G-star نىڭ باش شىركىتى خوللاندىيىنىڭ ئامىستىردام شەھرىدە، 1989-يىلى خوللاندىيىلىك Josvantilburg جوسۋانتېلبۇرىگ تەرىپىدىن قۇرۇلغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئۇسلۇبىنى يارىتىشقا باشلىغان.
1992-يىلى خەلىقئارادا داڭلىق بولغان جيەنىز(牛仔 )مۇتەخخەسسىسى پيەررە مورېسسىر( Pierre Morisser) جى-سىتارغا قېتىلدى، ئازادە كېيىملەر ساھەسىدە چوڭ تەسىرگە ئىگە بولغان پىيەررەنىڭ باش لاھىلىگۈچىلىك ۋەزىپىىنى زىممىسىگە ئېلىش بىلەن جى-سىتار دۇنيا كېيىم ساھەسىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئوبرازىنى تىكلىدى. ئەنئەنىگە سادىق لېكىن چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىق، ئىپتىدائى قوپال ئەمما مودىنى يوقاتماسلىق، ئاددى-ساددا ھەم ئەمەلى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش جى-سىتارنىڭ جىيەنىز ساھەسىدىكى ئالاھىدىلكىدۇر. ھازىر جى-سىتارنىڭ 14دۆلەتتە 24شىركىتى بار، بۇلار شىمالى ياۋرۇپا، ئەڭگىلىيە، ئامېرىكا، خوڭكوڭ ۋە ياپونىيە قاتارلىقلاردا، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقلىرى گىرمانىيە، ئەنگىلىيە، جۇڭگو، خوللاند، ئىتالىيە ۋە فىرانىسيەدىكىلەردۇر. RAW DENIM جى-سىتارنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، پىشىقلاپ ئىشلەنمىگەن جىيەنىزلارنىڭ ھەممىسى RAW DENIM دەپ ئاتىلىدۇ، RAW DENIM نىڭ دەسلەپكى مەسلىسى سۇدا بەك تارىيىپ كېتىشتىن ئىدى، جى-سىتار SANFORIZE ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بۇ مەسلىنى ھەل قىلدى، بارلىق جى-سىتار مەسھۇلاتلىرىدا USA DENIMدىگەن ئېنىقلىمىنى كۆرەلەيسىز، بۇ ئامىرىكا ئىشلەپ چىقارغان جىيەنىز رەخت دىگەننى بىلدۇرمەيدۇ بىراق ئامىرىكىنىڭ پاختىسى دىگەننى بىلدۈرىدۇ، ئامىرىكا بىلەن ياۋرۇپانىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنىڭ پەرقى شۇكى ئامىرىكىنىڭ پاختىسىنى رەڭلىگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆك ۋە ئاق بولىدۇ، ياۋرۇپانىڭ بولسا سەل كۈلرەڭ بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئالاھىتەن ئامىرىكا پاختىسى ئىشلىتىلىدۇ.  
|