىمىسى ئېرمېزدا تاھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ھەم غەلبىلىك ھالدا ئېرمىز نىڭ ئەڭ داڭلىق بۇيۇملار بولۇپ تۇرۇشىنىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا... بۇ يازمىنى 2008-11-23 19:45:54 Ms.punk تەستىقلىغان! |